دانىيال
1
دانىيال نىبۇكادنەزەرنىڭ ئوردىسىدا
1يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 3-يىلى* بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئالدى. 2ئىگىمىز خۇدا نىبۇكادنەزەرنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويدى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.
3بابىل پادىشاھى ھەرەمئاغىسى ئاشپىنازغا پەرمان چۈشۈرۈپ: «بابىلغا ئېلىپ كېلىنگەن ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھ جەمەتى ۋە باشقا ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ياش يىگىتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوردىغا باشلاپ كىر. 4بۇ ياش يىگىتلەر جىسمانىي جەھەتتە بېجىرىم، كېلىشكەن، پاراسەتلىك، مول بىلىملىك، ئەقىللىق ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇلارغا بابىلنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىڭلار» دېدى. 5پادىشاھ ئۇلارغا ھەر كۈنى ئوردا تامىقى ۋە شاراب بېرىش، ھەمدە ئۇلارنى ئۈچ يىل تەربىيەلەپ، ئاندىن ئوردا خىزمىتىگە سېلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.
6بۇ ياش يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىن دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالار بار ئىدى. 7ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى. دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى.
8دانىيال ئوردا تامىقى ۋە شاراب بىلەن ئۆزىنى بۇلغىماسلىققا نىيەت قىلدى. شۇڭا ئۇ ھەرەمئاغىسىدىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا ئىجازەت سورىدى. 9خۇدا دانىيالنى ھەرەمئاغىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكىگە نائىل قىلدى. 10ئەمما ھەرەمئاغىسى دانىيالغا مۇنداق دېدى:
_ مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن قورقىمەن، ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. ئەگەر پادىشاھ سىلەرنىڭ باشقا يىگىتلەرگە قارىغاندا ئاجىز تۇرغىنىڭلارنى كۆرسە، كاللامنى ئېلىشى مۇمكىن.
11دانىيال ھەرەمئاغىسى تەرىپىدىن ئۆزىنى ۋە خانانيا، مىشائېل ھەم ئازاريالارنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاراۋۇلغا مۇنداق دېدى:
12_ سىز بىزگە كۆكتات ۋە سۇدىن باشقا ھېچ نەرسە بەرمەي، ئون كۈن سىناپ بېقىڭ. 13كېيىن بىزنى ئوردا تامىقى يەۋاتقان باشقا ياش يىگىتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ. ئاندىن سىز بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا قاراپ، بىزنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
14قاراۋۇل ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ بېقىشقا قوشۇلدى. 15ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇرقى ئوردا تامىقى يېگەن باشقا يىگىتلەردىنمۇ ساغلام ۋە بەستلىك بولۇپ كۆرۈندى. 16قاراۋۇل ئۇلارنىڭ ئوردا تامىقى ۋە شارابىنى بىكار قىلىپ، كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىشىغا يول قويدى.
17خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.
18پادىشاھ بەلگىلىگەن ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن، ھەرەمئاغىسى ھەممە يىگىتلەرنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى. 19پادىشاھ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنىڭ دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇ تۆت يىگىتنى ئۆز خىزمىتىگە ئېلىپ قالدى. 20پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. 21دانىيال بابىلدا پادىشاھ كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلىغىچە* تۇرۇپ قالدى.
2
پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ چۈشى
1پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى بىر چۈش كۆردى. چۈشى سەۋەبلىك كەيپىياتى بۇزۇلۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى. 2شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى ئۆزىنىڭ چۈشىگە تەبىر بەرگۈزۈش ئۈچۈن چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندىن كېيىن، 3پادىشاھ ئۇلارغا:
_ مەن بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈم كەيپىياتىمنى بۇزدى، مەن بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلمەكچىمەن، _ دېدى. 4ئۇلار پادىشاھقا ئاررامىي تىلىدا* جاۋاب بېرىپ:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە بىز تەبىر بېرەيلى، _ دېيىشى. 5پادىشاھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمىسەڭلار، تېنىڭلار پارچىلىنىپ، ئۆيۈڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. 6ئەگەر سىلەر كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار، مەندىن كاتتا ئىنئام ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ چۈشۈمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار.
7ئۇلار پادىشاھقا يەنە جاۋاب بېرىپ:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە تەبىر بېرەيلى، _ دېيىشتى. 8پادىشاھ:
_ مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، سىلەر قارارىمنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاقىتنى ئارقىغا سوزۇۋاتىسىلەر. 9ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرەلمىسەڭلار، سىلەرنى پەقەت جازا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. سىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، ماڭا يالغان گەپ قىلىپ، قارارىمنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈۋاتىسىلەر. سىلەر ھازىر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرىڭلار. شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، _ دېدى. 10ئۇلار جاۋاب بېرىپ:
_ يەر يۈزىدە ھېچقانداق ئادەم ئالىيلىرىنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى قاندۇرالمايدۇ. ئەلمىساقتىن تارتىپ ھېچقانداق بىر ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك پادىشاھ بۇنداق بىر تەلەپنى سېھىرگەر، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالاردىن تەلەپ قىلىپ باقمىغان. 11ئالىيلىرىنىڭ قويغان بۇ تەلىپى ئىنتايىن قىيىندۇر. بۇ تەلەپنى پەقەت ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىمايدىغان ئىلاھلارلا ئورۇندىيالايدۇ، _ دېيىشتى.
12بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇلارنى ۋە بابىلدىكى ئۇلاردەك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلىشقا ئەمر قىلدى. 13بۇ ئەمر پۈتۈن خەلققە ئېلان قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى. دانىيال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىلدى. 14ياساۋۇللار باشلىقى ئاريوك ئۇلارنى قەتل قىلىش ئۈچۈن كەلدى. دانىيال ئۇنىڭدىن زېرەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن:
15_ پادىشاھ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاتتىق يارلىقنى چۈشۈرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.
ئاريوك بولغان ئەھۋالنى دانىيالغا سۆزلەپ بەردى. 16شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆزىگە ۋاقىت بەرسە پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 17ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، دوستلىرى خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. 18ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ قەتل قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، دوستلىرىغا:
_ بىز ئەرشتىكى خۇدادىن ئۇنىڭ بىزگە رەھىم قىلىپ، بۇ سىرنى يېشىشىمىزگە ياردەم بېرىشىنى ئۆتۈنەيلى، _ دېدى.
19شۇ كېچىسى بۇ سىر دانىيالغا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، 20مۇنداق دېدى:
«مەدھىيەلەيمەن خۇدانىڭ نامىنى تائەبەد،
مەڭگۈ ئۇنىڭغا ياردۇر ئەقىل ۋە قۇدرەت.
21ئۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋاقىت ۋە پەسىلنى،
ئۇ بىكار قىلىدۇ ۋە تىكلەيدۇ پادىشاھلارنى.
ئۇ دانىشمەنلەرگە دانالىق، ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ.
22ئۇ ئاشكارىلايدۇ غايىب ئىشلار ۋە سىرلارنى،
ئۇ بىلىدۇ بارچە قاراڭغۇلۇقتىكى ئىشلارنى،
چۈنكى ياردۇر يورۇقلۇق ئۇنىڭغا.
23شۈكۈر ۋە مەدھىيە ئېيتىمەن، ئى خۇدا ساڭا،
ئى ئەجدادلىرىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا،
ماڭا پاراسەت ۋە قۇدرەت قىلدىڭ ئاتا.
بىزگە بەردىڭ تىلىگىنىمىزنى،
بىزگە بىلدۈردۈڭ پادىشاھنىڭ چۈشىنى.»
دانىيالنىڭ پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى
24دانىيال پادىشاھ تەرىپىدىن بابىلدىكى سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىشقا بۇيرۇلغان ئاريوكنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
_ ئۇلارنى قەتل قىلماڭ. مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىڭ، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىمەن، _ دېدى.
25ئاريوك دانىيالنى دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى ۋە پادىشاھقا:
_ مەن يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلار ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىرسىنى تېپىپ كەلدىم، _ دېدى. 26پادىشاھ دانىيالدىن (بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتىلىدۇ):
_ سەن مېنىڭ نېمە چۈش كۆرگەنلىكىمنى بىلەلەمسەن ۋە چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. 27دانىيال مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ھېچقانداق بىر ھۆكۈما، پالچى، سېھىرگەر ياكى مۇنەججىم ئالىيلىرى سورىغان بۇ سىرلىق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. 28لېكىن ئەرشتە سىرلارنى يېشەلەيدىغان بىر خۇدا بار. ئۇ پادىشاھ ئالىيلىرىغا چۈش ئارقىلىق كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەندۇر. سىلى تۆشەكتە ياتقان ۋاقىتلىرىدا مۇنداق چۈش ۋە ئالامەتلەرنى كۆردىلە. 29پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ تۆشەكتە ياتقان ۋاقىتلىرىدا كۆرگەن چۈشلىرى كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر. سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارا قىلالايدىغان خۇدا سىلىگە كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرگەندۇر. 30بۇ سىرنىڭ ماڭا ئاشكارا قىلىنغانلىقى مېنىڭ دانالىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى كۆرگەن بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.
31پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى چۈشلىرىدە ئالدىلىرىدا يالتىراپ، چاقناپ تۇرغان ناھايىتى چوڭ بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەلنىڭ تۇرقى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، 32ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە بىلىكى كۈمۈشتىن، قورسىقى ۋە يوتىسى تۇچتىن ياسالغاندۇر. 33پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتىنىڭ بىر قىسمى تۆمۈردىن، بىر قىسمى ساپالدىن ياسالغاندۇر. 34سىلى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىرىدا، تاغدىن بىر قورام تاش كېسىلدى، ئەمما ئۇنى كەسكىنى ئادەم قولى ئەمەس ئىدى. ئۇ قورام تاش دومىلاپ كېلىپ، ھەيكەلنىڭ تۆمۈر ۋە ساپالدىن ياسالغان پۇتلىرىغا ئۇرۇلدى-دە، ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى. 35شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇن پارچىلىرى خۇددى يازدا خاماندىكى ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك غايىب بولۇپ، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى. 36بۇ سىلىنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىدۇر، ئەمدى چۈشلىرىگە تەبىر بېرەي.
37پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇرلا! ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە سەلتەنەت، كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شۆھرەت ئاتا قىلدى. 38ئۇ سىلىنى يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ، ھەتتاكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ خاقانى قىلغاندۇر. سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ھەيكەلنىڭ ئاشۇ ئالتۇن بېشى ئۆزلىرى بولىلا. 39سىلىدىن كېيىن سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدىغان يەنە بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ. كېيىن يەنە ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ، بۇ پادىشاھلىق ھېلىقى تۇچتۇر. ئۇ پۈتۈن يەر يۈزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. 40ئاخىرىدا تۆتىنچى پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ تۆمۈردەك قاتتىق بولۇپ، تۆمۈر بارلىق نەرسىلەرنى كۇكۇم-تالقان قىلالىغىنىدەك، بۇ پادىشاھلىقمۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇپ، بىتچىت قىلىدۇ. 41سىلى كۆرگەن ساپال بىلەن تۆمۈردىن ياسالغان پۇت ۋە پۇتنىڭ بارماقلىرى بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ پارچىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. چۈشلىرىدە تۆمۈر بىلەن ساپال ئارىلاش ياسالغاندەك، بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ تۆمۈردەك كۈچلۈك تەرىپى بولىدۇ. 42پۇت بارماقلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۆمۈردىن، يەنە بىر قىسمىنىڭ ساپالدىن ياسالغانلىقى بۇ پادىشاھلىقنىڭ تۆمۈردەك كۈچلۈك ھەم ساپالدەك ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 43تۆمۈر بىلەن ساپالنىڭ ئارىلاشقانلىقى ھۆكۈمدارلارنىڭ قۇدا بولۇش يولى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنى مۇستەھكەملەش ئويىدا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما تۆمۈر بىلەن ساپال ئارىلاشمايدىغاندەك، ئۇلارنىڭمۇ بىرلىشەلمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
44ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ. 45سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ئادەم قولى تەگمىگەن ئەھۋالدا ئۆزلۈكىدىن كېسىلىپ، دومىلاپ كەلگەن قورام تاشنىڭ تۆمۈر، تۇچ، ساپال، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلاردىن ياسالغان ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ئۇلۇغ خۇدانىڭ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنلىكىدۇر. سىلىنىڭ كۆرگەن بۇ چۈشلىرى راستتۇر، ئۇنىڭ تەبىرىمۇ ئىشەنچلىكتۇر.
پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ دانىيالغا ئىنئام بېرىشى
46پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەرگە باش قويۇپ، دانىيالغا تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئادەملىرىگە دانىيالغا ھەدىيە تەقدىم قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سېلىش پەرمانىنى چۈشۈردى. 47ئۇ دانىيالغا:
_ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ھەقىقەتەن ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ سىرنى پەقەت سەنلا ماڭا يېشىپ بېرەلىدىڭ، _ دېدى.
48شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالغا يۇقىرى مەرتىۋە بەردى ۋە يەنە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىنئام قىلدى. ئۇ دانىيالنى بابىل پادىشاھلىقىغا قاراشلىق بابىل ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ۋە بارلىق دانىشمەنلەرنىڭ ئاقساقىلى قىلىپ تەيىنلىدى. 49ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دانىيالنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ تەيىنلىدى. دانىيال يەنىلا پادىشاھنىڭ يېنىدا قالدى.
3
نىبۇكادنەزەرنىڭ ئالتۇن ھەيكەل تىكلىشى
1پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئېگىزلىكى 30 مېتىر، كەڭلىكى 3 مېتىر كېلىدىغان بىر ئالتۇن ھەيكەلنى ياسىتىپ، ئۇنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ دۇرا تۈزلەڭلىكىگە تىكلىدى. 2ئاندىن ئۇ ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا بارلىق ئەمەلدارلارنى تىكلەنگەن ھەيكەلنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ئەمر قىلدى. 3شۇنىڭ بىلەن ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا بارلىق ئەمەلدارلار يىغىلىپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ھەيكەلنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇلار ھەيكەلنىڭ ئالدىدا تۇردى. 4شۇ چاغدا جاكارچى يۇقىرى ئاۋازدا: «ئەي ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەر، ئاڭلاڭلار! بۇ سىلەرگە جاكارلانغان پەرماندۇر. 5سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىڭلار. 6كىمكى يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلمىسا، لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىدۇ» دەپ جاكارلىدى. 7شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىشتى.
ئۈچ يىگىتنىڭ ئوتقا تاشلىنىشى
8بۇ چاغدا بىرنەچچە بابىللىقلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەھۇدىيلارنى چاقتى. 9ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! 10پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى پەرمان قىلىپ: «بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يەرگە باش قويۇپ، ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلسۇن. 11كىمكى يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلمىسا، لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانسۇن» دەپ جاكارلىغانىدىلە. 12ئەمما بىرنەچچە يەھۇدىيلار، يەنى پادىشاھ ئالىيلىرى بابىل ئۆلكىسىگە ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىگەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىگە پەرۋا قىلماي، سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدى. ئۇلار سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئېتىقاد قىلمايدىكەن.
13پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. 14نىبۇكادنەزەر ئۇلارغا:
_ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگو، سىلەر مېنىڭ ئىلاھلىرىمغا ئېتىقاد قىلمامسىلەر؟ مەن تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىغىنىڭلار راستمۇ؟ 15ھازىر سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار، سىلەرنى كەچۈرىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەر ھازىرلا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قايسى خۇدا سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالايدىكىن قېنى؟ _ دېدى.
16شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ:
_ ئالىيلىرى، بىزنىڭ بۇ ئىشتا ئالدىلىرىدا ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. 17ئەگەر بىز لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانساق، بىز ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدا بىزنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلاشقا ۋە سىلىنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. 18پادىشاھ ئالىيلىرى، بىلىپ قالسىلا، ئۇ بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، بىز سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ياكى سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، _ دېدى.
19شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ جاۋابىدىن نىبۇكادنەزەرنىڭ قاتتىق غەزىپى كېلىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ خۇمداننى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن يەتتە ھەسسە ئارتۇق قىزىتىشقا پەرمان قىلدى. 20لەشكەرلەر ئىچىدىكى قاۋۇل ئادەملىرىگە شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى باغلاپ، لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلاشقا بۇيرۇق قىلدى. 21شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچەيلەن باغلىنىپ، تون، تامبال، باش كىيىم ۋە باشقا ئېگىنلىرى بىلەنلا ئوتقا تاشلاندى. 22پادىشاھ خۇمداندىكى ئوتنى ئۇلغايتىشقا قاتتىق بۇيرۇق قىلغاچقا، ئۇلارنى ئوتقا تاشلاشقا كەلگەن لەشكەرلەرمۇ ئوت يالقۇنىدا كۆيۈپ ئۆلدى. 23بۇ ئۈچەيلەن، يەنى شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار باغلاقلىق پېتى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوتقا تاشلاندى.
24پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تۇيۇقسىز ھەيران بولۇپ سەكرەپ كەتتى ۋە مەسلىھەتچىلىرىدىن:
_ بىز ئۈچ ئادەمنى باغلاپ ئوتقا تاشلىغان ئەمەسمىدۇق؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار:
_ شۇنداق، پادىشاھ ئالىيلىرى، _ دېدى. 25پادىشاھ:
_ ئەمما مەن ئوت ئىچىدە باغلانمىغان تۆت ئادەمنىڭ ساق-سالامەت مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسى ئىلاھىي زاتقا ئوخشايدىكەن، _ دېدى.
26ئاندىن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمداننىڭ ئېغىزىغا كېلىپ:
_ ئەي شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار، يەنى ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، بۇ ياققا چىقىڭلار، _ دەپ ۋارقىرىدى.
