مىسىردىن چىقىش
1
ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا تارتقان ئازابلىرى
1ئىسرائىل، يەنى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بالاچاقىلىرىنى ئېلىپ، ئاتىسى ياقۇپ بىلەن بىرگە مىسىرغا باردى. 2ياقۇپنىڭ رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، 3ئىسساكار، زەبۇلۇن، بىنيامىن، 4دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، 5ئۇلار بالىچاقىلىرى بىلەن بىرگە جەمئىي يەتمىش كىشى ئىدى. ياقۇپنىڭ يەنە بىر ئوغلى يۈسۈپ بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان مىسىردا ئىدى.
6كېيىن يۈسۈپ ۋە قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئالەمدىن ئۆتتى. 7شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ (يەنە بىر ئىسمى ياقۇپ) ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى ۋە مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى.
8كېيىن مىسىردا يېڭى بىر پادىشاھ تەختكە چىقتى. ئۇ يۈسۈپ ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى. 9ئۇ مىسىرلىقلارغا:
_ قاراڭلار، ئىسرائىللار بىزگە قارىغاندا كۆپىيىپ، كۈچىيىپ كەتتى! 10ئەڭ ياخشىسى بىز تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى. ناۋادا ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالسا، ئۇلار دۈشمەنلەر بىلەن بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشى مۇمكىن، _ دېدى.
11شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئەزدى ۋە ئەمگەك نازارەتچىلىرىنى تەيىنلىدى. ئۇلارغا پىتوم ۋە رەمسېس شەھەرلىرىنى سالدۇردى. بۇ شەھەرلەر پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئاشلىقلىرىنى ساقلايدىغان شەھەرلىرىگە ئايلاندى. 12لېكىن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى قانچە ئەزگەنسېرى، ئۇلار شۇنچە كۆپىيىپ، مىسىرنىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ تارقالدى. شۇ سەۋەبتىن مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن قورقۇپ، 13ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سالدى. 14مىسىرلىقلار ئۇلارنى لاي ئېتىش، كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئىنتايىن قاتتىق ئازابلارغا دۇچار قىلدى.
15مىسىردا شىفراھ ۋە پۇئاھ ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئىبرانىي تۇغۇت ئانىسى بار ئىدى. مىسىر پادىشاھى ئۇلارغا:
16_ سىلەر ئىبرانىي ئاياللىرىنى تۇغدۇرغان ۋاقتىڭلاردا، بوۋاقنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىگە قاراڭلار. ئەگەر ئوغۇل تۇغۇلسا، بوۋاقنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، قىز تۇغۇلسا، تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دېدى.
17لېكىن بۇ ئىككى تۇغۇت ئانىسى خۇداغا ئىخلاسمەن بولغاچقا، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماي، ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدى. 18شۇڭا پادىشاھ ئۇلارنى چاقىرتىپ:
_ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدىڭلار، نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى. 19ئۇلار:
_ ئىبرانىي ئاياللىرى مىسىر ئاياللىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ناھايىتى ساغلام كېلىدۇ. بىز يېتىپ بارغۇچە، ئۇلار ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 20-21شۇڭا ئىسرائىللار داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى. تۇغۇت ئانىلىرى خۇداغا ئىخلاسمەن ئاياللار بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بالىچاقىلىق قىلدى. 22شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز خەلقىگە:
_ ئىسرائىللاردىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلاڭلار، قىز بوۋاقلىرىنىلا تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دەپ ئەمر قىلدى.
2
مۇسانىڭ دۇنياغا كېلىشى
1لاۋىي قەبىلىسىدىكى بىر كىشى ئۆز قەبىلىسىدىكى بىر قىز بىلەن نىكاھلاندى. 2ئايالى كېيىنكى ھامىلىدارلىقىدا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا بوۋاقنىڭ ئوماقلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇن ساقلىدى. 3ئۇ بالىنى يوشۇرالمىغۇدەك يەرگە كەلگەندە، قومۇشتىن بىر سېۋەت توقۇپ، ئۇنى قارا موم بىلەن سۇۋاپ، سۇ ئۆتمەس قىلدى ۋە بالىنى سېۋەتكە سېلىپ، نىل دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇققا يوشۇرۇن بېرىپ، سېۋەتنى سۇغا قويۇۋەتتى. 4بالىنىڭ ھەدىسى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكىن دەپ، يىراقتىن سېۋەتنى كۆزىتىپ تۇردى.
5پىرئەۋننىڭ قىزى، يەنى مەلىكە دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلدى. ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى دەريا بويىدا سەيلە قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز مەلىكە قومۇشلۇقتا بىر سېۋەتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خاس كېنىزىكىنى ئەۋەتتى. 6مەلىكە سېۋەتتە بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ:
_ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى.
7بۇ چاغدا بوۋاقنىڭ ھەدىسى كېلىپ، مەلىكىگە:
_ مەن بېرىپ، ئىبرانىيلاردىن بوۋاقنى ئېمىتىدىغانغا بىر ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 8مەلىكە:
_ ماقۇل، بارغىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. 9مەلىكە بۇ ئايالغا:
_ بوۋاقنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ، مەن ئۈچۈن ئېمىت، ئىش ھەققىڭنى بېرىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئېمىتتى. 10بالا خېلى چوڭ بولغاندا، ئانىسى ئۇنى مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. مەلىكە ئۇنى ئوغۇل قىلىپ بېقىۋالدى ۋە ئۇنى سۇدىن سۈزۈۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇسا [ئىبرانىي تىلىدىكى «سۈزۈۋېلىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.
مۇسانىڭ مىديان دۆلىتىگە قېچىپ كېتىشى
11مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىبرانىي قېرىنداشلىرى ئىشلەۋاتقان يەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. شۇ ئارىدا ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر ئىبرانىينى، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 12ئەتراپىغا قارىدى. ئەتراپتا باشقا ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى قۇمغا كۆمۈۋەتتى. 13ئەتىسى مۇسا يەنە سىرتقا چىقىپ، ئىككى ئىبرانىينىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يولسىزلىق قىلغان بىرىگە:
_ نېمىشقا ئۆز قېرىندىشىڭنى ئۇرىسەن؟ _ دېدى. 14ھېلىقى كىشى:
_ كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى قىلىپ تەيىنلىدى!؟ سەن ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ _ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ قالدى. ئۇ ئىچىدە «مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى باشقىلار بىلىپ قاپتۇ» دەپ ئويلىدى.
15پىرئەۋن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. بىراق مۇسا مىديان ئېلىگە قېچىپ كەتتى.
ئۇ بىر كۈنى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇراتتى. 16مىدياندىكى بىر روھانىينىڭ يەتتە قىزى ئۇ يەرگە سۇ ئالغىلى كەلدى. ئۇلار دائىم ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن بۇ قۇدۇققا كېلىپ، سۇ تارتىپ، نورنى تولدۇرۇشاتتى. 17بۇنداق ۋاقىتلاردا بىرقانچە پادىچى كېلىپ، ئۇلارنى قوغلىۋېتەتتى. بۇ قېتىم مۇسا ئۇلارنى قوغدىدى ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىپ سۇ تارتىپ بەردى. 18ئۇلار ئاتىسى رىئۇئېلنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، ئاتىسى ئۇلاردىن:
_ بۈگۈن ئەجەب بۇرۇنلا قايتىپ كەپسىلەرغۇ؟ _ دەپ سورىدى. 19ئۇلار:
_ بىر مىسىرلىق بىزنى پادىچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلدۇردى، ھەتتا سۇ تارتىپ قويلىرىمىزنى سۇغىرىپ بەردى، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
20ئاتىسى قىزلىرىغا:
_ ئۇ قەيەردە قالدى؟ ئۇنى سىرتقا تاشلاپ كەلگىنىڭلار نېمىسى؟ ئۇنى بىز بىلەن بىرگە تاماق يېيىشكە چاقىرىپ كېلىڭلار، _ دېدى.
21مۇسا رىئۇئېلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى. رىئۇئېل قىزى زىپپورانى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 22زىپپورا بىر ئوغۇل تۇغدى. مۇسا «مەن ياقا يۇرتلۇق مۇساپىر ئىدىم» دەپ، بالىغا گېرشوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇساپىر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.
23ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىمۇ ئۆلدى. لېكىن ئىسرائىللار يەنىلا ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن قاتتىق ئازاب چېكىۋاتاتتى. ئۇلار خۇدادىن ياردەم تىلەپ، نالە-پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى خۇداغا يەتتى. 24خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. 25خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىنتايىن ئىچ ئاغرىتتى.
3
خۇدانىڭ مۇسانى چاقىرىشى
1مۇسا مىديان روھانىيسى، يەنى قېيىنئاتىسى يېترونىڭ (يەنە بىر ئىسمى رىئۇئېل) قويىنى باقاتتى. ئۇ بىر كۈنى پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى، يەنى سىناي تېغىغا* كەلدى. 2ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* تۇيۇقسىز چاتقاللىقتىكى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوت ئىچىدىن ئۇنىڭغا كۆرۈندى. ئۇ كۆردىكى، چاتقاللىقتا ئوت كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چاتقاللىق كۆيمەيۋاتاتتى. 3ئۇ «بۇ ئاجايىپ ئىشقۇ، چاتقاللىق نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ يېنىغا بېرىپ قاراپ باقايچۇ!» دەپ ئويلىدى.
4مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار چاتقاللىقنىڭ ئىچىدىن:
_ مۇسا، مۇسا! _ دەپ چاقىردى.
_ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا. 5خۇدا ئۇنىڭغا:
_ يېقىن كەلمە، چورۇقۇڭنى سال، چۈنكى سەن دەسسەپ تۇرغان بۇ يەر مۇقەددەس يەردۇر. 6مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇرمەن، _ دېدى.
بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى.
7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. 8شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر. 9خەلقىمنىڭ قىلغان نالە-پەريادى قۇلىقىمغا ئاڭلانماقتا. مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارنى قانداق ئەزگەنلىكىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرماقتا. 10شۇڭا سېنى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن. سەن بېرىپ، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىق. 11لېكىن مۇسا خۇداغا:
_ مەن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقالايدىغان قانچىلىك چوڭ ئادەم ئىدىم؟ _ دېدى. 12خۇدا ئۇنىڭغا:
_ مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، سىلەر بۇ تاغقا كېلىپ ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ مېنىڭ سېنى ئەۋەتكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ، _ دېدى.
13_ مەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا: «مېنى بۇ يەرگە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي: «كىم ئۇ؟» دەپ سورىسا، مەن نېمە دەيمەن؟ _ دېدى مۇسا. 14خۇدا مۇنداق دېدى:
_ مەن مەندۇرمەن. سەن بېرىپ، ئۇلارغا مېنى «مەن مەندۇرمەن»* ئەۋەتتى، دېگىن.
15خۇدا مۇساغا يەنە:
_ ئىسرائىللارغا: «مېنى ‹ياھۋەھ›، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېگىن. ياھۋەھ مېنىڭ مەڭگۈلۈك نامىمدۇر، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىمەن. 16سەن بېرىپ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا: «ياھۋەھ، يەنى ئەجدادلىرىمىز بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا كۆرۈندى» دېگىن ۋە ئۇلارغا بۇ سۆزۈمنى يەتكۈزگىن: «مەن مىسىرلىقلارنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 17مەن سىلەرنى ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلدىم. مەن سىلەرنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىغا ئېلىپ بارىمەن».
18_ ئاقساقاللار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن كېيىن سىلەر بىرلىكتە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەممىڭلار: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دەڭلار. 19ماڭا مەلۇمكى، مىسىر پادىشاھىنى قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن مەجبۇر قىلمىغۇچە، ئۇ سىلەرگە ئىجازەت بەرمەيدۇ. 20شۇڭا مەن مىسىرلىقلارغا ئۆز قولۇم بىلەن ھەر خىل كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جازالايمەن. شۇنىڭ بىلەن مىسىر پادىشاھى سىلەرنى مىسىردىن كېتىشىڭلارغا يول قويىدۇ.
21سىلەر مىسىردىن چىقىدىغان ۋاقتىڭلاردا، مەن مىسىرلىقلارنى سىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىمەن، شۇڭا سىلەر مىسىردىن قۇرۇق قول چىقمايسىلەر. 22ئىسرائىل ئاياللىرى مىسىردىن چىقىدىغاندا، مىسىرلىق قوشنىلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ مېھمانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەر ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار بۇ نەرسىلەر بىلەن بالىلىرىنى ياساندۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ سىلەر مىسىرلىقلارنىڭ بايلىقلىرىنى تارتىۋالغان بولىسىلەر، _ دېدى.
4
پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئالاھىدە ئىقتىدار ئاتا قىلىشى
1بىراق مۇسا پەرۋەردىگارغا:
_ ئىسرائىللار ماڭا ئىشەنمىسە، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىسا ۋە ماڭا: «پەرۋەردىگار ساڭا ئەسلا كۆرۈنمىدى» دېسە، قانداق قىلىمەن، _ دېدى. 2پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن:
_ قولۇڭدىكى نېمە؟ _ دەپ سورىدى.
_ تاياق، _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا. 3پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ تاياقنى يەرگە تاشلا، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. مۇسا يىلاندىن قاچتى. 4پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:
_ يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇت، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋىدى، يىلان يەنە تاياققا ئايلىنىپ قالدى. 5پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ مانا بۇ مۆجىزە ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ساڭا كۆرۈنگەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ، _ دېدى. 6پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:
_ ئەمدى قولۇڭنى قوينۇڭغا سېلىپ چىقار، _ دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقارغانىدى، قولىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ، قاردەك ئاپئاق بولۇپ كەتكەنىدى. 7ئاندىن پەرۋەردىگار:
_ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سېلىپ چىقار، _ دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقاردى، بۇ قېتىم قولى ئەسلىگە كېلىپ، بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش ھالەتكە كەلگەنىدى. 8پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
_ ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمىسە ياكى دەسلەپكى مۆجىزىدىن كېيىن يەنىلا قايىل بولمىسا، كېيىنكى مۆجىزە بەلكىم ئۇلارنى قايىل قىلىدۇ. 9ئەگەر بۇ ئىككى مۆجىزىمۇ ئۇلارنى قايىل قىلالمىسا ۋە سۆزۈڭگە ئىشەندۈرەلمىسە، ئۇ چاغدا سەن نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدىن بىرئاز ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆك، سۇ شۇ ئان قانغا ئايلىنىدۇ، _ دېدى. 10لېكىن مۇسا:
_ ئى ئىگەم، مېنى ئەيىبكە بۇيرۇما، مەن ئەزەلدىنلا سۆزمەن ئادەم ئەمەسمەن. مەن سەن بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداقمەن، مەن مانا مۇشۇنداق تىلى ئېغىر ئادەممەن، _ دېدى. 11پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ ئادەمگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىم؟ ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان ياكى سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان ياكى ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغان قىلغان مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ 12سەن بېرىۋەر، مەن سېنى سۆزمەن قىلىمەن، ساڭا نېمە دېيىشنى ئۆگىتىمەن، _ دېدى. 13لېكىن مۇسا جاۋابەن:
_ ئى ئىگەم، مەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆزۈڭ ئىختىيار قىلغان باشقا بىرسىنى ئەۋەتكىن، _ دېدى. 14بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار مۇساغا غەزەپلىنىپ:
_ سېنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان ھارۇن ئىسىملىك بىر ئاكاڭ بارغۇ، ئۇنىڭ ناتىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇ سېنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئاللىقاچان يولغا چىقتى. ئۇ سېنى كۆرسە خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. 15سەن دېمەكچى بولغانلىرىڭنى ئۇنىڭغا ئېيت. سېنى ۋە ئۇنى سۆزمەن قىلىمەن ۋە ھەر ئىككىڭلارغا نېمە قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆگىتىمەن. 16ئۇ سېنىڭ ئاغزىڭ بولۇپ، ساڭا ۋاكالىتەن خەلققە سۆز قىلىدۇ. سەن خۇددى ماڭا ئوخشاش، ئۇنىڭغا نېمە دەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىسەن. 17بۇ تاياقنى ئېلىۋال. چۈنكى سەن بۇنىڭ بىلەن مۆجىزە كۆرسىتىسەن، _ دېدى.
