چۆلدە
1
ئىسرائىللارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى
1ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى* پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدا مۇساغا مۇنداق دېدى:
2-3_ ھارۇن ئىككىڭلار پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ سانىنى ئېلىپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەرنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئېلىڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزلىرى تەۋە بولغان قوشۇنلىرى بويىچە رويخەتكە پۈتۈڭلار. 4ھەر قەبىلىدىن بىر جەمەت باشلىقى سىلەرگە ياردەمدە بولسۇن. 5تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر:
رۇبېن قەبىلىسىدىن شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر،
6شىمون قەبىلىسىدىن زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل،
7يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون،
8ئىسساكار قەبىلىسىدىن زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل،
9زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب،
10يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما،
يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل،
11بىنيامىن قەبىلىسىدىن گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان،
12دان قەبىلىسىدىن ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر،
13ئاشېر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل،
14گاد قەبىلىسىدىن دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف،
15نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا.
16بۇلار قەبىلە باشلىقلىرى ھەم ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى بولۇپ، جامائەت ئارىسىدىن تاللانغان ئىدى.
17مۇسا بىلەن ھارۇن تاللانغان بۇ ئەرلەرگە چاقىرتىپ ئەكەلدى. 18ئۇلار شۇ كۈنى پۈتۈن خەلقنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارنى ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالدى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئەرلەرنى بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئالدى. 19شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە سىناي چۆلىدە خەلقنى رويخەتكە ئالدى.
20-21ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن 46,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
22-23شىمون قەبىلىسىدىن 59,300 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
24-25گاد قەبىلىسىدىن 45,650 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
26-27يەھۇدا قەبىلىسىدىن 74,600 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
28-29ئىسساكار قەبىلىسىدىن 54,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
30-31زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 57,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
32-33يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 40,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
34-35يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن 32,200 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
36-37بىنيامىن قەبىلىسىدىن 35,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
38-39دان قەبىلىسىدىن 62,700 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
40-41ئاشېر قەبىلىسىدىن 41,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
42-43نافتالى قەبىلىسىدىن 53,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
44يۇقىرىقىلار مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلغان جەمەت باشلىقلىرىنىڭ رويخەتكە ئالغان ئادەملەرنىڭ سانىدۇر. 45يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەتلەر بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان بولۇپ، 46جەمئىي 603,550 ئادەم ئىدى.
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئالاھىدە مەرتىۋىسى
47لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەر باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرگە رويخەتكە ئېلىنمىدى. 48چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى: 49«لاۋىي قەبىلىسىنى باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرگە رويخەتكە ئالمىغىن. 50ئۇلارنى ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا قويغىن. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى توشۇش ھەم قوغداش خىزمىتىنى قىلسۇن. ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. 51ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، بارماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. 52ئىسرائىللار ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ تۇغى ئاستىدا ئۆزلىرى تەۋە بولغان توپلىرى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكسۇن. 53لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچراشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.»
54ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.
2
قەبىلىلەرنىڭ قارارگاھتىكى ئورنى
1پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ، ئۆز قەبىلىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى يېتەكلەيدىغان قەبىلىنىڭ تۇغى ۋە جەمەت بەلگىسىنىڭ ئاستىغا تىكسۇن.
3يەھۇدا قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنچىقىش تەرەپكە قادىسۇن ۋە چېدىرلىرىنى قوشۇنلىرىنىڭ تەرتىپى بويىچە شۇ يەرگە تىكسۇن. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوندۇر. 4ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 74,600دۇر. 5يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ئىسساكار قەبىلىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ باشلىقى زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېلدۇر. 6ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 54,400دۇر. 7يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە زەبۇلۇن قەبىلىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ باشلىقى خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئابدۇر. 8ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 57,400دۇر. 9يەھۇدا قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 186,400 بولۇپ، ئۇلار ئالدىنقى سەپتە ماڭسۇن.
10رۇبېن قوشۇنلىرى تۇغىنى جەنۇب تەرەپكە قادىسۇن ۋە چېدىرلىرىنى قوشۇنلىرىنىڭ تەرتىپى بويىچە شۇ يەرگە تىكسۇن. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇردۇر. 11ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 46,500دۇر. 12رۇبېن قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە شىمون قەبىلىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ باشلىقى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېلدۇر. 13ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 59,300دۇر. 14رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە گاد قەبىلىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ باشلىقى دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياسافتۇر، 15ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 45,650دۇر. 16رۇبېن قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 151,450 بولۇپ، ئۇلار ئىككىنچى سەپتە ماڭسۇن.
17ئالدىنقى ئىككى قوشۇن بىلەن كېيىنكى ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدا لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىنى ئېلىپ ماڭسۇن. بارلىق قەبىلە ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇرغاندەك، ئۆز ئورۇنلىرىدا ماڭسۇن.
18ئەفرايىم قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنپېتىش تەرەپكە قادىسۇن ۋە چېدىرلىرىنى قوشۇنلىرىنىڭ تەرتىپى بويىچە شۇ يەرگە تىكسۇن. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامادۇر. 19ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 40,500دۇر. 20ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ماناسسە قەبىلىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ باشلىقى پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېلدۇر. 21ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 32,200دۇر. 22ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىنيامىن قەبىلىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ باشلىقى گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىداندۇر. 23ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 35,400دۇر. 24ئەفرايىم قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 108,100 بولۇپ، ئۇلار ئۈچىنچى سەپتە ماڭسۇن.
25دان قوشۇنلىرى تۇغىنى شىمال تەرەپكە قادىسۇن ۋە چېدىرلىرىنى قوشۇنلىرىنىڭ تەرتىپى بويىچە شۇ يەرگە تىكسۇن. دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەردۇر. 26ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 62,700دۇر. 27دان قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ئاشېر قەبىلىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ باشلىقى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېلدۇر. 28ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 41,500دۇر. 29دان قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نافتالى قەبىلىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ باشلىقى ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرادۇر. 30ئۇنىڭ ئادىمىنىڭ سانى 53,400دۇر. 31دان قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 157,600 بولۇپ، ئۇلار ئۆز تۇغلىرىنى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن سەپنىڭ كەينىدە ماڭسۇن.
32خۇلاسىلىغاندا، رويخەتكە ئېلىنغان ئىسرائىللارنىڭ سانىغا ئاساسلانغاندا، ھەرقايسى قارارگاھتىكى لەشكەرلەرنىڭ سانى 603,550كە يەتكەنىدى. 33لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى سانى ھېسابلانمىدى. 34ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ھەركىم ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇردى، ھەرقايسىسى ئۆز ئۇرۇق-جەمەتلىرى بىلەن يولغا چىقتى.
3
لاۋىيلارنىڭ روھانىيلارغا خىزمەت قىلىشى
1پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتتا، ھارۇن ۋە مۇسانىڭ تۆۋەندىكىدەك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 2ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغۇل ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار. 3ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنىدى. 4لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ سىناي چۆلىدە خۇداغا بويسۇنماي، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئەكىرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىبادەت چېدىرىدا ئۆلگەنىدى، ئۇلاردىن پەرزەنت قالمىغانىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار ئاتىسى ھارۇننىڭ قېشىدا روھانىيلىق قىلاتتى.
5پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
6_ سەن لاۋىي قەبىلىسىنى روھانىي ھارۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالغىن. 7لاۋىيلار ھارۇننىڭ ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن. 8ئۇلار باشقا ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ بارلىق نەرسە-كېرەكلىرىگە مەسئۇل بولسۇن. 9سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. چۈنكى لاۋىيلارنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەملىشىشتۇر. 10سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە قويغىن. ئەگەر باشقىلار روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى بېجىرسە، ئۆلتۈرۈلسۇن.
11پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:
12-13_ لاۋىيلار ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆلتۈرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. ئەمدى مەن ئىسرائىل خەلقىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلىمەن. لاۋىيلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!
لاۋىيلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى
14پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى:
15_ لاۋىيلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ بارلىق ئەرلىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالغىن.
16مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆرۈپ، لاۋىيلارنى رويخەتكە ئالدى. 17لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشون، قوھات ۋە مىرارى. 18گېرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى لىبنى ۋە شىمئى ئىدى. 19قوھاتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى. 20مىرارىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى. يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئىدى.
21گېرشونلاردىن لىبنى ۋە شىمئىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ، 22ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 7500 ئادەم ئىدى. 23گېرشون جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينىگە، يەنى كۈنپېتىش تەرەپكە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. 24ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى لائېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ئىدى. 25ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ يوپۇقلىرىغا، چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە، 26ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسىدىغان رەختلەرگە، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە ۋە ئۇنىڭ تانىلىرىغا ھەم ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.
27قوھاتلاردىن ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېلدىن ئىبارەت تۆت جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ، 28بۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 8600 ئادەم ئىدى. قوھات جەمەتى مۇقەددەس چېدىردىكى نەرسىلەرگە مەسئۇل ئىدى. 29بۇ جەمەت ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىغا، يەنى جەنۇب تەرەپكە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. 30ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئۇززىئېلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى. 31ئۇلار ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىسى، ئىسرىقدان ۋە باشقا نەرسىلەر، شۇنداقلا ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرىدىغان پەردە ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.
32روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار لاۋىيلارنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇپ، مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.
33مىرارىلاردىن ماخلى ۋە مۇشىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ، 34ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 6200 ئادەم ئىدى. 35مىرارى جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىغا، يەنى شىمالىي تەرىپىگە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئابىخايىلنىڭ ئوغلى زۇرىئېل ئىدى. 36-37ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرگە، شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى ۋە تانىلىرىغا ھەمدە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.
38ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى كۈنچىقىش تەرىپىگە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلەتتى. 39مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن جەمەتلەر بويىچە بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلاردىن تارتىپ رويخەتكە ئالغان لاۋىي ئەرلىرىنىڭ سانى جەمئىي 22,000 ئادەم ئىدى.
تۇنجى ئوغۇللارنىڭ پەرۋەردىگارغا تەئەللۇق بولۇشى
40پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ ئىسرائىللارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ تۇنجى ئەركەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالغىن. 41لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن! ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن.
42-43مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى بىر ئايلىق بولغان بوۋاقلاردىن تارتىپ رويخەتكە ئالدى. ئۇلارنىڭ سانى جەمئىي 22,273 ئادەم بولدى.
44پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:
45_ ئەمدى سەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنى ماڭا تەئەللۇق قىلغىن ۋە لاۋىيلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن! 46ئىسرائىللارنىڭ لاۋىيلاردىن باشقا تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ سانى لاۋىيلارنىڭ ئومۇمىي سانىدىن 273 ئادەم ئارتۇق، شۇڭا ئارتۇقىغا تۆلەم تۆلەنسۇن. 47ھەربىر كىشىگە مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 60 گىرام كۈمۈش تۆلەنسۇن. 48ئارتۇقىغا تۆلەنگەن بۇ كۈمۈشلەرنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرگىن، _ دېدى.
49مۇسا لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئۈچۈن تۆلەنگەن تۆلەمنى يىغىۋالدى. 50بۇلارنى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 16 كىلو كۈمۈش بولدى. 51مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
4
قوھات جەمەتى ۋە روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى
1پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
2_ لاۋىيلارنىڭ قوھات جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 3ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلالايدىغان ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى رويخەتكە ئېلىڭلار. 4قوھاتلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە مەسئۇل بولۇشتۇر.
5قارارگاھنى كۆچۈرگەن چاغدا، ئاۋۋال ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنى چۈشۈرۈپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. 6ئۇنىڭ ئۈستىنى يەنە چىداملىق تېرە بىلەن يېپىپ، ئارقىدىن كۆك رەڭلىك رەخت ئارتىپ قويسۇن. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
7ئۇلار ماڭا ئاتالغان نانلار تىزىلىدىغان شىرەنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، ئۈستىگە تاۋاقلار، تەخسىلەر، چىنىلەر ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چەينەكلەرنى قويسۇن. ماڭا ئاتالغان نانلار ئۇ يەردە تۇرسۇن. 8ئۇلار بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى بىر پارچە توق قىزىل رەڭلىك رەخت بىلەن يېپىپ، ئۈستىگە يەنە چىداملىق تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. شىرەنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
9ئۇلار چىراغدان، چىراغلار، پىلىك قىسقۇچلار، تەخسە ۋە بارلىق زەيتۇن يېغى قاچىلانغان قاچىلارنى كۆك رەڭلىك رەخت بىلەن يۆگەپ، 10ئۈستىنى چىداملىق تېرە بىلەن ياپقاندىن كېيىن، زەمبىلگە سالسۇن.
11ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئالتۇن ئىسرىقداننىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىداملىق تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. ئىسرىقداننى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن. 12مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا نەرسىلەرنى كۆك رەڭلىك رەختكە يۆگەپ، چىداملىق تېرە بىلەن ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، زەمبىلگە سالسۇن.
13قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۈللەرنى تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك رەخت ياپسۇن. 14ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى، يەنى چوغدان، ئارا، گۈرجەك ۋە داسلارنى قويۇپ، كېيىن چىداملىق تېرىنى ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
15ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.
16روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار چىراغ يېغى، خۇشبۇي ئىسرىق، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەسى، مۇقەددەس ياغ ھەمدە پۈتۈن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرگە، جۈملىدىن چېدىرنىڭ جاھازلىرى ۋە جابدۇقلىرىغا مەسئۇل بولسۇن.
17پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى:
18_ قوھات جەمەتلىرىنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىن يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇڭلار! 19ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە يېقىنلاشقاندا، ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا باشلاپ كىرىپ، نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن. 20بىراق روھانىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى مۇقەددەس نەرسىلەرنى يېپىۋاتقاندا، قوھات جەمەتلىرىدىكىلەر قەتئىي كىرمىسۇن، كىرىپ كۆرسە ئۆلىدۇ!
گېرشون ۋە مىرارى جەمەتلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى
21پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
22_ گېرشون جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 23ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلالايدىغان 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى رويخەتكە ئالغىن. 24گېرشون جەمەتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولسۇن. 25ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچكى يوپۇقى، سىرتىدىكى چىداملىق تېرە يوپۇقى قاتارلىق يوپۇقلارنى، كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردىنى، 26ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسىدىغان رەختلەرنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردە ۋە تانىلارنى، شۇنداقلا چېدىرغا مۇناسىۋەتلىك باشقا نەرسىلەرنى يۆتكەشكە مەسئۇل بولسۇن ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلسۇن. 27گېرشونلار نەرسىلەرنى توشۇغاندا ياكى باشقا ئىشلارنى قىلغاندا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلسۇن. ئۇلار گېرشونلارنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بەرسۇن. 28مانا بۇلار گېرشونلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىلىرىدۇر. ئۇلار روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلسۇن.
29مىرارى جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنىمۇ ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 30ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلالايدىغان 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى رويخەتكە ئالغىن. 31ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، 32ھويلىنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكلەر، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلار، تانىلار ۋە سايمان-جابدۇقلارنى توشۇشقا مەسئۇل بولسۇن. ھەربىر ئادەمنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەپ بېرىلسۇن. 33مانا بۇلار مىرارى جەمەتىدىكىلەرنىڭ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان پۈتۈن ۋەزىپىلىرىدۇر.
شەرتكە توشقان لاۋىيلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى
34مۇسا، ھارۇن ۋە ئاقساقاللار قوھات جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 35ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلالايدىغان 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى رويخەتكە ئالدى. 36پۈتۈن جەمەتتىكىلەرنىڭ سانى جەمئىي 2750 كىشى بولۇپ چىقتى. 37قوھات جەمەتلىرىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلارنىڭ سانى مۇشۇ ئىدى. مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە قوھات جەمەتىدىكىلەرنى رويخەتكە ئالدى.
38مۇسا، ھارۇن ۋە ئاقساقاللار گېرشون جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 39ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلالايدىغان 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى رويخەتكە ئالدى. 40پۈتۈن جەمەتتىكىلەرنىڭ سانى جەمئىي 2630 كىشى بولۇپ چىقتى. 41گېرشون جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلارنىڭ سانى مۇشۇ ئىدى. مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە گېرشون جەمەتىدىكىلەرنى رويخەتكە ئالدى.
42مۇسا، ھارۇن ۋە ئاقساقاللار مىرارى جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 43ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلالايدىغان 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى رويخەتكە ئالدى. 44پۈتۈن جەمەتتىكىلەرنىڭ سانى جەمئىي 3200 كىشى بولۇپ چىقتى. 45مىرارى جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلارنىڭ سانى مۇشۇ ئىدى. مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە مىرارى جەمەتىدىكىلەرنى رويخەتكە ئالدى.
46مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرى پۈتۈن لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 47ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلالايدىغان ۋە چېدىردىكى نەرسىلەرنى توشۇيالايدىغان 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى رويخەتكە ئالدى. 48ئۇلارنىڭ سانى جەمئىي 8580 كىشى بولۇپ چىقتى. 49مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە ھەربىر ئادەمنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىلەرنى توشۇيدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە رويخەتكە ئېلىندى.
5
ناپاك كىشىلەرنىڭ قارارگاھتىن چىقىرىلىشى
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئېغىر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالما چىققانلار، جەسەتنى تۇتۇپ ناپاك بولغانلار 3مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىسى قارارگاھنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. بۇ قارارگاھ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغانمىسۇن، چۈنكى مەن بۇ قارارگاھتا، يەنى ئاراڭلاردا ياشايمەن.»
4ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرىگە بىنائەن بۇنداق كىشىلەرنى قارارگاھتىن چىقىرىۋەتتى.
زىيان ئۈچۈن تۆلەم تۆلەش
5پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
6_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلسا، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. ئۇ ئادەم گۇناھكاردۇر. 7ئۇنداق ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ، زىيان سالغان كىشىگە زىياننى تۆلەپ بەرسۇن ھەم بولغان زىياننىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ بەرسۇن. 8ئەگەر تۆلەم ئالغۇچى ۋاپات بولغان بولۇپ، يېقىن تۇغقىنى بولمىسا، تۆلەمنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ روھانىيغا بەرسۇن. گۇناھكار گۇناھىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان قوچقىرىنى ھەم تۆلەمنى قوشۇپ روھانىيغا بەرسۇن.
9ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن بارلىق ھەدىيەلىرى روھانىيغا مەنسۇپ بولسۇن. 10ھەربىر روھانىي ئۆزىگە ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەلەرنى ئۆزى قوبۇل قىلسۇن.»
ئايالنىڭ سادىقلىقىنى تەكشۈرۈش
11پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
12_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەگەر بىر ئايال يولدىن چىقىپ، ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، 13مەلۇم بىر ئەر بىلەن زىنا قىلسا ھەم بۇ ئىشنى ئېرىدىن يوشۇرسا، گەرچە ئۇ ئايال بۇلغانغان بولسىمۇ لېكىن بايقالمىغان بولسا، ھەمدە گۇۋاھچىسىمۇ بولمىسا، 14ئەرنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ بۇزۇقچىلىق قىلغان ئايالىنى كۈنلىسە، ياكى ئايالى بۇزۇقچىلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئايالىنى كۈنلىسە، 15ئەر ئايالىنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. ئۇ يەنە ئايالى ئۈچۈن بىر كىلو ئارپا ئۇنىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئېلىپ بارسۇن. بۇ ئاشلىق ھەدىيەسى كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيە بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى قۇيمىسۇن، مەستىكى رۇمىمۇ سالمىسۇن.
16روھانىي ئۇ ئايالنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرغۇزسۇن. 17ئاندىن ساپال قاچىغا ئازراق مۇقەددەس سۇ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدىن ئازراق توپا ئېلىپ سالسۇن. 18روھانىي مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇ ئايالنىڭ چېچىنى چۇۋۇپ، كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەنى ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن. شۇنداقلا، روھانىي لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان ئازاب سۈيىنى قولىغا ئېلىپ تۇرسۇن.
19روھانىي ئۇ ئايالغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، مۇنداق دېسۇن: ‹ئەگەر سەن بىرەر ئەر بىلەن ياتمىغان، ئېرىڭنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولساڭ، لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ ئازاب سۈيىنىڭ زەھەرلىشىدىن خالاس بولىسەن. 20ئەگەر سەن ئېرىڭنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ، يولدىن چىقىپ، باشقا ئەر بىلەن زىنا قىلىپ، ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ، 21(ئۇ ۋاقىتتا روھانىي ئايالغا قەسەم ئىچكۈزىدۇ) پەرۋەردىگار سېنى تۇغماس قىلىپ، قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، خەلقىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى قىلسۇن. 22بۇ سۇ ئىچىڭگە كىرىپ، ساڭا لەنەت ئېلىپ كەلسۇن، ھەمدە قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، سېنى تۇغماس قىلسۇن.› كېيىن ئۇ ئايال ‹ئامىن، ئامىن› دېسۇن.
23روھانىي بۇ لەنەت سۆزلىرىنى تېرىگە يازسۇن، ئاندىن ئۇنى ئازاب سۈيىدە يۇيسۇن. 24روھانىي لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ ئازاب سۈيىنى ئۇ ئايالغا ئىچكۈزسۇن. سۇ ئايالنىڭ قورسىقىغا كىرگەندە، ئەگەر ئايال گۇناھكار بولسا، سۇ ئۇنىڭغا ئېغىر ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. 25روھانىي ئايالنىڭ قولىدىكى كۈندەشلىكنى ئاشكارىلايدىغان ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن، ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىغا ئېلىپ كەلسۇن. 26روھانىي ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ، ئۇنى نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. كېيىن ئازاب سۈيىنى ئايالغا ئىچكۈزسۇن. 27روھانىي بۇ سۇنى ئىچكۈزگەندە، ئەگەر ئۇ ئايال ھەقىقەتەن ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنى ئازابلايدۇ. قورسىقى كۆپۈپ، تۇغماس بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئايال خەلقىنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى بولىدۇ. 28ئەگەر ئۇ ئايال پاك بولۇپ، بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولسا، ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ ھەمدە پەرزەنت كۆرەلەيدۇ.