شۇنىڭ بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئوتتىن چىقتى. 27ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە ئوردا مەسلىھەتچىلىرى ئۇلارنى ئورىۋېلىشتى ۋە ئوتنىڭ ئۇلارنىڭ كىيىملىرى، بەدىنى، ھەتتا بىر تال مويىنىمۇ كۆيدۈرمىگەنلىكىنى كۆرۈشتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ تونىدا ئوتنىڭ ئىس پۇرىقىمۇ يوق ئىدى. 28پادىشاھ نىبۇكادنەزەر:
_ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا مەدھىيەلەر بولسۇن! ئۇ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن خىزمەتكارلىرىنى قۇتقۇزدى. ئۇلار مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۆز خۇداسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىلاھقا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلىشنى خالىماي، ھاياتىدىن كېچىشكە رازى بولۇشتى. 29شۇڭا مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ياكى خەلق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا قارشى گەپ قىلسا، ئۇلار چېپىپ تاشلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. چۈنكى بۇنداق قۇتقۇزالايدىغان خۇدادىن باشقا خۇدا يوقتۇر، _ دېدى.
30شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بابىل ئۆلكىسىدە شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ مەنسىپىنى ئۆستۈردى.
4
نىبۇكادنەزەرنىڭ چۈشىدە دەرەخ كۆرۈشى
1پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، مۇنداق دېدى:
_ ھەممىڭلارغا ئامانلىق تىلەيمەن! 2مەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ۋە بېشارەتلىرىنى سىلەرگە خۇشاللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىمەن.
3نەقەدەر ئۇلۇغ ئۇنىڭ بېشارەتلىرى،
نەقەدەر قۇدرەتلىك ئۇنىڭ كارامەتلىرى،
مەڭگۈلۈكتۇر ئۇنىڭ پادىشاھلىقى
ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشار ھۆكۈمرانلىقى.
4مەن نىبۇكادنەزەر ئوردامدا باياشات ۋە راھەت ياشاۋاتقانىدىم. 5بىر كۈنى كېچىدە قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەردىن شۇنداق قورقۇپ كەتتىم. 6مەن بابىلدىكى بارلىق سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى ئالدىمغا كېلىپ، چۈشۈمگە تەبىر بېرىشكە بۇيرۇدۇم. 7شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم. ئەمما ئۇلار چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدى. 8ئاخىرىدا دانىيال ھۇزۇرۇمغا كەلدى. (مەن ئۇنىڭغا ئىلاھىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشىتىپ، بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدىم). ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم: 9«ئەي دانىشمەنلەرنىڭ ئۇستازى بېلتىشاززار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بارلىقىنى بىلىمەن، سەن يېشەلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق. چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. 10مەن چۈشۈمدە زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ئېگىز بىر دەرەخنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 11ئۇ دەرەخ توختىماي ئۆسۈپ، ئۇچى پەلەككە تاقاشتى. بۇ دەرەخنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيتتى. 12ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولاتتى. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايتتى. ئاسماندىكى قۇشلار ئۇنىڭ شاخلىرىغا چاڭگا تىزاتتى. ھەر خىل جانىۋارلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىناتتى.
13مەن تۆشىكىمدە يېتىپ، كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۈۋاتاتتىم. شۇ پەيتتە ئاسماندىن بىر كۆزەتكۈچى پەرىشتە چۈشتى. 14ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى: ‹بۇ دەرەخنى كېسىڭلار، شاخلىرىنى پۇتاڭلار، يوپۇرماقلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار، مېۋىلىرىنى قېقىۋېتىڭلار. ھايۋانلارنى سايىسىدىن ۋە قۇشلارنى شاخلىرىدىن قوغلىۋېتىڭلار. 15ئەمما دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار. ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئۆسۈملۈك ئارىسىدا قالسۇن. 16يەتتە مەزگىل* ئىچىدە ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە تەپەككۇرى بولمايدۇ، بۇ پەقەت ھايۋانغا ئوخشاپ قالىدۇ. 17بۇ ھۆكۈمنى مۇقەددەس كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەر جاكارلىدى. ئىنسانلار بۇ ھۆكۈم ئارقىلىق ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ھۆكۈمرانلىقنى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ خالىسا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىگىمۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ›.
18بۇ مەن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر كۆرگەن چۈشتۇر. مېنىڭ چۈشۈمگە پادىشاھلىقىمدىكى ھېچقانداق دانىشمەن تەبىر بېرەلمىدى. ئەي بېلتىشاززار، سەن مېنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. پەقەت سەنلا بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار».
دانىيالنىڭ نىبۇكادنەزەرنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى
19دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا:
_ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرىدىن قورقۇپ كەتمىگىن، _ دېدى. بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. 20چۈشلىرىدە كۆرگەن دەرەخ توختىماي ئۆسۈپ، ئۇچى پەلەككە تاقىشىپتۇ. ئۇنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيدىكەن. 21ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولالايدىكەن. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايدىكەن، ئۇنىڭ شاخلىرىغا ئاسماندىكى قۇشلار چاڭگا تىزىپتۇ. 22پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ دەرەخ بولسا سىلى ئۆزلىرىدۇر. سىلى زورىيىپ، ئۇلۇغلىشىپ، ھوقۇقلىرى ئەرشكىچە يېتىپتۇ. ھۆكۈمرانلىقلىرى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگىچە يېتىپ بېرىپتۇ.
23پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ۋە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپلا: «دەرەخنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار. ئەمما دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار، ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولسۇن، ئۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە يەتتە مەزگىل ياشىسۇن».
24پادىشاھ ئالىيلىرى، تۆۋەندىكىلەر ئۇلۇغ خۇدا سىلىنىڭ باشلىرىغا كېلىشىنى بېكىتكەن ئىشلاردۇر. كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ تەبىرى مۇنداقتۇر: 25«سىلى ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىدىلا ۋە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايدىلا. سىلى كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيدىلا، شەبنەملەردە ھۆل بولىدىلا. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سىلى دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ پەقەت ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدىلا. 26پەرىشتىنىڭ ‹دەرەخنىڭ كۆتىكى ۋە يىلتىزلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار› دېگىنى بولسا، سىلى ئەرشتىكى خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 27شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھەتىمنى قوبۇل قىلغايلا، گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئادالەتلىك ئىش قىلغايلا، يامانلىق قىلىشتىن يېنىپ، كەمبەغەللەرگە شاپائەت قىلغايلا. شۇنداق قىلسىلىرى، بەلكىم داۋاملىق روناق تاپىدىلا.»
چۈشتىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى
28بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى. 2912 ئايدىن كېيىن ئۇ بابىلدىكى ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، 30مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!»
31ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز كەلدى: «پادىشاھ نىبۇكادنەزەر، مەن ساڭا دەپ قوياي، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ سەندىن تارتىۋېلىندى! 32سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايسەن، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيسەن. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن.»
33بۇ ئىش شۇ ئان پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلاندى، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يېدى. ئۇنىڭ تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇنىڭ چاچلىرى ئۆسۈپ بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى ئۆسۈپ قۇشلارنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكۈچە، بۇ ئەھۋال داۋاملاشتى.
34بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم:
«ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر.
35زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر.
جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ.
ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ.
‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.»
36كاللام سەگەكلەشكەندىن كېيىن، شان-شەرىپىم، پادىشاھلىقىم ئەسلىگە كەلدى. مەسلىھەتچىلىرىم ۋە ئەمەلدارلىرىم مېنى ئىزدەپ كېلىشتى. مەن قايتىدىن پادىشاھ بولۇپ، شۆھرىتىم بۇرۇنقىدىنمۇ ئاشتى. 37ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.
5
تامدىكى سىرلىق يازما
1بىرقانچە يىللار ئۆتۈپ، پادىشاھ بېلشاززارنىڭ زامانىغا كەلگەندە، ئۇ مىڭ نەپەر ئەمەلدارنى يىغىپ، چوڭ زىياپەت بەردى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە شاراب ئىچتى. 2بېلشاززار كەيپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بوۋىسى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئالغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئۇ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ قەدەھلەردە شاراب ئىچىشمەكچى بولۇشتى. 3شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىنغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كەلدى. پادىشاھ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن شاراب ئىچىشتى. 4ئۇلار شاراب ئىچىشىۋاتقاندا، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلەشتى.
5شۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر ئادەم قولى پەيدا بولۇپ، ئوردىدىكى چىراغنىڭ نۇرى چۈشكەن ھاكلانغان تامغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يېزىۋاتقان قولنى كۆرۈپ، 6ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ باستى. چىرايى تاتىرىپ، پۇتلىرى ھالسىزلىنىپ، تىزلىرى تىترەشكە باشلىدى. 7پادىشاھ ۋارقىراپ، سېھىرگەر، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ كىمكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈلىدۇ ۋە بوينىغا ئالتۇن زەنجىر تاقىلىدۇ. ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى بولىدۇ.
8شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلىرى كەلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلمىدى. 9پادىشاھ بېلشاززار تېخىمۇ قورقۇپ، يۈزلىرىدە قان قالمىدى. ئەمەلدارلىرىمۇ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.
10خان ئانىسى پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىنى ئاڭلاپ، زىياپەت زالىغا كىردى. ئۇ پادىشاھقا مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! قورقۇپ كەتمىسىلە، چىرايلىرىنىمۇ ئۆزگەرتمىسىلە! 11پادىشاھلىقلىرىدا بىر ئادەم بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار. بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەر ھايات چېغىدا بۇ ئادەمنى ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە ئىلاھلاردەك دانا دەپ بىلەتتى. بوۋىلىرى ئۇنى سېھىرگەر، پالچى، ھۆكۈما، مۇنەججىملەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. 12بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى دانىيال بولۇپ، بوۋىلىرى ئۇنىڭغا بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدى. ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئەقىل ۋە ئىلىم-ھېكمەت بار ئىدى. ئۇ چۈشكە تەبىر بېرەلەيتتى، سىرلارنى ئاچالايتتى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيتتى. ئۇنى چاقىرتىپ كەلسىلە، ئۇ چوقۇم بۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ.
دانىيالنىڭ تامدىكى خەتنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىشى
13شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا:
_ سەن شاھ بوۋام يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى دانىيال بولامسەن؟ 14ئاڭلىسام سەندە ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن، ئىنتايىن ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە دانا ئىكەنسەن. 15مەن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىش ئۈچۈن ھۆكۈما ۋە مۇنەججىملەرنى ئالدىمغا ھازىر قىلغانىدىم، ئەمما ئۇلار بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. 16مەن سېنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭنى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيدىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. ئەگەر سەن بۈگۈن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا يېشىپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈپ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىمەن، _ دېدى. 17ئەمما دانىيال پادىشاھقا مۇنداق دېدى:
_ سوۋغاتلىرى ۋە ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن ياكى باشقىلارغا بەرسىلە! مەن سىلىگە خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەي. 18پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلۇغ خۇدا بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەرنى پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنى بەرگەنىدى. 19خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇلۇغلۇق شۇنچىلىك يۈكسەك ئىدىكى، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەر ئۇنىڭدىن شۇنداق قورقۇپ، تىترەپ تۇرۇشاتتى. ئۇنىڭ كىمنى ئۆلتۈرگۈسى كەلسە، شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى ھايات قالدۇرغۇسى كەلسە، شۇنى ھايات قالدۇراتتى. كىمنى ئەزىزلىگۈسى كەلسە، شۇنى ئەزىز قىلاتتى، كىمنى خار قىلغۇسى كەلسە، شۇنى خار قىلاتتى. 20ئۇ ھاكاۋۇر، جاھىل ئىدى. شۇڭا ئۇ تەخت ۋە ئۇلۇغلۇقتىن مەھرۇم قىلىندى. 21ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ئاڭسىز ھايۋانلارغا ئوخشاپ قالدى، ياۋايى ئېشەكلەر بىلەن بىرگە ياشىدى. كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپلەرنى يېدى. تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقلارغا ئۆزى خالىغان ئادەمنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
22ئى پادىشاھ بېلشاززار، سىلى ئۇنىڭ ئەۋلادى. سىلى گەرچە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلسىلىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنى بىلەلمىدىلە. 23سىلى ھاكاۋۇرلىشىپ، ئەرشتىكى ئىگىمىزگە قارشى ئىش قىلدىلا. ئىگىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەۋە بولغان قەدەھلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە ئۇلاردا شاراب ئىچىشتىلە. سىلى يەنە ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان، ئاڭلىيالمايدىغان، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلىدىلە. ئەمما سىلىگە ھايات بەرگۈچى ۋە ھايات يوللىرىنى بەلگىلىگۈچى خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا. 24شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا قول ئەۋەتىپ، تامغا خەت يازدۇردى. 25تامغا «سان، سان، ئېغىرلىق، بۆلۈش*» دەپ يېزىلغاندۇر. 26بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچىدۇر:
سان _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنىنىڭ ساناقلىقلا قالغانلىقىنى،
27ئېغىرلىق _ تارازىدا تارتىلىپ بولغانلىقلىرىنى، ئىقتىدارلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى،
28بۆلۈش _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ مىدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەرگە بۆلۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
29شۇنىڭ بىلەن بېلشاززار پەرمان چۈشۈرۈپ، دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈردى. ئۇنىڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارلىقىنى بەردى.
30دەل شۇ كۈنى كېچىدە بابىلنىڭ پادىشاھى بېلشاززار ئۆلتۈرۈلدى. 31مىدىيالىق دارىئوس ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى تارتىۋالدى. شۇ چاغدا دارىئوس 62 ياشلاردا ئىدى.
6
دانىيالنىڭ شىر سولانغان ئورەككە تاشلىنىشى
1پادىشاھ دارىئوس 120 نەپەر ئۆلكە باشلىقىنى تەيىنلەپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشنى قارار قىلدى. 2ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈچ ئادەمنى ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. دانىيال ئۇلارنىڭ بىرى ئىدى. 3دانىيال ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەتلىك بولغاچقا، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ باشقا ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىدىن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇڭا پادىشاھ دانىيالنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن پادىشاھلىقىنى باشقۇرۇشقا قويۇشنى پىلانلىدى. 4ئەمما باشقا ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى دانىيالنىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئەيىب، سەۋەنلىك تېپىشقا ئۇرۇندى. لېكىن دانىيال راستچىل، پاك ۋە ئەستايىدىل بولغاچقا، ئۇلار دانىيالدىن ھېچقانداق قۇسۇر تاپالمىدى. 5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار:
_ ئەگەر بىز دانىيالدىن قۇسۇر تاپماقچى بولساق، پەقەت ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن تېپىشىمىز كېرەك، _ دېيىشتى.
6شۇنىڭ بىلەن ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى بىرلىشىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇنداق دېيىشتى:
_ پادىشاھ دارىئوس، ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! 7پادىشاھلىقلىرىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھاكىملىرى بولغان بىز ئالىيلىرىنىڭ مۇنداق بىر پەرمان چۈشۈرۈشلىرىنى مەسلىھەتلەشتۇق: «ئەگەر 30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر سولانغان ئورەككە تاشلانسۇن، بۇ پەرمان قەتئىي ئىجرا قىلىنسۇن». 8پادىشاھ ئالىيلىرى، بۈگۈنلا يازما پەرمان چۈشۈرگەيلا. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن يازما پەرماننى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ.
9شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دارىئوس بۇ پەرمانغا ئىمزا قويدى.
10دانىيال بۇ پەرماننىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر بالىخانا بار ئىدى. بالىخانىنىڭ دېرىزىسى يېرۇسالېم تەرەپكە قاراپ ئېچىلغانىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا دۇئا قىلىپ، دۇئا قىلدى. 11پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگەن ھېلىقى ئەمەلدارلار دانىيالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆز خۇداسىغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 12ئۇلار شۇ ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرمان ھەققىدە توختالدى. ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى: «ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر سولانغان ئورەككە تاشلانسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدىلە.
_ شۇنداق، مۇشۇنداق پەرمان چۈشۈرگەنىدىم. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن يازما پەرماننى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، _ دېدى پادىشاھ. 13ئۇلار پادىشاھقا يەنە:
_ يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان دانىيال سىلى ۋە سىلى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇنماي، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا دۇئا قىلىۋاتىدۇ، _ دېدى.
14پادىشاھ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، قاتتىق بىئارام بولدى ۋە دانىيالنى قانداق قۇتقۇزۇۋېلىش ھەققىدە ئويلاندى. ئۇ كۈن پاتقۇچە دانىيالنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ ئامالىنى ئويلىدى. 15كۈن پاتقاندا دانىيالنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلار بىرلىشىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە كەلدى ۋە پادىشاھقا مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىلىلا، مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پادىشاھ چۈشۈرگەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
16شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا بۇيرۇدى ھەمدە پادىشاھ دانىيالغا مۇنداق دېدى:
_ سەن ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدا سېنى قۇتقۇزغاي!
17ئورەكنىڭ ئېغىزى قورام تاش بىلەن ئېتىپ قويۇلدى. پادىشاھ ھېچكىمنىڭ دانىيالنى قۇتقۇزۇۋالماسلىقى ئۈچۈن قورام تاشقا ئۆزىنىڭ مۆھرىنى باستى ۋە ئەمەلدارلىرىمۇ مۆھۈرلىرىنى بېسىشتى. 18پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھېچنېمە يېمىدى، كۆڭۈل ئاچمىدى ھەم كېچىچە ئۇخلىمىدى.