مۇسانىڭ مىسىرغا قايتىشى
18شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېيىنئاتىسى يېترونىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:
_ مېنىڭ مىسىرغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلىپ كېلىشىمگە ئىجازەت بەرگەيسىز، _ دېدى. يىترو ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئاق يول تىلىدى.
19مۇسا تېخى مىدياندىكى ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ سەن مىسىرغا قايتىپ كەت! چۈنكى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم ئۆلدى، _ دېگەنىدى. 20شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ خۇدا ئېلىۋېلىشنى بۇيرۇغان تاياقنى قولىغا ئېلىۋالدى.
21پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئېسىگە سېلىپ يەنە مۇنداق دېدى:
_ مىسىرغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، پىرئەۋننىڭ ئالدىدا مەن سېنى كۆرسىتىشكە قادىر قىلغان ھەر خىل مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنى جاھىللاشتۇرىمەن، ئۇ خەلقىڭنى قويۇپ بەرمەيدۇ. 22ئۇ چاغدا سەن پىرئەۋنگە: «پەرۋەردىگار: ‹ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر. 23ئوغلۇمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بېرىشتىن توسما. رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن› دەيدۇ» دېگىن.
24مىسىر يولىدىكى بىر قونالغۇدا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولدى. 25شۇڭا مۇسانىڭ ئايالى زىپپورا قىرلىق بىر تاشنى قولىغا ئېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، خەتنىلىكىنى مۇسانىڭ پۇتلىرىغا تەگكۈزدى ۋە مۇنداق دېدى:
_ سەن ھەقىقەتەن خەتنىلىك قان ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىمسەن. 26(زىپپورا ئوغلىنى خەتنە قىلىپ، مۇسانى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى «خەتنىنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىم» دېدى.) شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسانى ئامان قالدۇردى.
27شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ھارۇنغا:
_ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسانى كۈتۈۋال، _ دېگەنىدى. ھارۇن يول يۈرۈپ خۇدانىڭ تېغىغا يەتكەندە، مۇسا بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنى سۆيدى. 28مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ۋە مىسىردا ئۆزى كۆرسىتىشكە بۇيرۇلغان بارلىق مۆجىزىلەرنى ھارۇنغا سۆزلەپ بەردى.
29شۇنداق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇن مىسىرغا بېرىپ، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغدى. 30ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى ھەم مۇسا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى. 31ئاقساقاللار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە زۇلۇم ئىچىدىكى ھاياتىغا نەزەر سالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.
5
مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشۈشى
1شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشۈپ:
_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «خەلقىمنىڭ مەن ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىلى چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي» دەيدۇ، _ دېدى. 2پىرئەۋن ئۇلارغا:
_ مېنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بەرگۈزگۈدەك قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن. ئىسرائىللارنىمۇ قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى. 3مۇسا بىلەن ھارۇن:
_ ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يول بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرسىڭىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى ۋابا ۋە ئۇرۇش بىلەن ھالاك قىلىشى مۇمكىن، _ دېدى. 4مىسىر پادىشاھى مۇسا ۋە ھارۇنغا:
_ بۇ نېمە دېگىنىڭلار! خەلقنىڭ ئىشىغا دەخلى قىلماقچىمۇسىلەر؟ بېرىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار! 5سىلەر بۇ يەردىكى ئىسرائىللارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىگە قارىماستىن، ئۇلارنى ئىشتىن توختاتماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ _ دېدى.
6پىرئەۋن شۇ كۈنىلا مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:
7_ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللارنىڭ كېسەك قۇيۇشى ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك سامان يىغىپ بەرمەڭلار! ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن. 8لېكىن ئۇلار كېسەك سانىنى بۇرۇنقىدەكلا ئورۇندىسۇن. بۇ ساننى كېمەيتىشىڭلارغا قەتئىي بولمايدۇ. ئۇلار ھۇرۇن، ئۇلارنىڭ: «خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغىلى بېرىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دېيىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇ! 9ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سېلىڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار تىنىم تاپماستىن ئىشلەپ، يالغان گەپلەرگە قۇلاق سېلىشقا ۋاقىتمۇ چىقىرالمايدۇ، _ دېدى.
10مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشلىرى بېرىپ، ئىسرائىللارغا:
_ پىرئەۋن بىزگە: «بۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللارغا سامان بەرمەڭلار، 11قەيەردە سامان بولسا، شۇ يەردىن ئۆزلىرى ئەكەلسۇن. بىراق كېسەكنىڭ سانىنى قەتئىي كېمەيتمەڭلار» دەيدۇ، _ دېدى. 12شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار مىسىرنىڭ ھەممە جايلىرىغا بېرىپ، ئېڭىزدىن سامان توپلايدىغان بولدى. 13ئەمگەك نازارەتچىلىرى ھەر كۈنى ئۇلارنى: «سىلەرگە سامان بېرىلگەن بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدەكلا كۆپ كېسەك قۇيىسىلەر» دەپ قىستىدى.
14پىرئەۋننىڭ ئەمگەك نازارەتچىلىرى ئۆزلىرى تەيىنلىگەن ئىسرائىل ئىش باشلىرىنى قامچىلاپ، ئۇلارنى:
_ نېمىشقا تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن قۇللارغا بۇرۇنقىدەك ساندا كېسەك قۇيدۇرمىدىڭلار؟ _ دەپ سوراق قىلىدىغان بولدى.
15شۇڭا ئىسرائىل ئىش باشلىرى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ:
_ ئالىيلىرى، قۇللىرىغا نېمىشقا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟ 16قۇللىرىغا سامان يەتكۈزۈپ بېرىلمەيۋاتىدۇ، لېكىن بىز يەنىلا بۇرۇنقى ساندا كېسەك قۇيۇشقا بۇيرۇلۇۋاتىمىز. ھازىر قۇللىرى تاياق يەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلار سىلەر مىسىرلىقلارنىڭ خاتالىقى، _ دەپ نالە قىلىشتى. 17پىرئەۋن ئۇلارغا:
_ ھەرقايسىڭ ھۇرۇن، ھۇرۇن نېمىلەرسەن! «پەرۋەردىگارىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ كېلىشكە ئىجازەت بەرگەيلا» دېيىشكەنلىرىڭنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. 18دەرھال قايتىپ بېرىپ ئىشىڭنى قىلىش! ھەرقايسىڭغا بېرىلىدىغان سامان يوق. كېسەكنى يەنىلا بۇرۇنقى ساندا تاپشۇرۇشىسەن، _ دېدى.
19كېسەك سانىنىڭ كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىسرائىل ئىش باشلىرى بېشىغا چوڭ بالا-قازانىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىشتى. 20ئۇلار پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، تاشقىرىدا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مۇسا بىلەن ھارۇنغا:
21_ سىلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارغا پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئەدىبىڭلارنى بەرسۇن. سىلەر پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا نامىمىزنى سېسىتتىڭلار. ئۇلارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈشىگە باھانە تېپىپ بەردىڭلار، _ دېدى.
خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى ئازاد قىلىشقا ۋەدە قىلىشى
22شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
_ ئى ئىگەم، ئۆز خەلقىڭنى نېمىشقا بۇنداق خورلايسەن؟ مېنى بۇ يەرگە نېمىشقا ئەۋەتتىڭ؟ 23مەن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ سېنىڭ سۆزلىرىڭنى يەتكۈزگەندىن بېرى، ئۇ خەلقىڭگە تېخىمۇ زۇلۇم سالىدىغان بولدى. ئەمما سەن ئۇلارنى قەتئىي قۇتقۇزمىدىڭ! _ دېدى.
6
1پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرئەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن. ئۇ مېنىڭ قولۇمنىڭ قۇدرىتى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىدۇ، ھەتتا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، _ دېدى. 2خۇدا مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 3مەن بۇرۇن ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ھەممىگە قادىر خۇدا بولۇپ زاھىر بولدۇم. لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئاشكارىلىمىدىم. 4ئەمما مەن ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان كەنئان زېمىنىنى ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدىم. 5ھازىر مەن ئىسرائىللارنىڭ مىسىرلىقلار تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراپ، داد-پەرياد قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم. 6شۇڭا سەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا سۆزلىرىمنى يەتكۈز: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدىن ئازاد قىلىمەن، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرىمەن. مەن ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، مىسىرلىقلارنى قاتتىق جازالايمەن. 7سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن ۋە مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ ئىشنى مېنىڭ، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر. 8مەن سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن ۋە ئۇ يەرنى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»
9مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى، لېكىن ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن روھسىزلانغان ئىسرائىللار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. 10پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:
11_ سەن پىرئەۋننىڭ، يەنى پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇشنى ئېيتقىن، _ دېدى. 12مۇسا پەرۋەردىگارغا:
_ سۆزۈمگە ئىسرائىللار قۇلاق سالمىغان يەردە پىرئەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن تىلى ئېغىر بىر ئادەم تۇرسام! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.
13لېكىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:
_ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «خۇدا بىزنىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن پىرئەۋنگە ئەمر قىلدى» دەڭلار _ دېدى.
مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئەجدادلىرى
14تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى بىر قىسىم جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر. ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى قاتارلىق تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.
15شىموننىڭ يىمۇئېل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، زوخار ۋە كەنئانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.
16لاۋىينىڭ گېرشون، قوھات ۋە مىرارى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. لاۋىي 137 يىل ئۆمۈر كۆردى. 17گېرشوننىڭ لىبنى ۋە شىمئى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. 18قوھاتنىڭ ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل قاتارلىق تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇ 133 يىل ئۆمۈر كۆردى. 19مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى.
يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر.
20قوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى ئەمرىگە ئالغانىدى. ئۇ ھارۇن بىلەن مۇسانى تۇغدى. ئامرام 137 يىل ئۆمۈر كۆردى. 21يىزھارنىڭ كوراھ، نەفەگ ۋە زىكرى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 22ئۇززىئېلنىڭ مىشائېل، ئەلزافان ۋە سىترى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.
23ھارۇن ناخشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 24كوراھتىن ئاسسىر، ئەلقانا، ئەبىئاساف ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار كوراھ جەمەتىدىكى تارماق جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بولدى. 25ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار پۇتىئېلنىڭ قىزلىرىدىن بىرنى ئەمرىگە ئالدى. ئۇ پىنىخاسنى تۇغدى.
مانا بۇلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى.
26دەل يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھارۇن بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى. 27پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلارمۇ مانا مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇن ئىدى.
ھارۇننىڭ مۇساغا ۋاكالىتەن سۆزلىشى
28پەرۋەردىگار مىسىردا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا:
29_ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، ساڭا دېگەن سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىغا يەتكۈزگىن، _ دېگەنىدى. 30لېكىن مۇسا:
_ مەن يا سۆزمەن بولمىسام، پىرئەۋن مېنىڭ سۆزۈمگە قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
7
1ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى:
_ مەن سېنى پىرئەۋن ئالدىدا خۇددى مەن خۇدادەك قۇدرەتلىك قىلىمەن. ئاكاڭ ھارۇن سېنىڭ سۆزلىرىڭنى بىر پەيغەمبەر خەلققە يەتكۈزگەندەك پىرئەۋنگە يەتكۈزىدۇ. 2مەن ساڭا تاپىلىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارۇنغا يەتكۈز. ھارۇن پىرئەۋندىن ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە ئىجازەت سورىسۇن. 3لېكىن مەن پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرىمەن، شۇڭا ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مىسىردا مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن. 4شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. مەن يەنە قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، مىسىرلىقلارغا ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرىمەن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن توپ-توپى بىلەن ئېلىپ چىقىمەن. 5مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جازالاپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
6پەرۋەردىگار ئۇلارغا نېمە ئەمر قىلغان بولسا، مۇسا بىلەن ھارۇن دەل شۇنى قىلدى. 7ئۇلار پىرئەۋن بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىدا، مۇسا 80 ياشتا، ھارۇن 83 ياشتا ئىدى.
ھارۇننىڭ تايىقى
8پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:
9_ پىرئەۋن سىلەرگە: «ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىڭلارنى بىر مۆجىزە ئارقىلىق ئىسپاتلاڭلار» دەيدۇ. ئەي مۇسا، ئۇ چاغدا سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا تاشلا» دېگىن. تاياق يىلانغا ئايلىنىدۇ، _ دېدى.
10مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ھارۇن تايىقىنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، تاياق يىلانغا ئايلاندى. 11پىرئەۋن دەرھال ئۆزىنىڭ دانىشمەنلىرى ۋە سېھىرگەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار سېھىر ئىشلىتىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى قىلدى. 12ئۇلارنىڭ ھەربىرى قولىدىكى تاياقنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلاندى. لېكىن ھارۇننىڭ يىلىنى ئۇلارنىڭ يىلانلىرىنى يۇتۇۋەتتى. 13ئەمما پىرئەۋن دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى.
قان ئاپىتى
14پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ پىرئەۋن تولىمۇ جاھىلدۇر. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بېرىشنى خالىمايدۇ. 15ئەتە ئەتىگەندە ئۇ نىل دەرياسىغا بارىدۇ. سەن دەريا بويىدا كۈتۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش. يىلانغا ئايلانغان ھېلىقى تايىقىڭنى قولۇڭغا ئېلىۋال. 16سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مېنى سىزگە: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي› دەپ ئېيتىشىمنى بۇيرۇدى. سىز باشتىن-ئاخىر سۆزۈمگە قۇلاق سالماي كەلدىڭىز. 17شۇڭا پەرۋەردىگار: ‹سەن ئەمدى مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمدىن مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن› دەيدۇ. قاراڭ، مەن قولۇمدىكى تاياقنى نىل دەرياسىدىكى سۇغا ئۇرسام، سۇ قانغا ئايلىنىدۇ، 18بېلىقلار تامامەن ئۆلىدۇ، نىل دەرياسى سېسىپ كېتىدۇ. مىسىرلىقلار دەريا سۈيىدىن سەسكىنىپ، ئۇنى ئىچەلمەيدۇ.» _ دېدى. 19پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:
_ سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى ئال، قولۇڭنى مىسىردىكى ھەرقايسى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. بۇ چاغدا مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدىكى سۇلار، ھەتتا ئىدىش ۋە تاش كۈپلەردىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ» دېگىن، _ دېدى.
20مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگار تاپىلىغان ئىشلارنى بەجا كەلتۈردى. ئۇ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا تايىقىنى كۆتۈرۈپ، نىل دەرياسىنىڭ سۈيىگە ئۇرۇۋىدى، دەريا سۈيى شۇ ئان قانغا ئايلاندى. 21نىل دەرياسىدىكى بېلىقلار ئۆلدى. دەريا سۈيى سېسىق پۇراپ، مىسىرلىقلار بۇ سۇنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قان قاپلىدى.
22بىراق پىرئەۋننىڭ سېھىرگەرلىرىمۇ سېھىرى ئارقىلىق ئوخشاش ئىشنى قىلدى. نەتىجىدە، دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى رەت قىلدى 23ۋە بۇرۇلۇپلا ئوردىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ بۇ ئىشقا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىدى. 24مىسىرلىقلار نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئىچىدىغان سۇ ئىزدەپ، دەريا ئەتراپلىرىنى كولىدى.
25پەرۋەردىگار نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى.
8
پاقا ئاپىتى
1ئۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ سەن يەنە پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىمىز: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. 2ئەگەر يەنە رەت قىلساڭ، ساڭا ئېيتىپ قويايكى، پۈتۈن زېمىنىڭغا پاقا ئاپىتى بىلەن زەربە بېرىمەن. 3نىل دەرياسى پاقىغا تولۇپ كېتىدۇ. پاقىلار دەريادىن چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ھەتتا تۆشەكلىرىڭگە كىرىدۇ. ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگە، ھەتتا ئوچاقلىرىغا، تەڭنىلىرىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرىدۇ. 4سېنىڭ ئۇچاڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغىمۇ يامىشىدۇ› دەيدۇ» دېگىن. 5پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:
_ سەن ھارۇنغا: «تاياق تۇتقان قولۇڭنى مىسىردىكى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. مىسىر زېمىنىنى پاقىلار بىلەن تولدۇرۇۋەت» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى. 6شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرىغا قارىتىپ ئۇزىتىۋىدى، مىسىر زېمىنىنى پاقىلار قاپلىدى.