29-30مانا بۇ بىر ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ يولدىن چىقىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان ياكى ئېرىنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ، ئايالىنى كۈنلىگەن چاغدىكى گۇمانلىق ئىشلارنى ھەل قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇندۇر. مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ئەر ئايالىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي بۇ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلسۇن. 31مەيلى قانداق بولمىسۇن ئەر گۇناھسىزدۇر. ئايال گۇناھكار بولسا، گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.»
6
پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلاش
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئەگەر قەسەم ئىچىپ، ئۆزىنى مەلۇم مۇددەتكىچە مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىماقچى بولسا، 3ئۆزىنى شاراب ياكى مەيدىن نېرى قىلسۇن. ئۈزۈم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ئېچىتىلغان ئىچىملىكلەرنى ئاغزىغا ئالمىسۇن. ئۈزۈم شەربىتى ئىچمىسۇن ھەمدە ئۈزۈم ۋە كىشمىش يېمىسۇن. 4ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە ئۈزۈمدىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى، ھەتتا ئۈزۈم ئۇرۇقى ۋە پوستىنىمۇ يېمىسۇن. 5ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزمىسۇن. ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان كۈنلەرنىڭ مۇددىتى توشقۇچە چېچىنى ئۆستۈرۈپ يۈرسۇن. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغاندۇر. 6ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن. 7ھەتتا ئاتا-ئانىسى ياكى قىز ۋە ئوغۇل قېرىنداشلىرى تۈگەپ كەتسىمۇ، ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، ئۆزلىرىنى بۇلغىمىسۇن. ئۇنىڭ چېچى ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. 8ئۇ ئۆزىنى ماڭا بېغىشلىغان كۈنلەردە، ئۇ ماڭا ئالاھىدە ئاتالغان بولىدۇ.
9ئەگەر بىرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆستۈرگەن چېچى بۇلغانغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن يەتتە كۈندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرسۇن. 10سەككىزىنچى كۈنى ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، روھانىيغا بەرسۇن. 11روھانىي ئۇنى ئۆلۈككە يېقىنلاشقانلىق گۇناھىدىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتالغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن چېچىنى ئۆستۈرۈپ، 12ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا قايتىدىن ئالاھىدە بېغىشلىسۇن. ئۇ ئۆزىنى بېغىشلاشنى قايتىدىن باشلىغانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن بىرنى قۇربانلىق قىلسۇن. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۆزىنى بېغىشلىغان كۈنلىرى ئىناۋەتسىزدۇر. چۈنكى ئۇ ناپاك نەرسىگە تېگىپ، ئۆزىنى بۇلغىدى.»
ئالاھىدە بېغىشلاش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى
13«ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر مۇددەت ئىچىدە ئالاھىدە بېغىشلاشقا قەسەم قىلغۇچىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىنسۇن. ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنسۇن. 14ئۇ مەن پەرۋەردىگارغا تۆۋەندىكى ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كەلسۇن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقار، 15بىر سېۋەت پېتىر نان، يەنى سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نان ۋە ئۇلار بىلەن بىللە سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى.
16روھانىي ئۇلارنى مەن پەرۋەردىگارغا سۇنغاندا، ئالدى بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، 17ئاندىن قوچقارنى پېتىر نان بىلەن ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. روھانىي يەنە ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنىمۇ سۇنسۇن.
18ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كىشى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئامانلىق قۇربانلىقى كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلىسۇن.
19ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى چېچىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، روھانىي قوچقارنىڭ سۇدا پىشۇرۇلغان ئالدى پۇتىنى ۋە سېۋەتتىن بىر پېتىر توقاچ بىلەن بىر نېپىز پېتىر ناننى ئېلىپ، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچىنىڭ قولىغا تەگكۈزسۇن. 20ئاندىن بۇ نەرسىلەرنى روھانىي مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. بۇ نەرسىلەر، شۇنداقلا ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە سۇنۇلغان يانپاشمۇ روھانىينىڭ نېسىۋىسىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى شاراب ئىچسە بولىدۇ.
21مانا بۇلار ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچىغا ئائىت بەلگىلىمىلەردۇر. ئەگەر ئۆزىنى ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى ئۆزىنى ماڭا بېغىشلاشقا قەسەم قىلغاندىن باشقا، ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ ماڭا يەنە ھەدىيە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان بولسا، ئۇ قىلغان قەسىمىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلسۇن.»
روھانىينىڭ دۇئاسى
22پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
23_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، ئۇلار ئىسرائىل خەلقىگە بەخت تىلىگەندە، مۇنداق دېسۇن:
24«پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلىدۇ ۋە سېنى قوغدايدۇ!
25پەرۋەردىگار ساڭا دىدارىنىڭ نۇرىنى چاچىدۇ
ۋە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ!
26پەرۋەردىگار ساڭا ئۆز دىدارىنى كۆرسىتىدۇ
ۋە ساڭا ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلىدۇ!»
27ئۇلار ئىسرائىللارغا مېنىڭ نامىم بىلەن بەخت تىلىسە، مەن ئىسرائىللارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.
7
قەبىلە باشلىقلىرى سۇنغان ھەدىيەلەر
1مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق نەرسىلەرگە مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى. 2شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى، يەنى رويخەتكە ئېلىشقا مەسئۇل بولغان ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشتى. 3ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئالتە دانە ھارۋا ۋە ئون ئىككى تۇياق ئۆكۈز ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھەربىر قەبىلە باشلىقى بىردىن ئۆكۈز، ھەر ئىككى قەبىلە باشلىقى بىرلىشىپ، بىردىن ھارۋا ئېلىپ كېلىشكەنىدى.
4پەرۋەردىگار مۇساغا:
5_ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغىن. بۇ نەرسىلەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىتىڭلار. لاۋىيلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىغا قاراپ، بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگىن، _ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۋا ۋە ئۆكۈزلەرنى لاۋىيلارغا تاپشۇرۇپ بەردى، 7-8يەنى ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىغا قاراپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى گېرشون ئەۋلادلىرىغا ئىككى ھارۋا بىلەن تۆت ئۆكۈز، مىرارى ئەۋلادلىرىغا تۆت ھارۋا بىلەن سەككىز ئۆكۈز بەردى. 9بىراق قوھات ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارغا ھېچنېمە بېرىلمىدى.
10قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن، ئاقساقاللار قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاش ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويدى. 11چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا: «ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى ماڭا بېغىشلاش ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر ئاقساقال ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن» دېگەنىدى.
12بىرىنچى كۈنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 13ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 14ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 15كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 16گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 17ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوننىڭ ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
18ئىككىنچى كۈنى ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 19ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 20ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 21كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 22گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 23ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
24ئۈچىنچى كۈنى زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 25ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 26ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 27كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 28گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 29ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئابنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
30تۆتىنچى كۈنى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 31ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 32ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 33كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 34گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 35ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇرنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
36بەشىنچى كۈنى شىمون قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 37ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 38ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 39كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 40گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 41ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
42ئالتىنچى كۈنى گاد قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 43ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 44ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 45كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 46گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 47ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياسافنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
48يەتتىنچى كۈنى ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 49ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 50ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 51كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 52گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 53ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامانىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
54سەككىزىنچى كۈنى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 55ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 56ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 57كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 58گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 59ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
60توققۇزىنچى كۈنى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 61ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 62ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 63كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 64گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 65ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىداننىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
66ئونىنچى كۈنى دان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 67ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 68ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 69كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 70گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 71ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەرنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
72ئون بىرىنچى كۈنى ئاشېر قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 73ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 74ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 75كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 76گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 77ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
78ئون ئىككىنچى كۈنى نافتالى قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا ئۆز ھەدىيەلىرىنى سۇندى. 79ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى: مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1.5 كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، 80ئىسرىق قويۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 81كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 82گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 83ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرانىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
84قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەن كۈنى ئىسرائىل ئاقساقاللىرى قۇربانلىق سۇپىسىنى خۇداغا بېغىشلاش ئۈچۈن 12 كۈمۈش تاۋاق، 12 كۈمۈش قاچا، 12 ئالتۇن تەخسە سۇنغان بولۇپ، 85مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھەربىر كۈمۈش تاۋاقنىڭ ئېغىرلىقى 1.5 كىلو، ھەربىر كۈمۈش قاچىنىڭ ئېغىرلىقى 800 گىرام بولۇپ، بارلىق كۈمۈشنىڭ ئېغىرلىقى 27 كىلو 600 گىرام ئىدى. 8612 دانە ئالتۇن تەخسىگە ئىسرىق قويۇلغان بولۇپ، ھەربىر تەخسىنىڭ ئېغىرلىقى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 115 گىرام بولۇپ، بارلىق تەخسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى 1 كىلو 380 گىرام ئىدى. 87كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن 12 بۇقا، 12 قوچقار، 12 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان ھەمدە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە، 88ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن 24 بۇقا، 60 قوچقار، 60 تېكە، 60 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان سۇنۇلغانىدى. قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىنى خۇداغا بېغىشلاش ئۈچۈن سۇنۇلغان ھەدىيەلەر مانا شۇلاردىن ئىبارەتتۇر.
89مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى «كېرۇب»نىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار شۇ خىل ئۇسۇلدا مۇسا بىلەن سۆزلەشتى.
8
يەتتە چىراغنى ئورۇنلاشتۇرۇش
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇ يەتتە چىراغنى چىراغدانغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، چىراغلارنىڭ نۇرى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويسۇن.
3ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە چىراغلارنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى. 4چىراغدان پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا كۆرسەتكىنى بويىچە پۇتىدىن تارتىپ تاكى گۈللۈك نەقىشلىرىگىچە پۈتۈنلەي ئالتۇندىن سوقۇلغانىدى.
لاۋىيلارنىڭ پاكلىنىشى ۋە خۇداغا بېغىشلىنىشى
5پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
6_ لاۋىيلارنى ئىسرائىل خەلقىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئۇلارنى پاكلىغىن. 7لاۋىيلارنى پاكلىغاندا مۇنداق قىلغىن. ئۇلارغا پاكلىنىش سۈيىنى سەپكىن، ئاندىن ئۇلار ئۇستىرا بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىنى قىرسۇن ۋە كىيىملىرىنى يۇيسۇن، شۇندىلا ئۇلار پاكلانغان بولىدۇ. 8ئاندىن ئۇلار بىر تۇياق بۇقا ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇن ئېلىپ كەلسۇن. ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تۇياق بۇقا ئېلىپ كەلسۇن. 9ئاندىن ئىسرائىل خەلقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا توپلىغىن ۋە لاۋىيلارنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىن. 10سەن لاۋىيلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇم بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىنىڭدە، ئىسرائىل خەلقى قوللىرىنى ئۇلارنىڭ باشلىرىغا قويۇشسۇن. 11شۇنداق قىلىپ، ھارۇن لاۋىيلارنى ماڭا بېغىشلىسۇن. ئۇلار ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالاھىدە ھەدىيەسى سۈپىتىدە مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلسۇن. 12لاۋىيلار ئىككى تۇياق بۇقىنىڭ باشلىرىغا قوللىرىنى قويۇشسۇن. ھارۇن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، لاۋىيلارنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلسۇن. 13سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلىغىن. 14شۇنداق قىلىپ، لاۋىيلارنى ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدىن ئايرىۋالغىن. شۇندىلا ئۇلار ماڭا تەۋە بولىدۇ. 15لاۋىيلار پاكلىنىپ، ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمىتىنى قىلسا بولىدۇ. 16ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ماڭا تولۇق بېغىشلانغان بولۇپ، مەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلدىم. 17ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرى مەيلى ئىنسان ياكى چارۋا مال بولسۇن، ماڭا تەئەللۇقتۇر. چۈنكى مەن مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنى ھالاك قىلغان كۈنى، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. 18مانا ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا لاۋىيلارنى تاللىدىم. 19مەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەدىيە سۈپىتىدە تەقدىم قىلدىم. ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەپ، خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلىشىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا بالا-قازا كەلمەيدۇ.
20مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن خەلق پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلىپ، لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. 21لاۋىيلار ئۆزلىرىنى گۇناھتىن پاكلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى ھەم ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ پاكلىدى. 22ھەممە ئىشلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن، لاۋىيلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمىتىنى باشلىدى. ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرىسىدا مۇساغا قىلغان ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى.
23پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:
24_ لاۋىيلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمە مۇنداقتۇر: لاۋىيلار 25 ياشتىن باشلاپ ئۇچرىشىش چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قىلسۇن. 2550 يېشىدا دەم ئېلىشقا چىقىپ، قايتا خىزمەت قىلمىسۇن. 26ئەمما ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ياردەم قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئۆزى يالغۇز خىزمەت قىلسا بولمايدۇ. سەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسىنى مانا شۇنداق بەلگىلەپ بەرگىن.
9
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قوشۇمچە بەلگىلىمىلىرى
1ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 1-ئايدا پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا:
2_ ئىسرائىل خەلقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزسۇن. 3مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى* گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى بەلگىلەنگەن بارلىق بەلگىلىمىلەر ۋە قائىدىلەر بويىچە ئۆتكۈزسۇن، _ دېدى.
4شۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى. 51-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، ئۇلار سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. خەلق پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرلىرىنى بىر-بىرلەپ بەجا كەلتۈردى. 6بىراق بىرنەچچە كىشى جەسەتلەرنى تۇتۇپ، ناپاك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسە بولمايتتى. ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ:
7_ بىز پەقەت جەسەت تۇتۇپ ناپاك بولۇپ قالدۇق. نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن كۈندە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىمىزغا رۇخسەت يوق؟ _ دەپ سوراشتى. 8مۇسا ئۇلارغا:
_ مۇشۇ يەردە بىرئاز كۈتۈپ تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە نېمە ئەمرى باركىن، ئاڭلاپ باقاي، _ دېدى.
9پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
10_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە جەسەتنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن ناپاك بولۇپ قالغانلار ياكى ئۇزۇن سەپەردە بولۇپ قالغانلار بولسا، ماڭا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىۋەرسۇن. 11لېكىن بۇنداق كىشىلەر بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ھېيت قىلسۇن. ھېيتنىڭ قۇربانلىقىنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن يېسۇن. 12ئېشىپ قالغان يېمەكلىكنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىمىسۇن. مالنىڭ بىر تال سۆڭىكىنىمۇ سۇندۇرمىسۇن. ھېيتنى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. 13ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى. 14ئەگەر ئاراڭلاردىكى يات خەلقلەردىن بىركىم ھېيتنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ ھېيتنى پۈتۈن بەلگىلىمىلىرى ۋە قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. مەيلى ئىسرائىللار ياكى يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسىگە ئوخشاش بەلگىلىمىلەر قوللىنىلسۇن.
خەلقنى يېتەكلەيدىغان بۇلۇت
15ئەھدە چېدىرى، يەنى ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن كۈنى بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى قاپلاپ تۇردى. كەچتىن ئەتىگەنگىچە چېدىرنى قاپلاپ تۇرغان بۇ بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى. 16بۇ ئەھۋال داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇردى. كۈندۈزى چېدىرنى بۇلۇت قاپلىۋالاتتى، كېچىسى بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى. 17بۇلۇت چېدىردىن كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ يولغا چىقاتتى. بۇلۇت پەسلىگەن جايلاردا چېدىرلىرىنى تىكەتتى. 18شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقىشتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكىشتى. بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچىلىك ۋاقىت توختىسا، ئۇلار قارارگاھىدا شۇنچىلىك ۋاقىت تۇرۇشتى. 19بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزاقراق توختىسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، يۆتكەلمەيتتى. 20بەزىدە بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئاران بىرنەچچە كۈنلا توختايتتى. ئەھۋال قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، كۆچەتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى تىكەتتى. 21بەزىدە بۇلۇت پەقەت بىر كېچىلا توختاپ، ئەتىسى ئەتىگەندە كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلارمۇ يولغا چىقاتتى. مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يولغا چىقاتتى. 22ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىسىلا، ئۇلار قوزغالمايتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى.
23ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچۈشى ياكى چېدىرلىرىنى تىكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.
10
خەۋەر يەتكۈزۈش كانايلىرى
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ كۈمۈشتىن ئىككى كاناي سوقتۇرغىن. ئۇلارنى جامائەتنى يىغىش ۋە قارارگاھلارنى كۆچۈرۈشتە ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ئىشلەتكىن. 3ئىككى كۈمۈش كاناي تەڭ چېلىنغاندا، پۈتۈن جامائەت ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى سېنىڭ يېنىڭغا يىغىلسۇن. 4ئەگەر بىر كاناي چېلىنسا، ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى بولغان ئاقساقاللار يىغىلسۇن. 5ئەگەر كاناي قىسقا چېلىنسا، شەرق تەرەپتە چېدىر تىككەن قەبىلىلەر چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقسۇن. 6ئىككىنچى قېتىم قىسقا چېلىنسا، جەنۇب تەرەپتە چېدىر تىككەن قەبىلىلەر چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقسۇن. قارارگاھلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن كاناي قىسقا چېلىنسۇن. 7جامائەتنى يىغىشتا ئۇزۇن چېلىنسۇن، قىسقا چېلىنمىسۇن.
8كانايلارنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلار چالسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار. 9سىلەر زېمىنىڭلارغا باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، بۇ كانايلار بىلەن چاقىرىق قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قوغداپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرىمەن. 10شاد-خۇراملىق كۈنلىرىڭلاردا، يەنى بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلاردا ۋە يېڭى ئاي بايراملىرىڭلاردا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنغاندا، بۇ كانايلارنى چېلىڭلار. شۇندا مەن سىلەرنى ئەسكە ئېلىپ، سىلەرگە ياردەم قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
ئىسرائىللارنىڭ سەپەرگە چىقىشى
11ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇت كۆتۈرۈلدى. 12ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىنىپ، سىناي چۆلىدىن چىقىپ كەتتى. بۇلۇت پاران چۆلىگە كېلىپ توختىدى. 13بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقىشى ئىدى.
14ھەر قېتىم ئۇلار يولغا چىققاندا، ئالدى بىلەن يەھۇدا تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. يەھۇدا قەبىلىسىگە ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون يېتەكچىلىك قىلدى. 15زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل ئىسساكار قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 16خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب زەبۇلۇن قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 17ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرشون ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى چېدىرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى.
18ئۇنىڭ كەينىدىن رۇبېن تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. رۇبېن قەبىلىسىگە شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر يېتەكچىلىك قىلدى. 19زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل شىمون قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 20دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف گاد قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 21ئاندىن كېيىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار قارارگاھقا يېتىپ بارغۇچە، ئىبادەت چېدىرى تىكىلىپ بولغانىدى.
22ئۇنىڭ كەينىدىن ئەفرايىم تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. ئەفرايىم قەبىلىسىگە ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما يېتەكچىلىك قىلدى. 23پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل ماناسسە قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 24گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
25ئەڭ ئاخىرىدا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بولغان دان تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تۈزۈپ ماڭدى. دان قەبىلىسىگە ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر يېتەكچىلىك قىلدى. 26ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل ئاشېر قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 27ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا نافتالى قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 28ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇغاندىن كېيىن، مانا مۇشۇ تەرتىپ بويىچە سەپ تارتىپ ماڭدى.
29مۇسا مىديانلاردىن بولغان قېيىنئاتىسى رىئۇئېلنىڭ ئوغلى خوبابقا:
_ بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز. ئۇ ئىسرائىللارنى روناق تاپقۇزۇشقا ۋەدە قىلدى. شۇڭا بىز بىلەن بىرگە ماڭغايسىز. بىز ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمىز، _ دېدى. 30لېكىن خوباب:
_ مەن بارمايمەن، ئۆز يۇرتۇمغا، يەنى قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا كېتەي، _ دەپ جاۋاب بەردى.
31مۇسا ئۇنىڭغا:
_ بىزدىن ئايرىلمىغايسىز. سىز بۇ چۆلنى ياخشى بىلىسىز. بىزگە يول باشلىغۇچى بولۇپ، قەيەردە قارارگاھ قۇرساق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەيسىز. 32ئەگەر سىز بىز بىلەن بىرگە بارسىڭىز، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق سائادەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىسىز، _ دېدى.
33ئىسرائىللار پەرۋەردىگار زاھىر بولغان سىناي تېغىدىن ئايرىلىپ، ئۈچ كۈن يول ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، چېدىر تىكىدىغانغا جاي ئىزدىدى. 34ئۇلار بىر قارارگاھتىن يەنە بىر قارارگاھقا كۆچكىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمىدى.
35ئەھدە ساندۇقىنى ھەر قېتىم يۆتكىگەندە، مۇسا:
«ئى پەرۋەردىگار، قوزغالغايسەن!
تىرىپىرەن قىلغايسەن دۈشمەنلىرىڭنى!
قېچىپ كەتسۇن ئالدىڭدىن
يامان كۆرگۈچىلەر سېنى» دەپ دۇئا قىلاتتى.
36ئەھدە ساندۇقى ھەربىر توختىغاندا، مۇسا:
«ئى پەرۋەردىگار، تۈمەن مىڭلىغان ئىسرائىللار ئىچىگە قايتىپ كەلگەيسەن» دەپ دۇئا قىلاتتى.