19ئەتىسى پادىشاھ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىر سولانغان ئورەككە يول ئالدى. 20ئۇ شىر سولانغان ئورەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەنسىرەش ئاۋازى بىلەن:
_ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى! سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
21دانىيال پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! 22مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، شىرلارنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن شىرلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلالمىدى. چۈنكى مەن خۇدا ئالدىدا پاك ئىدىم. پادىشاھىم، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم.
23پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە دانىيالنى شىر سولانغان ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىشقا پەرمان قىلدى. دانىيال ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىلدى، ئۇ ساق-سالامەت ئىدى. چۈنكى ئۇ خۇداسىغا ئىشەنگەنىدى. 24شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنىڭ ئۈستىدىن يامان نىيەت بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوشۇپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار تېخى ئورەكنىڭ تېگىگە يەتمەي تۇرۇپلا، شىرلار ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنى چايناپ، سۆڭەكلىرىنى ئېزىۋەتتى.
25پادىشاھ دارىئوس يەر يۈزىدىكى ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەرگە مەكتۇپ يوللاپ مۇنداق دېدى:
«ھەممىڭلارغا ئامانلىق تىلەيمەن! 26مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى،
پادىشاھلىقىمدىكى ھەممە ئادەم دانىيال ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھۆرمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەنسۇن.
چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.
ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولماستۇر.
ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.
27ئۇ قۇتقۇزغۇچىدۇر، نىجاتكاردۇر.
ئۇ ئاسمان ۋە زېمىندىكى مۆجىزە ۋە بېشارەتلەرنىڭ ئىگىسىدۇر.
ئۇ دانىيالنى شىرلاردىن قۇتقۇزدى.»
28دانىيال دارىئوس پادىشاھنىڭ زامانىدا ۋە پېرسىيەلىك كورەش پادىشاھ بولغان زاماندا مەرتىۋىلىك ياشىدى.
7
دانىيالنىڭ چۈشىدە تۆت مەخلۇق كۆرۈشى
1-2مەن دانىيال بابىل پادىشاھى بېلشاززار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلىنىڭ بىر كېچىسى بىر چۈش كۆردۈم ۋە چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى خاتىرىلەپ قويدۇم. مەن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر مۇنداق ئىدى:
تۆت تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قارا بوراندا دېڭىز سۈيى چايقىلىۋاتاتتى. 3تۇيۇقسىز دېڭىزدىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان غايەت چوڭ تۆت مەخلۇق چىقىپ كەلدى.
4بىرىنچىسى شىرغا ئوخشايتتى، ئەمما بۈركۈتنىڭكىدەك قانىتى بار ئىدى. مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ قاناتلىرى يۇلۇۋېتىلدى. ئۇنى يۆلىگەنىدى، ئۇ خۇددى ئادەمدەك ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭغا ئىنساندەك ئويلايدىغان ئىقتىدار بېرىلگەنىدى.
5ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇ كەينى پۇتلىرى بىلەن ئۆرە تۇراتتى. ئۇ ئۈچ تال قوۋۇرغىنى چىشلىۋالغانىدى. بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «قېنى، كۆپرەك گۆش يېگىن!» دەۋاتاتتى.
6ئاندىن كېيىن ئۈچىنچى مەخلۇقنى كۆردۈم، ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە قۇشلارنىڭ قانىتىدەك تۆت تال قانات بار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە تۆت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بېرىلگەنىدى.
7شۇ ئەسنادا تۆتىنچى مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى ۋەھىمىلىك ئىدى. ئۇ چوڭ تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.
8مەن بۇ مۈڭگۈزلەرگە قاراپ تۇراتتىم. مۈڭگۈزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ مۈڭگۈز ئەسلىدىكى ئون مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يىلتىزلىرى بىلەن بىرگە قومۇرۇپ تاشلىدى. ئۆسۈپ چىققان كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىزى تەكەببۇرلارچە پو ئېتىۋاتاتتى.
9مەن قاراپ تۇراتتىم، بىرقانچە تەختلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلدى.
ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى ئۆز تەختىدە ئولتۇردى.
ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك، چاچلىرى ئاق يۇڭدەك ئاپئاق ئىدى.
ئۇنىڭ تەختى ئوت يالقۇنىدىن بولۇپ،
لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان چاقلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
10ئوت ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ چىقاتتى.
ئۇنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغانلار خىزمەت قىلاتتى،
ئالدىدا سان-ساناقسىزلار كۈتۈپ تۇراتتى.
سوئال-سوراق باشلىنىپ، پۈتۈكلەر ئېچىلدى.
11مەن كۆزىتىپ تۇراتتىم، ھېلىقى كىچىك مۈڭگۈز تېخىچە پو ئېتىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا تۆتىنچى مەخلۇق ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ جەسىتى ئوتقا تاشلىنىپ، كۆيدۈرۈۋېتىلدى. 12قالغان ئۈچ مەخلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تارتىۋېلىنىپ، يەنە بىر مەزگىل ياشاشقا يول قويۇلدى.
13چۈشۈمدە ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىرىلدى. 14ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق، شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلىندى. ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق ئەل ۋە خەلقلەر ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەبەدىي بولىدۇ، پادىشاھلىقى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھېچقاچان گۇمران بولمايدۇ.
دانىيال كۆرگەن چۈشنىڭ مەنىسى
15مەن بۇ غايىبانە ئالامەتلەردىن قورقۇپ، خاتىرجەمسىزلەندىم. 16شۇنىڭ بىلەن مەن تەخت يېنىدا تۇرغان بىر پەرىشتىدىن بۇلارنىڭ مەنىسىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا بۇلارنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 17«بۇ تۆت مەخلۇق يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر. 18لېكىن ئاخىرىدا ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگە بولىدۇ.»
19شۇ چاغدا مەن تۆتىنچى مەخلۇقنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋېلىشنى ئويلىدىم. ئۇ باشقا ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايتتى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۇ تۆمۈر چىشلىرى، تۇچ تىرناقلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. 20مەن يەنە ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون تال مۈڭگۈز ۋە كېيىن ئۆسكەن مۈڭگۈزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يۇلۇپ تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئىشلارنى بىلمەكچى بولدۇم. كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى ۋە ئېغىزى بار بولۇپ، تەكەببۇرلارچە پو ئاتاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا چوڭراق ئىدى. 21مەن كۆزىتىپ تۇراتتىم. ئۇ مۈڭگۈز خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. 22شۇنىڭدىن كېيىن ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى، يەنى ئۇلۇغ خۇدا كېلىپ، تەقۋادارلىرى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقىلىدى. تەقۋادارلارنىڭ پادىشاھلىققا ئېرىشىدىغان كۈنلىرى يېتىپ كەلدى.
23ئۇ پەرىشتە مۇنداق دېدى: «تۆتىنچى مەخلۇق يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆتىنچى پادىشاھلىق بولۇپ، ئۇ باشقا پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتۈن دۇنيانى يالماپ يۇتۇپ، دەسسەپ-چەيلەپ، ۋەيران قىلىدۇ. 24ئون مۈڭگۈز بۇ پادىشاھلىقتىكى ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكى باشقا پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۈچ پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. 25ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە تەقۋادارلارنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل* تۇرىدۇ. 26ئاندىن ئەرشتە سوئال-سوراق باشلىنىدۇ. زالىم پادىشاھنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك يوق قىلىنىدۇ. 27يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ھوقۇقى، ھەيۋىسى ۋە سەلتەنىتى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ھەممە ھۆكۈمرانلار ئۇلۇغ خۇداغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ.»
28كۆرگەنلىرىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. قورققىنىمدىن چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ ئىشلارنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىپ قالدىم.
8
دانىيال كۆرگەن يەنى بىر غايىبانە ئالامەت
1مەن دانىيال پادىشاھ بېلشاززارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 3-يىلى يەنە بىر غايىبانە ئالامەت كۆردۈم. 2مەن غايىبانە ئالامەتتە ئېلام ئۆلكىسى ئۇلاي قانىلى بويىدىكى سۇزا قەلئەسىدە تۇراتتىم. 3ئالدىمدىكى ئۇلاي قانىلى بويىدا قوش مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار تۇراتتى. ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ئۇزۇن بولۇپ، بىر مۈڭگۈزى يەنە بىرىدىن ئۇزۇنراق ئىدى. ئۇزۇنراق مۈڭگۈزى كېيىن ئۆسۈپ چىققانىدى. 4مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال، جەنۇب تەرەپلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى ھەم ئۇلارنى ئۇنىڭدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمىدى. ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ، بارغانچە مەغرۇرلىشىپ كەتتى.