7بىراق مىسىردىكى سېھىرگەرلەرمۇ سېھىر ئىشلىتىپ، مىسىر زېمىنىدا پاقا پەيدا قىلدى.
8پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، مۇساغا:
_ پەرۋەردىگاردىن پاقىلارنى مەندىن ۋە مىسىر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىل. شۇندىلا خەلقىڭنىڭ پەرۋەردىگارىغا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويىمەن، _ دېدى. 9مۇسا جاۋابەن:
_ بولىدۇ، سىز بىر ۋاقىت بەلگىلەڭ. مەن سىزگە، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە خەلقىڭىزگە دۇئا قىلاي. شۇ چاغدا پاقىلار سىلەردىن ۋە ئۆيلىرىڭلاردىن يوقىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىكى پاقىلاردىن باشقا پاقىلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، _ دېدى.
10پىرئەۋن ئۇنىڭغا:
_ ئەتىلا دۇئا قىل، _ دېدى. مۇسا:
_ سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن. شۇندىلا سىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن باشقا ھېچقانداق خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ قالىسىز. 11پاقىلار سىزدىن، ئوردىڭىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە خەلقىڭىزدىن ئايرىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىلا پاقا قالىدۇ، _ دېدى. 12شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىشتى. مۇسا پەرۋەردىگاردىن مىسىردىكى پاقىلارنى يوقىتىشنى تىلەپ، دۇئا قىلىپ يالۋۇردى. 13پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۆي، ھويلا ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىدى. 14مىسىرلىقلار پاقا ئۆلۈكلىرىنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ توپلىغانىدى، پۈتۈن مىسىر سېسىقچىلىققا تولدى. 15بىراق پەرۋەردىگار ئالدىن ئېيتقاندەك، پاقىلارنىڭ تامامەن ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى.
پاشا ئاپىتى
16پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى يەرگە ئۇر. چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مىسىرنى قاپلايدۇ» دېگىن، _ دېدى. 17ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى. ھارۇن تايىقىنى يەرگە ئۇرۇۋىدى، چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى قاپلاپ كەتتى. مىسىر زېمىنىدىكى چاڭ-توزانلارنىڭ ھەممىسى پاشىغا ئايلاندى.
18سېھىرگەرلەرمۇ ئۆز سېھىرلىرى بىلەن پاشا پەيدا قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمىدى. ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىنى پاشا قاپلاپ كەتتى. 19سېھىرگەرلەر پىرئەۋنگە:
_ بۇ ئىشنى خۇدا قىلدى! _ دېيىشتى. بىراق دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.
چىۋىن ئاپىتى
20ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ ئەتە تاڭ سەھەردىلا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پىرئەۋن دەريا بويىغا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىمىز: ‹خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي. 21سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيدىغان بولساڭ، ساڭا، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭگە چىۋىنلار توپىنى ئەۋەتىمەن. ئۆيلىرىڭلار چىۋىنلارغا تولىدۇ ۋە ھەممە يەرنى چىۋىنلار قاپلايدۇ. 22لېكىن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىللار ياشاۋاتقان گوشەن ۋىلايىتىنىڭ ئەھۋالىنى باشقىچە قىلىمەن. ئۇ يەر چىۋىنلار توپىدىن خالىي بولىدۇ. شۇندىلا سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ يەردىمۇ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن. 23مەن ئۆز خەلقىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن. بۇ مۆجىزە ئەتە كۆرۈلىدۇ› دەيدۇ» دەپ ئېيتقىن. 24پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. توپ-توپ چىۋىنلار پىرئەۋننىڭ ئوردىسىغا ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، پۈتۈن مىسىر زېمىنىنى خاراب قىلىۋەتتى.
25پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا:
_ بارساڭلار بېرىڭلار! بىراق خۇدايىڭلارغا قىلىدىغان قۇربانلىقنى مىسىر چېگراسى ئىچىدە قىلىڭلار! _ دېدى. 26لېكىن مۇسا:
_ بۇنداق قىلساق توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ئۈچۈن قىلىدىغان قۇربانلىقلىرىمىز مىسىرلىقلارنى يىرگەندۈرىدۇ. ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى يىرگەندۈرىدىغان قۇربانلىقلارنى قىلساق، ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىدۇ! 27بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمر قىلغىنىدەك ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشىمىز كېرەك، _ دېدى. 28پىرئەۋن ئۇنىڭغا:
_ چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا ئىجازەت بېرەي، لېكىن ئانچە يىراققا كەتمەڭلار. مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.
29مۇسا جاۋابەن:
_ مەن يېنىڭىزدىن چىقىپلا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي. چىۋىنلار توپى ئەتىلا سىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە پۇقرالىرىڭىزدىن ئايرىلىدۇ. لېكىن سىز بىزنى ئالداپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىڭىز كېرەك، _ دېدى.
30شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 31پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، چىۋىنلار توپىنى پىرئەۋن، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالاردىن ئايرىدى. مىسىردا بىر تال چىۋىنمۇ قالمىدى. 32لېكىن بۇ قېتىممۇ پىرئەۋن يەنە جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشىغا يول قويمىدى.
9
ۋابا
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ سەن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. 2ئەگەر سەن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ، 3سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، چارۋا ماللىرىڭنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئات، ئېشەك، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭنى ۋاباغا دۇچار قىلىمەن. 4بىراق ئىسرائىللارنىڭ چارۋا ماللىرىنى مىسىرلىقلارنىڭكىدىن پەرقلەندۈرىمەن. ئىسرائىللارنىڭ ماللىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمەيدۇ› دەيدۇ» دېگىن. 5پەرۋەردىگار ۋاقىت بەلگىلەپ:
_ مەن بۇ ئىشنى ئەتىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارار قىلدىم، _ دېدى.
6ئەتىسى پەرۋەردىگار ئېيتقىنىنى قىلدى. مىسىرلىقلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋاباغا دۇچار بولۇپ ئۆلۈشكە باشلىدى. لېكىن ئىسرائىللارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ بىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىمىدى. 7پىرئەۋن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرتۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ماللىرىدىن بىرىنىڭمۇ ئۆلمىگەنلىكىنى ئۇقتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يول قويمىدى.
چاقا ئاپىتى
8كېيىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:
_ ئوچاقتىن بىرقانچە چاڭگال كۈل ئېلىۋېلىڭلار. مۇسا ئۇنى پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ھاۋاغا چاچسۇن. 9بۇ كۈل چاڭ-توزان بولۇپ، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەنلىرىنى يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كېتىدۇ، _ دېدى.
10شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قوللىرىغا ئوچاقتىن كۈل ئېلىپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىغا باردى. مۇسا كۈلنى ھاۋاغا چاچتى. نەتىجىدە، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەنلىرىنى يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتتى. 11ھەتتا سېھىرگەرلەرمۇ مۇساغا تاقابىل تۇرالمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەدىنىنىمۇ باشقا مىسىرلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتكەنىدى. 12شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن جاھىللاشتۇرۇلغان پىرئەۋن خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.
مۆلدۈر ئاپىتى
13پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ ئەتە تاڭ سەھەردىلا پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. 14بولمىسا، بۇ قېتىم ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭنى بالايىئاپەتكە دۇچار قىلىپلا قالماي، ھەتتا سېنىمۇ بىرلىكتە بالايىئاپەتكە دۇچار قىلىمەن. شۇندىلا سەن ئالەمدە مەندىن باشقا خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلىسەن. 15ئەسلى مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، سېنى ۋە خەلقىڭنى ۋاباغا مۇپتىلا قىلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوق قىلالايتتىم. 16بىراق مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ئەكسىچە، قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش ۋە نامىمنى ئالەمگە نامايان قىلىش ئۈچۈن سېنى پىرئەۋن قىلىپ تىكلىدىم. 17لېكىن سەن يەنىلا زوراۋانلىق قىلىپ، خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيۋاتىسەن. 18شۇڭا ئەتە مۇشۇ چاغدا قاتتىق مۆلدۈر ياغدۇرىمەن، مىسىر تارىخىدا ھېچقاچان بۇنداق مۆلدۈر يىغىپ باقمىغاندۇر. 19ھازىر سەن ئادەملىرىڭگە سىرتتىكى ساڭا تەۋە بولغان بارلىق چارۋا مال ۋە باشقا نەرسىلىرىڭنى دالدىغا ئېلىپ كىرىۋېلىشىغا ئەمر قىل. چۈنكى سىرتتا قېلىپ قالغان ئادەم ۋە ھايۋانلار مۆلدۈردە ھالاك بولىدۇ› دەيدۇ» دېگىن.
20پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن بىر قىسىم پىرئەۋننىڭ ئەمەلدارلىرى قۇل ۋە چارۋا ماللىرىنى دەرھال دالدىغا ئېلىپ كىرىۋالدى. 21پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنلەر بولسا قۇل ۋە چارۋا ماللىرىنى تاشقىرىدا قويۇۋەردى.
22پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن قولۇڭنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈر! پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغىدۇ، _ دېدى. 23مۇسا تايىقىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار چاقماق چاقتۇرۇپ، گۈلدۈرماما ياڭرىتىپ، مىسىر زېمىنىغا مۆلدۈر ياغدۇرۇشقا باشلىدى. 24شۇنداق قىلىپ، چاقماقلار چېقىلىپ، يوغان-يوغان مۆلدۈرلەر يەرگە تۆكۈلۈپ چۈشتى. بۇ مىسىر تارىخىدا ھازىرغىچە يۈز بېرىپ باقمىغان ئەڭ چوڭ مۆلدۈر ئاپىتى ئىدى. 25مۆلدۈر مىسىر زېمىنىدىكى ئوچۇقچىلىقتا قالغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن ئادەم، ھايۋان، ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋە بارلىق دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 26پەقەت ئىسرائىللار ياشايدىغان گوشەن ۋىلايىتىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى.
27پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ:
_ بۇ قېتىم مەن خاتا قىلدىم، خەلقىمدىن سەۋەنلىك ئۆتتى. پەرۋەردىگار ئادىلدۇر. 28مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار. بىزگە بۇ ھەيۋەتلىك گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر يېتەر. مەن سىلەرنىڭ كېتىشىڭلارغا يول قوياي. سىلەر ئەمدى بۇ يەردە تۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، _ دېدى. 29مۇسا ئۇنىڭغا:
_ مەن بۇ شەھەردىن چىقىشىم بىلەنلا، قولۇمنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىمەن، گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر شۇ ھامان توختايدۇ. شۇ چاغدا سىز دۇنيانىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. 30لېكىن سىز ۋە ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ تېخىچە پەرۋەردىگار خۇدادىن قورقمايۋاتقانلىقىڭلار ماڭا مەلۇم، _ دېدى.
31بۇ زىغىر چېچەكلىگەن ۋە ئارپا تېخى پىشمىغان ۋاقىت ئىدى، شۇڭا مۆلدۈر ئۇلارنى خاراب قىلىۋەتكەنىدى. 32پەقەت بۇغدايلارلا زىيانغا ئۇچرىمىغانىدى، چۈنكى ئۇلار تېخى باش تۇتمىغانىدى.
33مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر شۇ ھامان توختىدى، يامغۇرمۇ تىنچىدى. 34گەرچە پىرئەۋن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە گۇناھ سادىر قىلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنىلا جاھىللىق قىلىشتى. 35پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا ئېيتقاندەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى.
10
چېكەتكە ئاپىتى
1شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن پىرئەۋننىڭ يېنىغا يەنە بارغىن. مەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى يەنە جاھىللاشتۇرىمەن. مەقسىتىم كۈچ-قۇدرىتىمنى مىسىر خەلقىگە نامايان قىلىشتۇر. 2شۇنداق بولغاندا، سىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرىلىرىڭلارغا مېنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق جازالىغانلىقىم ۋە ئۇلارغا قانداق مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنلىكىمنى سۆزلەپ بېرەلەيسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلەلەيسىلەر، _ دېدى.
3شۇنداق قىلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:
_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «سەن مېنىڭ ئالدىمدا زادى قاچانغىچە جاھىللىق قىلىسەن؟ خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي! 4ئەگەر يول قويمىساڭ، سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، مەن ئەتە سېنىڭ زېمىنىڭدا چېكەتكە ئاپىتى پەيدا قىلىمەن. 5چېكەتكىلەر زېمىنىڭنى قاپلايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يەر يۈزىنىمۇ كۆرەلمەي قالىسەن. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغان زىرائەتلەرنى، ھەتتا دالادىكى دەل-دەرەخلەرنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ. 6ئۇلار ئورداڭغا، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ كىرىدۇ. بۇنداق قورقۇنچلۇق ئاپەتنى ئاتا-بوۋىلىرىڭمۇ كۆرۈپ باقمىغان» دەيدۇ، _ دېدى ۋە دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.
7ئەمەلدارلار پىرئەۋنگە:
_ ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسىغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ _ دېدى.
8شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا:
_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بارساڭلار بېرىڭلار. لېكىن زادى كىملەر بارماقچى؟ _ دېدى. 9مۇسا جاۋابەن:
_ قېرى-ياش، بالىچاقا ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئېلىپ، ھەممىمىز بارماقچى. چۈنكى بىز ئۇ يەردە ھېيت ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىپ تەنتەنە قىلىمىز، _ دېدى. 10پىرئەۋن ئۇلارغا:
_ ھىم! مەن سىلەرنىڭ خوتۇن ۋە بالىچاقىلىرىڭلارنى ئېلىپ بېرىشىڭلارغا ھەقىقەتەن يول قويۇشۇم كېرەك ئىكەن-دە!؟ سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار ئۆزى ساقلىسۇن! قاراڭلار، نىيىتىڭلار نېمانداق يامان! 11قەتئىي يول قويمايمەن! ئەگەر سىلەرنىڭ تەلەپ قىلغىنىڭلار ئىبادەت قىلىشقا بېرىش بولسا، ئۇنداقتا پەقەت ئەرلەرلا بارسۇن، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇن ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
12شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ چېكەتكە پەيدا قىلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قولۇڭنى ئۇزات! چېكەتكىلەر مىسىر تەۋەسىدە مۆلدۈردىن ئامان قالغان ھەممە ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ تۈگەتسۇن، _ دېدى.
13شۇنىڭ بىلەن مۇسا قولىدىكى تايىقىنى مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قارىتىپ ئۇزاتتى. پەرۋەردىگار بىر كېچە-كۈندۈز شەرق شامىلى چىقاردى. تاڭ ئاتقاندا شامال چېكەتكىلەرنى ئېلىپ كەلدى. 14چېكەتكىلەر توپ-توپى بىلەن مىسىر زېمىنىغا قوندى، ئۇلار مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. بۇنچە كۆپ چېكەتكە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 15پۈتۈن زېمىن قارىداپ كەتتى. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغان ھەممە نەرسىنى، يەنى ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە شاختىكى مېۋىلەرنى يەپ تۈگەتتى. پۈتۈن مىسىر تەۋەسىدىكى ئېتىزلىقلاردا ۋە دەل-دەرەخلەردە يېشىللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى.
16شۇڭا پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ:
_ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھكارمەن. 17ئەمدى يەنە بىر قېتىم ماڭا كەڭچىلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن: «مىسىرلىقلارنى بۇ ئەجەللىك ئاپەتتىن قۇتقۇزغايسەن» دەپ دۇئا قىلغايسىلەر، _ دېدى.
18شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 19پەرۋەردىگار شەرق شامىلىنى قاتتىق غەرب شامىلىغا ئايلاندۇرۇپ، چېكەتكىلەرنى قىزىل دېڭىزغا ئۇچۇرۇپ كەتتى. مىسىر دىيارىدا بىرمۇ چېكەتكە قالمىدى. 20لېكىن پىرئەۋن ئىسرائىللارنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى يەنىلا جاھىللاشتۇرغانىدى.
قاراڭغۇلۇق
21ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن قولۇڭنى ئاسمانغا كۆتۈر! پۈتۈن مىسىرنى زۇلمەت قاپلايدۇ، _ دېدى. 22مۇسا قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈۋىدى، پۈتۈن مىسىرنى ئۈچ كۈن زۇلمەت قاپلىدى. 23بۇ چاغدا مىسىرلىقلار بىر-بىرىنى كۆرەلمىدى، ئۆيدىن تالاغا چىقالمىدى. لېكىن ئىسرائىللار ياشايدىغان يەرلەر بولسا يورۇق تۇردى.