11
خەلقنىڭ نارازىلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى
1خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاغرىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا ئوت چېچىپ، قارارگاھنىڭ بىر چېتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 2خەلق مۇساغا يالۋۇرۇۋىدى، مۇسا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. ئاندىن ئوت ئۆچتى. 3پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئوت چاچقاچقا، ئۇ يەر تابئېرا [مەنىسى «كۆيگەن يەر»] دەپ ئاتالدى.
خەلقنىڭ گۆش تەلەپ قىلىشى
4ئىسرائىللار بىلەن سەپەرداش بولغان بەزى يات قوۋمدىكى جېدەلخور ئادەملەرنىڭ نەپسى گۆش سېغىنىپ كەتكەنىدى. ئىسرائىللارمۇ زارلىنىپ:
_ ئەگەر گۆش بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى! 5مىسىردىكى چاغلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىمىزدە، ئۇ ۋاقىتتا بېلىقلار بىكارلىق ئىدى، خالىغانچە يەيتتۇق. تەرخەمەك، تاۋۇز، غولپىياز، پىياز ۋە سامساقمۇ بار ئىدى. 6ئەمدى ئىشتىھايىمىز تۇتۇلۇپ كەتتى. ھەر كۈنى ماننادىن باشقا يەيدىغان ھېچ نەرسە يوق! _ دەپ نارازى بولۇشتى.
7(ماننانىڭ شەكلى ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش بولۇپ، سارغۇچ رەڭدە ئىدى. 8-9ھەر كۈنى سەھەردە شەبنەم چۈشكەندە ئۇمۇ چۈشەتتى. ئەتىگەنلىكى ھەممەيلەن ماننا تېرىپ كېلىپ، يارغۇنچاق ياكى ھاۋانچا ئارقىلىق ئۇن قىلىپ، ئۇنى قازان قاتلىمىسى قىلىپ يەيتتى. ئۇنىڭ تەمى زەيتۇن يېغى بىلەن پىشۇرۇلغان قاتلىمىغا ئوخشايتتى.)
10مۇسا كۆپچىلىكنىڭ ئۆز چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ زارلاشقانلىقىنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار خەلققە بەكمۇ غەزەپلەندى، مۇسامۇ خاپا بولدى. 11مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:
_ خىزمەتكارىڭ بولغان مېنى نېمىشقا بۇنچە قىينايسەن؟ سەن نېمىشقا ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتمەيسەن؟ نېمىشقا بۇ خەلقنىڭ ئېغىر يۈكىنى يەلكەمگە يۈكلەيسەن؟ 12ئۇلار مېنىڭ پەرزەنتلىرىممىدى؟ ئۇلارنى مەن ئاپىرىدە قىلغانمىدىم؟ سەن نېمىشقا مەندىن ئۇلارنى خۇددى بوۋىقىنى ئاسرىغان ئاتىغا ئوخشاش ئاسراپ، ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا قوغداپ ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلدىڭ؟ 13ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا يىغلاپ: «گۆش تېپىپ بەرگىن!» دەپ يالۋۇرماقتا. مەن شۇنچە خەلققە گۆشنى نەدىن تېپىپ بېرەلەيمەن؟ 14بۇ خەلقنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. مەن بۇنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالمىغۇدەكمەن. 15سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغانىكەنسەن، ماڭا رەھىم قىلىپ، دەرھال جېنىمنى ئال، مەن بۇ جاپانى قايتا تارتماي!
مۇسانىڭ ياردەمچى تەيىنلىشى
16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ خەلقنىڭ ئارىسىدىكى سەن تونۇيدىغان پېشقەدەم ئاقساقاللار ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن يەتمىشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار يېنىڭدا تۇرسۇن. 17مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. ساڭا ئاتا قىلغان روھتىن ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ بۇ خەلقنىڭ ئېغىرلىقىنى يالغۇز كۆتۈرمەسلىكىڭ ئۈچۈن ئۇلار ساڭا ياردەملىشىپ، يۈكۈڭنى يەڭگىللىتىدۇ. 18سەن خەلققە پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيتقىن: «ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئەتە گۆش يېيىش ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار. سىلەرنىڭ: ‹كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ مىسىردا پاراۋان ياشىغانىدۇق!› دەپ ۋايساشلىرىڭلار قۇلىقىمغا يەتتى. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە گۆش بېرىمەن، ئۇنى چوقۇم يەيسىلەر. 19بىر-ئىككى كۈن ئەمەس، ياكى بەش-ئون كۈن، ھەتتا يىگىرمە كۈنمۇ ئەمەس، 20پۈتۈن بىر ئاي، كۆز-قۇلىقىڭلاردىن تېشىپ چىققۇچە، ئېشىڭلار ئارتىپ كەتكۈچە يەيسىلەر. چۈنكى سىلەر: ‹مىسىردىن ئايرىلمىساق بوپتىكەن› دەپ زارلىنىپ، ئاراڭلاردىكى مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.»
21مۇسا پەرۋەردىگارغا:
_ ئەتراپىمدىكى ئەرلەر 600 مىڭدىن ئاشىدۇ. لېكىن سەن: «ئۇلارغا بىر ئاي يەتكۈدەك گۆش بېرىمەن» دېدىڭ. 22ئۇلارنى تويدۇرۇشقا يەتكۈدەك ئۇنچىۋالا كۆپ قوي، كالىلارنى نەدىن تاپقىلى بولار؟ ئۇلارغا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەتمەسمىكىن؟! _ دېدى. 23پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى شۇنچىلىك چەكلىك دەپ ئويلامسەن؟ سەن سۆزلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ناھايىتى تېزلا كۆرىسەن! _ دېدى.
24شۇنىڭ بىلەن مۇسا چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى خەلققە يەتكۈزدى. ئۇ كۆپچىلىك ئىچىدىن يەتمىش ئاقساقالنى تاللاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ چۆرىسىگە تۇرغۇزدى. 25پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلەشتى ۋە مۇساغا ئاتا قىلىنغان روھتىن يەتمىش ئاقساقالغىمۇ ئاتا قىلدى. روھ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشۈشى بىلەنلا ئۇلار ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلغىلى تۇردى. لېكىن بۇنداق زىكىر قىلىش كېيىن قايتا تەكرارلانمىدى. 26ئاقساقاللار ئىچىدىكى ئەلداد ۋە مېداد ئىسىملىك ئىككى ئاقساقال ئۇچرىشىش چېدىرىغا بارماي قارارگاھلىرىدا قالغانىدى، ئۇ يەردە ئۇلارغىمۇ روھ چۈشتى. ئۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشتى. 27مەلۇم بىر يىگىت مۇسانىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەلداد بىلەن مېدادنىڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلدى. 28بۇ چاغدا نۇننىڭ ئوغلى، يەنى ياش ۋاقتىدىن بۇيان مۇسانىڭ ياردەمچىسى بولۇپ كەلگەن يوشۇۋا مۇساغا:
_ تەقسىر، ئۇلارنى توسۇۋالغايسىز؟ _ دېدى. 29مۇسا ئۇنىڭغا:
_ سەن مېنىڭ ئورنۇمدىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھىنى پۈتۈن خەلققە ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەيغەمبەر بولۇشنى خالايتتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.
30شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش ئاقساقىلى قارارگاھلىرىغا قايتىپ كەتتى.
پەرۋەردىگارنىڭ بۆدۈنە ياغدۇرۇشى
31پەرۋەردىگار شامال چىقاردى ۋە شامال توپ-توپ بۆدۈنىلەرنى دېڭىز تەرەپتىن ئۇچۇرۇپ كەلدى. بۆدۈنىلەر بىر مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان بولۇپ، قارارگاھنىڭ ھەممە تەرىپىنى بىر كۈنلۈك يول يىراقلىققىچە قاپلاپ كەتكەنىدى. 32كىشىلەر ئەتىگەندىن كەچكىچە ۋە كېچىسى بۆدۈنە تۇتقىلى كىرىشىپ كەتتى. ئەتىسىمۇ يەنە پۈتۈن بىر كۈن بۆدۈنە تۇتتى. ھەربىر ئادەم ئاز دېگەندە ئەللىك سېۋەتتىن تۇتۇشتى. ئۇلار بۆدۈنىلەرنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن چېدىرلارنىڭ ئەتراپىغا يېيىپ قويۇشتى.
33كۆپچىلىك گۆشلىرىنى تېخى يەپ بولالماي تۇرۇپلا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا غەزىپىنى ياغدۇرۇپ، ئەجەللىك ۋابا تارقاتتى. 34بۇ يەرگە نەپسى يامانلار دەپنە قىلىنغاچقا، ئۇ يەر قىبروت-ھاتتائاۋا [مەنىسى «نەپسى يامانلارنىڭ قەبرىستانلىقى»] دەپ ئاتالدى. 35ئىسرائىل خەلقى قىبروت-ھاتتائاۋادىن خازېروت دېگەن يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.
12
مەريەم بىلەن ھارۇننىڭ مۇساغا قارشى سۆزلىشى
1مۇسا كۇشتىن كەلگەن ئايالغا ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەريەم بىلەن ھارۇن ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتى. 2ئۇلار:
_ پەرۋەردىگار بىزگە پەقەت مۇسا ئارقىلىقلا سۆزلەرمۇ؟! ئەجەبا، ئۇ بىز ئارقىلىق سۆز قىلماسمۇ؟ _ دېيىشتى.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. 3(مۇسا شۇنچىلىك كەمتەر كىشى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇنىڭدەك كەمتەر كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى.) 4بىردىنلا پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەمگە:
_ ئۈچۈڭلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۈچىلىسى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىشتى. 5پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدە چۈشۈپ، چېدىرنىڭ ئالدىدا تۇردى ۋە ھارۇن بىلەن مەريەمنى چاقىردى. ئۇلار ئالدىغا مېڭىشىغا 6پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاراڭلاردا مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى غايىبانە ئالامەتتە زاھىر قىلىمەن ياكى چۈشىدە ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن. 7لېكىن خىزمەتكارىم مۇساغا باشقىچە سۆزلەيمەن. ئۇ پۈتۈن خەلقىمنىڭ ئىشلىرىغا سادىقتۇر. 8مەن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە سۆزلەيمەن، يوشۇرۇن مەنىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق قىلىپ سۆزلەيمەن. ئۇ سىياقىمنى كۆرىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەشكە پېتىندىڭلار؟
9پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاچچىقلانغان ھالدا ئۇ يەردىن ئايرىلدى. 10بۇلۇت چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈشىگىلا، مەريەمنى قاردەك ئاپئاق تېرە كېسىلى قاپلىدى. ھارۇن مەريەمگە بۇرۇلۇپ، مەريەمنىڭ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى كۆردى. 11ئۇ مۇساغا يالۋۇرۇپ:
_ ئەي ھەزرىتىم، بىز ئەخمەقلىق قىلىپ گۇناھ قىلدۇق، گۇناھىمىزدىن كېچىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. 12مەريەم ھەرگىزمۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئۆلۈك تۇغۇلغان، يېرىمى چىرىپ كەتكەن ھامىلىگە ئوخشاپ قالمىسۇن! _ دېدى.
13شۇنىڭ بىلەن مۇسا:
_ ئى خۇدا، ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگەيسەن! _ دەپ، پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى. 14پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن:
_ مۇبادا ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرسە، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ئۇيالماسمىدى؟! شۇڭا سىلەر ئۇنى قارارگاھتىن يەتتە كۈن چىقىرىۋېتىڭلار. ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن مەريەم قارارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇردى. تاكى ئۇ قايتۇرۇپ كېلىنگۈچە، خەلق ھېچ يەرگە كۆچمىدى. 16كېيىن خەلق خازېروتتىن قوزغىلىپ، پاران چۆلىگە كېلىپ قارارگاھ قۇردى.
13
ئايغاقچىلارنىڭ كەنئان زېمىنىنى كېزىشى
1پەرۋەردىگار مۇساغا:
2_ ئەجدادىڭلارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىردىن قەبىلە باشلىقىنى تاللاپ، مەن سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكىن، _ دېدى.
3مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارنى پاران چۆلىدىن يولغا سالماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى ئىدى. 4تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر:
رۇبېن قەبىلىسىدىن زاككۇرنىڭ ئوغلى شاممۇۋا،
5شىمون قەبىلىسىدىن خورىنىڭ ئوغلى شافات،
6يەھۇدا قەبىلىسىدىن يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب،
7ئىسساكار قەبىلىسىدىن يۈسۈپنىڭ ئوغلى يىگال،
8ئەفرايىم قەبىلىسىدىن نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا،
9بىنيامىن قەبىلىسىدىن رافۇنىڭ ئوغلى پالتى،
10زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن سودىنىڭ ئوغلى گاددىئېل،
11يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن سۇسىنىڭ ئوغلى گاد،
12دان قەبىلسىدىن گىماللىنىڭ ئوغلى ئاممىئېل،
13ئاشېر قەبىلىسىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى سېتۇر،
14نافتالى قەبىلىسىدىن ۋوفسىنىڭ ئوغلى ناخبى،
15گاد قەبىلىسىدىن ماكىنىڭ ئوغلى گىئۇئېل.
16بۇلار مۇسا كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىياغا [مەنىسى «ياردەم»] يوشۇۋا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياردەم قىلىدۇ»] دەپ ئىسىم قويدى. 17مۇسا ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:
_ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايونغا كىرىڭلار. 18ئۇ يەرلەرنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈڭلار ۋە ئۇ جايدا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز، ئاز ياكى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار. 19ئۇلار ياشايدىغان زېمىن ياخشىمۇ-يامانمۇ، ئۇلار ياشايدىغان شەھەرلەرنىڭ سېپىللىرى بارمۇ-يوق، 20تۇپرىقى مۇنبەتمۇ ياكى قاقاسمۇ، ئۇ يەرلەردە دەل-دەرەخلەر بارمۇ-يوق، بىلىپ كېلىڭلار. ئامال قىلىپ ئۇ يەرلەرنىڭ مېۋىسىدىن ئالغاچ كېلىڭلار.
بۇ دەل ئۈزۈمنىڭ تۇنجى پىشقان مەزگىلى ئىدى. 21شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارلاپ شىمالغا قاراپ ماڭدى. جەنۇب تەرەپتىكى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى شىمال تەرەپتىكى لىبو-خامات يېنىدىكى رىخوب شەھىرىگىچە باردى. 22ئۇلار دەسلەپ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھىبرون شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئاخىمان، شېشاي ۋە تالمايلار ياشايتتى. (ھىبرون مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغانىدى.) 23ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا كەلگەندە، ئۈزۈم باراڭلىرىدىن بىر ساپاق ئۈزۈمنى شېخى بىلەن كېسىۋالدى. ئۇنى خادىغا ئېسىپ كۆتۈرۈپ كېلىشتى. ئۇنىڭغا قوشۇپ، ئازراق ئانار ۋە ئەنجۈر ئېلىپ كەلدى. 24ئىسرائىللار ئۇ يەردىن بىر ساپاق ئۈزۈم ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يەر ئەشكول جىلغىسى [مەنىسى «ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى»] دەپ ئاتالدى.
25ئۇلار قىرىق كۈندىن كېيىن كەنئان زېمىنىنى چارلاشتىن قايتىپ كەلدى. 26ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى تۇرۇۋاتقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتىپ كېلىشتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى 27ھەمدە مۇساغا مۇنداق دەپ تەسۋىرلەپ بەردى:
_ سەن بىزنى ئەۋەتكەن ئاشۇ زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىردۇق. ئۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىن ئىكەن. مانا، بۇ مېۋىلەر ئاشۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى. 28لېكىن ئۇ جايدا ياشايدىغان ئادەملەر كۈچتۈڭگۈر، شەھەرلىرى ناھايىتى چوڭ ۋە مۇستەھكەم ئىكەن. بىز ئۇ يەردە ھەتتا ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق. 29نەگېب چۆللۈكىدە ئامالەكلەر ياشايدىكەن، خىتلار، يىبۇسلار ۋە ئامورلار تاغلىق رايونلاردا ياشايدىكەن. كەنئانلار ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويىدا ياشايدىكەن.
30كالىب مۇسانىڭ ئالدىدىكى كىشىلەرنى تىنچلاندۇرۇپ:
_ بىز ئاتلىنىپ ئۇ زېمىننىڭ ئىگىدارلىقىنى چوقۇم ئالايلى، بىز جەزمەن شۇنداق قىلالايمىز، _ دەپ خىتاب قىلدى. 31لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغان كىشىلەر:
_ بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالمايمىز، ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك، _ دېيىشتى.
32ئۇلار ئۆزلىرى چارلىغان زېمىن ھەققىدە ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ، مۇنداق دېيىشتى:
_ بىز چارلاشقا بارغان ئۇ يەرلەر ئادەم يۇتىدىكەن. بىز ئۇ يەردە كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ھەيۋەتلىك ئىكەن. 33بىز ئۇ يەردە ھەتتا دىۋىلەردەك چوڭ نىفىللارنى كۆردۇق (ئۇلارنىڭ كۆرگىنى ئەسلى ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى). بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا چېكەتكىدەك ھېس قىلدۇق ھەم بىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چېكەتكىدەك ئىدۇق.
14
خەلقنىڭ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈشى
1ئۇ كېچە پۈتۈن جامائەت زارلاندى ۋە قاتتىق يىغلاشتى. 2ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇندىن ئاغرىنىپ:
_ مىسىردا ياكى مۇشۇ چۆلدە ئۆلگەن بولساق ئوبدان بولاركەن. 3پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنى بۇ زېمىنغا باشلاپ كېلىپ، قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈشكە بۇيرۇيدۇ؟ ئەمدىلىكتە خوتۇن-بالىلىرىمىز بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن كۆرە مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمىدى؟! _ دېيىشتى. 4ئاندىن بىر-بىرىگە:
_ بىز بىر يېتەكچى تاللاپ، مىسىرغا قايتىپ كېتەيلى، _ دېيىشتى.
5مۇسا بىلەن ھارۇن يىغىلغان پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈشتى. 6كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا بارغانلاردىن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، 7پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە:
_ بىز چارلاپ، كۆرۈپ كەلگەن ئۇ زېمىن ناھايىتى مۇنبەت ئىكەن. 8ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن خۇرسەن بولسا، بىزنى ئۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىدۇ ھەمدە ئاشۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىدۇ. 9پەرۋەردىگارغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ جاينىڭ ئادەملىرىدىن قورقماڭلار. چۈنكى بىز ئۇلارنى چايناپ، پۈركۈپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ ھىمايىچىسى يوق، لېكىن بىزگە پەرۋەردىگار ياردۇر، ئۇلاردىن قورقماڭلار، _ دېيىشتى.
10ئەمما يىغىلغان پۈتۈن جامائەت: «ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلايلى» دېيىشتى. شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە نامايان بولدى.
مۇسانىڭ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلىشى
11پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ بۇ كىشىلەر مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ مەن ئۇلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، قاچانغىچە ماڭا ئىشەنمەيدۇ؟ 12ئەمدى مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن يىقىتىمەن، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. لېكىن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ بۈيۈك ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن، _ دېدى. 13مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:
_ ئۇلارنى ھالاك قىلساڭ، مىسىرلىقلار بۇ ئىشتىن چوقۇم خەۋەر تاپىدۇ!سەن بۇ خەلقنى ئۆزۈڭنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىدىڭ. 14مىسىرلىقلار كەنئان زېمىنىدىكى خەلقلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ زېمىندىكى خەلقلەر ئاللىقاچان سەن توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىغان. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بۇ خەلق بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خەلقىڭ ئارىسىدا يۈزتۇرانە زاھىر بولغانلىقىڭنى، بۇلۇتۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىغان. 15ئەگەر سەن بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى تۇيۇقسىز ھالاك قىلساڭ، سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭدىن خەۋەردار بولغان ئەللەر چوقۇم: 16«پەرۋەردىگار ئۇ خەلقنى ئاشۇ زېمىنغا ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە قىلغانىدى، لېكىن ئېلىپ بارالماپتۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنى چۆلدە قىرغىن قىلىپتۇ» دېيىشىدۇ. 17ئى ئىگەم، ئەمدى كۈچ-قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن. خۇددى ئۆزۈڭ ئېيتقاندەك، 18سەن ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ چەكسىزدۇر، گۇناھ ۋە ئاسىيلىقلارنى كەچۈرىسەن. لېكىن سەن گۇناھىغا توۋا قىلمىغان گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايسەن. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايسەن. 19سەن مىسىردىن چىققاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئۆز خەلقىڭنى كەچۈرۈپ كەلگىنىڭگە ئوخشاش، ئۇلۇغ مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنىڭ گۇناھىنى يەنە بىر قېتىم كەچۈرگەيسەن.
20پەرۋەردىگار بۇنىڭغا جاۋابەن:
_ ئۆتۈنۈشۈڭنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى كەچۈردۈم. 21شۇنداقتىمۇ، مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم ۋە پۈتۈن يەر-زېمىننى قاپلىغان ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 22مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان ۋە ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق 23ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ. مېنى مەنسىتمىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇ يەرنى كۆرەلمەيدۇ. 24لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارىم كالىب ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى. مەن ئۇنى ئۇ بېرىپ باققان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. 25لېكىن ھازىر ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردىكى جىلغىلاردا تۇرىدۇ. شۇڭا سىلەر ئەتە ئارقاڭلارغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە بېرىڭلار، _ دېدى.
پەرۋەردىگارنىڭ خەلقنى جازالىشى
26پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى:
27_ بۇ رەزىل خەلق قاچانغىچە ماڭا نارازى بولىدۇ؟ مەن ئىسرائىللارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. 28شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرگە ئالدىمدا ئېيتقان ئاشۇ سۆزلىرىڭلارغا ئوخشاش بالا-قازا چۈشۈرىمەن، 29جەسىتىڭلار مۇشۇ چۆلدە قالىدۇ. سەپەردە ماڭا نارازىلىق بىلدۈرگەن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى رويخەتكە ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولىدۇ. 30مەن سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىنغا سىلەرنى كىرگۈزمەيمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ.