5مەن نېمە ئىش بولغاندۇ، دەپ ئويلىنىپ تۇرغىنىمدا، غەربتە بىر تېكە پەيدا بولدى. ئۇ شۇنچىلىك تېز يۈگۈرەتتىكى، پۇتلىرى يەرگە تەگمەيتتى. ئۇ پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مۈڭگۈزى بار ئىدى. 6ئۇ مەن قانالنىڭ بويىدا كۆرگەن قوش مۈڭگۈزلۈك قوچقارغا قاراپ، غەزەپ بىلەن يۈگۈردى. 7مەن تېكىنىڭ قوچقارغا شىددەت بىلەن ئېتىلىپ، ئۇنىڭ قوش مۈڭگۈزىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن قوچقار ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمىدى. تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتتى ۋە پۇتلىرى بىلەن دەسسىدى. ئۇ شۇنچىلىك كۈچ-قۇدرەتلىك ئىدىكى، ھېچكىم ئۇنىڭدىن قوچقارنى قۇتقۇزالمىدى. 8بۇ تېكە ئىنتايىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەنىدى. بىراق ئۇنىڭ كۈچى تازا ۋايىغا يەتكەن ۋاقتىدا، مۈڭگۈزى سۇنۇپ كەتتى. ئەمما شۇ مۈڭگۈزنىڭ ئورنىدىن يەنە يەر يۈزىنىڭ تۆت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ھەم ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆت تال مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. 9بۇ تۆت مۈڭگۈز ئىچىدىكى بىر مۈڭگۈزدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ بارغانچە چوڭىيىپ، جەنۇب، شەرق ۋە گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قاراپ، ئۆسۈپ باراتتى. 10ئۇنىڭ قۇدرىتى ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇنغا زەربە بېرىشكە يېتىپ باردى. ئۇ ھەتتا ساماۋى قوشۇندىكى بەزى يۇلتۇزلارنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈردى ۋە دەسسەپ چەيلىدى. 11ئۇ ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇننىڭ سەركەردىسى بولغان خۇدا بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختاتتى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى بۇلغىدى.
12پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۈڭگۈزگە تاپشۇرۇلدى. شۇڭا كۈندىلىك قۇربانلىقلار توختىدى، ھەقىقەت ئاياغ ئاستى قىلىندى. كىچىك مۈڭگۈز ھەممە ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
13مەن ئىككى پەرىشتىنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. بىرسى: «بۇ ۋەھىيدە دېيىلگەن ئىشلار قاچانغىچە داۋام ئېتەر؟ يىرگىنچلىك ئىشلار قاچانغىچە كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى ئىگىلەر؟ ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇن ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانا قاچانغىچە دەپسەندە بولار؟» دەپ سورىدى. 14يەنە بىرى: «2300 كېچە ۋە كۈندۈزدىن كېيىن ئىبادەتخانا ئەسلىگە كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
غايىبانە ئالامەتنىڭ تەبىرى
15مەن غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان بۇ ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولدۇم. شۇ چاغدا تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى ئالدىمدا پەيدا بولدى. 16مەن تۇيۇقسىز: «جەبرائىل، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بۇ ئادەمگە ئېيتىپ بەرگىن» دېگەن بىر ئاۋازنىڭ ئۇلاي قانىلىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم.
17جەبرائىل ئالدىمغا كەلدى. مەن قورقۇپ، يەرگە باش قويدۇم. ئۇ ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، شۇنى بىلگىنكى، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.
18ئۇ ماڭا گەپ قىلىۋاتقاندا، مەن بېشىمنى يەرگە قويدۇم ۋە ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى ۋە مېنى تۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
19_ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەندىن كېيىن، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ساڭا دەپ بېرەي. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىدىن بېشارەتتۇر. 20سەن كۆرگەن قوش مۈڭگۈزلۈك قوچقار مىدىيا ۋە پېرسىيە پادىشاھلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 21تېكە يۇنان پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ مۈڭگۈز بولسا يۇنان پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھىدۇر. 22سۇنۇپ كەتكەن بىر مۈڭگۈزنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن تۆت مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر. بۇلار ئالدىنقىسىدەك قۇدرەتلىك بولمايدۇ. 23بۇ تۆت پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىدىن ئېشىپ، ياۋۇز، ھىيلىگەر بىر پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. 24ئۇ ناھايىتى قۇدرەت تاپىدۇ، ئەمما بۇ ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن بولمايدۇ. ئۇ كۆپ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئۇ قۇدرەتلىكلەرنىمۇ، خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ. 25ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر ۋە ھاكاۋۇردۇر. باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھ بولغان خۇداغىمۇ قارشى چىقىدۇ. بىراق ئۇ ئاخىرى ۋەيران بولىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ قولى بىلەن بولمايدۇ. 26ساڭا دېيىلگەن كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك قۇربانلىقلار توغرىسىدىكى بۇ ۋەھىي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما ھازىر ئۇنى سىر ساقلا، چۈنكى ئۇ ئەمەلگە ئاشقۇچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.
27مەن ماغدۇرسىزلىنىپ، بىرقانچە كۈن ئاغرىپ، يېتىپ قالدىم. كېيىن يەنە پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە كەلدىم. ئەمما بۇ غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي، تېڭىرقاپ قالدىم.
9
دانىيالنىڭ دۇئاسى
1مىدىيالىق ئاخاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئوس بابىلغا پادىشاھ بولدى. 2ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن دانىيال مۇقەددەس يازمىلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمنىڭ ۋەيرانچىلىقتا يەتمىش يىل تۇرۇشى ھەققىدە يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزىنى ئوقۇدۇم. 3شۇنىڭ بىلەن مەن ئىگەم خۇداغا يۈزلىنىپ، روزا تۇتۇپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدىم. 4دۇئايىمدا گۇناھلىرىمىزنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا ئىقرار قىلدىم:
«ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن. 5بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق ۋە خاتالاشتۇق. بىز يامان يولدا ماڭدۇق، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا بويسۇنمىدۇق. 6خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدۇق. ئۇلار سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىزغا، يولباشچىلىرىمىزغا، ئەجدادلىرىمىزغا ۋە زېمىنىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغانىدى.
7ئى ئىگەم، سەن ھەققانىيدۇرسەن. ئەمما بۈگۈن بىزنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلماسلىقىمىز سەۋەبىدىن بىز بارلىق ئىسرائىللارنىڭ، يەنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلار ھەمدە سەن تەرەپتىن يېقىن ۋە يىراققا قوغلانغانلارنىڭ يۈزى نومۇستىن قىزارماقتا. 8ئى پەرۋەردىگار، بىز ۋە بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز، يولباشچىلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىزدىن نومۇس قىلماقتىمىز. 9ئى ئىگىمىز خۇدا، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلساقمۇ، سەن يەنىلا رەھىمدىل بولۇپ، بىزنى كەچۈردۈڭ. 10ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق، خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدۇق. 11بارلىق ئىسرائىللار سېنىڭ قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدى ۋە يولۇڭدىن چەتنىدى. سۆزۈڭنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى قارغىشلار ۋە قەسەملەر ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىز سەۋەبىدىن بېشىمىزغا كەلدى. 12سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ. سەن بىزگە زور بالا-قازا ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى. 13بۇ بالايىئاپەتلەر مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك بېشىمىزغا كەلدى. ئەمما، ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىز تېخى گۇناھلىرىمىزدىن يانمىدۇق، ھەقىقىتىڭنى تونۇمىدۇق ۋە سەندىن شاپائەت تىلىمىدۇق. 14شۇڭا سەن بىزنى جازالىماقچى بولۇپ، بېشىمىزغا بۇ بالايىئاپەتنى كەلتۈردۈڭ. سەن ھەقىقەتەن توغرا قىلدىڭ، چۈنكى بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق.
15ئى ئىگىمىز خۇدا، سەن ئۆز خەلقىڭنى قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ. شۇڭا سېنىڭ قۇدرىتىڭ بۈگۈنگە قەدەر تىلغا ئېلىنار. بىز گۇناھ قىلدۇق ۋە خاتالاشتۇق. 16ئى ئىگەم، سەن بۇرۇن بىزگە رەھىمدىل بولغانىدىڭ، ھازىرمۇ رەھىمدىل بولۇپ، غەزەپ-نەپرىتىڭنى ئۆز شەھىرىڭ يېرۇسالېمدىن، يەنى مۇقەددەس تېغىڭدىن نېرى قىلغىن. چۈنكى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئەتراپىمىزدىكى ئەللەر بىزنى، يەنى ئۆز خەلقىڭنى ۋە يېرۇسالېمنى مەسخىرە قىلماقتا.
17ئى خۇدا، پېقىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجايىغا قۇلاق سالغىن. ئى ئىگەم، ۋەيران بولغان ئىبادەتخاناڭغا ئۆزۈڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دىدارىڭنىڭ نۇرىنى چاچقىن. 18ئى خۇدايىم، ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالغىن. ئۈمىدسىز ھالىتىمىزنى، يەنى ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەھەرنىڭ خارابە ھالىتىنى كۆرگىن. بىزنىڭ ھەق بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ بەك رەھىمدىل بولغانلىقىڭدىن سەندىن تىلەۋاتىمىز. 19ئى ئىگەم، زارىمىزنى ئاڭلىغىن، بىزنى ئەپۇ قىلغىن! ئى ئىگىمىز، نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىرەر تەدبىر قوللانغىن. ئى خۇدايىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت ئۆتكىن، چۈنكى بۇ شەھەر ۋە خەلق ئۆزۈڭنىڭدۇر».