24پىرئەۋن مۇسانى چاقىرتىپ:
_ سىلەر بېرىپ پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادىتىڭلارنى قىلىڭلار. ھەتتا خوتۇن ۋە بالاچاقىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ. لېكىن كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلار بۇ يەردە قالسۇن، _ دېدى. 25مۇسا جاۋابەن:
_ ياق، سىز بىزنىڭ قۇربانلىق ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشىمىز ئۈچۈن ماللىرىمىزنى ئېلىپ بېرىشىمىزغا ئىجازەت بېرىڭ. 26بىز چارۋا ماللىرىمىزنى چوقۇم ئېلىپ بارىمىز، ھەتتا بىرەر تۇياق مېلىمىزنىمۇ بۇ يەردە قالدۇرمايمىز. بىز پەرۋەردىگارغا ئاتايدىغان قۇربانلىقنى ئۆز ماللىرىمىز ئىچىدىن تاللايمىز. ئۇ يەرگە بارمىغۇچە، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قايسى مالنى قۇربانلىق قىلىشنى بىلمەيمىز، _ دېدى.
27پەرۋەردىگار پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرغاچقا، ئۇ ئىسرائىللارنى يەنىلا قويۇپ بەرمىدى. 28پىرئەۋن مۇساغا:
_ كۆزۈمدىن يوقال، ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما! يەنە كۆرۈنگۈچى بولساڭ، جېنىڭنى ئالىمەن! _ دېدى. 29مۇسا ئۇنىڭغا:
_ ئېيتقىنىڭىز كەلسۇن. مەنمۇ سىزگە كۆرۈنمەيمەن، _ دېدى.
11
تۇنجى بالىلارنىڭ ئۆلۈشى
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەڭ ئاخىرقى ئاپەتنى چۈشۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى جەزمەن قويۇپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ سىلەردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. 2ئەمدى سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار مىسىرلىق قوشنىلىرىنىڭكىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى سوراپ ئالسۇن. 3(پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنى مۇسانى ئۇلۇغ ئادەم، دەپ ھۆرمەتلەيدىغان قىلىپ قويغانىدى.)
4شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرئەۋنگە مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار: «بۈگۈن تۈن يېرىمىدا، مەن مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىمەن. 5شۇ ۋاقىتتا مىسىر تەختىدە ئولتۇرغان پىرئەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ تاكى يارغۇنچاقتا ئۇن تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە ھەممە تۇنجى ئوغۇللار ئۆلىدۇ، ھەتتا تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرىمۇ ئۆلىدۇ. 6شۇ چاغدا پۈتۈن مىسىردا ئەلمىساقتىن بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدىغان قاتتىق يىغا-زار بولىدۇ. 7لېكىن ئىسرائىللارغا ياكى ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ھەتتا ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ» دەيدۇ. ئەنە شۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. 8ئاخىردا ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ئېگىلىدۇ ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا شۇ چاغدا مەن بۇ يەردىن ئايرىلىمەن. مۇسا سۆزىنى تۈگىتىپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن دەرغەزەپ بىلەن چىقىپ كەتتى.
9پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا: «پىرئەۋن سېنىڭ سۆزۈڭنى داۋاملىق رەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەن مىسىردا تېخىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىمەن» دېگەنىدى. 10مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پەرۋەردىگار پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويمىدى.
12
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى
1پەرۋەردىگار مىسىردا مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
2_ ھازىردىن باشلاپ، بۇ ئاي ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى بولسۇن. 3سىلەر تۆۋەندىكىلەرنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تاپىلاڭلار. مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەن خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بىر قوچقار ياكى تېكە تەييارلىسۇن. 4ئەگەر ئائىلىسىدە ئادەم سانى ئاز بولۇپ، بىر مال كۆپلۈك قىلسا، ئۇنى قوشنىسى بىلەن بىرلىشىپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشىنى ئادەم سانى ۋە يېيىش مىقدارىغا قاراپ تەقسىم قىلسۇن. 5لېكىن قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان ياكى تېكە بولسۇن. 6پۈتۈن ئىسرائىل ئائىلىلىرى تاللىغان ماللىرىنى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ياخشى بېقىپ، شۇ كۈنى گۇگۇم ۋاقتىدا بوغۇزلىسۇن. 7ئاندىن قۇربانلىقنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىقنىڭ گۆشنى يېگەن ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكىنىڭ بېشى ۋە كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن. 8شۇ كېچىسى گۆشنى ئوتتا پىشۇرۇپ، ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات ۋە پېتىر نان بىلەن يېسۇن. 9قۇربانلىقنى خام ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېمەي، ئىچ-باغرى بىلەن پۈتۈن پېتى ئوتتا پىشۇرۇپ يېسۇن. 10ئېشىپ قالغىنىنى ئەتىسىگە قالدۇرماي، شۇ كېچىسىلا كۆيدۈرۈۋەتسۇن. 11قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېگەن ۋاقتىدا، خۇددى سەپەرگە تەييارلانغاندەك بەللىرىنى چىڭ باغلاپ، چورۇقلىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا ھاسىلىرىنى تۇتۇشۇپ تېز يېسۇن. بۇ كېچە مەن پەرۋەردىگارنى ھۆرمەتلەپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزىدىغان كېچە بولىدۇ.
12بۇ كېچىسى مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ يۈرۈپ، مەيلى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ياكى تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 13ئىشىك كېشەكلىرىگە سۈركەپ قويۇلغان قان سىلەر تۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ بەلگىسىدۇر. مەن بۇ قانلارنى كۆرگىنىمدە، ئۆيلىرىڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن. مىسىرلىقلارنى جازالىغان ۋاقتىمدا، سىلەرگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمەيدۇ.
پېتىر نان ھېيتى
14پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:
_ سىلەر بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن. 15يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 16ھېيتنىڭ بىرىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ ئىككى كۈندە يېمەكلىك تەييارلاشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار، 17پەقەت پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنى سىلەر ھېيت ئۆتكۈزمەكچى بولغان مۇشۇ ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىمەن. پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش سىلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن. 18ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى* كەچقۇرۇندىن باشلاپ 21-كۈنى كەچقۇرۇنغىچە پېتىر نان يەڭلار. 19بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغانلىكى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن كىشى مەيلى ئىسرائىل ياكى يات خەلق بولسۇن، ئىسرائىل خەلقى قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 20قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار، پەقەت پېتىر نان يەڭلار.
تۇنجى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى
21مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ ھەربىر ئائىلە بىردىن مال تاللاپ، ئۇنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سويسۇن.
22قوللىرىغا بىر تۇتام لېپەكگۈل ئېلىپ، قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ داستىكى قېنىغا چىلاپ، ئۇنى ئىشىكلىرىنىڭ بېشى ۋە كېشىكىگە سۈركىسۇن. ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ھېچكىم ئىشىكتىن چىقمىسۇن. 23چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بۇ زېمىننى كېزىدۇ. پەرۋەردىگار ئىشىك بېشى ۋە كېشەكتىكى قاننى كۆرگىنىدە، ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ، سىلەرنى ھالاك قىلىشىغا يول قويمايدۇ. 24سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار بۇ قائىدىگە مەڭگۈ ئەمەل قىلىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن. 25سىلەر پەرۋەردىگار بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردىمۇ، بۇ ھېيت ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىڭلار. 26ئەگەر پەرزەنتلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ قانداق ھېيت؟» دەپ سورىسا، 27سىلەر: «بۇ ئۆتۈپ كېتىش كۈنىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىق مۇراسىمىدۇر. چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ جېنىنى ئالغان كېچىدە، ئۇ بىز ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئائىلىلىرىمىزنى ساقلاپ قالغانىدى» دەڭلار.
ئىسرائىللار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى. 28ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى.
تۇنجى ئوغۇل ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
29شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پەرۋەردىگار تەختتە ئولتۇرغان پىرئەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ تاكى زىنداندىكى مەھبۇسلارنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى ئالدى، شۇنداقلا تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللارنىمۇ ئۆلتۈردى. 30ئۇ كېچە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلق ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. چۈنكى ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئائىلە يوق ئىدى. 31ئۇ كېچە پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا:
_ دەرھال كېتىڭلار! ھەممە ئىسرائىللارنى باشلاپ، يۇرتۇمدىن تېز چىقىپ كېتىڭلار. ئۆزۈڭلار تەلەپ قىلغىنىڭلاردەك بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. 32كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىڭلار. ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلىپ قويۇڭلار، _ دېدى.
33مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئۆز يۇرتىدىن چاپسان كېتىشكە ئالدىراتتى. ئۇلار:
_ سىلەر چىقىپ كەتمىسەڭلار، بىز ئۆلۈپ تۈگەيدىكەنمىز، _ دېيىشتى. 34شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار خېمىرتۇرۇچ سالمىغان پېتىر خېمىرلىرىنى تەڭنىلىرىگە سېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن يۆگەپ، مۈرىسىگە قويۇپ ئېلىپ مېڭىشتى. 35ئۇلار يەنە مۇسانىڭ تاپىلىغىنى بويىچە مىسىرلىقلاردىن ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىشتى. 36پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار مىسىرلىقلاردىن نېمە سورىسا، شۇنى بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار مىسىرلىقلارنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ كەتتى.
ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشى
37ئىسرائىللار رەمسېس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ۋاقتىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى. 38كۆپلىگەن يات قەبىلىلىكلەرمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، نۇرغۇن چارۋا ماللىرىنى ئېلىپ بىللە مېڭىشتى. 39ئۇلار مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن خېمىرلاردىن پېتىر نان قىلدى. چۈنكى ئۇلار مىسىردىن تېز چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاچقا، خېمىرلىرىنى بولدۇرۇپ، يېمەكلىك تەييارلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى.
40ئىسرائىللار مىسىردا جەمئىي 430 يىل تۇردى. 41دەل 430 يىل توشقان كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى مىسىردىن چىقتى. 42شۇ كۈنى كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنى مىسىردىن مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ چىقتى. شۇڭا ئىسرائىللار بۇ كېچىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ھەر يىلى خاتىرىلەيدىغان بولدى.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى
43پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى:
_ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق گۆشىنى يات خەلقلەر يېمىسۇن. 44لېكىن ئۆزۈڭلار سېتىۋالغان ھەم خەتنە قىلغان قۇللار يېسە بولىدۇ. 45ئۆيۈڭلاردا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ياتلار ۋە مەدىكارلار يېمىسۇن. 46قۇربانلىق قوينىڭ گۆشى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلماي، ئۆينىڭ ئىچىدىلا يېيىلسۇن. قوينىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمىسۇن. 47پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلسۇن. 48ئەگەر ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئەرلەرنى خەتنە قىلدۇرسۇن. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلارمۇ ئىسرائىللارغا ئوخشاش بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. لېكىن خەتنە قىلىنمىغانلار قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىنى يېمىسۇن. 49مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسى مانا شۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلسۇن.
50بارلىق ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا بۇيرۇغان قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلدى. 51پەرۋەردىگار مانا شۇ كۈنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.
13
ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغلىنى خۇداغا ئاتىشى
1پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا:
2_ سىلەر تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنى ماڭا ئاتاڭلار. چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرى ماڭا مەنسۇپتۇر، _ دېگەنىدى.
3مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى:
_ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار. 4سىلەر زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىنىڭ بىر كۈنى مىسىردىن يولغا چىققانىدىڭلار. 5پەرۋەردىگار سىلەرنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنلىرىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ كۈننى مۇبارەكلەپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە بەرگەنىدى. 6ھېيت مەزگىلىدە يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار. يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىبادەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈڭلار. 7بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يەڭلار. ئۆيۈڭلاردا، ھەتتا سىلەرگە تەۋە زېمىن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. 8ھېيت كۈنلىرى پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇ ھېيتنىڭ سىلەرنىڭ مىسىردىن ئايرىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتكەن پۈتۈن مۆجىزىلىرىنى ئەسلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭلارنى چۈشەندۈرۈڭلار. 9ھېيت خۇددى قولۇڭلار ياكى پېشانەڭلاردىكى بەلگىدەك سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى ھەمىشە ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەسلىكىڭلارنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. 10شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مەن بەلگىلىگەن مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار.
11پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ سىلەرنى كەنئانلىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇ يەرنى سىلەرگە ھەدىيە قىلغاندىن كېيىن، 12سىلەر تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مېلىڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار. تۇنجى ئوغۇل ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مېلىڭلار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن. 13سىلەر تۇنجى ئەركەك تەخەينىڭ ئورنىغا قوي قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ قۇربانلىق قىلىڭلار. لېكىن تۇنجى ئوغۇللىرىڭلارنى چوقۇم بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋېلىڭلار. 14كەلگۈسىدە ئوغۇللىرىڭلار: «سىلەر نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سورىسا، سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. 15ئۇ چاغدا پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، بىزنى چېگراسىدىن چىقارمىغانىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ھايۋانلىرىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنى ھالاك قىلدى. شۇ سەۋەبتىن بىز پۈتۈن چارۋا ماللىرىمىزنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىمىز. بىراق تۇنجى ئوغۇللىرىمىزنى بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋالىمىز. 16بىزنىڭ بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىشىمىز خۇددى قولىمىزغا ياكى پېشانىمىزگە چېكىۋالغان تۈگۈنچەكنىڭ بىزگە مەلۇم نەرسىنى ئەسلىتىپ تۇرغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز ئۈچۈندۇر» دەپ جاۋاب بېرىڭلار.
بۇلۇت ۋە ئوت تۈۋرۈكى
17پىرئەۋن ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يول قويغان ۋاقىتتا، گەرچە ئىسرائىللارنىڭ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنى بىلەن مېڭىشى مەنزىلگە يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى ئۇ يولغا باشلىمىدى. چۈنكى خۇدا: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، بەلكىم پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا قايتىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى. 18شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى يىراق يول بىلەن چۆلدىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل دېڭىز تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭغانىدى.
19مۇسا يۈسۈپنىڭ جەسەت-سۆڭىكىنىمۇ ئېلىپ ماڭدى. چۈنكى يۈسۈپ ئۆز قان-قېرىنداشلىرى ئالدىدا: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر چوقۇم مېنىڭ جەسەت سۆڭىكىمنى بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ، ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرغانىدى.
20ئىسرائىللار سۇككوت شەھىرىدىن چىقىپ، چۆلنىڭ بويىدىكى ئېتام دېگەن يەردە چېدىرلىرىنى تىكىشتى. 21پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارغا يول باشلىسا، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز ماڭالايدىغان بولدى. 22پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىنى، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدى.
14
ئىسرائىللارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈشى
1پەرۋەردىگار مۇساغا:
2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىگدول شەھىرى بىلەن دېڭىز ئارىلىقىدىكى پىھاخىروت دېگەن يەرنىڭ يېنىدا چېدىرلىرىنى تىكسۇن. ئۇ يەر بائال-زىفوننىڭ قارشى تەرىپىدىدۇر. 3شۇنداق قىلساڭلار، پىرئەۋن: «ئىسرائىللار ئايلىنىپ يۈرۈپ، يوللىرىدىن ئېزىپ، ئاخىرى چۆلدە قاپتۇ» دەپ ئويلايدۇ. 4مەن پىرئەۋننى يەنە جاھىللاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەينىڭلاردىن قوغلايدۇ. مەن پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى يېڭىمەن، شۇ چاغدا ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. مىسىرلىقلارمۇ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، _ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇ يەردە چېدىرلىرىنى تىكىشتى.