31سىلەر ‹بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدۇ› دېگەن بالىلىرىڭلارنى سىلەر بېرىشنى رەت قىلغان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىپ ھۇزۇرلاندۇرىمەن. 32لېكىن سىلەرنىڭ جەسىتىڭلار چۆلدە قالىدۇ. 33سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىرىڭلار چۆلدە قىرىق يىل سەرسان بولۇپ، تاكى سىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشايدۇ. 34سىلەر ئۇ زېمىننى چارلىغان قىرىق كۈنۈڭلارنىڭ ھەربىر كۈنى ئۈچۈن بىر يىلدىن قىرىق يىل ئازاب چېكىسىلەر ۋە مېنىڭ سىلەردىن يۈز ئۆرۈگىنىمنى بىلىسىلەر. 35مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، ماڭا بىرلىشىپ قارشى تۇرغان بۇ رەزىل خەلققە ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم مۇشۇ چۆلدە ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇلار بۇ چۆلدە ھالاك بولىدۇ، بۇ جايدا ئۆلىدۇ».
36مۇسا كەنئاننى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئاشۇ ئادەملەر قايتىپ كېلىپ، شۇ زېمىن ھەققىدە يامان خەۋەر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇساغا قارشى شىكايەت قىلدى. 37شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ ئادەملەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدى. 38چارلاشقا بارغانلاردىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبلا ئامان قالدى.
39مۇسا بۇ ئىشلارنى ئىسرائىللارغا خەۋەر قىلغاندا، ئىسرائىل خەلقى قاتتىق قايغۇرۇشتى. 40ئەتىسى سەھەردە ئۇلار تاغلىق رايونلارغا بېرىشقا تەييارلىنىپ، «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز» دېيىشتى. 41لېكىن مۇسا ئۇلارغا:
_ سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ ئەمدى سىلەر ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيسىلەر. 42ئۇ يەرگە بارماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە يار ئەمەستۇر. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا مەغلۇپ بولىسىلەر. 43ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردە سىلەرگە قارشى چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلىسىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولمايدۇ، _ دېدى.
44شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆزلۈكىدىن تاغلىق رايونلارغا كېتىشتى. لېكىن مۇسا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قارارگاھتا قالدى. 45تاغلىق رايونلاردا ياشايدىغان ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار تاغلاردىن چۈشۈپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ تاكى خورماھقىچە قوغلاپ زەربە بەردى.
15
قوشۇمچە ھەدىيەلەر
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، 3مېنى مەمنۇن قىلىش ئۈچۈن خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنماقچى بولساڭلار، يەنى مەيلى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قىلماقچى بولساڭلار، مەيلى قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى خالىس قۇربانلىق قىلماقچى بولساڭلار ياكى ھېيتلىرىڭلاردا قۇربانلىق قىلماقچى بولساڭلار، كالا ياكى قوي-ئۆچكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە قۇربانلىق قىلىڭلار.
4پاقلان ياكى ئوغلاق قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن 5ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن بىر لىتىر شاراب سۇنسۇن.
6قوچقار قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر يېرىم لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن 7ۋە بىر يېرىم لىتىر شارابنى ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ.
8قىلغان قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇش ئۈچۈن بىر بۇقىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قىلغاندا، 9بۇنىڭغا قوشۇپ ئىككى لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن 10ۋە ئىككى لىتىر شارابنى ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
11سىلەر بۇقا، قوچقار، پاقلان ياكى ئوغلاق قۇربانلىق قىلغاندا، 12قۇربانلىق قىلغان چارۋا مېلىڭلارنىڭ تۈرى ۋە سانى بويىچە قوشۇمچە ھەدىيەلەرنى سۇنۇڭلار.
13ھەربىر ئىسرائىل مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى سۇنغاندا، مانا مۇشۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلسۇن. 14ئاراڭلاردا ياشاپ كەلگەن ياكى ۋاقتىنچە تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، سىلەر قانداق قىلغان بولساڭلار ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن. 15ئىسرائىللار ۋە ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمە ئوخشاشتۇر. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار. يات خەلقلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر. 16ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەرگىمۇ بۇ قانۇن ۋە قائىدە ئوخشاشتۇر.»
تۇنجى دانلىق زىرائەت ھەدىيەسى
17پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
18_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئېلىپ بارماقچى بولغان زېمىنغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 19ئۇ زېمىننىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغىنىڭلاردا، بىر قىسمىنى ھەدىيە سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. 20تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئۇنىدىن توقاچ پىشۇرۇپ، خاماندىن كەلگەن ھەدىيە سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. 21تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئۇنىدىن مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار. بۇ قائىدىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇڭلار.»
بىخەستەلىكتىن قىلىنغان گۇناھلارنىڭ قۇربانلىقلىرى
22-23«ئەگەر جامائەت ھازىر ياكى كەلگۈسىدە مەن پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلغان بارلىق پەرمانلىرىمغا 24بىلمەسلىكتىن ۋە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ سالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار بىر بۇقىنى مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قائىدە بويىچە ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنسۇن ۋە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنسۇن. 25شۇنداق قىلىپ، روھانىيلار پۈتۈن جامائەتنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە جامائەت كەچۈرۈلىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ گۇناھنى بىخەستەلىكتىن ئۆتكۈزگەندۇر ۋە ئۇلار ئۆز خاتالىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۇنغاندۇر. 26پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەرمۇ كەچۈرۈلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىخەستەلىكتىن خاتالىق ئۆتكۈزگەندۇر.
27ئەگەر بىرەر كىشى بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلسۇن. 28روھانىيلار بىخەستەلىكتىن گۇناھ قىلغان كىشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈلىدۇ. 29مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلسا، ئوخشاش قائىدىگە ئەمەل قىلسۇن. 30ئەمما كىمدىكىم بىلىپ تۇرۇپ قەستەن گۇناھ سادىر قىلسا، مەيلى ئۇ ئىسرائىللاردىن بولسۇن ياكى يات خەلقلەردىن بولسۇن، پەرۋەردىگارغا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 31ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى كەمسىتىپ، مېنىڭ ئەمرىمگە قەستەن خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىلىپ، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.»
دەم ئېلىش كۈنىگە خىلاپلىق قىلىش
32ئىسرائىللار چۆلدىكى ۋاقىتتا بىر كىشىنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. 33ئۇنىڭ ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان كىشىلەر ئۇنى مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. 34بىراق ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش تېخى ئېنىق بولمىغاچقا، ئۇنى نەزەربەندكە ئالدى. 35پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ بۇ كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن. جامائەت ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا چالما-كېسەك قىلسۇن، _ دېدى.
36شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جامائەت ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.
كىيىمگە چۇچا ئېسىپ يۈرۈش ھەققىدە
37پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
38_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە كىيىمىڭلارنىڭ ئېتىكىگە چۇچا ئېسىپ يۈرۈڭلار. ھەربىر چۇچىدا بىر تال كۆك يىپ بولسۇن. 39ھەر قېتىم بۇ چۇچىلارنى كۆرگىنىڭلاردا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرى ئېسىڭلارغا كېلىپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىسىلەر. شۇنداق بولغاندا سىلەر ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنىڭ كەينىگە كىرىپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلمايسىلەر.
40شۇنداق قىلىپ، سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلىسىلەر ۋە مەن خۇدايىڭلارغا ئاتالغان بولىسىلەر. 41مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»
16
كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ ئاسىيلىقى
1لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، قوھاتنىڭ نەۋرىسى، يىزھارنىڭ ئوغلى بولغان كوراھ رۇبېن قەبىلىسىدىن بولغان ئەلىئابنىڭ داتان ۋە ئابىرام قاتارلىق ئوغۇللىرى، شۇنداقلا پەلەتنىڭ ئوغلى ئون بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 2مۇساغا قارشى تۇردى. ئىسرائىللار ئىچىدىكى 250 يېتەكچىمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار جامائەت تەرىپىدىن تاللانغان ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى. 3ئۇلار بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇنغا:
_ سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئېشىپ كەتتىڭلار! ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەربىر ئادىمى پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر، پەرۋەردىگار ئۇلارغىمۇ ياردۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتۇپ، ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىدىن ئۈستۈن تۇتىسىلەر؟ _ دېيىشتى.
4مۇسا بۇنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلىدى. 5ئاندىن ئۇ كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە:
_ ئەتە سەھەردە پەرۋەردىگار كىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئاتالغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا يول قويىدۇ. 6كوراھ، سەن شېرىكلىرىڭ بىلەن ئىسرىقدان ئېلىپ كېلىپ، 7ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارغا چوغ سېلىپ، ئىسرىق سېلىڭلار. پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا، شۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولىدۇ. سىلەر لاۋىيلار ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! _ دېدى.
8مۇسا يەنە كوراھقا قاراپ، مۇنداق دېدى:
_ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! 9ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى باشقا ئىسرائىللاردىن ئايرىۋېلىپ، ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قىلدۇرۇشى، شۇنداقلا پۈتۈن جامائەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ 10ئەي كوراھ، پەرۋەردىگار سېنى ۋە باشقا لاۋىيلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ كەلدى. لېكىن سىلەر ئەمدى روھانىيلىقنىمۇ تالاشماقچىمۇ؟ 11سەن شېرىكلىرىڭ بىلەن بىرلىشىپ، ماڭا قارشى تۇرغىنىڭ ھارۇنغا قارشى تۇرۇش بولماستىن، بەلكى پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرۇشتۇر!
12مۇسا ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان داتان ۋە ئابىرامنى چاقىرتتى. لېكىن ئۇلار:
_ بىز بارمايمىز! 13سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، مۇشۇ چۆلدە ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ ئەجەبا، بۇ يەتمەمدۇ؟ ھازىر سەن يەنە ئۆزۈڭنى پادىشاھ كۆرۈپ، بىزنى باشقۇرماقچىمۇ؟ 14يەنە كېلىپ، سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا تېخى باشلاپ كىرمىدىڭ ياكى ۋەدە قىلغىنىڭدەك ئېكىنزارلىق ۋە ئۈزۈمزارلىقمۇ بەرمىدىڭ. سەن كۆزلىرىمىزنى باغلاپ، بىزنى يەنە داۋاملىق ئالدىماقچىمۇ؟ ياق، بىز بارمايمىز! _ دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن مۇسا ناھايىتى ئاچچىقلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا:
_ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمىغايسەن. مەن ئۇلارنىڭ بىر تۇياق ئېشىكىنىمۇ ئېلىپ باقمىدىم ياكى ئۇلارغا ھېچقانداق ناھەقچىلىك قىلىپ باقمىدىم، _ دېدى.
16شۇنىڭ بىلەن مۇسا كوراھقا يەنە:
_ ئەتە سەن بارلىق شېرىكلىرىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگىن، ھارۇنمۇ كەلسۇن. 17شېرىكلىرىڭ بولغان 250 ئادەم ئۆز ئىسرىقدانلىرىنى ئېلىپ كەلسۇن. سەنمۇ ئىسرىقدىنىڭنى ئېلىپ كەل. ھارۇنمۇ ئېلىپ كەلسۇن. ھەركىم ئۆز ئىسرىقدانلىرىدا ئىسرىق سالسۇن، _ دېدى.
18شۇنىڭ بىلەن ھەركىم ئۆز ئىسرىقدىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چوغ ۋە ئىسرىق سېلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىرگە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتى. 19كوراھ ئۆزىنىڭ بارلىق ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاندى. شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن جامائەتكە زاھىر بولدى. 20پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا:
21_ سىلەر جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىڭلار. مەن مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.
22لېكىن مۇسا بىلەن ھارۇن ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، نالە قىلدى:
_ ئى خۇدا، ئىنسانلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا، بىر ئادەمنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن پۈتۈن جامائەتكە غەزەپلىنەمسەن؟ 23پەرۋەردىگار مۇساغا:
24_ جامائەتكە ئېيتقىن، ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرسۇن! _ دېدى.
25مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ، داتان ۋە ئابىراملارغا قاراپ ماڭدى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 26ئۇ جامائەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ:
_ بۇ رەزىل كىشىلەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار! ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىگە تەگمەڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن سىلەرمۇ بىرلىكتە ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.
27شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراقلاشتى. داتان بىلەن ئابىرام ئاياللىرى ۋە بالىلىرى بىلەن بىرگە چىقىپ، چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتى. 28مۇسا جامائەتكە مۇنداق دېدى:
_ مەن قىلغان بارلىق ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىلىۋاتقانلىقىمنى، شەخسىي غەرىزىمنىڭ يوقلۇقىنى تېزلا بىلىپ قالىسىلەر. 29بۇ كىشىلەر ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلمەيدۇ، ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەر دۇچار بولمايدىغان ئىشلارغا دۇچار بولىدۇ. ئەگەر مېنىڭ دېگەنلىرىم يۈز بەرمىسە، مېنى پەرۋەردىگار ئەۋەتمەپتۇ، دەپ بىلىڭلار. 30ئەگەر پەرۋەردىگار بۇرۇن قىلمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ، يەرنى يېرىپ، ئۇلارنى بارلىق نەرسىلىرى بىلەن بىرگە يەر ئاستىغا، يەنى گۆرگە تىرىكلا ئېلىپ كىرىپ كەتسە، بۇنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىدىن بولغان، دەپ بىلىڭلار.
31مۇسا سۆزلىرىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغىلا، كوراھ، داتان ۋە ئابىرام دەسسەپ تۇرغان يەر يېرىلىپ، 32ئۇلارنى بالىچاقىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرى بىلەن بىرگە بىراقلا يۇتۇپ كەتتى. 33ئۇلار يەر ئاستىغا ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى بىلەن بىرگە تىرىكلا چۈشۈپ كەتتى. يەر ئەسلىگە قايتقىنىدا، ئۇلار ئاللىقاچان جامائەت ئارىسىدىن غايىب بولغانىدى. 34ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلىغان بارلىق ئىسرائىللار بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ، قېچىپ كېتىشكەنىدى.
35پەرۋەردىگار يەنە ئوت چۈشۈرۈپ، ئىسرىق سېلىۋاتقان 250 ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى. 36پەرۋەردىگار مۇساغا:
37_ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا ئېيتقىن، ئۇ ئىسرىقدانلارنى قالدۇق ئوتنىڭ ئىچىدىن ئېلىۋالسۇن. چۈنكى ئىسرىقدانلار مۇقەددەستۇر. چوغلارنى يىراقراق جايغا چېچىۋەتسۇن. 38گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولغانلارنىڭ ئىسرىقدانلىرىنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلىسۇن، چۈنكى ئىسرىقدانلاردا مەن پەرۋەردىگارغا ئىسرىق كۆيدۈرۈلگەندۇر، ئۇلار مۇقەددەستۇر. ئۇلار ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولسۇن، _ دېدى.
39شۇنىڭ بىلەن روھانىي ئەلئازار تۇچ ئىسرىقدانلارنى كۆيۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ يېنىدىن يىغىۋالدى ھەمدە ئۇلارنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلاتتى. 40بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. مۇشۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارغا ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى.
41لېكىن ئەتىسى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ:
_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار! _ دېدى.
42خەلق مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يىغىلغاندا، ئۇلار بىردىنلا ئۇچرىشىش چېدىرىنى بۇلۇتنىڭ ئورىۋالغانلىقىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ نامايان بولغانلىقىنى كۆرۈشتى. 43مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرى ئالدىغا كەلدى. 44پەرۋەردىگار مۇساغا:
45_ جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىڭلار. مەن ئۇلارنى بىراقلا ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.
ئۇلار ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلىدى. 46ئاندىن مۇسا ھارۇنغا:
_ ئىسرىقدىنىڭنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ سالغىن ۋە ئۈستىگە ئىسرىق قويغىن، ئاندىن تېزلىك بىلەن جامائەتنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار قەھر-غەزەپكە كەلدى، ۋابا باشلىنىدىغان بولدى، _ دېدى.
47ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئىسرىقداننى ئېلىپ جامائەت ئارىسىغا يۈگۈرۈپ باردى. كىشىلەر ئارىسىدا ئاللىقاچان ۋابا تارقىلىشقا باشلىغانىدى. ھارۇن ئىسرىق سېلىپ، جامائەتنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىپ، 48ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ۋابا توختىدى. 49لېكىن شۇ كۈنىلا كوراھ سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەردىن باشقا 14,700 ئادەم ۋابا بىلەن جېنىدىن ئايرىلدى. 50ۋابا توختىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا كەلدى.
17
ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلىنىشى
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ھەربىر قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بىردىن جەمئىي 12 تاياق ئېلىپ كەلسۇن. تاياقلارغا قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. 3لاۋىيلارنىڭ تايىقىغا ھارۇننىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. ھەربىر قەبىلە باشلىقىنىڭ بىردىن تايىقى بولسۇن. 4ئۇلارنى سەن ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى مەن پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا قويغىن. 5كىمنىڭ تايىقى بىخ چىقارسا، مەن تاللىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مەن شۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنىڭ سىلەردىن ئاغرىنىشىنى توختىتىمەن.
6شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ تاياقلىرىنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھارۇننىڭ تايىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، جەمئىي 12 تاياق ئىدى. 7مۇسا تاياقلارنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى.
8ئەتىسى مۇسا ئەھدە چېدىرىغا كىرىپ، لاۋىيلارغا تەۋە ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلاپلا قالماي بەلكى غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ ھەم باداملىغانلىقىنى كۆردى. 9مۇسا ھەممە تاياقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى. قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز تاياقلىرىنى ئېلىشتى. 10پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ ھارۇننىڭ تايىقىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قايتا ئاپىرىپ قويغىن. ئۇ قارشى تۇرغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرسۇن. ئەمدى ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى شىكايەتلىرى توختىسۇن، شۇندىلا ئۇلار ئۆلمەيدۇ، _ دېدى.
11مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى.
12ئىسرائىل خەلقى مۇساغا:
_ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق! بىز تۈگەشتۇق، ھەممىمىز تۈگەشتۇق! 13پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقان ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندەك، بىزمۇ ئۆلەرمىزمۇ؟ _ دېيىشتى.
18
لاۋىيلار ۋە روھانىيلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى
1پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
_ سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ، شۇنداقلا لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭ ئىبادەت چېدىرى ھەققىدىكى ئەمرلىرىمگە خىلاپلىق قىلساڭلار، جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر. روھانىيلار ۋەزىپە ئۆتەش جەرياندا ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر.
2سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئەھدە چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغىنىڭلاردا، لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى بىرگە ئېلىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارغا ياردەملەشتۈرۈڭلار. 3ئۇلار سېنىڭ ۋە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن. لېكىن ئۇلار چېدىرغا كىرىپ، چېدىرنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارغا، شۇنداقلا قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا ئۇلار ھەم سىلەر ھالاك بولىسىلەر. 4ئۇلار ساڭا ياردەملىشىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا، چېدىرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن. لاۋىيلاردىن باشقىلارنىڭ سىلەرگە يېقىنلىشىشىغا بولمايدۇ. 5سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراشقا مەسئۇل بولىسىلەر. سىلەر ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىپ، ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپ قىلىشىمدىن ساقلىنىڭلار. 6مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىيلارنى تاللاپ، ئۇلارنى ساڭا ياردەمچى قىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل قىلدىم.
7قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسى
8پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
_ سېنى ئىسرائىللار ماڭا سۇنغان ھەدىيەلەرگە قاراشقا مەسئۇل قىلدىم. ماڭا ئاتالغان ھەدىيەلەرنى ساڭا ۋە ئوغۇللىرىڭغا تەقدىم قىلىپ، سىلەرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نېسىۋەڭلار قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر.
9ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە قىلغان ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەردىن مەيلى ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن، مەيلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولسۇن، مەيلى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرۈلمىگەن قىسمى ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا تەۋەدۇر. 10بۇ نەرسىلەرنى ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلاپ، پەقەت ئەرلەر يېسۇن. بۇ نەرسىلەرنى مۇقەددەس بىلىڭلار.
11ئىسرائىللارنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈپ قىلغان ھەدىيەلىرى ساڭا مەنسۇپتۇر. مەن بۇلارنى ساڭا ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسە بولىدۇ.
12ئسرائىللار ئالغان تۇنجى ھوسۇلدىن ماڭا ھەدىيە قىلغان ئەڭ ياخشى زەيتۇن يېغىنى، شارابلىرىنى ۋە ئاشلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلدىم. 13ئسرائىللار مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بارلىق تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلىنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان ھەممە كىشىلەر ئۇنى يېسە بولىدۇ.
14ئىسرائىللار ماڭا ئاتىغان بارلىق نەرسىلەر ساڭا مەنسۇپ بولسۇن.
15ماڭا ھەدىيە قىلىنغان تۇنجى ئوغۇللار ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ھايۋانلارمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن. لېكىن خەلق تۇنجى ئوغۇل ۋە ناپاك ھايۋاننىڭ تۇنجى ئەركەك پۇشتىنى سىلەرگە ھەق تۆلەپ، قايتۇرۇۋالسۇن. 16ئۇلار ئېيىغا توشقاندا، ھەربىرىدىن مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 60 گىرام كۈمۈش قايتۇرۇۋېلىش ھەققى ئېلىپ، قايتۇرۇپ بېرىڭلار.