جەبرائىلنىڭ بايانى
20مەن دۇئالىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، گۇناھلىرىمنى ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلدىم. پەرۋەردىگارىم خۇدادىن ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغى يېرۇسالېم ئۈچۈن ئىلتىجا قىلدىم. 21كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا دۇئا قىلىۋاتاتتىم، ئالدىنقى ۋەھىيدە كۆرگەن ئادەم، يەنى جەبرائىل ئالدىمغا ئۇچۇپ كەلدى. 22ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
_ دانىيال، مەن ساڭا چۈشەنچە بەرگىلى كەلدىم. 23سەن دۇئا قىلىشنى باشلىغان ۋاقتىڭدىلا ساڭا جاۋاب بېرىلىپ بولۇنغانىدى. مەن شۇ جاۋابنى ساڭا يەتكۈزگىلى بۇ يەرگە كەلدىم، چۈنكى خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ. دىققەت قىلىپ ئاڭلىساڭلا، ۋەھىينىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيسەن.
24خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى. 25شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان 62 كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ.
26بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا تاللىغان پادىشاھ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈدەك ئادەم قالمايدۇ. ئاندىن كېيىن بىر ھۆكۈمران مەيدانغا كېلىپ، قوشۇنلىرى بىلەن شەھەر ۋە ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاقىۋىتى خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك بولىدۇ. ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن تاكى بۇ دەۋر ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ. 27ئۇ ھۆكۈمران كۆپ خەلقلەر بىلەن يەتتە مەزگىللىك كېلىشىم تۈزىدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنى توختىتىدۇ. ئۇ ئىبادەتخانىغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە ئورنىتىدۇ. پەرۋەردىگاردىن ئۇ ھۆكۈمرانغا بېكىتىلگەن ئاخىرقى كۈن كەلگۈچە، بۇ نەرسە شۇ يەردە تۇرىدۇ.
10
پەرىشتىنىڭ دانىيالغا كۆرۈنۈشى
1پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 3-يىلى بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ چوڭ بىر ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەقىقىي بىر ۋەھىي ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى.
2ئۇ چاغدا مەن دانىيال ئۈچ ھەپتە ئازابتا يۈردۈم. 3بۇ ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئالاھىدە غىزالانمىدىم، يەنى گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە خۇش پۇراق ماي ئىشلەتمىدىم.
41-ئاينىڭ 24-كۈنى مەن بۈيۈك دەجلە دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدىم. 5ئۇ ۋاقىتتا مەن يۇقىرىغا قارىغانىدىم، ئۇچىسىغا زىغىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان، بېلىگە ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىرسىنى كۆردۈم. 6ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك گۈلدۈرمامىلىق ئىدى.
7بۇ غايىبانە ئالامەتنى يالغۇز ئۆزۈملا كۆرگەنىدىم. يېنىمدىكىلەر ھېچنېمە كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ۋەھىمىلىك ھېس قىلىپ، قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. 8بۇ ئاجايىپ ئالامەتنى ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز كۆردۈم. تېنىم ماغدۇرسىزلىنىپ، چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. پۇت-قولۇمدا جان قالمىغانىدى. 9ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ، يەرگە دۈم چۈشتۈم. 10تۇيۇقسىز بىر قول مېنى يۆلىدى، مەن تىزلىنىپ تۇردۇم، ئەمما پۇت-قولۇم يەنىلا تىترەيتتى. 11ئۇ ماڭا:
_ ئەي دانىيال، خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ! ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، _ دېدى.
مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. 12ئۇ يەنە:
_ ئەي دانىيال، قورقما! سەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدادىن ئىلتىجا قىلغىنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدى. مەن سېنىڭ ئىلتىجايىڭغا بىنائەن بۇ يەرگە كەلدىم. 13لېكىن پېرسىيە پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە* مېنى 21 كۈن توسۇۋالدى. مەن پېرسىيەدە يالغۇز بولغاچقا، مىكائىل ئىسىملىك بىر باش پەرىشتە ماڭا ياردەم قىلدى. 14مەن كەلگۈسىدە خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ساڭا ئالدىن خەۋەر بەرگىلى كەلدىم. بۇ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەتتۇر، _ دېدى.
15ئۇ ماڭا سۆزلەۋاتقاندا، مەن يەرگە تىكىلىپ قارىغىنىمچە زۇۋان سۈرەلمەي تۇردۇم. 16ئادەمگە ئوخشايدىغان بۇ پەرىشتە لەۋلىرىمنى سىلاپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا:
_ ھەزرىتىم، بۇ غايىبانە ئالامەتتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ، ماجالىم قالمىدى. 17پېقىر ھەزرىتىم بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشەلەيمەن؟ ماغدۇرسىزلىنىپ، نەپىسىم ئۈزۈلدى، _ دېدىم.
18ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم قول تەگكۈزۈپ، تېنىمگە ماغدۇر بەردى. 19ئۇ ماڭا:
_ خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ، قورقما، خاتىرجەم بول، چىداملىق، باتۇر بول! _ دېدى.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن:
_ ھەزرىتىم، سىز ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەردىڭىز، ئەمدى سۆزلەۋېرىڭ! _ دېدىم. 20-21ئۇ ماڭا:
_ يېنىڭغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ساڭا «ھەقىقەت يازمىلىرى»دىكى سۆزلەرنى ئېلىپ كەلدىم. مەن قايتىپ بېرىپ، پېرسىيە پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە بىلەن جەڭ قىلىمەن. كېيىن يۇنان پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە مەيدانغا چىقىدۇ. ماڭا ئىسرائىلىيەنى قوغدايدىغان پەرىشتە مىكائىلدىن باشقا ھېچكىم ياردەم بەرمەيدۇ.
11
1مىدىيالىق دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى مەن باش پەرىشتە مىكائىلغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى قوغدىغانىدىم.
جەنۇبىي ۋە شىمالىي پادىشاھلىقلار
2پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى:
_ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، پۈتۈن خەلقنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭ قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. 3ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر كۈچلۈك پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ پۈتۈن ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئۆزى خالىغىنىنى قىلىدۇ. 4ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەڭ قۇدرەت تاپقاندا، پادىشاھلىق تۆتكە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ تەختى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، باشقىلارغا بېرىلىدۇ. لېكىن پادىشاھلىقلار ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.
5جەنۇبتىكى پادىشاھ* قۇدرەت تاپىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى تېخىمۇ بەكرەك قۇدرەت تېپىپ، شىمالدىكى پادىشاھلىققا ھۆكۈمران بولىدۇ، ئۇنىڭ كۈچى تېخىمۇ زور بولىدۇ. 6بىرنەچچە يىلدىن كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ* جەنۇبتىكى پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۇنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالىدۇ. لېكىن قىز ئوردىدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالمايدۇ، پادىشاھمۇ ئوردىدا ئۆزىنىڭ كۈچىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا قىز، قىز بىلەن بىرگە كەلگەنلەر، قىزنىڭ بالىسى ۋە قىزغا ياردەم بەرگەنلەر خائىنلار تەرىپىدىن قەستكە ئۇچرايدۇ.
7كېيىن قىزىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىققا پادىشاھ بولىدۇ. ئۇ شىمالىي پادىشاھلىقنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، قەلئەسىگە بېسىپ كىرىدۇ ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ. 8ئۇ شىمالىي پادىشاھلىقتىكى ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى ۋە بۇتلارغا ئاتالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئولجا ئېلىپ، مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە شىمالىي پادىشاھلىققا ھۇجۇم قىلمايدۇ. 9كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ جەنۇبتىكى پادىشاھنىڭ زېمىنىغا باستۇرۇپ كېلىدۇ، لېكىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 10شىمالدىكى پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى جەڭگە ھازىرلىنىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىقنىڭ قەلئەسىگە كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ.
11جەنۇبتىكى پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ زور قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. 12جەنۇبتىكى پادىشاھ دۈشمەن قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ، تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى قىرىپ تاشلايدۇ. بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
13بىرنەچچە يىلدىن كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ بۇرۇنقىدىن كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەپ، خىل قوراللانغان قۇدرەتلىك قوشۇننى جەنۇبقا باشلاپ كېلىدۇ. 14ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبتىكى پادىشاھقا قارشى باش كۆتۈرىدۇ. ئەي دانىيال، سېنىڭ خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى بەزى زوراۋانلارمۇ ئاسىيلىق قىلىپ، غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. 15شىمالدىكى پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھلىققا تەۋە مۇستەھكەم بىر شەھەرنىڭ سېپىلىگە توپا دۆۋىلەپ، ئۇنى بېسىۋالىدۇ. جەنۇبىي پادىشاھلىقنىڭ قوشۇنى قارشىلىق قىلالمايدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ خىل لەشكەرلىرىمۇ قارشىلىق قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. 16شىمالدىكى پادىشاھ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنى ۋەيران قىلىش ئۇنىڭ قولىدا بولىدۇ.