5پىرئەۋن «ئىسرائىللار قېچىپ كەتتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە قارارىنى ئۆزگەرتىپ:
_ بىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەخمەقلىق قىلدۇق؟ ئىسرائىللارنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويۇپ، نۇرغۇن قۇلدىن مەھرۇم قاپتۇق! _ دېيىشتى. 6شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن شاھانە جەڭ ھارۋىسىنى تەييار قىلدۇرۇپ، قوشۇنىنى باشلاپ يولغا چىقتى. 7ئۇ مىسىردىكى بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى باشلاپ ماڭدى. بۇ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تاللانغان ئالتە يۈز جەڭ ھارۋىسىمۇ بار ئىدى. ھەربىر جەڭ ھارۋىسىدا بىردىن لەشكەر بېشى بار ئىدى. 8پەرۋەردىگار پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنى جاھىللاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن زەپەر بىلەن چىقىپ كېتىۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. 9مىسىر قوشۇنى، جۈملىدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە پىيادە لەشكەرلەر ئىسرائىللارنى تاكى قىزىل دېڭىزغىچە، يەنى ئۇلار چېدىر قۇرغان جايغىچە توختىماي قوغلاپ باردى. ئۇ يەر پىھاخىروتنىڭ يېنىدا بولۇپ، بائال-زىفوننىڭ قارشى تەرىپىدە ئىدى.
10ئىسرائىللار پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇپ كېتىشتى ۋە پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىشتى. 11ئۇلار مۇساغا:
_ بىزنى مىسىردىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنىڭىز نېمىسى؟ ئەجەبا، بىزنى چۆل-باياۋاندا ئۆلسۇن دېمەكچىمىدىڭىز؟ بىزگە مىسىردا ياتقۇدەك گۆر چىقار بولغۇيدى؟ 12ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىزگە: «بولدى قىلىڭ، مىسىردا قۇل بولساق بولايلى» دېمىگەنمىدۇق؟! قۇل بولۇش ھامان چۆلدە ئۆلگەندىن ياخشى ئەمەسمىدى؟! _ دېيىشتى.
13بىراق مۇسا ئۇلارغا:
_ قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر. 14پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. سىلەر شۈك تۇرۇڭلار، _ دېدى. 15پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ ماڭا يېلىنما! ئىسرائىللارغا: «مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىل. 16ئاندىن تايىقىڭنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىغىن، دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، ئىسرائىللار قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتەلەيدۇ. 17مەن مىسىرلىقلارنى جاھىللاشتۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ ئارقىڭلاردىن قوغلايدۇ. مەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ھەمدە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمەن. شۇندىلا ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. 18مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، _ دېدى.
19ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ مېڭىۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى. بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ كەينىگە ئۆتۈپ، 20مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ توختىدى. بۇلۇت مىسىرلىقلارغا قاراڭغۇلۇق، لېكىن ئىسرائىللارغا يورۇقلۇق چۈشۈردى. شۇڭا مىسىر قوشۇنى ئىسرائىللارغا كېچىچە يېقىن كېلەلمىدى.
21مۇسا دېڭىزغا قولىنى شىلتىدى. پەرۋەردىگار بىر كېچە قاتتىق شەرق شامىلى چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە بۆلۈپ، قۇرۇقلۇق پەيدا قىلدى. 22ئىسرائىللار دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، دېڭىزدىن ئۆتتى. سۇلار ئېگىز تامدەك كۆتۈرۈلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇراتتى. 23مىسىرلىقلار، جۈملىدىن پىرئەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنى قوغلاپ، دېڭىزدىكى قۇرۇق يەردىن ماڭدى. 24تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئوت ۋە بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن مىسىر قوشۇنىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. 25ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى چۈشۈپ قېلىپ، داۋاملىق مېڭىشقا ئامالسىز قالدى. مىسىرلىقلار:
_ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا ياردەم قىلىپ، بىزنى مەغلۇپ قىلدى، تېز قاچايلى! _ دېيىشتى. 26پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ دېڭىزغا قولۇڭنى شىلتى، بۆلۈنگەن سۇ ئەسلىگە كەلسۇن. مىسىرلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى سۇغا غەرق بولسۇن، _ دېدى. 27بۇ تاڭ ئاتقان ۋاقىت بولۇپ، مۇسا قولىنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇ يەنە ئەسلىگە قايتىشقا باشلىدى. مىسىرلىقلار ئىككى تەرەپتىن كېلىۋاتقان سۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قاچتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزغا ھالاك قىلىۋەتتى. 28دېڭىز سۈيى ئەسلىگە قايتىپ، ئىسرائىللارنى قوغلىغان پۈتۈن جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ۋە پۈتۈن مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي غەرق قىلىۋەتتى. 29ئىسرائىللار قۇرۇق جاي بىلەن دېڭىزدىن ئۆتكەندە، سۇ خۇددى ئىككى تامدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپكە بۆلۈنگەنىدى. 30ئىسرائىللار دېڭىز بويىدا مىسىرلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىنى بىلدى. 31ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇدرىتى بىلەن مىسىرلىقلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقۇشتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشتى. ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇساغىمۇ ئىشەندى.
15
مۇسانىڭ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشى
1شۇ چاغدا مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ، مۇنداق مۇناجات ئېيتتى:
«ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە،
جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.
2پەرۋەردىگار قۇدرىتىم، مۇناجاتىمدۇر مېنىڭ، قۇتۇلدۇردى ئۇ مېنى.
خۇدايىمدۇر ئۇ مېنىڭ، شۇڭا ماختايمەن ئۇنى،
ئۇ ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدادۇر، ماختايمەن شۇڭا ئۇنى.
3پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر، ‹ياھۋەھ›تۇر ئۇنىڭ نامى،
4ئۇ دېڭىزغا غەرق قىلدى مىسىر قوشۇنىنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى،
قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى ئۇلارنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىرىنى.
5چوڭقۇر دېڭىز يۇتتى ئۇلارنى،
ئۇلار تاشتەك چۆكتى دېڭىزغا.
6ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەت تاپتى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ،
ئى پەرۋەردىگار، شۇڭا سەن تارمار قىلدىڭ رەقىبىڭنى.
7چەكسىز ھەيۋىتىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلدى ساڭا قارشى چىققانلارنى،
قەھر-غەزىپىڭ ساماندەك ئۆرتىدى ئۇلارنى.
8كۈچلۈك تىنىقىڭدىن سۇلار تامدەك تىكلىنىپ،
قۇرۇقلۇققا ئايلاندى دېڭىز تېگى.
9ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىمەن، دەپ جار سالدى دۈشمەن.
دېدى ئۇلار: ‹مال-مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ، قىلىچ بىلەن ئالىمەن دەردىمنى›.
10بىراق سەن بوران بىلەن غەرق قىلدىڭ ئۇلارنى دېڭىزغا.
ئۇلار گويا قوغۇشۇندەك چۆكتى سۇنىڭ تېگىگە.
11ئى پەرۋەردىگار، نەدە بار ئالەمدە سەندەك بىر ئىلاھ؟
كىمدە بار سەندىكىدەك ھەيۋەت، ئۇلۇغ شان-شەرەپ؟
قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كۆرسىتەلىسۇن مۆجىزە-كارامەت؟
12ئوڭ قولۇڭنى سوزغانىدىڭ، زېمىن يۇتتى رەقىبىڭنى.
13مېھرىڭ بىلەن يېتەكلەيسەن قۇتۇلدۇرغان خەلقىڭنى،
مۇقەددەس ماكانىڭغا باشلاپ كېلىسەن قۇدرىتىڭ بىلەن ئۇلارنى.
14بۇلارنى ئاڭلىسا تىتىرەك باسار جىمى ئالەمنى،
ۋەھىمە باسار فىلىستىيە خەلقىنى.
15ئىدومنىڭ باشلىقلىرى قورقۇشۇپ كېتەر،
موئابنىڭ باتۇرلىرىنى ھەم تىترەك باسار.
كەنئانلىقلارمۇ ۋەھىمىگە چۈشەر،
16ئۇلارغا دەھشەت ۋەھىمە چۈشەر.
ئى پەرۋەردىگار،
قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە ئۇلار ئالدىدىن،
تېڭىرقاپ تۇرۇشۇپ قالار
كۆرگىنىدە زور قۇدرىتىڭنى.
17باشلاپ كېلىپ ئۇلارنى ئۆز تېغىڭغا،
ئۇ يەردە ئۇلارنى كۆچەت قىلىپ يېتىشتۈرگەيسەن.
سەن پەرۋەردىگار تاللىغان ماكاندۇر ئۇ،
مۇقەددەس تۇرالغۇڭنى ئۇ يەردە سالغايسەن.
18ئى پەرۋەردىگار، ئەبەدىلئەبەد پادىشاھ بولغايسەن!»
19مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى دېڭىزدىكى قۇرۇق يولغا كىرگەندە، پەرۋەردىگار دېڭىز سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىۋەتكەنىدى. بىراق ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى. 20ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەمنىڭ قولىدا داپ بار ئىدى. نۇرغۇن ئاياللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى. 21مەريەم خۇدانى مەدھىيەلەپ، ئۇلارغا مۇنداق مۇناجات ئوقۇدى:
«ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە،
جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.»
ماراھتىكى بەتتەم سۇ
22كېيىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار چۆلدە ئۇدا ئۈچ كۈن ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن سۇ تاپالمىدى. 23ئۇلار ئاخىر ماراھقا يېتىپ كەلدى. ئۇ يەرنىڭ سۈيى بەتتەم بولۇپ، ئىچكىلى بولمايتتى. شۇڭا ئۇ يەر ماراھ [مەنىسى «بەتتەم»] دەپ ئاتالدى.
24خەلق:
_ نېمە ئىچىمىز؟ _ دەپ، مۇساغا نارازىلىق بىلدۈردى. 25مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ تەلەپ قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر شاخنى كۆرسەتتى. ئۇ شاخنى سۇغا تاشلىغانىدى، بەتتەم سۇ ئىچكىلى بولىدىغان تاتلىق سۇغا ئايلاندى.
پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن ئۇ يەردە ئۇلارغا قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتى. 26پەرۋەردىگار:
_ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان مەن خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا تولۇق ئەمەل قىلساڭلار، مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللەرنى سىلەرگە كەلتۈرمەيمەن. مەن سىلەرگە شىپا بولىدىغان پەرۋەردىگاردۇرمەن، _ دېدى.
27ئاندىن كېيىن ئۇلار ئېلىم دېگەن يەرگە يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق، يەتمىش تۈپ خورما دەرىخى بار ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇلاق بويىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى.
16
ماننا بىلەن بۆدۈنە
1پۈتۈن ئىسرائىللار ئېلىم دېگەن يەردىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار مىسىردىن ئايرىلىپ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن، ئېلىم بىلەن سىناي تېغىنىڭ ئارىلىقىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ باردى. 2چۆلدە ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ:
3_ پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ بوپتىكەن. ئۇ يەردە ھېچبولمىغاندا قازاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى تويغۇدەك يەيتتۇق. لېكىن سىلەر بىزنى چۆلگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، _ دېيىشتى. 4شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ مەن ئاسماندىن يېمەكلىك ياغدۇرىمەن. ئىسرائىللار ھەر كۈنى چىقىپ، شۇ كۈنلۈك ئوزۇقىنى يىغىۋالسۇن. مەن ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى مۇشۇ ئارقىلىق سىنايمەن. 5ھەر ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى ئۇلار ئىككى كۈنلۈك ئوزۇقىنى يىغىۋالسۇن، _ دېدى. 6شۇڭا مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارغا:
_ بۈگۈن كېچە سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر. 7ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسىلەر. سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگۈدەك بىز كىم ئىدۇق؟ 8پەرۋەردىگار كەچتە سىلەرگە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىدى. سىلەرنىڭ بىزدىن رەنجىگىنىڭلار ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردىن رەنجىگىنىڭلاردۇر! _ دېدى. 9ئاندىن مۇسا ھارۇنغا:
_ سەن بېرىپ، پۈتۈن خەلققە: «پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگىنىڭلارنى ئاڭلىدى» دېگىن، _ دېدى. 10ھارۇن پۈتۈن خەلققە گەپ قىلىۋاتقاندا، ئۇلار چۆللۈكتە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا پارلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. 11شۇ چاغدا پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
12_ مەن ئىسرائىللارنىڭ رەنجىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. سەن ئۇلارغا: «خۇدا: ‹كەچتە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان يەيسىلەر. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدى»، _ دېگىن.
13كەچقۇرۇن سان-ساناقسىز بۆدۈنە ئۇچۇپ كېلىپ، پۈتۈن قارارگاھنى قاپلىدى. ئەتىسى سەھەردە قارارگاھنىڭ ئەتراپىغا شەبنەم چۈشتى. 14شەبنەم قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدە نېپىز بىر قەۋەت قىروۋدەك نەرسە كۆرۈندى. 15ئىسرائىللار بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشەلمەي، بىر-بىرىدىن:
_ بۇ نېمىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. مۇسا ئۇلارغا:
_ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان يېمەكلىكىدۇر. 16پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ يىغىۋالسۇن، چېدىردىكى ئادەم سانى بويىچە كىشى بېشىغا بىر قاچىدىن ئالسۇن، دەپ بۇيرۇدى، _ دېدى.
17ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. بەزىلەر كۆپرەك يىغىۋالدى، بەزىلەر ئازراق يىغىۋالدى. 18كۆپرەك يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ يەتمەي قالمىدى. ھەممەيلەننىڭ يىغىۋالغىنى ئۆز ئېھتىياجىغا دەلمۇدەل بولدى. 19مۇسا ئۇلارغا:
_ يېمەكلىكنى ئىككىنچى كۈنىگە ئاشۇرۇپ قويۇشقا رۇخسەت يوق، _ دېدى. 20لېكىن بەزىلەر مۇسانىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ئەتىسى ئەتىگەنگە بىرئاز ئاشۇرۇپ قويدى. بىراق ئاشۇرۇپ قويۇلغان يېمەكلىكنىڭ ھەممىسى قۇرۇتلاپ سېسىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارغا خاپا بولدى.
21ھەممە ئادەم ھەر كۈنى سەھەردە چىقىپ، ئۆزىگە ئېھتىياجلىق يېمەكلىك يىغىۋالدى. چۈنكى كۈن قىزىغان ۋاقىتتا، يېمەكلىك ئېرىپ كېتەتتى. 22ئالتىنچى كۈنى ئۇلار بىر ھەسسە ئارتۇق، يەنى ھەر كىشى ئىككى قاچىدىن يېمەكلىك يىغىۋالدى. خەلق ئىچىدىكى يېتەكچىلەر بۇ ئىشنى مۇساغا مەلۇم قىلدى. 23مۇسا ئۇلارغا:
_ پەرۋەردىگار: «ئەتە تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۈندۇر. بۈگۈن يېمەكلىكىڭلارنى ئوتقا قاقلاپ، سۇدا قاينىتىپ، خالىغىنىڭلارچە پىشۇرۇڭلار، ئېشىپ قالغىن ىنى ئەتىگە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى، _ دېدى. 24ئۇلار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىككىنچى كۈنىگە قالدۇردى، لېكىن يېمەكلىكلەر قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى، سېسىپمۇ قالمىدى. 25مۇسا ئۇلارغا:
_ بۈگۈن مۇشۇ يېمەكلىكلەرنى يەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە سىلەر يەردىن ھېچقانداق يېمەكلىك تاپالمايسىلەر. 26سىلەر ئالتە كۈن ئىچىدە يېمەكلىك يىغىۋالىسىلەر، يەتتىنچى كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى ھېچ نەرسە تاپالمايسىلەر، _ دېدى.
27يەتتىنچى كۈنى بەزىلەر يەنىلا يېمەكلىك يىغقىلى چىققانىدى، لېكىن ئۇلار ھېچ نەرسە تاپالمىدى. 28پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ بۇ خەلق ھېلىغىچە مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى رەت قىلىۋاتامدۇ؟ 29ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەن سىلەرگە دەم ئېلىش كۈنىنى ئاتا قىلدىم. شۇڭا سىلەرگە ئالتىنچى كۈنى ئىككى كۈنلۈك يېمەكلىك بەردىم. يەتتىنچى كۈنى ھەممە ئادەم ئۆيىدە ئولتۇرسۇن، سىرتقا چىقمىسۇن، _ دېدى. 30شۇڭا ئىسرائىللار يەتتىنچى كۈنى ئىش قىلماي دەم ئېلىشتى.