17ئەمما كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر. ئۇلارنىڭ قېنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چېچىلسۇن. مايلىرى كۆيدۈرۈلۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى قىلىنسۇن. 18ئۇلارنىڭ گۆشى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە ئوڭ يانپاش ھەدىيەلىرىگە ئوخشاش ساڭا مەنسۇپ بولسۇن.
19ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەنسۇپ قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. بۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ۋە بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدەمدۇر.
لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى
20پەرۋەردىگار ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ ئىسرائىللار ئىگە بولىدىغان زېمىندا سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولمايدۇ. ئۇلارغا نېسىۋە قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىمۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ. چۈنكى مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئۈلۈشۈڭ ۋە نېسىۋەڭدۇرمەن. 21ئىسرائىللار تەقدىم قىلغان بارلىق ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەلەرنى سىلەر لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققى قىلىپ بەردىم. 22ھازىردىن باشلاپ لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆلۈمگە دۇچار بولىدۇ. 23پەقەت لاۋىيلارلا ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سادىر قىلغان سەۋەنلىكلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ. 24چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەسىنى لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى قىلدىم. شۇڭا مەن «لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ» دەپ ئېيتتىم.
لاۋىيلارنىڭ ھەدىيە بېرىشى
25پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
26_ سەن لاۋىيلارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەي لاۋىيلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىپ بەرگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش نېسىۋەڭلارنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ماڭا ھەدىيە قىلىڭلار. 27مەن سىلەرنىڭ ھەدىيەڭلارنى ئىسرائىللارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقى، ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىكى شەربىتىدەك قوبۇل قىلىمەن. 28سىلەر ئىسرائىللارنىڭ تەقدىم قىلغان ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەسىنىڭ ئوندىن بىر ئۆلۈشىنى ماڭا تەقدىم قىلىڭلار. ماڭا بېغىشلىغان بۇ ھەدىيەنى روھانىي ھارۇنغا تاپشۇرۇڭلار. 29سىلەر ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن ماڭا مەنسۇپ بولغان ئۈلۈشنى ماڭا ئاتاپ ھەدىيە قىلىڭلار.»
30لاۋىيلارغا يەنە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئەڭ ياخشىسىنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن بۇنى خاماندىن ياكى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىن كەلگەندەك قوبۇل قىلىمەن. 31قالغانلىرىنى سىلەر ۋە ئائىلەڭلاردىكىلەر نەدىلا يېسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققىدۇر. 32سىلەر ئەڭ ياخشىسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىپ، قالغانلىرىنى يېسەڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەدىيە قىلىنغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىماڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر.»
19
پاكلىنىش سۈيى
1پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللار مەن ئەمر قىلغان بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلسۇن. ئۇلارغا: «سىلەر بىزگە بېجىرىم، نۇقسانسىز ۋە تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان ياش بىر تورۇق ئىنەكنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ ئېيتىڭلار. 3ئاندىن ئۇنى روھانىي ئەلئازارغا بېرىڭلار. ياش ئىنەك قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، روھانىي ئەلئازارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن. 4روھانىي ئەلئازار بارمىقىنى ئۇنىڭ قېنىغا چىلاپ، قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپىگە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن. 5ياش ئىنەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيدۈرۈلسۇن. تېرىسى، گۆشى، قېنى ۋە ئۈچىيىمۇ كۆيدۈرۈلسۇن. 6روھانىي ئازراق قارىغاي شېخى، بىر تۇتام لېپەكگۈل ۋە توق قىزىل يىپنى ئېلىپ، كۆيۈۋاتقان ياش ئىنەكنىڭ ئۈستىگە تاشلىسۇن. 7ئۇنىڭدىن كېيىن روھانىي كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە بويىنى سۇغا سالسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قارارگاھىغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. لېكىن روھانىي كۈن پاتقۇچە يەنىلا ناپاكتۇر. 8ياش ئىنەكنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇمۇ كۈن پاتقۇچە يەنىلا ناپاكتۇر. 9پاك بىر كىشى ياش ئىنەكنىڭ كۈلىنى يىغىپ، قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا قويۇپ قويسۇن. بۇ كۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ پاكلىنىش سۈيىگە سېلىپ ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ساقلىنىدۇ ۋە گۇناھتىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 10كۈلنى يىغقان كىشىمۇ ئوخشاشلا كىيىملىرىنى يۇيسۇن، ئۇمۇ كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. بۇلار ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر.
11ھەرقانداق ئادەم جەسەتكە تەگسە، يەتتە كۈنگىچە ناپاكتۇر. 12ئۇ ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىش سۈيى بىلەن ئۆزىنى پاكلىسۇن. شۇندىلا ئۇ پاك بولىدۇ. مۇبادا ئۇ ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى ئۆزىنى پاكلىمىغان بولسا، ئۇ يەنىلا ناپاكتۇر. 13ھەرقانداق بىر ئادەم جەسەتكە تېگىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى پاكلىمىغان بولسا، ئۇنداق ئادەم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىسرائىللارنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تېخى ناپاكتۇر.
14ئەگەر بىرەرسى چېدىردا قازا قىلسا، تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈلسۇن: ئەگەر ئادەم قازا قىلغاندا بىرەرسى شۇ چېدىردا بولسا ياكى بىرەرسى چېدىرغا سىرتتىن كىرسە، ئۇلار يەتتە كۈنگىچە ناپاكتۇر. 15قاپقىقى بار ھەرقانداق قاچا-قۇچا ئوچۇق قالسا ناپاكتۇر. 16ئەگەر بىر ئادەم سىرتتا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جەسىتىگە ياكى سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن بولسا، ئوخشاشلا يەتتە كۈنگىچە ناپاكتۇر. 17بۇ ناپاك كىشىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن كۆيدۈرۈلگەن پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ كۈلىدىن كۈپكە سېلىپ، ئۈستىگە پاكىز سۇ قۇيۇلسۇن. 18ئاندىن پاك بىر كىشى لېپەكگۈلنى ئۇ سۇغا چىلاپ، چېدىرغا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە ھەمدە ئۇ يەردىكى ئادەملەرگە سەپسۇن. قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جەسىتىگە ياكى سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ئادەمگىمۇ ئاشۇ سۇدىن سېپىلسۇن. 19پاك كىشى ناپاك كىشىگە ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى سۇ سەپسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىدۇ. پاكلانغان كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە بويىنى سۇغا سالسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ كىشى شۇ كۈنى كېچىسى پاكلىنىدۇ.
20ناپاك تۇرۇپ ئۆزىنى پاكلىمىغان ھەرقانداق كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغايدۇ. پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە ئۇ ناپاكتۇر. 21بۇ سىلەر ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. پاكلىنىش سۈيىنى سەپكەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن. پاكلىنىش سۈيىگە تەگكەن ھەرقانداق بىر كىشى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 22ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇ كىشىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىمۇ كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
20
مۇسانىڭ تاشتىن سۇ چىقىرىشى
1ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن جامائىتى زىن چۆلىگە 1-ئايدا* يېتىپ كېلىپ، كادېش دېگەن جايدا تۇرۇپ قالدى. مەريەم شۇ يەردە قازا قىلىپ، دەپنە قىلىندى.
2ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئالدىغا توپلاشتى. 3ئۇلار مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشتى:
_ بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! 4سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى بۇ چۆلگە باشلاپ كەلدىڭلار؟ بىزنى ۋە ماللىرىمىزنى بۇ چۆلدە ئۆلسۇن دېگەنمىدىڭلار؟ 5بىزنى نېمە ئۈچۈن مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ ھالاكەتلىك يەرگە ئېلىپ كەلدىڭلار؟ بۇ جايدا نە ئاشلىق، نە ئەنجۈر دەرىخى، نە ئۈزۈم تېلى، نە ئانار دەرىخى بولسۇن، ھەتتا ئىچىدىغانغا سۇمۇ يوق!
6مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەتتىن ئايرىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارغا زاھىر بولدى. 7پەرۋەردىگار مۇساغا:
8_ تايىقىڭنى ئالغىن ۋە ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغقىن. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ يەردىكى تاشقا بۇيرۇق بەرگىن، تاشتىن سۇ چىقىدۇ. سۇ چىققاندىن كېيىن، جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى سۇ ئىچسە بولىدۇ، _ دېدى.
9مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئەھدە ساندۇقى ئالدىدىن تايىقىنى ئالدى. 10ئۇ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى. مۇسا ئۇلارغا:
_ ئەي ئىسيانكارلار، ئەجەبا سىلەرگە قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ _ دېدى.
11ئاندىن مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ، تاياق بىلەن تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى سۇدىن ئىچىشتى. 12لېكىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا:
_ سىلەر ماڭا تولۇق ئىشەنمىدىڭلار، ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار، شۇڭا سىلەر خەلقنى مەن سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايسىلەر، _ دېدى.
13بۇ يەر «مىرىبا سۈيى» [مەنىسى «جېدەللىشىش سۈيى»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى بۇ يەردە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار بىلەن جېدەللەشكەن ۋە پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئۇلارغا نامايان قىلغانىدى.
ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئىسرائىللارغا يول بەرمەسلىكى
14مۇسا كادېشتىن ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئىدوم پادىشاھىغا يەتكۈزدى:
«بۇ قېرىنداشلىرى ئىسرائىل خەلقىنىڭ سۆزلىرىدۇر: ‹سىلىنىڭ بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق كۈلپەتلەردىن خەۋەرلىرى بار. 15بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا بېرىپ نۇرغۇن يىللار ياشىغانىدى. مىسىرلىقلار ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ۋە بىزگە زۇلۇم سالدى. 16بىز پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدۇق، ئۇ نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر بىز سىلىنىڭ زېمىنلىرىنىڭ چېگراسىدىكى كادېشتا تۇرۇۋاتىمىز.
17بىزنىڭ سىلىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزغا يول قويغايلا. بىز ئېتىزلىقلىرىدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقلىرىدىن ماڭمايمىز، قۇدۇقلىرىدىن سۇ ئىچمەيمىز. بىز زېمىنلىرىدىن ئۆتكۈچە چوڭ خانلىق يولدا ماڭىمىز، يولدىن چەتنەپ كەتمەيمىز.›»
18لېكىن ئىدوم پادىشاھى جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ سىلەر مېنىڭ زېمىنىمدىن ئۆتسەڭلار بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قىلىچىمىزنى سىلەرگە قارىتىپ، ھۇجۇمغا ئۆتىمىز.
19ئىسرائىللارنىڭ ئەلچىلىرى:
_ بىز پەقەتلا چوڭ يولدا ماڭىمىز. ئەگەر بىز ياكى چارۋىلىرىمىز سۇلىرىنى ئىچىپ سالساق، ھەققىنى بېرىمىز. بىز پەقەت ئۆتۈپ كېتىشنىلا سورايمىز، _ دېدى. 20ئىدوم پادىشاھى:
_ سىلەرنى ئۆتكۈزمەيمىز، _ دېدى.
ئاندىن ئىدوم پادىشاھى ئۇلارغا قارشى زور، كۈچلۈك قوشۇن بىلەن ئاتلاندى. 21ئىدوم پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئۆتۈشىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئايلىنىپ باشقا يول بىلەن ماڭدى.
ھارۇننىڭ ۋاپات بولۇشى
22پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى كادېشتىن چىقىپ، ھور تېغىغا كەلدى. 23ئىدوم چېگراسىدىكى ھور تېغىدا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
24_ ھارۇننىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇ مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلىدىغان زېمىنغا كىرەلمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىڭلار «مىرىبا سۈيى»دە مېنىڭ ئەمرىمگە قارشى چىقتىڭلار. 25ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى ھور تېغىغا ئېلىپ چىققىن. 26ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يېشىپ، ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈرگىن. شۇ جايدا ھارۇن ئالەمدىن ئۆتۈپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.
27مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى بەجا كەلتۈردى. ئۇلار پۈتۈن خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى. 28مۇسا ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يېشىپ، ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈردى. ئاندىن ھارۇن شۇ تاغ ئۈستىدە قازا قىلدى. كېيىن مۇسا بىلەن ئەلئازار تاغدىن قايتىپ چۈشتى. 29پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھارۇننىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇز كۈن ھازا تۇتتى.
21
ئاراد پادىشاھىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى
1نەگېب چۆللۈكىگە جايلاشقان ئارادنىڭ كەنئانلىق پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئاتارىمغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەسىرگە ئالدى. 2شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر سەن بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ، ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىمىز» دەپ قەسەم قىلدى. 3پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلاپ، كەنئانلارنى ئۇلارغا تاپشۇردى. ئۇلار كەنئانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلدى. شۇڭا ئۇ جاي خورماھ [مەنىسى «ھالاكەت»] دەپ ئاتالدى.
تۇچ يىلان
4ئىسرائىللار ھور تېغىدىن قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يولغا چىقىپ، ئىدومدىن ئايلىنىپ ئۆتمەكچى بولدى. لېكىن كىشىلەر يولدا تاقەتسىزلىنىپ، 5خۇدا ۋە مۇسادىن ئاغرىنىشقا باشلىدى:
_ سەن نېمىشقا بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ چۆلدە ئۆلۈمگە باشلايسەن؟ بۇ جايدا يا نان يوق، يا سۇ يوق! ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز بۇ ناچار ماننادىن تويۇپ كەتتۇق! _ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى. يىلانلار نۇرغۇن ئىسرائىللارنى چېقىپ ئۆلتۈردى. 7خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ بىز سەن ۋە پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ، گۇناھ قىلدۇق. پەرۋەردىگاردىن يىلانلارنى بىزدىن يىراق قىلىشىنى تىلەپ، دۇئا قىلغايسەن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلدى. 8پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ يىلاندىن بىرنى ياساپ، خادىنىڭ ئۈستىگە ئورناتقىن. يىلان چاققان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا قارىسا ھايات قالىدۇ.
9شۇڭا مۇسا تۇچتىن بىر يىلان ياساپ، ئۇنى خادىنىڭ ئۈستىگە ئورناتتى. شۇنىڭدىن كېيىن يىلان چېقىۋالغان ئادەم تۇچتىن ياسالغان يىلانغا قاراپ، ھايات قالدى.
موئاب تۈزلەڭلىكىگە سەپەر
10ئىسرائىللار يەنە سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئوبوتتا قارارگاھ قۇردى. 11ئاندىن ئۇلار ئوبوتتىن چىقىپ، ئابارىم تاغلىرىدىكى ئىيىمغا كەلدى ۋە موئابنىڭ شەرقىي چېگراسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چۆلدە قارارگاھ قۇردى. 12ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، زەرەد جىلغىسىدا قارارگاھ قۇردى. 13ئاندىن ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا قارارگاھ قۇردى. بۇ جاي ئامورلارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشىدىغان چۆلدە ئىدى. ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسى بولۇپ، موئاب بىلەن ئامورلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. 14شۇڭا بۇ جايلار «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى»گە پۈتۈلگەنىدى. ئۇلار: «... سۇفاھتىكى ۋاھېب بازىرى، ئارنوننىڭ چوڭقۇر جىلغىلىرى، 15ئار يېزىسىغا يېتىپ بارىدىغان ۋە موئاب چېگراسىغا سوزۇلىدىغان جىلغىلارنىڭ باغرىلىرى...» قاتارلىق جايلار ئىدى.
16ئۇلار ئۇ جايدىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بەئەرگە [مەنىسى «قۇدۇق»] باردى. بۇ يەر پەرۋەردىگار مۇساغا: «خەلقنى يىغقىن، مەن ئۇلارغا سۇ بېرىمەن» دېگەن يەر ئىدى. 17ئۇ چاغدا ئىسرائىللار تۆۋەندىكى ناخشىنى ئېيتقانىدى:
«ئەي قۇدۇق، ئېتىلىپ چىققاي سۇلىرىڭ،
كۈيلىگەيمىز بىز سېنى،
18ئەل باشچىلىرى، ئەل سەركىلىرى كولاپ سېنى،
سەلتەنەت ھاسىلىرىدا قازغانىدى.»
ئاندىن ئۇلار چۆلدىن چىقىپ، ماتتاناغا باردى. 19ماتتانادىن ناخالىئېلغا، ناخالىئېلدىن باموتقا، 20باموتتىن موئاب زېمىنىغا، يەنى چۆلنى كۆرگىلى بولىدىغان پىسگاھ تېغىنىڭ بويىدىكى جىلغىغا يېتىپ باردى.
سىخون ۋە ئوگ پادىشاھلارنىڭ تارمار قىلىنىشى
21ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا ئەلچى ئەۋەتىپ:
22«بىزنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغان بولسىلا. بىز ئېتىزلىقلىرىدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقلىرىدىن ماڭمايمىز، قۇدۇقلىرىدىن سۇ ئىچمەيمىز. بىز تاكى سىلىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈپ بولغۇچە، پەقەت چوڭ خانلىق يولدىلا ماڭىمىز» دېدى.
23لېكىن سىخون ئىسرائىللارنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى يىغىپ، چۆلگە بېرىپ، ياھاز دېگەن جايدا ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. 24ئىسرائىللار پادىشاھ سىخوننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىدىن ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋېلىپ، مۇداپىئەسى كۈچلۈك بولغان ئاممونلارنىڭ چېگراسىغىچە يېتىپ باردى. 25ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى، جۈملىدىن خەشبون ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ئىگىلىدى ۋە ئۇ يەرلەرگە ئولتۇراقلاشتى. 26خەشبون ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ شەھىرى بولۇپ، سىخون موئابلارنىڭ ئاۋۋالقى پادىشاھى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان بارلىق زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى. 27شۇڭا بەزىلەر بۇ توغرۇلۇق مۇنداق قوشاق توقۇغانىدى:
«خەشبون شەھىرىگە كېلىپ، ئۇنى قايتا قۇرسۇن،
سىخوننىڭ شەھىرى قايتا بىنا بولسۇن.
28يالقۇن خەشبوندىن چىقتى،
سىخون شەھىرىدىن ئاتەش ياندى.
موئابنىڭ ئار شەھىرىنى يالماپ،
ئارنون ئېگىزلىكىنىڭ پۇقرالىرىنى كۆيدۈردى.
29ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي موئابلار!
ئاھ كىموش ئىلاھىنىڭ خەلقى، تۈگەشتىڭلار ئەمدى!
ئىلاھىڭلار ئوغۇللىرىنىڭ قاچاق بولۇشىنى توسالمىدى،
ئىلاھىڭلار قىزلىرىنىڭ تۇتقۇن بولۇشىنى توسالمىدى،
ئۇلار ئامور پادىشاھى سىخوننىڭ بولدى.
30بىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدۇق،
خەشبوننى ۋەيران قىلدۇق تاكى دىبونغىچە.
پايخان قىلدۇق ئۇلارنى تاكى نوفاخقىچە،
نوفاختىن ھەتتا مېدىباغىچە.»
31شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئولتۇراقلاشتى. 32مۇسا يازېر شەھىرىنى چارلاشقا ئادەم ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ئىگىلىدى ۋە ئۇ جايدىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقاردى. 33ئاندىن ئىسرائىللار ئارقىسىغا يېنىپ، باشانغا قاراپ يول ئالدى. باشان پادىشاھى ئوگ پۈتۈن لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئەدرەئىدە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولدى. 34پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.
35شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئوگنى ئوغۇللىرى ۋە پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ تارمار قىلدى. ئۇلاردىن ھېچكىمنى ئامان قويمىدى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىدى.
22
موئاب پادىشاھىنىڭ بىلئامنى چاقىرتىشى
1ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىگە يېتىپ بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدە قارارگاھ قۇردى. 2زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاق ئىسرائىللارنىڭ ئامورلارنى قىرغىن قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانىدى. 3ئىسرائىللارنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىدىن موئابلار قورقۇنچتا قالدى. ۋەھىمىدە قالغان موئابلار 4مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا:
_ خۇددى كالىلار ئوتلاقتىكى ھەممە چۆپلەرنى يەۋەتكەندەك، بۇ بىر توپ ئادەملەر ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان بولدىغۇ ئاخىر، _ دېيىشتى.
بۇ چاغدا زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى 5ئاماۋ زېمىنىدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان پىتور شەھىرىدە ياشايدىغان بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامغا ئەلچى ئەۋەتىپ، تۆۋەندىكى خەۋەرنى يەتكۈزمەكچى بولدى:
«مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ، بېسىپ كەلدى. ئۇلار قارشى تەرىپىمگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 6ئۇلار مەندىن قۇدرەتلىك ئىكەن، مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. شۇنداق بولغاندىلا، بەلكىم مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلەرمەن. بىلىمەن، سەن كىمگە بەخت تىلىسەڭ، شۇ بەختكە ئېرىشىدۇ، كىمنى قارغىساڭ، شۇ قارغىشقا قالىدۇ.»
7موئاب ۋە مىديانلارنىڭ ئەلچىلىرى بولغان ئاقساقاللار بىلئامغا سوۋغا قىلماقچى بولغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار بىلئامنىڭ قېشىغا يېتىپ كېلىپ، بالاقنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. 8بىلئام ئۇلارغا:
_ بۈگۈن كېچە مۇشۇ يەردە قونۇڭلار. پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن سىلەرگە شۇ بويىچە جاۋاب بېرىمەن، _ دېدى.
موئابتىن كەلگەن ئەلچىلەر بىلئامنىڭ يېنىدا قالدى. 9خۇدا بىلئامغا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭدىن:
_ بۇلار كىم؟ _ دەپ سورىدى. 10بىلئام جاۋاب بېرىپ:
_ بۇلار زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاقنىڭ ئەلچىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، 11مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ كېتىپتۇ. بالاق مېنىڭ ئۇ خەلقنى قارغىشىمنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۇنداق بولغاندا، پادىشاھ بالاق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى قوغلىۋېتەلىشى مۇمكىن ئىكەن، _ دېدى. 12خۇدا بىلئامغا مۇنداق دېدى:
_ سەن ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىپ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ خەلق مەن بەخت ئاتا قىلغان خەلقتۇر.
13ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرىگە:
_ سىلەر يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، سىلەر بىلەن بىرگە بېرىشىمغا پەرۋەردىگار رۇخسەت قىلمىدى، _ دېدى.
14موئابنىڭ ئەلچىلىرى قايتىپ بېرىپ، بالاققا:
_ بىلئام بىز بىلەن بىرگە كېلىشكە ئۇنىمىدى، _ دېدى.
15بالاق ئالدىنقى قېتىمدىن ھەم كۆپ، ھەم ئابرۇيلۇق بولغان ئەلچىلەرنى يەنە ئەۋەتتى. 16ئۇلار بىلئامنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:
_ زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق سىزنى مەيلى قانداق قىلمىسۇن، چوقۇم كەلسۇن! 17مەن ئۇنى مەردلەرچە تارتۇقلايمەن. ئۇ خالىغىنىنى ئالسۇن، پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇ خەلقنى قارغىشىنىلا ئۆتۈنىمەن، _ دېدى. 18بىلئام جاۋابەن:
_ بالاق خەزىنىسىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ماڭا بەرگەن تەقدىردىمۇ، مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ئەمرىسىز ھېچقانداق بىر ئىش قىلمايمەن. 19سىلەر بۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ يەنە قانداق تاپشۇرۇقلىرىنىڭ بارلىقىغا قاراپ باقايلى، _ دېدى.
20شۇ كېچىسى خۇدا بىلئامغا زاھىر بولدى ۋە مۇنداق دېدى:
_ بۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەنىكەن، ئۇلار بىلەن بىرگە بارساڭمۇ بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلغىن.
21بىلئام سەھەر تۇرۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، موئابنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە يۈرۈپ كەتتى.
22بىلئام ماڭغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى. بىلئام ئېشىكىنى مىنىپ، ئىككى خىزمەتكارىنى ئەگەشتۈرۈپ يولدا كېتىۋاتاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يولىنى توستى. 23ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئېلىپ يولنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چەتنەپ ئېتىزلىققا كىرىپ كەتتى. بىلئام ئېشەكنى ئۇرۇپ يولغا قايتۇرۇپ كەلدى. 24پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئارىسىدىكى بىر تار چىغىر يولدا تۇراتتى، ئىككى تەرىپى تام ئىدى. 25ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، تام تەرەپكە قىستىلىپ مېڭىپ، بىلئامنىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرۇپ قويدى. بىلئام يەنە ئېشەكنى ئۇردى. 26پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىغىراق بېرىپ، يولنىڭ تېخىمۇ تار يېرىدە تۇردى. ئىككى تەرىپىدە ئادەم ئۆتكۈدەك يەر يوق ئىدى. 27ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، يەردە يېتىۋالدى. بىلئام غەزەپلىنىپ، ئېشەكنى ھاسىسى بىلەن ئۇردى. 28پەرۋەردىگار ئېشەكنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بىلئامغا:
_ سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ، مەن قانداق خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، _ دېگۈزدى. 29بىلئام:
_ سەن مېنى ئەخمەق قىلدىڭ، ئەگەر قىلىچىم بولغان بولسا، سېنى ھازىرلا ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم، _ دېدى. 30ئېشەك:
_ مەن سېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى مىنىپ يۈرگەن ئېشىكىڭمەن، مەن بۇرۇن مۇشۇنداق قىلىپ باققانمىدىم؟ _ دەپ سورىدى. بىلئام جاۋاب بېرىپ:
_ ياق، _ دېدى.
31دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بىلئامنىڭ كۆزىنى روشەنلەشتۈردى. بىلئام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يولدا قىلىچ تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى. 32پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلئامغا مۇنداق دېدى:
_ ئېشىكىڭنى ئۈچ قېتىم ئۇرغىنىڭ توغرىمۇ؟ مەن ئالايىتەن سېنى توسقىلى كەلدىم، چۈنكى سېنىڭ يولۇڭ گۇناھ يولىدۇر. 33ئېشىكىڭ مېنى كۆرۈپ، ئۈچ قېتىم يولدىن چەتنىدى. بولمىسا ئاللىقاچان سېنى ئۆلتۈرۈپ، ئېشەكنى قويۇۋەتكەن بولار ئىدىم.
34بىلئام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق دېدى:
_ مەن گۇناھ قىلدىم، سېنىڭ يول توسۇپ تۇرغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. ئەگەر سەن مېنىڭ بېرىشىمدىن خۇرسەن بولمىساڭ، مەن ھازىرلا قايتىپ كېتەي.
35پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى:
_ بۇلار بىلەن بىرگە بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ ئېيتقىنىمنى ئېيتقىن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە يۈرۈپ كەتتى.
36بالاق بىلئامنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، موئابتىكى ئارنون دەرياسى بويىغا جايلاشقان چېگرا شەھەرگە كېلىپ كۈتۈۋالدى. 37بالاق بىلئامدىن:
_ ئالدىنقى قېتىم مەن سېنىڭ چوقۇم كېلىشىڭنى ئۆتۈنگەنىدىم. سەن نېمىشقا كەلمىدىڭ؟ ئەجەبا، سېنى مەردلەرچە تارتۇقلىيالماسمىدىم؟ _ دەپ سورىدى. 38بىلئام مۇنداق دېدى:
_ مانا، مەن ھازىر كەلدىم. لېكىن مەن ئۆزۈم خالىغانچە سۆزلىيەلمەيمەن، پەقەت خۇدانىڭ ئېيتقىنى بويىچىلا سۆزلەيمەن، _ دېدى.
39بالاق بىلەن بىلئام بىرلىكتە قىريات-خۇزوت شەھىرىگە كەلدى. 40بالاق ئۇ يەردە كالا ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، بىلئام ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىلەرگە سۇندى. 41ئىككىنچى كۈنى سەھەردە بالاق بىلئامنى ئەگەشتۈرۈپ، باموت-بائالغا كەلدى. ئۇ يەردىن بىر قىسىم ئىسرائىللارنى كۆرگىلى بولاتتى.
23
بىلئامنىڭ بىرىنچى بايانى
1بىلئام بالاققا:
_ بۇ يەرگە مەن ئۈچۈن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار تەييارلىغىن، _ دېدى.
2بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىلىرىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقار قۇربانلىق قىلدى. 3ئاندىن بىلئام بالاققا:
_ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن، مەن ئالدى تەرەپكە باراي، بەلكىم پەرۋەردىگار مەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالار. پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى ساڭا يەتكۈزىمەن، _ دېدى ۋە بىر تاقىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتى.
4خۇدا بىلئامنىڭ ئالدىدا زاھىر بولدى. بىلئام ئۇنىڭغا:
_ مەن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، ھەربىرىدە بىر تۇياقتىن بۇقا، بىر تۇياقتىن قوچقار قۇربانلىق قىلدىم، _ دېدى.
5پەرۋەردىگار بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن:
_ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن، _ دېدى.
6بىلئام قايتىپ بارغاندا، بالاق موئابنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا ئىدى. 7بىلئام تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى:
«موئاب پادىشاھى بالاق مېنى ئاررامدىن ئېلىپ كەلدى،
ئۇ مېنى شەرقىي تاغلاردىن تەكلىپ قىلدى.
ئۇ ماڭا: ‹ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى قارغىغىن،
ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇغىن!› دېدى.
8لېكىن خۇدا قارغىمىسا،
مەن قانداق قارغىيالايمەن؟
پەرۋەردىگار لەنەتلىمىسە،
مەن قانداق لەنەتلىيەلەيمەن؟
9مەن ئېگىز قىيا تاشلاردىن ئۇلارغا نەزەر سالدىم،
ئېگىز تۆپىلىكلەردىن ئۇلارغا باقتىم.
ئۇلار ئايرىم ياشايدىغان خەلقتۇر،
ئۇلار ‹باشقىلارغا ئەسلا ئوخشىمايمىز› دەپ ئويلايدۇ.
10ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى خۇددى چاڭ-توزاندەك كۆپتۇر،
كىم ئۇلارنىڭ سانىنى ئالالايدۇ؟
كىم ئىسرائىللارنىڭ تۆتتىن بىرىنى ساناپ چىقالايدۇ؟
مەن ئۇلارغا ئوخشاش دۇرۇس ئادەم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتەي،
ئاخىرىتىم خۇددى ئۇلارنىڭكىدەك بولسۇن.»
11بالاق بىلئامغا:
_ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاشقا ئەكەلسەم، سەن ئۇلارغا بەخت تىلەۋاتىسەنغۇ! _ دېدى. 12بىلئام مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار ماڭا دېيىشكە بۇيرۇغان سۆزلەرنى دېمەسلىكىمگە نېمە ھەددىم؟
بىلئامنىڭ ئىككىنچى بايانى
13بالاق مۇنداق دېدى:
_ يۈر، مەن بىلەن باشقا يەرگە بارغىن. ئۇ يەردىن باشقا ئىسرائىللارنى كۆرەلەيسەن. سەن شۇ يەردە مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغىغىن.
14ئۇ بىلئامنى پىسگاھ تېغىنىڭ زۇفىم ئېگىزلىكىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقار قۇربانلىق قىلدى. 15بىلئام بالاققا:
_ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن. مەن نېرىراق يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن كۆرۈشىمەن، _ دېدى.
16پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئالدىدا زاھىر بولۇپ، بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ:
_ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن، _ دېدى. 17بىلئام بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ موئاب ئەمەلدارلىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى.
بالاق:
_ پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى. 18بىلئام تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى:
«ئى بالاق، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا،
ئى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.
19خۇدا ئىنسان ئەمەس، ئۇ يالغان سۆزلىمەس،
خۇدا ئىنساننىڭ بالىسىدەك ئەمەس، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتمەس.
ئۇ دېگىنىنى قىلماي قويماس،
ۋەدىسىنى ئورۇندىماي قالماس.
20بەخت تىلەشكە ئەمر ئالدىم،
ئۇ تىلىگەن بەختنى مەن ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىم يوق.
21ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا كۈلپەت چۈشمەس،
ئىسرائىللار بېشىغا بالا-قازا كەلمەس.
ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدا ئۇلارغا ياردۇر،
ئۇلار ئۆز پادىشاھى بولغان پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار ياغدۇرار.
22خۇدا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى،
ئۇ خۇددى ياۋايى بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر.
23ھېچبىر سېھىرگەرلىك ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا كار قىلمايدۇ،
ھەرقانداق قارغىشمۇ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلالمايدۇ.
ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەر ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللار ھەققىدە:
‹قاراڭلار، خۇدانىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا!› دېيىشىدۇ.
24بۇ خەلق ئانا شىرغا ئوخشاش ئېتىلىدۇ،
خۇددى ئەركەك شىردەك سەكرەيدۇ،
ئولجىسىنى يېمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ،
ئولجىسىنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە ئارام ئالمايدۇ.»
25بالاق بىلئامغا:
_ سەن ئۇلارنى قارغىمىساڭ مەيلى، ئەمما ئۇلارغا بەخت تىلىمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى، _ دېدى. 26بىلئام جاۋاب بېرىپ:
_ مەن ساڭا مەن چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلىمەن دېمىدىممۇ؟ _ دېدى. 27بالاق:
_ كەل، سېنى باشقا بىر يەرگە باشلاپ باراي. خۇدا ئۇ يەردە بولسىمۇ سېنىڭ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغىشىڭغا يول قويۇپ قالار، _ دېدى.
28ئۇ بىلئامنى چۆلنى كۆرگىلى بولىدىغان پىئور چوققىسىغا ئېلىپ چىقتى. 29بىلئام بالاققا:
_ سەن بۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار ھازىرلىغىن، _ دېدى.
30بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقار قۇربانلىق قىلدى.
24
بىلئامنىڭ ئۈچىنچى بايانى
1بىلئام ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىدىن ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇڭا ئۇ بۇ قېتىم ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىدەك بەلگە- بېشارەتلەرنى ئىزدىمەستىن، بەلكى چۆلگە يۈزلەندى. 2ئۇ كۆردىكى، ئىسرائىللار چۆلدە قەبىلە-قەبىلە بويىچە قارارگاھ قۇرغانىدى. خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشتى، 3بىلئام تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى:
«بۇ بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ قىلغان سۆزىدۇر،
بۇ كۆزى ئېچىلغان ئادەمنىڭ سۆزىدۇر.
4ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ،
ھوشىدىن كەتسىمۇ،
ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرەلەيدۇ.
5ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل!
ئەي ئىسرائىللار، قارارگاھلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل!
6ئىسرائىللار خۇددى بىپايان خورمىزارلىقلارغا،
ساھىلدىكى باغلارغا،
خۇددى پەرۋەردىگار تېرىغان خۇش پۇراقلىق دەرەخلەرگە،
سۇ بويىدىكى كېدىر دەرەخلىرىگە ئوخشايدۇ.
7ئۇلارنىڭ چېلەكلىرىدىن سۇ تېشىپ تۇرىدۇ،
تېرىغان ئۇرۇقلىرى سۇغا تويۇنىدۇ.
ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگتىن بۈيۈكتۇر،
پادىشاھلىقى ئۇلۇغلىنىدۇ.
8خۇدا ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى،
ئۇ خۇددى ياۋايى بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر.
ئۇلار دۈشمەنلىرىنى يالماپ يۇتۇپ،
ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىۋېتىدۇ.
ئوقيالىرى دۈشمەنلىرىنى تېشىپ ئۆتىدۇ.
9ئۇلار سوزۇلۇپ ياتقان ئەركەك شىرغا
ھەم چىشى شىرغا ئوخشايدىغان تۇرسا،
كىممۇ ئۇلارنى ئويغىتىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟
ئۇلارغا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي،
ئۇلارنى قارغىغانلار قارغىشقا قالغاي.»
10بالاق بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئاچچىقلىنىپ، مۇشتۇمىنى تۈگدى ۋە بىلئامغا:
_ مەن سېنى دۈشمىنىمنى قارغاشقا تەكلىپ قىلسام، ئەكسىچە سەن ئۇلارغا ئۈچ قېتىم بەخت تىلىدىڭ. 11ئەمدى ئۆيۈڭگە قايتىپ كەت، مەن سېنى كاتتا تارتۇقلايمەن دېگەنىدىم، بىراق پەرۋەردىگارىڭ بۇنى ساڭا نېسىپ قىلمىدى، _ دېدى. 12بىلئام جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ سەن ئەۋەتكەن ئەلچىلەرگە بۇنى دېمىگەنمىدىم؟ 13سەن ماڭا ئورداڭدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بەرگەن تەقدىردىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەيلى ياخشى ياكى يامان ئىش بولسۇن، ئۆزۈمنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايمەن. مەن پەقەت پەرۋەردىگار «سۆزلە» دېگەننى سۆزلەيمەن. 14مەن ھازىر ئۆيۈمگە قايتىپ كېتىمەن، لېكىن مەن ساڭا ئىسرائىللارنىڭ كەلگۈسىدە خەلقىڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي.
بىلئامنىڭ تۆتىنچى بايانى
15بىلئام تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى:
«بۇ بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ قىلغان سۆزىدۇر،
كۆزى ئېچىلغان ئادەمنىڭ سۆزىدۇر.
16ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ،
ئۇلۇغ خۇدانىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىدۇ،
ھوشىدىن كەتسىمۇ،
ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرەلەيدۇ.
17غايىبانە ئالامەتتە بىرسىنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ھازىر بۇ يەردە ئەمەس.
ئۇنىڭغا قارىدىم، لېكىن ئۇ يېقىنمۇ ئەمەس.
دېمەك، بىر يۇلتۇز چىقار ياقۇپ نەسلىدىن،
بىر سەلتەنەت ھاسىسى چىقار ئىسرائىللاردىن.
ئۇ موئابنىڭ پېشانىسىنى ئۇرۇپ يارىدار قىلار،
شېتنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىنى چېقىپ تاشلار.
18ئۇ ئىدومنى بويسۇندۇرۇپ،
دۈشمەن بولغان سەئىرنىمۇ ئىگىلەيدۇ.
ئىسرائىللار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
19ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ،
ئىدومنىڭ شەھەرلىرىدىكى قالغان خەلقلەرنى يوقىتىدۇ.»
20بىلئام غايىبانە ئالامەتتە ئامالەكلەرنى كۆرۈپ، تۆۋەندىكىنى بايان قىلدى:
«ئامالەكلەر ئەللەر ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولسىمۇ،
لېكىن ئۇلار ئاخىر ھالاك بولار.»
21بىلئام غايىبانە ئالامەتتە قېنلارنى كۆرۈپ، تۆۋەندىكىنى بايان قىلدى:
«ئەي قېنلار، گەرچە سىلەرنىڭ قارارگاھىڭلار مۇستەھكەم،
ئۇۋاڭلار تىك ياردا بولسىمۇ،
22لېكىن سىلەر چوقۇم زاۋاللىققا يۈزلىنىپ،
ئاسسۇرلارغا ئەسىر بولىسىلەر.»
23بىلئام يەنە تۆۋەندىكىنى بايان قىلدى:
«خۇدا بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، كىممۇ ھايات قالىدۇ؟
24سىپرۇستىن كېمىلەر كېلىپ،
ئاسسۇرلار بىلەن ئېبەرلەرنى بويسۇندۇرىدۇ.
لېكىن ئۇلار ئۆزىمۇ ھالاك بولىدۇ.»
25بىلئام سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇرتىغا قايتتى، بالاقمۇ قايتىپ كەتتى.
25
ئىسرائىللارنىڭ پىئوردا ئازدۇرۇلۇشى
1ئىسرائىللار شىتتىمدىكى ۋاقتىدا بىر قىسىم ئەرلەر موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشقا باشلىدى. 2موئاب قىزلار ئۇلارنى موئابلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارنىڭ قۇربانلىق زىياپەتلىرىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، سۇنۇلغان قۇربانلىقلاردىن غىزالىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇت ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. 3شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار پىئوردىكى ئىلاھ بائالغا باغلىنىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، 4مۇساغا:
_ مېنىڭ ئەمرىم بويىچە ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرىنى تۇتۇپ، خەلقىئالەمنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باسقىن، _ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ سوتچىلىرىغا:
_ ئادىمىڭلار ئارىسىدىكى پىئوردىكى ئىلاھ بائالغا چوقۇنغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.
6دەل شۇ چاغدا ئىسرائىللاردىن بىرى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا مۇشۇ گۇناھ سەۋەبىدىن كۆز يېشى قىلىشىۋاتقان مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا مىديان بىر ئايالنى ئۆزىنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى. 7بۇنى كۆرگەن روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى بولغان پىنىخاس جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ، قولىغا نەيزىسىنى ئېلىپ، 8چېدىرغا كىردى ۋە ھېلىقى ئەر بىلەن مىديان ئايالنىڭ قورسىقىغا نەيزە تىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ مۇشۇ گۇناھى سەۋەبىدىن خەلق ئارىسىغا تارقالغان ۋابا توختىدى. 9لېكىن ئاللىقاچان 24 مىڭ ئادەم ۋابا بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنىدى.
10پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
11_ روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى بولغان پىنىخاس مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باستى. چۈنكى ئۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش خەلقنىڭ ساداقەتسىزلىكىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنىدى. شۇڭا مەن غەزىپىمنى بېسىپ، ئۇلارنى يوقاتمىدىم. 12ئۇنىڭغا ئېيتقىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن «ئامانلىق ئەھدىسى» تۈزىمەن. 13ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مۇشۇ «ئامانلىق ئەھدىسى»گە ئاساسەن مەڭگۈ روھانىي بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن جان-دىل بىلەن ئىش قىلىپ، ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلدى.
14مىديان ئايال بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ شىمون قەبىلىسىدە بىر جەمەتنىڭ باشلىقى ئىدى. 15ئۆلتۈرۈلگەن مىديان ئايالنىڭ ئىسمى كوزبى بولۇپ، مىديانلارنىڭ قەبىلە باشلىقى زۇرنىڭ قىزى ئىدى.
16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
17_ سىلەر مىديانلارنى دۈشمەن دەپ بىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. 18چۈنكى ئۇلار سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلىپ، سىلەرنى پىئوردىكى ئىلاھ بائالغا چوقۇنۇشقا ئازدۇردى ۋە بالا-قازا كەلتۈردى. ئۇلار مىديانلارنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى كوزبى ئارقىلىق سىلەرنى ئازدۇردى. ئۇ قىز پىئور ۋەقەسى پەيدا بولغان، ۋابا كېسىلى تارقالغان كۈندە ئۆلتۈرۈلدى.
26
ئىسرائىللارنىڭ قايتا رويخەتكە ئېلىنىشى
1ۋابا كېسىلى بېسىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا ۋە روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا مۇنداق دېدى:
2_ سىلەر پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى جەمەتلەر بويىچە رويخەتكە ئېلىپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىزىملاڭلار.
3مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:
4_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى بارلىق ئەرلەرنى رويخەتكە ئېلىڭلار.
مىسىردىن چىققان ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:
5ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن. رۇبېننىڭ ئوغۇللىرىدىن خانوك، پاللۇ، 6خەزرون، كارمى قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 7جەمئىي 43,730 ئادەم ئىدى. 8پاللۇنىڭ ئوغلى ئەلىئاب، 9ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئېل، داتان ۋە ئابىرام. داتان بىلەن ئابىراملار جامائەت سايلىغان يېتەكچىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇسا بىلەن ھارۇنغا قارشى چىقىپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا، 10يەر يېرىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كەتكەنىدى. ئەينى چاغدا يەنە 250 كىشى ئوتتا كۆيۈپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولغانىدى. 11لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يوقىتىلمىغانىدى.