17شىمالدىكى پادىشاھ پۈتۈن قوشۇنىنى توپلاپ، جەنۇبىي پادىشاھلىققا يۈرۈش قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ جەنۇبتىكى پادىشاھنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇنىڭغا قىزىنى ياتلىق قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. 18كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن خەلقلەرنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن ياقا يۇرتلۇق بىر سەركەردە ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، ئۇنى نومۇسقا قالدۇرىدۇ. 19شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشۇنلىرى بىلەن زېمىنىدىكى ھەرقايسى قەلئەلەرگە چېكىنىپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ ھالاكەتكە ئۇچراپ ئۆلىدۇ.
20ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى پادىشاھلىقنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئەمەلدار تەيىنلەپ، خەلقتىن ھەر تۈرلۈك ئالۋان-سېلىقلارنى يىغىدۇ. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي تەختكە ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇ جەڭدە ئەمەس، سۇيىقەستتە ئۆلىدۇ.
21شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىپلاس ئادەم پادىشاھ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ھىيلىگەرلىك قىلىپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالىدۇ. 22ئۇ ئۆزىگە قارشى چىققان قوشۇنلارنى، جۈملىدىن باش روھانىينىمۇ يوقىتىدۇ. 23كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق باشقا خەلقلەرنى ئالدايدۇ. گەرچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ. 24بايلىقى مول يەرلەرگە تۇيۇقسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىدىن ھېچكىممۇ قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ ئولجا ئالغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ قەلئەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
25ئۇ زور قوشۇن توپلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەنۇبتىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇبتىكى پادىشاھمۇ قۇدرەتلىك قوشۇنى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ، ئەمما جەڭدە مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆز ئىچىدە ھەر خىل سۇيىقەستكە ئۇچرايدۇ. 26ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمۇ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. لەشكەرلىرى جەڭدە تارمار بولۇپ، كۆپىنچىسى ھالاك بولىدۇ. 27كېيىن بۇ ئىككى پادىشاھ بىر داستىخاندا تاماققا داخىل بولىدۇ. لېكىن ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى ئالدايدىغان يامان نىيەتلەردە بولىدۇ. ئەمما ئاقىۋىتى خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. 28شىمالدىكى پادىشاھ نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ، يۇرتىغا قايتىدۇ. لېكىن ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە ئىشەنگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇش نىيىتىگە كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ يولدا خالىغىنىنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.
29بەلگىلەنگەن ۋاقىت كەلگەندە، شىمالدىكى پادىشاھ جەنۇبتىكى پادىشاھقا يەنە ھۇجۇم قىلىدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. 30كىتتىملىقلار*نىڭ كېمىلىرى ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ قورقۇپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ مۇقەددەس ئەھدىگە ئىشەنگۈچىلەرگە غەزەپ قىلىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ ۋە مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
31شىمالدىكى پادىشاھنىڭ قوشۇنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ. كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، «ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك نەرسە»نى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قويىدۇ. 32شىمالدىكى پادىشاھ مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن ئالداپ، يېنىغا تارتىدۇ. لېكىن خۇداغا ساداقەتمەنلەر قوزغىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.
33خەلق ئىچىدىكى دانا يولباشچىلار خەلققە تەلىم بېرىدۇ. لېكىن مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جەڭدە ھالاك بولىدۇ، بەزىلىرى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلىدۇ، بەزىلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ. 34خۇدانىڭ خەلقى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە ئازغىنا ياردەمگە ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سەپلىرىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپلىرى چىن نىيەتلىرى بىلەن قوشۇلمايدۇ. 35بەزى دانا يولباشچىلار ئازاب چېكىدۇ، لېكىن ئۇلار چەككەن ئازابلىرى ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. بۇ ئىش تاكى خۇدا بەلگىلىگەن كۈن كەلگۈچە داۋاملىشىدۇ.
36پادىشاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىن ئۇلۇغدۇرمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 37ئۇ ئەجدادلىرى چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلارغىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئاياللار ئەتىۋارلايدىغان ئىلاھنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ. 38ئەمما ئەجدادلىرى چوقۇنۇپ باقمىغان قورغانلار ئىلاھىغا چوقۇنىدۇ. ئۇ بۇ ئىلاھقا ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىدۇ. 39ئۇ ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەننىڭ قورغانلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە يات خەلقنىڭ ئىلاھىنىڭ ياردىمى بىلەن غەلىبە قىلدىم دەپ ئويلايدۇ. ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا شان-شەرەپ ۋە يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىدۇ. ئۇلارنى يەر-زېمىن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
40زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇبتىكى پادىشاھ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى كەلكۈندەك ھەممە يەرنى باسىدۇ. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ. 41ھەتتا گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. پەقەت ئىدوم، موئاب خەلقى ۋە ئاممونلارنىڭ رەھبەرلىرى قېچىپ قۇتۇلىدۇ. 42شىمالدىكى پادىشاھ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، مىسىرمۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 43ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇ لىۋىيەلىكلەر ۋە كۇشلارنى بويسۇندۇرىدۇ. 44كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن خەۋەرلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ غەزەپلىنىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەنلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ. 45ئۇ دېڭىز بىلەن مۇقەددەس كۆركەم تاغ ئارىسىغا شاھانە چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. ئۇ شۇ يەردە جان بېرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزۇۋالالمايدۇ.
12
زامان ئاخىرى
1پەرىشتە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
_ ئۇ چاغدا خەلقىڭنى قوغدىغۇچى باش پەرىشتە مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. ئاندىن خەلقىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ئاپەتلىك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. لېكىن خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. 2قارا يەر باغرىدا ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ، مەڭگۈلۈك شەرمەندە بولىدۇ. 3دانا يولباشچىلار ئاسمان گۈمبىزىدەك نۇرلۇق بولىدۇ، كىشىلەرگە توغرا يول كۆرسەتكەنلەر يۇلتۇزلاردەك مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ.
4ئەي دانىيال، سەن ئەمدى بۇ پۈتۈكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاكى زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلار ئۈستىدە يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشىپ، چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.
5ئاندىن مەن دانىيال ئەتراپقا قارىسام، يەنە ئىككىيلەن تۇرۇپتۇ. بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى قارشى تەرىپىدە ئىكەن. 6ئۇلاردىن بىرى دەريانىڭ ئۈستىدە تۇرغان، زىغىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان ھېلىقى بىرىدىن:
_ بۇ ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ ئاخىرلىشىدىغىنىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.
7مەن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل* كېتىدۇ. خۇدانىڭ خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 8ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن:
_ ھەزرىتىم، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. 9ئۇ مۇنداق دېدى:
_ ئەي دانىيال، سەن كېتىۋەرگىن، چۈنكى بۇ سۆزلەر زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىنىپ، مەخپىي تۇتۇلىدۇ. 10بۇ ئازابلار ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. يامانلار چۈشەنمەي، يامانلىق قىلىۋېرىدۇ، پەقەت دانالار چۈشىنىدۇ. 11كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە ئورنىتىلغان كۈندىن باشلاپ 1290 كۈن ئۆتىدۇ. 12ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، 1335 كۈن ساقلىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! 13ئەي دانىيال، سەن ئاخىرغىچە سادىق بول، كېيىن ئالەمدىن ئۆتىسەن. زامان ئاخىرىدا ئىنئامىڭنى ئالغىلى قايتا تىرىلىسەن.
1: 1 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 605-يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
1: 21 پادىشاھ كورەش مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 539-يىلىدا بابىلنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىدە ئولتۇرغان.
2: 4 ئەسلى تېكىست بۇ ئايەتتىن باشلاپ 7-باب 28-ئايەتكىچە ئاررامىي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئاررامىي تىلى بابىللىقلارنىڭ دۆلەت تىلى ئىدى.
4: 16 يەتتە مەزگىل _ مەنىسى ئەسلى تېكىستتە ئانچە ئېنىق ئەمەس، يەتتە مەزگىل يەتتە يىلنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
5: 25 سان، سان، ئېغىرلىق، بۆلۈش ئاررامىي تىلىدا «مىنە، مىنە، تىقەل، پارسىن» دەپ يېزىلغان.
7: 25 «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل» _ ئۈچ يېرىم يىلنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
10: 13 پەرىشتە _ پەرىشتىلەرنىڭ بىر قىسمى خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى. ئۇلار شەيتاننىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.
11: 5 جەنۇبتىكى پادىشاھ _ مىسىر پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ.
11: 6 شىمالدىكى پادىشاھ _ سۈرىيە پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ.
11: 30 رىملىقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
12: 7 بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل _ ئۈچ يېرىم يىلنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