31ئىسرائىللار بۇ يېمەكلىكنى «ماننا» دەپ ئاتىدى. ماننا ئاق رەڭلىك بولۇپ، شەكلى ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا، تەمى ھەسەل قوشۇلغان نانغا ئوخشايتتى. 32مۇسا ئۇلارغا:
_ پەرۋەردىگار: «ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مېنىڭ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندا يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن ماننادىن بىر قاچا ساقلاپ قويۇڭلار» دېگەنىدى، _ دېدى 33ۋە ھارۇنغا:
_ بىر كومزەككە بىر قاچا كەلگۈدەك ماننا ئېلىپ، ئۇنى ئەۋلادلىرىمىزغا ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويۇپ قويغىن، _ دېدى.
34ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا چۈشۈرگەن ئەمرى بويىچە كومزەكنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدى. 35ئىسرائىللار تاكى ئادەم ئولتۇراقلاشقىلى بولىدىغان يەرگە، يەنى كەنئان زېمىنىغا بارغۇچە، جەمئىي قىرىق يىل ماننا يېدى. 36(ئەينى زاماندا، ئۆلچەم قاچىسىنىڭ سىغىمى بىر لىتىر نەرسە پاتقۇدەك ئىدى.)
17
قورام تاشتىن چىققان سۇ
1ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن قەدەممۇ قەدەم سىن چۆلىدىن چىقىپ، سەپەر قىلىپ، رىفىدىمدە چۈشكۈن قىلدى. بىراق ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى. 2شۇڭا ئۇلار يەنە مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ:
_ بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگىن! _ دېدى. مۇسا ئۇلارغا:
_ نېمىشقا مەن بىلەن جېدەللىشىسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولىسىلەر؟ _ دېدى.
3لېكىن خەلق ئىنتايىن ئۇسساپ كەتكەچكە، مۇساغا داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ:
_ بىزنى نېمە ئۈچۈن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ؟ سەن بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ _ دېدى.
4شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ:
_ بۇ خەلقنى قانداق قىلاي؟ ئۇلار مېنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان يەرگە يەتتى، _ دېدى. 5پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، خەلق ئالدىدىن ئۆتكىن. نىل دەرياسىغا ئۇرغان تايىقىڭنى قولۇڭغا ئېلىۋالغىن. 6مەن سىناي تېغىدىكى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن. سەن قورام تاشنى ئۇرغىن، سىلەرگە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلغانىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. 7مۇسا ئۇ يەرنى «ماسساھ» ۋە «مىرىبا» [مەنىسى «سىناش» ۋە «جېدەللىشىش»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئۇ يەردە مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ، پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار زادى ئارىمىزدا بارمۇ-يوق؟» دېيىشكەنىدى.
ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش
8ئامالەكلەر رىفىدىمگە كېلىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. 9مۇسا يوشۇۋاغا:
_ سەن ئەتە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تاللىغىن. مەن قولۇمغا خۇدا ماڭا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەمر قىلغان تاياقنى تۇتۇپ، تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرىمەن، _ دېدى. 10يوشۇۋا مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇر تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ جەڭنى كۆزەتتى. 11مۇسا قوللىرىنى كۆتۈرسە، ئىسرائىللار ئۈستۈن كېلەتتى. قوللىرىنى چۈشۈرسە، ئامالەكلەر ئۈستۈن كېلەتتى. 12مۇسانىڭ قوللىرى تېلىپ قالغاندا، ھارۇن بىلەن خۇر بىر تاشنى يۆتكەپ كېلىپ، مۇسانى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئىككى قولىنى ئىككىسى ئىككى تەرەپتىن تاكى كۈن پاتقۇچە كۆتۈرۈپ تۇردى. 13شۇنداق قىلىپ، يوشۇۋا ئامالەكلەر قوشۇنىنى قىرغىن قىلىپ، ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. 14ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغىن. ئامالەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىمنى يوشۇۋاغا يەتكۈزۈپ قوي، _ دېدى. 15شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى «ياھۋەھ-نىسسە» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مېنىڭ تۇغۇمدۇر»] دەپ ئاتىدى. 16مۇسا:
_ پەرۋەردىگارنىڭ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرىمەن! پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلغاي، _ دېدى.
18
يېترونىڭ مۇسانى زىيارەت قىلىشى
1مۇسانىڭ قېيىنئاتىسى ۋە مىديان روھانىيسى بولغان يېترو خۇدانىڭ مۇسا ۋە ئىسرائىللارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 2مۇسا بۇرۇنلا ئايالى زىپپورا ۋە بالىلىرىنى قېيىنئاتىسى يېترونىڭ يېنىغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى. 3تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى گېرشوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇساپىر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] بولۇپ، مۇسا «مەن يات ئەلدە مۇساپىر بولۇپ تۇرغان» دەپ ئوغلىغا شۇ ئىسىمنى قويغانىدى. 4ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىئەزەر [مەنىسى «خۇدا مېنىڭ ياردەمچىم»] بولۇپ، مۇسا «ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدا ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى پىرئەۋننىڭ ئۆلتۈرۈشىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى» دەپ، شۇ ئىسىمنى قويغانىدى. 5يېترو مۇسانىڭ ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، خۇدانىڭ تېغىنىڭ يېنىغا، يەنى مۇسا قارارگاھ قۇرغان چۆللۈككە كەلدى. 6ئۇ قارارگاھقا كېلىشتىن بۇرۇن مۇساغا ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر يوللىغانىدى. 7شۇڭا مۇسا قېيىنئاتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنى تەزىم قىلىپ كۈتۈۋالدى ۋە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇلار ئۆزئارا ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، ئۇ مۇسانىڭ چېدىرىغا كىردى. 8مۇسا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قىلغانلىرىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ يەنە ئىسرائىللارنىڭ يول بويى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى قانداق قۇتقۇزغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەردى. 9يېترو بۇلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. 10ئۇ:
_ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! ئۇ سىلەرنى مىسىرلىقلار ۋە پىرئەۋننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ، قۇللۇقتىن ئازاد قىلىپتۇ. 11مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئىلاھلاردىن ئۇلۇغلۇقىنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى خارلىغاندا، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىپتۇ، _ دېدى. 12شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ قېيىنئاتىسى يېترو خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى ئاتىدى. ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تائاملارنى يېدى.
يېترونىڭ ئاقىلانە مەسلىھەتى
13ئەتىسى مۇسا ئەتىگەندىن كەچكىچە خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى. 14بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن مۇسانىڭ قېيىنئاتىسى يېترو ئۇنىڭغا:
_ بۇنچىۋالا كۆپ ئادەم ئەتىگەندىن كەچكىچە سېنى كۈتۈپ تۇرسا، ماجىرالارنى ئۆزۈڭ يالغۇز بىر تەرەپ قىلساڭ، بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ _ دېدى.
15مۇسا ئۇنىڭغا:
_ خەلق مەندىن خۇدانىڭ ئەمرىنى سورايدۇ. 16ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ماجىرا پەيدا بولسا، مېنى ئىزدەيدۇ. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىنى ئايرىپ، خۇدانىڭ قانۇنى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 17قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا:
_ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس. 18بۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزۈڭنىمۇ، ئەتراپىڭدىكى قېرىنداشلىرىڭنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن. بۇنچىۋالا كۆپ يۈكنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئېلىۋالساڭ، ئۆزۈڭ يالغۇز يېتىشەلمەيسەن. 19مەن ساڭا مەسلىھەت بېرەي، خۇدانىڭ ساڭا يار بولۇشىنى تىلەيمەن. سەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا خەلققە ۋاكالىتەن خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلغىن. 20خۇدانىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىنى خەلققە ئۆگىتىپ، ئۇلارغا قانداق ياشىسا بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگىن. 21خەلق ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا ئالمايدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن. 22ئاندىن خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇلارغا تاپشۇرغىن. ئۇلار قىيىنراق ماجىرالارنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىپ، كىچىك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلسۇن. شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى ئورۇندىشىپ، يۈكۈڭنى يېنىكلىتىدۇ. 23ئەگەر مېنىڭ مەسلىھەتلىرىمنى خۇدا خالىسا، سەن خەلقنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالايسەن، خەلقنىڭ ماجىرالىرىمۇ تېز ھەل بولىدۇ، _ دېدى.
24مۇسا قېيىنئاتىسىنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆردى. 25ئۇ پۈتۈن ئىسرائىللار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىدى. 26ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدى. ئۇلار كىچىك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىنراق ماجىرالار بولسا مۇسانىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى سوراشتى.
27كېيىن مۇسا قېيىنئاتىسىنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ئىجازەت بەردى، يېترو ئۆز يۇرتىغا قايتتى.
19
ئىسرائىللار سىناي تېغىدا
1ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ دەل ئىككى ئاي بولغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، 2سىناي تېغى باغرىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى. ئۇلار رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، بۇ يەرگە كەلگەنىدى. 3مۇسا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. پەرۋەردىگار تاغدىن مۇساغا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
_ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: 4«سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. مەن خۇددى ئانا بۈركۈت بالىلىرىنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، مەنمۇ سىلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم. 5ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە ئەمەل قىلساڭلار، نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ئارىسىدىن سىلەرنى ئۆزۈمگە مەنسۇپ قىممەتلىك خەلق قىلىمەن. چۈنكى پۈتۈن دۇنيا ماڭا تەۋەدۇر. 6سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمنىڭ روھانىيلىرى ۋە مېنىڭ مۇقەددەس خەلقىم بولىسىلەر.» بۇ سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن.
7شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللارنى يىغىپ، پەرۋەردىگار بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. 8خەلق بىردەك:
_ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېيىشتى. مۇسا تاغقا چىقىپ، خەلقنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى. 9پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ مەن قويۇق بۇلۇت ئىچىدە سېنىڭ يېنىڭغا كېلىمەن. سېنىڭ بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىمىزنى خەلق ئاڭلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن خەلق ساڭا مەڭگۈ ئىشىنىدۇ، _ دېدى.
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، 10پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ سەن خەلقنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار بۈگۈن ۋە ئەتە كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن. 11ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىسى تەييارلىقنى پۈتكۈزسۇن. چۈنكى ئۇ كۈنى مەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا سىناي تېغىغا چۈشىمەن. 12بىراق سەن تاغنىڭ ئەتراپىغا چېگرا بەلگىلەپ، ئۇلارغا تاغقا چىقماسلىقنى، ھەتتا تاغنىڭ باغرىغىمۇ يېقىن كەلمەسلىكنى تاپىلىغىن. كىمدىكىم بەلگىلەنگەن چېگرادىن ئۆتۈپ، بۇ تاغقا بىر قەدەم باسسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 13ئۇنداق ئادەملەرگە يېقىن كەلمەڭلار، ئۇلارنى پەقەت يىراقتىن چالما-كېسەك قىلىپ ياكى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈڭلار. بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار مەيلى ئادەم ياكى ھايۋان بولسۇن، ھېچقايسىسى تىرىك قالدۇرۇلمىسۇن. خەلق پەقەت بۇرغا* ئۇزاقراق چېلىنغاندىلا، ئاندىن تاغ باغرىغا كەلسۇن، _ دېدى.
14مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنى كىيىم-كېچەكلىرىنى پاكلاشقا بۇيرۇدى. 15مۇسا ئۇلارغا:
_ ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىڭلار تەييار بولۇپ تۇرۇڭلار، ئايالىڭلارغا يېقىنلاشماڭلار، _ دېدى.
16ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغدا بىر پارچە قويۇق بۇلۇت پەيدا بولدى. بۇرغىنىڭ قاتتىق چېلىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارارگاھتىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى. 17مۇسا ئۇلارنى خۇدا بىلەن دىدارلاشتۇرۇش ئۈچۈن قارارگاھتىن باشلاپ چىقىپ، سىناي تېغىنىڭ ئېتىكىگە ئەكەلدى. 18پۈتۈن سىناي تېغىنى ئىس-تۈتەك قاپلىغانىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇ يەرگە ئوت ئىچىدە چۈشكەنىدى. بۇ ئىس-تۈتەك خۇددى خۇمداندىن چىققان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى. پۈتۈن تاغ تۇيۇقسىز سىلكىندى. 19بۇ چاغدا بۇرغىنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيدى. مۇسا سۆز قىلدى، خۇدا ئۇنىڭغا گۈلدۈرماما بىلەن جاۋاب قايتۇردى. 20پەرۋەردىگار سىناي تېغىنىڭ چوققىسىغا چۈشكەن بولۇپ، مۇسانى تاغقا چىقىشقا چاقىردى. مۇسا تاغقا چىقتى. 21پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ سەن تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنى ئاگاھلاندۇر. چېگرادىن ھالقىپ، مېنى كۆرگىلى كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھالاك بولىدۇ. 22مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدىغان روھانىيلارمۇ ئۆزىنى ماڭا بېغىشلاپ بولۇپ، ئاندىن خىزمىتىمدە بولسۇن. بولمىسا، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى. 23مۇسا پەرۋەردىگارغا:
_ خەلق بۇ يەرگە چىقمايدۇ، چۈنكى سەن بىزنىڭ بۇ تاغنى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىشىمىزنى ۋە تاغنىڭ ئەتراپىغا چېگرا بەلگىلىشىمىزنى بۇيرۇغانىدىڭ، _ دېدى. 24پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن تاغدىن چۈشۈپ، ھارۇننى باشلاپ كەل. لېكىن روھانىيلار بىلەن خەلق بەلگىلەنگەن چېگرادىن ھالقىپ، بۇ يەرگە كەلمىسۇن. بولمىسا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن، _ دېدى. 25شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزدى.
20
ئون پەرز
1خۇدا مۇنداق دېدى:
2_ مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.
3مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭلار بولمىسۇن.
4ئاسمان، زېمىن ۋە سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار، 5ئۇلارغا چوقۇنماڭلار ۋە سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن. 6لېكىن مېنى سۆيگەن، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن.
7نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدىكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن.
8دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. 9ئالتە كۈن ئىشلەپ، ھەممە ئىشلىرىڭلارنى قىلىۋېلىڭلار. 10يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى پەرزەنتلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. 11مەن پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمان، زېمىن، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئالتە كۈندە ياراتتىم. لېكىن يەتتىنچى كۈنى دەم ئالدىم. شۇڭا مەن پەرۋەردىگار دەم ئېلىش كۈنىگە بەخت ئاتا قىلىپ، بۇ كۈننى مۇقەددەس كۈن دەپ بەلگىلىدىم.
12ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.
13قاتىللىق قىلماڭلار.
14زىنا قىلماڭلار.
15ئوغرىلىق قىلماڭلار.
16يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار.
17باشقىلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئايالى، قۇللىرى، دېدەكلىرى، ئۆكۈزلىرى، ئېشەكلىرى ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار.
خەلقنىڭ ۋەھىمىسى
18خەلق گۈلدۈرماما ۋە بۇرغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، چاقماق چېقىلغاننى ۋە تاغدىن پۇرقىراپ چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكنى كۆرۈپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى ۋە يىراقراق بېرىپ تۇرۇشتى. 19خەلق مۇساغا:
_ بىزگە سەنلا سۆزلىگىن، سۆزۈڭنى چوقۇم ئاڭلايمىز. خۇدا بىزگە ئۆزى بىۋاسىتە سۆز قىلمىغاي. بولمىسا، ھالاك بولىدىغان ئوخشايمىز، _ دېدى.
20مۇسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:
_ قورقماڭلار، خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ۋە سىلەرنىڭ ھەمىشە ئۆزىدىن قورقۇپ، گۇناھتىن خالىي بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر، _ دېدى. 21لېكىن كىشىلەر يەنىلا يىراقتا تۇرۇشتى، پەقەت مۇسالا خۇدانى قورشاپ تۇرغان قارا بۇلۇتنىڭ يېنىغا باردى.
قۇربانلىق سۇپىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
22پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مېنىڭ ئەرشتىن سۆز قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. 23سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ھەرقانداق شەكىلدە بۇت ياساپ، ئۇلارغا سەجدە قىلماڭلار. ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار. 24توپىدىن مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى كۆيدۈرۈڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن جايلارغا كېلىپ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن. 25ئەگەر ماڭا ئاتاپ تاشتىن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىساڭلار، يونۇلانغان تاشتىن ياسىماڭلار. چۈنكى مەن ئەسۋاب تەگكەن تاشنى قوبۇل قىلمايمەن. 26ماڭا پەلەمپەي بىلەن چىقىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى ياسىماڭلار. بولمىسا پەلەمپەيدىن چىققۇچە نومۇسلۇق يېرىڭلار كۆرۈنۈپ قالىدۇ.»