12شىموننىڭ ئوغۇللىرىدىن نىمۇئېل، يامىن، ياكىن، 13زەراخ، شائۇل قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 14جەمئىي 22,200 ئادەم ئىدى.
15گادنىڭ ئوغۇللىرىدىن زىفون، خاگگى، شۇنىي، 16ئوزنى، ئەرى، 17ئارودى، ئارئېلى قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 18جەمئىي 40,500 ئادەم ئىدى.
19يەھۇدانىڭ ئىككى ئوغلى ئېر بىلەن ئونان كەنئان زېمىنىدا ۋاپات بولغانىدى. 20يەھۇدانىڭ باشقا ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: شېلاھ، پەرەس، زەراخ. 21پەرەسنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: خەزرون، خامۇل. 22يەھۇدانىڭ ھەرقايسى جەمەتلىرى جەمئىي 76,500 ئادەم ئىدى.
23ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرىدىن تولاھ، پۇۋاھ، 24ياشۇب، شىمرون قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 25جەمئىي 64,300 ئادەم ئىدى.
26زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن سەرەد، ئېلون، ياخلىئېل قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 27جەمئىي 60,500 ئادەم ئىدى.
28يۈسۈپنىڭ ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىدىن تۆۋەندىكى جەمەتلەر كېلىپ چىققانىدى.
29ماناسسەنىڭ ماكىر ئىسىملىك ئوغلىدىن گىلئاد جەمەتى كېلىپ چىققانىدى. ماناسسە ماكىرنىڭ ئاتىسى، ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى. 30گىلئادنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: ئىئەزەر، خېلەق، 31ئاسرىئېل، شەكەم، 32شىمىدا، خېفەر. 33خېفەرنىڭ ئوغلى زىلوفخادنىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرىلا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى. 34ماناسسەنىڭ جەمەتلىرى جەمئىي 52,700 ئادەم ئىدى.
35ئەفرايىمنىڭ ئوغۇللىرىدىن شۇتەلاخ، بەكەر، تاخان قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 36شۇتەلاختىن ئېران جەمەتى چىققانىدى. 37ئۇلار جەمئىي 32,500 ئادەم ئىدى. يۇقىرىدىكىلەر يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىدى.
38بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرىدىن بەلا، ئاشبېل، ئاخىرام، 39شىفۇفام، خۇفام قاتارلىق جەمەتلەر، 40بەلانىڭ ئوغۇللىرىدىن ئارىد ۋە نائامان قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 41جەمئىي 45,600 ئادەم ئىدى.
42داندىن كېلىپ چىققان جەمەت شۇخام جەمەتى بولۇپ، 43جەمئىي 64,400 ئادەم ئىدى.
44ئاشېرنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: يىمناھ، يىشۋى، بىرىئا. 45بىرىئانىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: خەبەر، مالكىئېل. 46ئاشېرنىڭ يەنە سەراخ ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. 47ئاشېرنىڭ جەمەتلىرى جەمئىي 53,400 ئادەم ئىدى.
48نافتالى ئوغۇللىرىدىن ياخزىئېل، گۇنى، 49يېزەر، شىللېم قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 50ئۇلار جەمئىي 45,400 ئادەم ئىدى.
51رويخەتكە ئېلىنغان ئىسرائىللارنىڭ ئومۇمىي سانى 601,730 ئادەم بولدى.
52پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
53_ سەن ھەر قەبىلىنىڭ ئادەم سانىغا قاراپ، يەر تەقسىم قىلىپ بەرگىن. 54ئادەم سانى كۆپلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئازلارغا ئازراق بەرگىن. تىزىملانغان ئادەم سانى بويىچە تەقسىم قىلىپ بەرگىن. 55ئىسرائىللار ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن يەرگە ئىگە بولسۇن. 56مەيلى چوڭ ياكى كىچىك قەبىلە بولسۇن، تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن.
57لاۋىي قەبىلىسىنىڭ جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: گېرشون، قوھات، مىرارى. 58بۇ جەمەتلەردىن لىبنى، ھىبرون، ماخلى، مۇشى ۋە كوراھ قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققانىدى. قوھات ئامرامنىڭ ئەجدادى ئىدى. 59ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ قىزى ئىدى. ئۇ مىسىردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ ئامرامغا ھارۇن ۋە مۇسا قاتارلىق ئىككى ئوغۇل ۋە مەريەم ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇپ بەردى. 60ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى. 61لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئېلىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
62لاۋىيلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ بارلىق ئەرلىرىنىڭ سانى جەمئىي 23,000 بولسىمۇ، ئۇلار باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە تىزىملانمىدى. چۈنكى ئۇلارغا باشقا ئىسرائىللارغا ئوخشاش زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيتتى.
63يۇقىرىدىكىلەر مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە رويخەتكە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ سانىدۇر. 64لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسا بىلەن روھانىي ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە بىرىنچى قېتىم رويخەتكە ئالغانلاردىن بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. 65چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاشۇ چۆلدە چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دەرۋەقە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادىن باشقىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.
27
قىزلارنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقى
1بىر كۈنى زىلوفخادنىڭ ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ قاتارلىق ياتلىق بولمىغان قىزلىرى ئۆز نېسىۋىلىرىنى ئېلىشقا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى زىلوفخاد خېفەرنىڭ ئوغلى، گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، ماناسسەنىڭ چەۋرىسى ئىدى، ماناسسە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى. 2ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇساغا، روھانىي ئەلئازارغا، ئاقساقاللارغا ۋە بارلىق جامائەتكە مۇنداق دېدى:
3_ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ كوراھ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئوغۇل پەرزەنت قالمىدى. 4ئەجەبا، ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ نامى جەمەت ئىچىدىن ئۆچۈپ كېتىشى كېرەكمۇ؟ ئاتىمىزنىڭ جەمەتىدىن بىزگىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.
5مۇسا ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى پەرۋەردىگارغا مەلۇم قىلدى. 6پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
7_ زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ زېمىنىدىن بىر ئۈلۈش بۆلۈپ بېرىپ، ئۇلارنىمۇ زېمىنىغا ئىگە قىلغىن. 8سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇ ئادەمنىڭ ئوغلى بولمىسا، زېمىنىغا قىزى ۋارىسلىق قىلسۇن. 9ئەگەر قىزىمۇ بولمىسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. 10ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىمۇ بولمىسا، ئۇ ئادەمنىڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. 11ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىمۇ بولمىسا، جەمەت ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ سەن ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزمەكچى بولغان ۋە ئۇلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر.
يوشۇۋانىڭ يېتەكچى بولۇشى
12پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ سەن ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلىدىغان زېمىنغا نەزەر سالغىن. 13ئاندىن كېيىن سەن خۇددى ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتىسەن. 14چۈنكى زىن چۆلىدە خەلق ماڭا قارشى چىققاندا، سىلەر ئىككىڭلار مېنىڭ ئەمرىمگە ئەمەل قىلماي، خەلقنىڭ ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار. (بۇ ۋەقە زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى «مىرىبا سۈيى»دە يۈز بەرگەن.)
15مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:
16_ ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىنسانغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدادۇرسەن. سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ خەلققە بىر يېتەكچى تەيىنلىگەيسەن، 17ئۇ خەلقىڭنى يېتەكلىسۇن. ھازىر بۇ خەلق خۇددى قويچىسى يوق قويلارغا ئوخشاپ قالدى.
18پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادا مېنىڭ روھىم بار. سەن ئۇنى باشلاپ كېلىپ، قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن. 19ئۇنى روھانىي ئەلئازار ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىگىن. 20پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى ئۈچۈن ھوقۇقۇڭنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن. 21ئۇ بىر ئىشقا يولۇقسا، روھانىي ئەلئازارنىڭ يېنىغا بارسۇن. ئەلئازار يوشۇۋاغا ۋاكالىتەن «ئۇرىم» ئارقىلىق مېنىڭ ئىرادەمنى سورايدۇ. يوشۇۋا ۋە ئىسرائىل خەلقى ھەممە ئىشنى بۇ ئۇسۇل بىلەن قىلسۇن.
22مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە يوشۇۋانى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنى روھانىي ئەلئازار ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى. 23ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدى.
28
كۈندىلىك ھەدىيەلەر
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەلىرىنى چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا سۇنسۇن. 3تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان كۈندىلىك تائام ھەدىيەلىرىدۇر. ئۇلار ھەر كۈنى ئىككى تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. 4ئۇلارنىڭ بىرى ئەتىگەندە، يەنە بىرى گۇگۇم چۈشكەندە قىلىنسۇن. 5شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇن ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىنسۇن. 6بۇلار سىناي تېغىدا بەلگىلەنگەن كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرۈلگەن ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەلىرىدۇر. 7ھەربىر قۇربانلىق قىلىنغان پاقلانغا قوشۇپ بىر لىتىر شاراب ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىنسۇن. بۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى ماڭا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلسۇن. 8گۇگۇم چۈشكەندە پاقلان قۇربانلىق قىلىنغاندىمۇ ئەتىگەندىكىگە ئوخشاش ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. بۇلار ماڭا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسىدۇر.
دەم ئېلىش كۈنىدىكى ھەدىيەلەر
9_ دەم ئېلىش كۈنىدە بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن ئىككى تۇياق قۇربانلىق قىلىنسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇن ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. 10بۇ ئادەتتىكى كۈنلەردە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا دەم ئېلىش كۈنلىرى قىلىنىدىغان ھەدىيەلەردۇر.
ئاي بېشىدىكى ھەدىيەلەر
11_ ئاي بېشىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. 12شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، 13ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلو ئۇن قوشۇپ ھەدىيە قىلىنسۇن. بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ماڭا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسىدۇر. 14ماللار قۇربانلىق قىلىنغاندا، ئۇلارغا قوشۇپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئىككى لىتىر شاراب، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن بىر يېرىم لىتىر شاراب، ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر لىتىر شاراب قوشۇپ ھەدىيە قىلىنسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەردۇر. مۇشۇنداق ھەدىيەلەر ھەر يىلى ھەر ئايدا ھەدىيە قىلىنسۇن. 15كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلغان ئىچىملىك ھەدىيەلىدىن باشقا يەنە بىر تېكە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇلسۇن.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر
16_ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى* مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. 1715-كۈنىدىن باشلاپ پېتىر نان ھېيتى باشلىنىدۇ. سىلەر مۇشۇ كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار. 18بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. 19بۇ كۈنى ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىپ، مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. 20شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، 21ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلو ئۇن قوشۇپ ھەدىيە قىلىنسۇن. 22بۇنىڭغا قوشۇپ گۇناھىڭلارنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. 23ئەتىگىنى قىلىنىدىغان كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن باشقا يەنە ھېيت كۈنى قىلىنىدىغان قۇربانلىقلار قىلىنسۇن. 24شۇ بويىچە ئۇدا يەتتە كۈن مۇشۇنداق قۇربانلىقلار قىلىنسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەلىرىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەلىرى سۇنۇلسۇن. 25يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.
ئورما ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر
26_ ئورما ھېيتى كۈنى، يەنى تۇنجى ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىدىغان كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. 27ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق پاقلاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. بۇ قۇربانلىقلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. 28بۇ قۇربانلىقلار بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، 29ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلو ئۇن قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 30بۇنىڭدىن باشقا بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. 31بۇ قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىمۇ سۇنۇلسۇن. مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.
29
بۇرغا چېلىش ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر
1_ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى* مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. بۇ كۈندە بۇرغا چېلىنسۇن. 2مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار. قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار بېجىرىم بولغان بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولسۇن. 3شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىپ سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، 4ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلو ئۇن قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 5بۇنىڭغا قوشۇپ گۇناھىڭلارنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. 6بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەلىرىدۇر.
گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدىكى ھەدىيەلەر
7_ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى* مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، نەپسىڭلارنى يىغىپ، ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار. 8مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بېجىرىم بولغان بۇقىدىن بىرنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتىنى قۇربانلىق قىلىڭلار. 9شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، 10ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلو ئۇن قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 11گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدىكى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق، شۇنداقلا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
كەپە تىكىش ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر
12_ 7-ئاينىڭ 15-كۈنى* مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار. 13مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇقىدىن 13 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. بۇ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسىدۇر. 14شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، 15ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلو ئۇن قوشۇپ ھەدىيە قىلىنسۇن. 16كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
17ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 12 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق ۋە بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 18شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 19كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
20ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 11 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 21شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 22كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
23ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 10 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 24شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 25كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
26ھېيتنىڭ بەشىنچى كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 9 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 27شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 28كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
29ھېيتنىڭ ئالتىنچى كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 8 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 30شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 31كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
32ھېيتنىڭ يەتتىنچى كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 7 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 33شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 34كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
35ھېيتنىڭ سەككىزىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. 36مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇقىدىن بىر تۇياق، قوچقاردىن بىر تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتە تۇياق كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. بۇلار مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. 37شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 38كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
39بۇلار سىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان ھەدىيەڭلاردۇر. بۇ قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق، ئىچىملىك ۋە ئامانلىق ھەدىيەلىرىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
40مۇسا پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.
30
قەسەم قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
1مۇسا ئىسرائىل قەبىلە باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى:
_ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئەمرلىرىدۇر:
2«بىر ئەر كىشى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بىر ئىشنى قىلىشقا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، سۆزىدە تۇرۇپ، ئاغزىدىن چىققانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئورۇندىسۇن.
3بىر قىز بالا تېخى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقتىدا پەرۋەردىگارغا بىر ئىشنى قىلىشقا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، 4ئاتىسى ئاڭلىغاندىن كېيىن قارشى تۇرمىسا، ئۇ چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى ئورۇندىسۇن. 5ئەگەر ئاتىسى ئاڭلىغاندىن كېيىن قارشى تۇرسا، قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ، چۈنكى ئاتىسى قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىگە قارشى تۇردى.
6ئەگەر بىر قىز بىر ئىشنى قىلىشقا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا ئويلىماستىن قەسەم قىلغان بولسا، قىز نىكاھلانغاندىن كېيىن، 7ئېرى بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قارشى تۇرمىسا، ئۇ قىز چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى ئورۇندىسۇن. 8ئەگەر ئېرى قارشى تۇرسا، قىزنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمىنى ئىناۋەتسىز قىلسا بولىدۇ. شۇندىلا پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ.
9لېكىن تۇل ئايال ياكى ئەردىن ئاجراشقان ئايال قىلغان ھەرقانداق ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى چوقۇم ئورۇندىسۇن.
10ئەگەر نىكاھلانغان بىر ئايال بىر ئىشنى قىلىشقا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، 11ئېرى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۈندىمىسە ۋە قارشى تۇرمىسا، ئايال چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى ئورۇندىسۇن. 12ئەگەر ئېرى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئايال قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمىنى ئورۇندىمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېرى ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئايالنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ.
13ئەرنىڭ ئايالىنىڭ بىر ئىشنى قىلىشقا قىلغان ۋەدىسىنى ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قىلغان قەسىمىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى ئىناۋەتسىز قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. 14لېكىن ئېرى ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىسا، ئۇ ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. ئېرىنىڭ ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىغانلىقى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدۇر. 15ئەمما كېيىن يېنىۋالسا، ئېرى ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.»
16يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغان ئەر بىلەن ئايال ۋە ئاتا بىلەن ياتلىق بولمىغان قىزنىڭ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەردۇر.
31
مىديانلاردىن قىساس ئېلىش
1پەرۋەردىگار مۇساغا:
2_ ئىسرائىللار ئۈچۈن مىديانلاردىن قىساس ئالغىن، ئاندىن سەن ئالەمدىن ئۆتىسەن، _ دېدى. 3شۇڭا مۇسا خەلققە:
_ ئاراڭلاردىكى بىر قىسىم ئەرلەر قولۇڭلارغا قورال ئېلىپ، مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىساس ئالىمىز. 4ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى جەڭ قىلىش ئۈچۈن مىڭدىن ئادەم چىقارسۇن، _ دەپ بۇيرۇدى.
5شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى مىڭدىن ئادەم چىقاردى. ئۇلار جەمئىي 12 مىڭ ئادەمنى قوراللاندۇردى. 6مۇسا ھەربىر قەبىلىدىن چىققان مىڭ ئادەمنى جەڭگە ئاتلاندۇردى. روھانىي ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىدا چېلىنىدىغان كانايلارنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى. 7ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، مىديانلارنىڭ ھەممە ئەرلىرىنى ئۆلتۈردى. 8بۇلارنىڭ ئىچىدە مىديانلارنىڭ ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق بەش پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يەنە بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىمۇ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. 9ئىسرائىللار مىديانلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ئەسىر ئېلىپ، پۈتۈن چارۋا ماللىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى ئولجا ئالدى. 10ئۇلارنىڭ شەھەر، يېزا ۋە قارارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋېتىپ، 11ئەسىر ۋە ئولجا ئالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كەتتى. 12ئۇلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان قارارگاھىغا قايتىپ كېلىپ، ئەسىرلەر ۋە بارلىق ئولجىلارنى مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئىسرائىل خەلقىگە تاپشۇردى.
13مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. 14لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەر باشلىرى بولغان مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلارغا ئاچچىقلىنىپ، 15مۇنداق دېدى:
_ سىلەر نېمىشقا بۇ ئاياللارنى ھايات قالدۇردۇڭلار؟ 16دەل مۇشۇ ئاياللار پىئوردىكى ۋاقتىمىزدا بىلئامنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۈستىمىزگە ۋابا كېسىلى چۈشۈرمىدىمۇ؟ 17ھازىر سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ۋە ئەرلەر بىلەن بىر ئورۇندا ياتقان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار. 18لېكىن ئىپپەتلىك قىزلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ساقلاپ قالساڭلار بولىدۇ. 19ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ۋە جەسەتنى تۇتقانلار يەتتە كۈنگىچە قارارگاھنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى ئۆزلىرىنى ۋە ئەسىرلىرىنى پاكلىسۇن. 20شۇنداقلا، ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى، خۇرۇم بۇيۇملىرىنى، ئۆچكە تىۋىتىدىن توقۇلغان نەرسىلىرىنى ۋە ياغاچ ئەسۋابلىرىنى پاكلىسۇن.
21روھانىي ئەلئازار جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرگە مۇنداق دېدى:
_ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلغان قانۇندۇر: 22ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق 23ئوتقا چىداملىق نەرسىلەر ئوت بىلەن پاكلانسۇن، ئاندىن پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنسۇن. ئوتتا كۆيىدىغان ھەرقانداق نەرسە بولسا پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنسۇن. 24يەتتىنچى كۈنى كىيىمىڭلارنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن پاكلىنىسىلەر، ئاندىن قارارگاھقا قايتساڭلار بولىدۇ.
25پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
26_ سەن، روھانىي ئەلئازار ۋە جەمەت باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەسىرلەرنىڭ ۋە ئولجا ئېلىنغان چارۋا ماللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىڭلار. 27ئاندىن بۇلارنى ئىككىگە بۆلۈڭلار. بىر قىسمىنى جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە، يەنە بىر قىسمىنى خەلققە تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. 28لەشكەرلەرگە بۆلۈنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ بەش يۈزدىن بىرىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، 29روھانىي ئەلئازارغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. 30خەلققە تەقسىملەنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ئەللىكتىن بىرىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.
31مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلدى. 32جەڭدە لەشكەرلەر ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە 675,000 قوي، 3372,000 كالا، 3461,000 ئېشەك، 3532,000 ئىپپەتلىك قىز بار ئىدى.
36جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە بۇ ئولجىلاردىن تۆۋەندىكىلەر تەقسىم قىلىندى: 337,500 قوي، 37بۇلاردىن 675 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى. 3836,000 كالا، بۇلاردىن 72 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى. 3930,500 ئېشەك، بۇلاردىن 61 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى. 4016,000 ئىپپەتلىك قىز، بۇلاردىن 32 نەپىرى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى. 41مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئولجىلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قىسمىنى روھانىي ئەلئازارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
42مۇسا جەڭدىن ئېلىنغان ئولجىلارنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە تېگىشلىك بولغان قىسمىنى ئۇلارغا تارقىتىپ بەردى. 43بۇلار 337,500 قوي، 4436,000 كالا، 4530,500 ئېشەك، 4616,000 ئىپپەتلىك قىز ئىدى. 47مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە خەلققە تەۋە بولغان ئولجىلارنىڭ ئەللىكتىن بىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بەردى.
48قوشۇننىڭ لەشكەر باشلىرى بولغان مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار مۇسا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ:
49_ بىز قول ئاستىمىزدىكى لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئالدۇق. بىرمۇ لەشكەر چىقىم بولماپتۇ. 50ئەمدى بىز ئولجا ئالغان ئالتۇن بۇيۇملار، يەنى بىلەزۈك، مۆھۈرلۈك ئۈزۈك، ھالقا، زەنجىر قاتارلىقلارنى گۇناھىمىزنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلماقچى، _ دېدى.
51مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئۇلار ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئالتۇن بۇيۇملارنى تاپشۇرۇپ ئالدى. 52مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان ئالتۇنلار 200 كىلو ئىدى. 53لەشكەرلەر ئۆزلىرى ئولجا ئالغان نەرسىلىرىنى ساقلاپ قالدى. 54مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىنى دائىم ئېسىدە تۇتۇشى ئۈچۈن مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار ھەدىيە قىلغان ئالتۇنلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىردى.
32
ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى قەبىلىلەر
1رۇبېن قەبىلىسى بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇلار يازېر بىلەن گىلئاد دىيارلىرىنىڭ مال بېقىشقا مۇۋاپىق يەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، 2مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇنداق دېدى:
3_ ئاتاروت، دىبون، يازېر، نىمراھ، خەشبون، ئەلئالى، سىبام، نىبو، بىئون قاتارلىق 4پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بۇ زېمىنلار مال بېقىشقا مۇۋاپىق ياخشى جايلار ئىكەن. بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان چارۋا ماللىرىمىز بار. 5ئەگەر بىزگە ئىلتىپات كۆرسەتسەڭلار، بۇ يەرلەرنى بىزگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، بىزنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋەتمىسەڭلار.
6مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ ئەجەبا، سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، باشقا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتمەكچىمۇ؟ 7سىلەر نېمىشقا ئىسرائىل لەشكەرلىرىنىڭ يۈرىكىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلماقچى بولىسىلەر؟ 8ئىلگىرى مەن كادېش-بارنېيادىكى ۋاقتىمىزدا ئاتىلىرىڭلارنى ئۇ يەرنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتسەم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلغانىدى. 9ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى. 10ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، قەسەم قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: 11«مىسىردىن چىققان يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ھېچبىر ئادەم مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىننى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشمىدى. 12پەقەت قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋالا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى.» 13پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى چۆلدە قىرىق يىل سەرسان قىلدى. بۇ ئىش تاكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغان ئاشۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە داۋاملاشتى. 14ئاشۇ بىر توپ گۇناھكارلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ئەمدى يەنە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكچىمۇ؟! 15ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى ئىككىنچى قېتىم چۆلگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن پۈتۈن خەلق ۋەيران بولىدۇ.
16ئۇلار مۇساغا يېقىن كېلىپ، مۇنداق دېدى:
_ ئۇنداقتا، بىز بۇ يەردە چارۋا ماللىرىمىزغا قوتان سالايلى، بالاچاقىلىرىمىز ئۈچۈن شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقايلى. 17ئائىلىمىزدىكىلەرنى مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلدۇرايلى. ئاندىن بىز قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، تاكى باشقا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگۈچە جەڭ قىلايلى. 18باشقا قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىغا ئىگە بولمىغۇچە، ھەرگىز ئۆيلىرىمىزگە قايتمايمىز. 19لېكىن بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا زېمىن بۆلۈشمەيمىز. چۈنكى بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز.
20مۇسا مۇنداق دېدى:
_ ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ جەڭگە چىقىڭلار. 21پۈتۈن قوشۇنۇڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈڭلار. تاكى پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىنى يوقاتقۇچە جەڭ قىلىڭلار. 22ئۇ زېمىن بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆيۈڭلارغا قايتساڭلار بولىدۇ. شۇندىلا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر. بۇ زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ.
23ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر. 24سىلەر ھازىر بېرىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ چىقىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ئۈچۈن قوتان سېلىڭلار. بەرگەن ۋەدەڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
25گاد ۋە رۇبېن قەبىلىسىدىكىلەر مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ بىز سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز. 26ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز ۋە چارۋا ماللىرىمىزنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ شەھەرلىرىدە قالىدۇ. 27ئارىمىزدىكى جەڭ قىلالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، جەڭ قىلىدۇ.
28شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىدىكى جەمەت باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى:
29_ ئەگەر گاد ۋە رۇبېن قەبىلىلىرىدىكى بارلىق جەڭ قىلالايدىغان ئەرلەر سىلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلسا، سىلەر ئۇ زېمىننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىلئاد زېمىنىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. 30ئەگەر ئۇلار قوراللىرىنى ئېلىپ، سىلەر بىلەن بىرلىكتە دەريادىن ئۆتۈپ جەڭ قىلمىسا، بۇ يەردىن ئەمەس، كەنئاندىن ئۆزىگە تېگىشلىك زېمىننى ئالىدۇ.
31گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىسىدىكىلەر ئىككىنچى قېتىم يەنە مۇنداق دېدى:
_ بىز خىزمەتكارلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش تۇتىمىز. 32بىز چوقۇم قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، كەنئاندا جەڭ قىلىمىز. كېيىن قايتىپ كېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىن زېمىن ئالىمىز.
33شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورلار پادىشاھى سىخون بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىنى، يەنى شەھەرلىرى ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى گاد، رۇبېن قەبىلىلىرىگە ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلىدىن بولغان ماناسسەنىڭ قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بەردى. 34گاد قەبىلىسى دىبون، ئاتاروت، ئاروئېر، 35ئاتروت-شوفان، يازېر، يوگبوھا، 36بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى ۋە چارۋا ماللار ئۈچۈن قوتانلارنى سالدى. 37رۇبېننىڭ قەبىلىسى خەشبون، ئەلئالى، قىرياتائىم، 38نىبو، بائال-مىئون (بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ئۆزگەرتىلدى) ۋە سىبماھ قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.
39ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى گىلئادنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقاردى. 40شۇڭا مۇسا گىلئادنى ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەردى، ئۇلار شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. 41ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يائىر گىلئادنىڭ يېزىلىرىنى بېسىۋېلىپ، بۇ يېزىلارغا «يائىرنىڭ يېزىلىرى» دەپ نام قويدى. 42نوباخ ئىسىملىك كىشى قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بېسىۋېلىپ، ئۇ شەھەرنى ئۆز ئىسمى بىلەن «نوباخ» دەپ ئاتىدى.
33
ئىسرائىللارنىڭ ئۇزۇن سەپىرى
1تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن بېسىپ ئۆتكەن سەپەر جەريانلىرىدۇر. 2مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھەر قېتىملىق قارارگاھ قۇرغان ۋە قوزغالغان جايلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭدى.
31-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار قەددىنى كۆتۈرگەن ھالدا مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا رەمسېس شەھىرىدىن ئايرىلدى. 4ئۇ چاغدا مىسىرلىقلار تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتاتتى. پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى جازالىغانىدى.
5ئىسرائىللار رەمسېستىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سۇككوتتا قارارگاھ قۇردى.
6سۇككوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چۆل بويىدىكى ئېتامدا قارارگاھ قۇردى.
7ئېتامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بائال-زىفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پىھاخىروتقا قايتىپ، مىگدولغا يېقىن جايدا قارارگاھ قۇردى.
8پىھاخىروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، چۆللۈككە كەلدى. ئېتام چۆللۈكىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، ماراھتا قارارگاھ قۇردى.
9ماراھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېلىمدە قارارگاھ قۇردى. ئۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق، يەتمىش تۈپ خورما دەرىخى بار ئىدى.
10ئېلىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزنىڭ ساھىلىدا قارارگاھ قۇردى.
11قىزىل دېڭىزنىڭ ساھىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىن چۆلىدە قارارگاھ قۇردى.
12سىن چۆلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دوفقاھتا قارارگاھ قۇردى.
13دوفقاھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالۇشتا قارارگاھ قۇردى.
14ئالۇشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىفىدىمدە قارارگاھ قۇردى. ئۇ يەردە خەلققە سۇ يوق ئىدى.
15رىفىدىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىناي چۆلىدە قارارگاھ قۇردى.
16سىناي چۆلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىبروت-ھاتتائاۋادا قارارگاھ قۇردى.
17قىبروت-ھاتتائاۋادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خازېروتتا قارارگاھ قۇردى.
18خازېروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىتماھتا قارارگاھ قۇردى.
19رىتماھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىممون-پارەزدە قارارگاھ قۇردى.
20رىممون-پارەزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، لىبناھتا قارارگاھ قۇردى.
21لىبناھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىسساھتا قارارگاھ قۇردى.
22رىسساھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىھېلاتادا قارارگاھ قۇردى.
23قىھېلاتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەفەر تېغىدا قارارگاھ قۇردى.
24شەفەر تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاراداھتا قارارگاھ قۇردى.
25خاراداھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ماقخېلوتتا قارارگاھ قۇردى.
26ماقخېلوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تاخاتتا قارارگاھ قۇردى.
27تاخاتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تەراھتا قارارگاھ قۇردى.
28تەراھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مىتقاھتا قارارگاھ قۇردى.
29مىتقاھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاشمونادا قارارگاھ قۇردى.
30خاشمونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، موسېروتتا قارارگاھ قۇردى.
31موسېروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىنە-يائاقاندا قارارگاھ قۇردى.
32بىنە-يائاقاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خور-ھاگگىدگادتا قارارگاھ قۇردى.
33خور-ھاگگىدگادتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يوتباتادا قارارگاھ قۇردى.
34يوتباتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئابرونادا قارارگاھ قۇردى.
35ئابرونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئەزيون-گەبەردە قارارگاھ قۇردى.
36ئەزيون-گەبەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زىن چۆلىدىكى كادېشتا قارارگاھ قۇردى.
37كادېشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىدومنىڭ چېگراسىدىكى ھور تېغىدا قارارگاھ قۇردى.
38ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 40-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقتى ۋە شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. 39ھارۇن ھور تېغىدا ۋاپات بولغاندا، 123 ياشتا ئىدى.
40نەگېب چۆللۈكىگە جايلاشقان ئارادنىڭ كەنئانلىق پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى.
41ئىسرائىللار ھور تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زالمونادا قارارگاھ قۇردى.
42زالمونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پۇنوندا قارارگاھ قۇردى.
43پۇنوندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئوبوتتا قارارگاھ قۇردى.
44ئوبوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، موئاب چېگراسىغا جايلاشقان ئابارىم تاغلىرىدىكى ئىيىمدا قارارگاھ قۇردى.
45ئىيىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دىبون-گادتا قارارگاھ قۇردى.
46دىبون-گادتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالمون-دىبلاتايىمدا قارارگاھ قۇردى.
47ئالمون-دىبلاتايىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئابارىم تاغلىرىدىكى نىبو تېغىنىڭ ئالدىدا قارارگاھ قۇردى.
48ئابارىم تاغلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە قارارگاھ قۇردى. 49ئۇلارنىڭ قارارگاھى بەيت-يىشىموتتىن تاكى ئابېل-شىتتىمغىچە سوزۇلغانىدى.
50ئۇ يەردە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
51_ ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، 52ئۇ يەردىكى ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ ئويما ۋە قۇيما بۇتلىرىنى ۋە سەجدىگاھلىرىنى ۋەيران قىلىڭلار. 53سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەپ، شۇ يەردە ياشاڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن. 54جەمەتلەر بويىچە چەك تاشلاپ، يەرلەرنى تەقسىملەڭلار. جان سانى كۆپلەرگە كۆپ، جان سانى ئازلارغا ئاز بولسۇن. چەككە قايسى يەر چىقسا شۇ يەرگە ئىگە بولسۇن. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قەبىلەڭلارغا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. 55ئەگەر سىلەر ئۇ يەردىكى ئەللەرنى قوغلىۋەتمىسەڭلار، ئۇلار كۆزۈڭلارغا تىكەن، بېقىنىڭلارغا نەشتەر بولۇپ سانجىلىپ، ئاراڭلاردا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدۇ. 56ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتمىسەڭلار، ئۇلارنىڭ بېشىغا نېمە سالماقچى بولغان بولسام، شۇنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا سالىمەن.»
34
كەنئاننىڭ چېگرالىرى
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىدىغان كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، زېمىنىڭلارنىڭ چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ:
3جەنۇب تەرەپتە زىن چۆلىدىن ئىدوم چېگراسىنى بويلاپ سوزۇلىدۇ. شەرقتە جەنۇبتىكى چېگرا ئۆلۈك دېڭىزنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىن باشلىنىپ، 4جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، چايان داۋىنىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، يەنە جەنۇبقا سوزۇلۇپ، زىن چۆلىدىن ئۆتۈپ، كادېش-بارنېيا شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا، خازار-ئاددار شەھىرىگە، ئۇ يەردىن ئازمون شەھىرىگە بارىدۇ. 5ئاندىن بۇرۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ.
6غەرب تەرەپتىكى چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىز بولىدۇ.
7شىمال تەرەپتىكى چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، ھور تېغىدىن، 8ئاندىن لىبو-خامات ئارقىلىق زىداد شەھىرىدىن ئۆتىدۇ ۋە 9زىفرون شەھەرلىرىگە سوزۇلۇپ، خازار-ئېنانغىچە بارىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگرايىڭلار بولىدۇ.
10شەرق تەرەپتىكى چېگرايىڭلار خازار-ئېناندىن شىفامغا، 11ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بېرىپ، ئايىننىڭ شەرق تەرىپىدىكى رىبلاھقا بارىدۇ. ئاندىن جەلىلىيە* كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كېلىپ، 12ئۇ يەردىن ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ ئۆلۈك دېڭىزغىچە بارىدۇ. مانا بۇلار زېمىنىڭلارنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ چېگرالىرىدۇر.»
13مۇسا ئىسرائىللارغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارنىڭ توققۇز يېرىم قەبىلىسىگە چەك تاشلاش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىندۇر. 14رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىمۇ ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولدى. 15بۇ ئىككى يېرىم قەبىلە ئىگە بولغان زېمىنلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا ئىدى.
16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
17_ ئىسرائىللارغا يەر تەقسىم قىلىشقا روھانىي ئەلئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مەسئۇل بولسۇن. 18ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن باشلىق تاللىنىپ، يەر تەقسىم قىلىشقا ياردەملەشسۇن. 19تۆۋەندىكىلەر يەر تەقسىم قىلىشقا تاللانغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر:
يەھۇدا قەبىلىسىدىن يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب،
20شىمون قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى سامۇئىل،
21بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد،
22دان قەبىلىسىدىن يوگلىنىڭ ئوغلى بۇققى،
23يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن ئېفودنىڭ ئوغلى خاننىئېل،
24يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن شىفتاننىڭ ئوغلى كىمۇئېل،
25زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن پارناكنىڭ ئوغلى ئەلىزافان،
26ئىسساكار قەبىلىسىدىن ئاززاننىڭ ئوغلى پالتىئېل،
27ئاشېر قەبىلىسىدىن شىلومىنىڭ ئوغلى ئاخىھۇد،
28نافتالى قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى پىدائېل.
29يۇقىرىدىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا كەنئان زېمىنىنى تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر.
35
لاۋىيلارغا تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەر
1ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار ئىگە بولغان زېمىنلىرىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى لاۋىيلارغا بەرسۇن. 3ئۇلار ئۇ شەھەرلەردە ئولتۇرۇپ، ئوتلاقلاردا كالىلىرى ۋە باشقا چارۋا ماللىرىنى باقىدۇ. 4لاۋىيلارغا بېرىلگەن شەھەرلەرنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار شەھەر سېپىلىدىن باشلاپ 500 مېتىر يىراقلىققىچە سوزۇلسۇن. 5شەھەرنىڭ تۆت تەرىپىنى ئوتلاقلار ئوراپ تۇرغان بولۇپ، شەرقتىن غەربكىچە، شىمالدىن جەنۇبقىچە مىڭ مېتىردىندۇر. بۇلار لاۋىيلارنىڭ ئوتلاقلىرى بولسۇن.
6لاۋىيلارغا 42 شەھەر بېرىڭلار. بۇلاردىن باشقا ئالتە شەھەرنى بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن قوشۇپ بېرىڭلار. 7جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىيلارغا تەۋە بولسۇن. 8ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆزلىرى ئىگە بولغان زېمىنلىرىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنى لاۋىيلارغا بەرسۇن. ئادەملىرى كۆپ قەبىلىلەر كۆپرەك، ئادەملىرى ئاز قەبىلىلەر ئازراق بەرسۇن. ھەربىر قەبىلە لاۋىيلارغا قانچە شەھەر بېرىدىغانلىقىنى زېمىنلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىسۇن.»
پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر
9پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
10_ ئىسرائىللارغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، 11بىر قىسىم شەھەرلەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قېچىپ يۈرگەنلەر بۇ شەھەرلەردە پاناھلىنىپ، 12ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ساقلانسۇن. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار جامائەت ئالدىدا سوتلانمىغۇچە ئۆلتۈرۈلمىسۇن. 13ئالتە شەھەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار. 14بۇ شەھەرلەرنىڭ ئۈچى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە، يەنە ئۈچى كەنئان زېمىنىدا بولسۇن. 15بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار مەيلى ئىسرائىللاردىن بولسۇن، مەيلى بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ياكى مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەردىن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ شەھەرلەرگە كېلىپ پاناھلانسا بولىدۇ.
16ئەگەر بىر ئادەم باشقا ئادەمنى تۆمۈر بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ ئادەم قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. 17ئەگەر بىر ئادەم باشقا ئادەمنى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. 18ئەگەر بىر ئادەم باشقا ئادەمنى ياغاچ بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. 19ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى قاتىلنى نەدە تاپسا، شۇ يەردە ئۆلتۈرسۇن. 20ئەگەر بىر ئادەم بىرسىنى ئۆچمەنلىك بىلەن ئىتتىرىپ ئۆلتۈرگەن بولسا، ياكى قەستەن بىر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن بولسا، 21ياكى ئۆچمەنلىك قىلىپ، مۇشتلاپ ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى ئۇنداقلارنى تاپقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن.
22ئەگەر بىرسى ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋەتسىز يەنە بىرسىنى بىخەستەلىك قىلىپ ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولسا، ياكى غەرەزسىز ھالدا بىر نەرسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، 23ياكى كۆرمەي قېلىپ، چوڭ بىر تاشنى چۈشۈرۈۋېتىپ، ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنىڭ ئۆلگۈچى بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىسا، 24جامائەت ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانى تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلسۇن:
25جامائەت بىخەستەلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، پاناھلىنىدىغان شەھەرگە ئەۋەتسۇن. ئۇ شۇ شەھەردە تاكى بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ تەيىنلەنگەن باش روھانىي ۋاپات بولغۇچە تۇرسۇن. 26لېكىن بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەردىن ئايرىلغان بولسا، 27ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى پاناھلىنىدىغان شەھەرنىڭ سىرتىدا ئۇنى تېپىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، قىساس ئالغۇچى قاتىل ھېسابلانمىسۇن. 28چۈنكى بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى چوقۇم پاناھلىنىدىغان شەھەردە تۇرۇشى كېرەك. باش روھانىي ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتسا بولىدۇ. 29سىلەر مەيلى نەدە ياشاڭلار، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىڭلار.
30ئەگەر بىرسى يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۈستىدىن قاتىللىق قىلدى دەپ ئەرز قىلسا، چوقۇم بىرقانچە ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ. لېكىن بىرلا ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. 31ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل چوقۇم جانغا جان قايتۇرۇشى كېرەك، پۇل تۆلەپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا بولمايدۇ. 32پاناھلىنىدىغان شەھەردە پاناھلىنىۋاتقۇچىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، ئۇنى باش روھانىي ئۆلۈشتىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىشقا بولمايدۇ. 33شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلار تۇرىدىغان زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر، چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ. قان بىلەن بۇلغانغان زېمىننى پەقەت قاتىلنىڭ قېنى بىلەن پاكلىغىلى بولىدۇ. 34سىلەر ياشايدىغان بۇ زېمىننى بۇلغىساڭلار بولمايدۇ، چۈنكى بۇ مەن ياشاۋاتقان زېمىندۇر. مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن.»
36
قىزلارغا تەۋە زېمىنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى
1گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماناسسەنىڭ نەۋرىسى، يۈسۈپنىڭ ئەۋرىسى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان جەمەتنىڭ باشلىقلىرى مۇسا ۋە باشقا قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە زېمىنلارنى چەك تاشلاش يولى بىلەن ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلغانلىرىدا، پەرۋەردىگار زىلوفخادنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىشلىرىنى بۇيرۇغانىدى. 3ئەگەر ئۇ قىزلار باشقا قەبىلىلەرگە ياتلىق بولسا، قەبىلىمىزنىڭ زېمىنىدىن ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئۇلار ياتلىق بولغان ئەرلەرنىڭ قەبىلىلىرىگە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا قەبىلىمىزگە چەك تاشلاش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. 4قۇت يىلىغا كەلگەندە، سېتىۋېتىلگەن بارلىق زېمىنلار ئەسلى ئىگىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. لېكىن زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭ ئەرلىرى تەۋە قەبىلىدە قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قەبىلىمىز ئۇ زېمىندىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
5مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:
_ يۈسۈپنىڭ ئوغلىنىڭ قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ دېگىنى توغرا. 6زىلوفخادنىڭ قىزلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى مۇنداق: «ئۇلار ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياتلىق بولسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەر بىلەن تويلاشسۇن. 7ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدە بىر قەبىلىنىڭ زېمىنى يەنە بىر قەبىلىنىڭ ئىلكىگە ئۆتمىسۇن. ھەربىر قەبىلە ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى چوقۇم ساقلاپ قالسۇن. 8زېمىنغا ئىگە بولغان قىزلار چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەرگە ياتلىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر قەبىلە ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قالالايدۇ. 9ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى بىر-بىرىگە ئۆتۈپ كەتمىسۇن. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قالسۇن.»
10زىلوفخادنىڭ قىزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرىگە ئەمەل قىلدى. 11ماخلاھ، تىرزاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. 12ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ قەبىلىسىدىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ قىزلارنىڭ زېمىنى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قەبىلىسىدە قالدى.
13يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا قىلغان ئەمرلىرى ۋە بەرگەن قانۇنلىرىدۇر.
1: 1 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.
9: 3 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.
20: 1 بۇ ۋاقىت ئىسرائىللارنىڭ چۆللۈكتىكى ئەڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ، مۇساپىرلىقىنىڭ 40-يىلى ئىدى.
28: 16 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.
29: 1 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.
29: 7 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.
29: 12 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.
34: 11 جەلىلىيە كۆلى _ كىننەرەت كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