21
قۇللارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى بەلگىلىمىلەر
1_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىل: 2«ئەگەر بىرى ئىبرانىيلار ئىچىدىن قۇل سېتىۋالغان بولسا، قۇل پەقەت ئالتە يىل خوجايىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن. يەتتىنچى يىلى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلسۇن ھەم ئۇ خوجايىنىغا ھېچقانداق ھەق تۆلىمەي كېتىۋەرسۇن. 3ئەگەر ئۇ قۇل بولغان ۋاقتىدا بويتاق بولغان بولسا، كېتىدىغان ۋاقتىدىمۇ بويتاق پېتى كەتسۇن. ئەگەر ئۇ قۇل بولۇشتىن ئىلگىرى نىكاھلىق بولغان بولسا، ئايالى بىلەن بىرگە كەتسۇن.
4ئەگەر خوجايىنى ئۇنىڭغا ئايال ئېلىپ بەرگەن بولۇپ، ئايالى ئۇنىڭغا پەرزەنت تۇغۇپ بەرگەن بولسا، ئايالى ۋە بالىچاقىلىرى خوجايىنغا تەۋە بولىدۇ. پەقەت ئۇ يالغۇز ئۆزىلا ھۆرلۈككە ئېرىشەلەيدۇ. 5ئەگەر ئۇ: ‹خوجايىنىمنى ۋە خوتۇن-بالىلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ھۆر بولۇشنى خالىمايمەن› دېسە، 6خوجايىنى ئۇنى سوتچىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن، ئاندىن ئۇنى ئىشىك ياكى ئىشىك كېشىكىگە يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ، بىگىز بىلەن قۇلىقىنى تېشىپ قويسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ خوجايىنىنىڭ مەڭگۈلۈك قۇلى بولىدۇ.
7ئەگەر بىرى قىزىنى دېدەك قىلىپ سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ قىز ئەرلەرگە ئوخشاش ھەقسىز ھۆر بولۇپ كېتەلمەيدۇ. 8ئۇ قىزنى خوجايىنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن ئۇنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنداقتا خوجايىن قىز تەرەپنىڭ ھەق تۆلەپ قىزىنى ھۆر قىلىشىغا پۇرسەت بەرسۇن. خوجايىنىنىڭ ئۇ قىزنى ياتلارغا سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. چۈنكى خوجايىن ۋەدىسىدە تۇرمىغاندۇر. 9ئەگەر خوجايىن ئۇنى ئوغلىغا ئېلىپ بەرگەن بولسا، ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆرسۇن. 10ئەگەر خوجايىن دېدەكنى خوتۇنلۇققا ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە باشقا خوتۇن ئالغان بولسا، ئۇ چوقۇم دېدەكنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئېھتىياجىدىن ۋە جىنسىي ھاجىتىدىن بۇرۇنقىدەك چىقسۇن. 11ئەگەر خوجايىن بۇ ئۈچ تۈرلۈك بۇرچىنى ئادا قىلالمىسا، دېدەككە ھۆرلۈك بەرسۇن، ھەق ئالمىسۇن.
زوراۋانلىققا قارشى بەلگىلىمە
12كىمدىكىم بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. 13لېكىن بۇ ئىش مەقسەتسىز ھالدا ۋە مېنىڭ يول قويۇشۇم بىلەن يۈز بەرگەن بولسا، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى مەن بېكىتكەن جايغا قېچىپ بارسا بولىدۇ. 14ئەگەر بىرى باشقىلارنى قەستەن ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، ئاندىن قۇربانلىق سۇپامنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ قۇربانلىق سۇپامدىن تارتىپ ئەكېلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
15ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ئۇرغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
16باشقىلارنى تۇتۇۋېلىپ ساتقان ياكى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ قۇل قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
17ئاتىسى ياكى ئانىسىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
18ئەگەر ئۇرۇشۇپ قالغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى تاش ياكى مۇشت بىلەن ئۇرسا، ئۇرۇلغان كىشى ئۆلمەي، زەخىملىنىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسا، 19لېكىن ئۇ كىشى كېيىن ساقىيىپ، ھاسا تۇتۇپ ماڭغۇدەك بولسا، ئۇرغۇچى گۇناھسىز دەپ ھېسابلانسۇن. ئەمما يارىلانغۇچىنىڭ ۋاقىت جەھەتتە تارتقان زىيىنىنى تۆلىسۇن ۋە ئۇنى داۋالىتىپ ساقايتسۇن.
20كىمدىكىم قۇلىنى ياكى دېدىكىنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ جازاغا تارتىلسۇن. 21لېكىن قۇل ياكى دېدەك ئۆلمەي، بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن ساقىيىپ قالسا، خوجايىن جازالانمىسۇن، چۈنكى قۇل خوجايىنىنىڭ تەئەللۇقاتىدۇر.
22ئەگەر ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، مۇناسىۋەتسىز بىر ھامىلىدار ئايالغا زىيان يەتكۈزسە، لېكىن ھامىلىدار ئايالدا بالىسىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن باشقا زەخىملىنىش ئالامىتى بولمىسا، ئۇلار يارىلانغان ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تەلىپى بويىچە سوتچى تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنغان جەرىمانىنى تۆلىسۇن. 23ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا باشقا زەخىملىنىش ئالامەتلىرى بولسا، جانغا جان، 24كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت، 25كۆيۈككە كۆيۈك، زەخىمگە زەخىم ۋە كۆككە كۆك ھالەتتە ئۆچ ئېلىنسۇن.
26ئەگەر بىر كىشى قۇل ياكى دېدىكىنىڭ كۆزىگە ئۇرۇپ بىر كۆزىنى كور قىلىپ قويغان بولسا، كۆزىنىڭ بەدىلىگە ئۇ كىشى قۇلىنى ئازاد قىلسۇن. 27ئەگەر ئۇ كىشى قۇل ياكى دېدىكىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكەن بولسا، چىشىنىڭ بەدىلىگە ئۇ قۇلىنى ئازاد قىلسۇن.
28ئەگەر بىرسىنىڭ ئۆكۈزى ئادەم ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆلگۈچى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆكۈز چوقۇم چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر، لېكىن ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى گۇناھكار ھېسابلانمىسۇن. 29ئەگەر ئۇ ئۆكۈز ئەزەلدىنلا ئادەم ئۈسىدىغان ئۆكۈز بولۇپ، باشقىلار ئۆكۈزنىڭ ئىگىسىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلماي، ئۆكۈزىنى يەنىلا بوش قويۇۋېتىپ، ئۆكۈزىنىڭ ئادەم ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا، ئۆكۈز ئوخشاشلا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن ھەم ئۆكۈزنىڭ ئىگىسىمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. 30ئەگەر تۆلەم تۆلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنسا، ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى ئۆلتۈرۈلمىسۇن، ھاياتى بەدىلىگە تەلەپ قىلىنغان تۆلەمنى تۆلەپ بەرسۇن.
31ئەگەر ئۆكۈز باشقىلارنىڭ ئوغلى ياكى قىزىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسۇن. 32ئەگەر ئۆكۈز باشقىلارنىڭ قۇلى ياكى دېدىكىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى قۇلنىڭ خوجايىنىغا 360 گىرام كۈمۈش تۆلەپ بەرسۇن ھەم ئۆكۈز چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلسۇن.
33ئەگەر بىرەرسى قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى كولاۋاتقان قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ياپماي، ئۆكۈز ياكى ئېشەكنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپ، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، 34قۇدۇق ئىگىسى مال ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن. ئۆلگەن مال قۇدۇق ئىگىسىنىڭ بولسۇن.
35ئەگەر مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئۆكۈزى باشقا بىرسىنىڭ ئۆكۈزىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆكۈزلەرنىڭ ئىگىلىرى ئۈسكۈچى ئۆكۈزنى سېتىپ پۇلىنى تەڭ بۆلۈشسۇن ھەم ئۆلگەن ئۆكۈزنىڭ گۆشىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن. 36ئەگەر خوجايىن ئۆز ئۆكۈزىنىڭ ئۈسىدىغان ئادىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى باغلاپ قويماي باشقىلارنىڭ ئۆكۈزىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا، خوجايىن ئۆكۈزىنىڭ ئورنىغا ئۆكۈز تۆلەپ بەرسۇن. ئۆلگەن ئۆكۈزنى ئۆزى ئېلىپ قالسۇن.
22
تۆلەم تۆلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمە
1ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ كالىسىنى ياكى قويىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن ياكى سويۇپ يەۋەتكەن بولسا، بىر كالىغا بەش كالا، بىر قويغا تۆت قوي تۆلەپ بەرسۇن.
2ئەگەر بىرى كېچىسى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ، تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى گۇناھسىز دەپ قارالسۇن. 3لېكىن بۇ ئىش كۈندۈزى يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنىڭغا قاتىللىق گۇناھى ئارتىلسۇن. ئوغرى ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى تۆلىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمىسا، ئۆزىنى قۇل ئورنىدا سېتىپ، زىياننى تۆلىسۇن. 4ئۇنىڭ ئوغرىلىغىنى كالا، ئېشەك ياكى قوي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ مال ئوغرىنىڭ قولىدا تېخى تىرىك بولسا، ئوغرى مال ئىگىسىگە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلەم بەرسۇن.
5ئەگەر بىرى ئېتىزلىقتا ياكى ئۈزۈمزارلىقتا پادا بېقىپ، پادىلىرىنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىپ، پادىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىدىكى زىرائەتلەرنى ياكى ئۈزۈملەرنى يېيىشىگە يول قويسا، ئۇلارنىڭ زىيىنىنى ئۆز ئېتىزى ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتى بىلەن تۆلەپ بەرسۇن.
6ئەگەر بىرى ئۆزىنىڭ ئېڭىزلىرىنى كۆيدۈرگەندە، ئوت باشقىلارنىڭ زىرائەتلىرى ياكى خامىنىغا تۇتىشىپ كېتىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسا، ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن.
7ئەگەر بىرى پۇللىرى ياكى مال-مۈلۈكلىرىنى قوشنىسىغا ئامانەت قويۇپ قويغاندىن كېيىن، بۇ نەرسىلەر قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلانغان بولسا، ئوغرى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئوغرىلىغان پۇل ياكى مال-مۈلۈكلەرنى بىر ھەسسە ئارتۇقى بىلەن تۆلەپ بەرسۇن. 8ئەگەر ئوغرى تۇتۇلمىسا، ئامانەت قىلىنغۇچى سوتچىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىلسۇن. سوتچى ئۇنىڭ ئامانەت قىلىنغان پۇل ياكى مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىۋالغان ياكى ئېلىۋالمىغانلىقىغا ھۆكۈم چىقارسۇن.
9ھەرقانداق مال-مۈلۈك ماجىراسى توغرىسىدىكى دەۋا كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك ياكى باشقا يوقالغان نەرسىلەرگە چېتىشلىق بولسا ھەمدە ماجىرالاشقان ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىپ دەۋانى بىر تەرەپ قىلالمىسا، سوتچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەرز قىلسۇن. سوتچى كىمگە گۇناھ بېكىتسە، شۇ ئادەم قارشى تەرەپكە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلىسۇن.
10بىرى ئېشىكى، كالىسى، قويى ياكى باشقا ھايۋانلىرىنى قوشنىسىنىڭ قاراپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن ھايۋانلار ئۆلۈپ قالسا، يارىلانسا ياكى باشقىلار ئېلىپ كەتسە، لېكىن بۇنى ھېچكىم كۆرمىسە، 11ھاۋالە قىلىنغۇچى بۇ ھايۋانلارنى ئېلىۋالمىغانلىقى توغرىسىدا مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن، ھايۋان ئىگىسىمۇ قايتا سۈرۈشتە قىلمىسۇن، ھاۋالە قىلىنغۇچىمۇ تۆلەم تۆلىمىسۇن. 12لېكىن ھايۋانلار ئوغرىلانغان بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئىگىسىگە تۆلەپ بەرسۇن. 13ئەگەر ھايۋاننى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ كەتكەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى يەپ كېتىلگەن ھايۋاننىڭ قالدۇقىنى ئەكېلىپ، ئىسپات قىلىپ كۆرسەتسۇن، تۆلەم تۆلىمىسۇن.
14ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ ھايۋىنىنى ئارىيەت ئالغاندىن كېيىن بۇ ھايۋان ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنسە ياكى ئۆلۈپ قالسا، ئارىيەت ئالغۇچى ھايۋاننى تۆلەپ بەرسۇن. 15ئەگەر ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، تۆلىمىسۇن. ئەگەر ھايۋان ئىجارىگە ئېلىنغان بولسا، پەقەت ئىجارە ھەققىنى تۆلىسۇن.
جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەخلاقىي مىزانلار
16ئەگەر بىر ئادەم تېخى ياتلىق بولۇشقا پۈتۈشمىگەن قىزنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگسە، تويلۇق بېرىپ ئۇ قىز بىلەن نىكاھلانسۇن. 17ئەگەر قىزنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا قىزىنى بېرىشكە رازى بولمىسا، ئۇ ئادەم قىزنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان پۇل تۆلەپ بەرسۇن.
18جادۇگەرلىك قىلغان ئايالنى تىرىك قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. 19ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. 20مەندىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھقا قۇربانلىق سۇنغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن.
21يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى خورلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار.
22تۇل ئايال ۋە يېتىم-يېسىرلارنى خورلىماڭلار. 23ئەگەر ئۇلارنى خورلىساڭلار، ئۇلار ماڭا نالە قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن ۋە 24دەرغەزەپ بولۇپ، سىلەرنى قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، ئايالىڭلار تۇل، پەرزەنتلىرىڭلار يېتىم قالىدۇ.
25ئەگەر خەلقىم ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر كەمبەغەلگە قەرز پۇل بەرگەن بولساڭلار، جازانىخورلارغا ئوخشاش ئۆسۈم ئالماڭلار. 26ئەگەر باشقىلار چاپىنىنى سىلەرگە گۆرۈگە قويغان بولسا، كۈن پاتقۇچە قايتۇرۇپ بېرىڭلار. 27چۈنكى ئۇلار پەقەت شۇ چاپان بىلەنلا ئىسسىنىشىدۇ. بۇ چاپان بولمىسا، ئۇلار نېمىنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلىسۇن؟ ناۋادا ئۇلار ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن، چۈنكى مەن رەھىمدىلدۇرمەن.
28كۇپۇرلۇق قىلماڭلار، خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىنى قارغىماڭلار.
29باش ھوسۇلۇڭلاردىن ماڭا قىلىدىغان بۇغداي، شاراب، ياغ ھەدىيەلىرىڭلارنى ئايىماڭلار.
تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ماڭا ئاتاڭلار. 30كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنىمۇ ماڭا ئاتاڭلار. ھايۋانلار تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرسۇن، سەككىزىنچى كۈنى ماڭا ئاتاڭلار. 31سىلەر مېنىڭ پاك خەلقىم بولۇڭلار. يىرتقۇچ ھايۋانلار قارنىنى يېرىۋەتكەن ماللارنىڭ گۆشىنى يېمەي، ئۇنى ئىتقا بېرىڭلار.
23
ھەققانىيەت ۋە ئادىللىق
1ئىغۋا تارقاتماڭلار. يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، گۇناھكارغا يان باسماڭلار. 2كۆپ سانلىقلارغا ئەگىشىپ يامانلىق قىلماڭلار. دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە، كۆپچىلىككە يان بېسىپ ھەقنى بۇرمىلىماڭلار. 3دەۋادا كەمبەغەلگىمۇ يان باسماڭلار.
4ئەگەر ئاداۋىتىڭلار بار كىشىلەرنىڭ كالىسى ياكى ئېشىكىنىڭ ئادىشىپ قالغانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئۇلارنى يېتىلەپ كېلىپ، ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. 5ئەگەر ئاداۋىتىڭلار بار كىشىلەرنىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يىقىلىپ چۈشسە، كۆرمەسكە سېلىپ كېتىپ قالماي، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىڭلار. 6دەۋادا كەمبەغەللەرگە ئۇۋال قىلماڭلار. 7تۆھمەت قىلىپ ئەرز قىلماڭلار. بىگۇناھ، دۇرۇس ئادەمنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمەڭلار. چۈنكى مەن بۇنداق رەزىل ئىش قىلغۇچىلارنى چوقۇم جازالىماي قويمايمەن. 8پارا ئالماڭلار، چۈنكى پارا ئەقىل كۆزۈڭلارنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.
9يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلماڭلار. چۈنكى مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغىنىڭلاردا ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرچىلىقنىڭ تەمىنى سىلەرمۇ تېتىغان.
يەتتىنچى يىل ۋە يەتتىنچى كۈن
10ئالتە يىل يېرىڭلارنى تېرىپ، ھوسۇل ئېلىڭلار. 11يەتتىنچى يىلى يەرنى ئارام ئالدۇرۇپ ئاق قويۇڭلار. ئۆزى ئۈنۈپ قالغان زىرائەتلەرنى كەمبەغەللەرگە قالدۇرۇڭلار. قالغىنىنى ياۋايى ھايۋاناتلار يېسۇن. ئۈزۈمزارلىقىڭلار بىلەن زەيتۇنلۇقۇڭلارنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار.
12ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىڭلار. ئۆكۈز، ئېشەك، قۇل ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن.
13مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقان سۆزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىڭلار، باشقا ئىلاھلارنىڭ نامى بىلەن دۇئا قىلماڭلار، ھەتتا ئۇلارنىڭ نامىنى تىلغىمۇ ئالماڭلار.
ئۈچ مۇھىم ھېيت
14ھەر يىلى مەن ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ھېيت قىلىڭلار. 15ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يەڭلار. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈلسۇن. سىلەر مۇشۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلغانىدىڭلار. ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمەڭلار. 16تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇلۇڭلارنى يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. 17ھەر يىلى بۇ ئۈچ ھېيتتا پۈتكۈل ئەرلەر مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا، يەنى ئىگەڭلار بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلسۇن.
18ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىرگە ئاتىماڭلار. ھېيت مەزگىلىدە قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ مېيىنى ئەتىسى سەھەرگىچە ساقلىماڭلار.
19ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار.
ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.»
خۇدانىڭ پەرىشتىسىنىڭ يول باشلىشى
20پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:
_ پەرىشتەمنى ئالدىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ يوللاردا سىلەرنى قوغداپ، سىلەرنى مەن سىلەرگە تەييارلاپ قويغان يەرگە ئېلىپ بارىدۇ. 21سىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سېلىڭلار، قارشىلىق قىلماڭلار. بولمىسا، ئۇ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ نامىمدا كېلىدۇ. 22ئەگەر سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، دۈشمىنىڭلارغا دۈشمەن، رەقىبىڭلارغا رەقىب بولىمەن. 23مېنىڭ پەرىشتەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، سىلەرنى ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، كەنئانلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. 24ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار، قىلىقلىرىنى دورىماڭلار. ئۇلارنىڭ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتىۋېتىڭلار. 25سىلەر پەقەت ماڭىلا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېمەك-ئىچمەكلىرىڭلارغا بەرىكەت بېرىمەن، سىلەرنى پۈتۈن كېسەللەردىن خالى قىلىمەن. 26ئاراڭلاردا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ئاياللار بولمايدۇ. سىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن.
27سىلەر قەيەرگە بارساڭلار، مەن شۇ يەردىكىلەرنى سىلەردىن چۆچۈيدىغان، سىلەرنى كۆرسىلا ئالدى-كەينىگە قارىماي قاچىدىغان قىلىمەن. 28دۈشمىنىڭلارنى پاراكەندە قىلىپ، سىلەر ئۇ يەرگە كىرىشتىن بۇرۇنلا، خىۋلار، كەنئانلار ۋە خىتلارنى قوغلاپ چىقىرىمەن. 29لېكىن يەرلەرنىڭ تېرىلماي ئاق قىلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمەيمەن. 30نوپۇسۇڭلار كۆپىيىپ، ئۇ زېمىننى ئىگىلىشىڭلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى ئاستا-ئاستا قوغلاپ چىقىرىمەن. 31سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنىڭ چېگراسىنى قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، قۇملۇق رايونىدىن فىرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىمەن. مەن سىلەرگە يەرلىك خەلقنى بويسۇندۇرۇش قۇدرىتىنى بېرىمەن. سىلەر ئۇ يەرگە كىرگەن ۋاقتىڭلاردا، ئۇلارنى قوغلىۋېتەلەيسىلەر. 32ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن بىرەر ئەھدە تۈزمەڭلار. 33ئۇلارنى زېمىنىڭلاردا تۇرغۇزماڭلار. بولمىسا، ئۇلار سىلەرنى گۇناھقا باشلايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنساڭلار، سىلەر چوقۇم ئۇلارنىڭ تۇزىقىغا چۈشىسىلەر.
24
ئىسرائىل خەلقىنىڭ مۇقەددەس ئەھدىنى قوبۇل قىلىشى
1پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن ھارۇن، ناداب، ئابىھۇلارنى ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشىنى ئېلىپ، بۇ تاغقا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ بىرلىكتە ماڭا سەجدە قىلىڭلار. 2ئالدىمغا يالغۇز ئۆزۈڭلا كەل. باشقىلار يېقىن كەلمىسۇن. خەلقمۇ سەن بىلەن بىرگە تاغقا چىقمىسۇن، _ دېدى.
3مۇسا قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەمرلىرى ۋە قانۇنلىرىنى خەلققە بايان قىلدى. پۈتۈن خەلق:
_ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز، _ دەپ بىر ئېغىزدىن جاۋاب قايتۇرۇشتى. 4مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى خاتىرىلىۋالدى. ئۇ ئەتىسى ئەتىگەندە تاغ باغرىدا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ۋە 12 تاشنى تىكلىدى. 12 تاش ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. 5ئاندىن كېيىن مۇسا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇقىلارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن بىرمۇنچە ياشلارنى ئەۋەتتى. 6مۇسا قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنىڭ يېرىمىنى داشقا ئېلىپ قويۇپ، يېرىمىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. 7ئاندىن كېيىن ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خەلققە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ بەردى. خەلق:
_ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېيىشتى. 8شۇنىڭ بىلەن مۇسا داستىكى قاننى خەلقنىڭ ئۇچىسىغا سېپىپ:
_ بۇ قان ئەھدە قېنىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنىڭ ئاساسىدۇر، _ دېدى.
9مۇسا، ھارۇن، ناداب ۋە ئابىھۇ ھەمدە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشى تاغقا چىقىشتى. 10ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۆردى! ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاسمانغا ئوخشاش سۈپسۈزۈك كۆك ياقۇت پايانداز بار ئىدى. 11ئىسرائىل ئاقساقاللىرى خۇدانى كۆرسىمۇ، خۇدا ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمىدى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا غىزالاندى.
مۇسا سىناي تېغىدا
12پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەل. خەلقنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن مەن پۈتۈن قانۇن ۋە پەرزلەرنى ئىككى تاش تاختىغا يازدىم. ئۇنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، _ دېدى. 13مۇسا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋا ئورنىدىن قوزغىلىپ، خۇدانىڭ تېغىغا چىقتى. 14مېڭىش ئالدىدا مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغا:
_ بىز قايتىپ كەلگۈچە، سىلەر بۇ يەردە بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ. بىرەر تالاش-تارتىش چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھەل قىلىڭلار، _ دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن مۇسا سىناي تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقتى. بۇ ۋاقىتتا تاغنى بۇلۇت قاپلىۋالدى. 16پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى تاغقا چۈشتى. ئالتە كۈنگىچە تاغنى بۇلۇت قاپلاپ تۇردى. يەتتىنىچى كۈنى پەرۋەردىگار بۇلۇت ئارىسىدىن مۇسانى چاقىردى. 17چوققىدىكى بۇ پارلاق نۇر باشقا ئىسرائىللارغا گويا دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتەك كۆرۈندى. 18مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى.
25
ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەر
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە سۇنسۇن. ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىڭلار. 3ئۇلارنىڭ مۇنداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىڭلار:
ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ،
4كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى،
5قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، چىداملىق تېرە،
ئاكاتسىيە ياغىچى،
6چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن يېغى، مۇقەددەس ياغ،
ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي ئەشيالار،
7باش روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق،
كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا گۆھەرلەر.
8ئۇلار ماڭا ئاتاپ بىر ئىبادەت جايى ياسىسۇن، مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن. 9ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىچىدىكى نەرسىلەر مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوخشاش ياسالسۇن.
ئەھدە ساندۇقى
10_ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقىنى 125 سانتىمېتىر، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكىنى 75 سانتىمېتىر قىلىپ، بىر ساندۇق ياسىسۇن. 11ساندۇقنىڭ ئىچى-سىرتى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، چۆرىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنسۇن. 12ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيۇلۇپ، ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا ئورنىتىلسۇن. ھالقىلار ھەربىر تەرىپىدە ئىككىدىن بولسۇن. 13-14ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزسۇن. 15ئىككى بالداق ھەمىشە ھالقىدا تۇرسۇن، چىقىرىۋېتىلمىسۇن. 16مەن ساڭا بېرىدىغان پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلسۇن.
17ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى 125، كەڭلىكى 75 سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇق قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى» ياسالسۇن. 18ئالتۇندىن ئىككى دانە «كېرۇب»نىڭ* ھەيكىلى سوقۇلۇپ، 19«گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ئورنىتىلىپ، قاپقاق بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ بىرلەشتۈرۈلسۇن. 20يۈزمۇيۈز قويۇلغان ھەيكەللەرنىڭ ئېچىلغان قاناتلىرى قاپقاقنى يېپىپ، يۈزلىرى قاپقاققا قاراپ تۇرسۇن. 21مەن ساڭا بېرىدىغان پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا ئاشۇ ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلۇپ، ئاندىن ساندۇقنىڭ قاپقىقى يېپىلسۇن. 22مەن ئۇ يەردە، يەنى قاپقاقنىڭ ئۈستىدە، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، سەن بىلەن ئۇچرىشىمەن ۋە ئىسرائىللارغا چۈشۈرىدىغان ئەمرلىرىمنى ساڭا يەتكۈزىمەن.
شىرە
23_ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر شىرە ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر بولسۇن. 24شىرە ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن ۋە چۆرىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنسۇن. 25شىرەنىڭ چۆرىسىگە 8 سانتىمېتىر كەڭلىكتە قىر چىقىرىلسۇن ۋە ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنسۇن. 26تۆت ئالتۇن ھالقا ياسىلىپ، شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى تۆت پۇتقا، 27يەنى شىرەنىڭ قىرىغا يېقىنراق ئورنىتىلسۇن. چۈنكى ئالتۇن ھالقىلاردىن بالداقلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شىرە كۆتۈرۈپ مېڭىلىدۇ. 28بالداقلارمۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. 29شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تاۋاق ۋە تەخسە، شۇنداقلا ئىچىملىك ھەدىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان چەينەك ۋە چىنىلەر ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. 30شىرەگە ھەمىشە ماڭا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىپ قويۇلسۇن.
چىراغدان
31_ ئۇلار ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىسۇن. چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، تارماق شاخلىرى ۋە گۈل نۇسخىسىدىكى چىراغ تەكچىلىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلسۇن. 32چىراغداننىڭ بىر تەرىپىگە ئۈچ، يەنە بىر تەرىپىگە ئۈچ بولۇپ، جەمئىي ئالتە دانە شاخچە چىقىرىلسۇن. 33ھەربىر شاخچىدە بادام چېچىكى شەكلىدىكى ئۈچ دانە گۈل بەرگى بولسۇن. چىراغداننىڭ ئالتە شاخچىسىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق بولسۇن. 34چىراغداننىڭ غولىدا بادام چېچىكى شەكلىدە تۆت دانە گۈل بەرگى بولسۇن. 35بۇ گۈل بەرگلىرى چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە چىقىرىلغان ھەربىر جۈپ شاخچىنىڭ، يەنى ئالتە دانە شاخچىنىڭ ئاستىدا بولسۇن. 36پۈتۈن چىراغدان، يەنى ئۇنىڭ بارلىق بېزەكلىرى بىرلا پارچە ئالتۇندىن سوقۇلسۇن. 37چىراغدانغا يورۇقى ئالدى تەرەپكە چۈشىدىغان قىلىپ يەتتە چىراغ ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن. 38پىلىك قىسقۇچ، پىلىك قالدۇقىنى قويىدىغان تەخسە ساپ ئالتۇندىن قىلىنسۇن. 39چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەرنى ياساش ئۈچۈن 35 كىلو ساپ ئالتۇن ئىشلىتىلسۇن. 40بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ياسالسۇن.
26
ئىبادەت چېدىرى
1_ ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىسۇن. بۇ يوپۇقلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، ئۇلارغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن. 2ھەربىر يوپۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش قىلىنسۇن، ئۇزۇنلۇقى 14 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر بولسۇن. 3يوپۇقلار كەڭلىكلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بەش دانىسى بىر پارچە، يەنە باشقا بەش دانىسى بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن. 4-5ئۇلانغان ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ چېتىگە ئەللىك دانىدىن كۆك رەڭلىك ئىزمە تىكىلسۇن. بۇ ئىككى پارچىدىكى تىكىلگەن ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل كەلسۇن. 6ئەللىك ئالتۇن ئىلمەك ياسىلىپ، بۇ ئىككى پارچە چوڭ يوپۇق بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن.
7ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يوپۇقلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن 11 پارچە قېلىن يوپۇق توقۇسۇن. 8بۇ 11 پارچە يوپۇق ئوخشاش چوڭلۇقتا، يەنى ئۇزۇنلۇقى 15 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر بولسۇن. 9بۇ يوپۇقلار كەڭلىكلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بەش دانىسى بىر پارچە، يەنە باشقا ئالتە دانىسى بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن. ئاندىن مۇشۇ پارچىنىڭ كىرىش ئېغىزى تەرىپىدىكى ئالتىنچى پارچىسىنىڭ يېرىمى كەينىگە قايرىلىپ قويۇلسۇن. 10ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ چېتىدە ئەللىك دانىدىن ئىزمە بولسۇن. 11ئاندىن تۇچتىن ئەللىك ئىلمەك ياسىلىپ، ئۇلار ئىزمىلەردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ ئىككى پارچە چوڭ يوپۇق بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بىر پۈتۈن يوپۇق قىلىنسۇن. 12يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ئېشىپ قالغان قىسمى چېدىرنىڭ كەينىدە يەرنى يېپىپ تۇرسۇن. 13بۇ يوپۇق چېدىرغا يېپىلغان زىغىر رەختتىن قىلىنغان يوپۇقنىڭ ئىككى تەرىپىدىن يېرىم مېتىردىن ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلار يەرگە تېگىپ، چېدىرىنى تولۇق يېپىپ تۇرسۇن. 14بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن قىزىل بويالغان قوچقار تېرىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن چىداملىق تېرىلەر تەييارلانسۇن.
15ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تىك راملار ياسىسۇن. 16ھەربىر رامنىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىر، كەڭلىكى 75 سانتىمېتىر بولسۇن. 17ھەربىر رامنىڭ تۆۋەن تەرىپى رام پۇتىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسالسۇن. ھەممە راملار شۇنداق ياسالسۇن. 18چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يىگىرمە رام 19ۋە راملارنىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسالسۇن. ھەربىر رام ئىككىدىن پۇتقا ئورنىتىلسۇن. 20چېدىرنىڭ شىمال تەرىپىگىمۇ يىگىرمە رام 21ۋە ئۇلار ئۈچۈنمۇ كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسالسۇن. ھەربىر رام ئىككىدىن پۇتقا ئورنىتىلسۇن. 22چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدە، يەنى غەرب تەرىپىدە ئالتە دانە رام بولسۇن. 23چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا بىردىن رام ياسالسۇن. 24بۇ ئىككى رام پەس ۋە يۇقىرى تەرەپلىرىدىن يان ۋە كەينىدىكى راملارنىڭ ئاخىرقى رېمىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈستى تەرەپلىرىدىن ھالقا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلسۇن. ھەربىر بۇلۇڭ مۇشۇ يول بىلەن ياسالسۇن. 25دېمەك، چېدىرنىڭ غەرب تەرىپىدە سەككىز رام بولۇپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن جەمئىي 16 دانە كۈمۈش پۇت ياسالسۇن.
26بۇنىڭدىن باشقا ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداقلار ياسىسۇن. بۇلاردىن بەش دانىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ بىر يېنىغا، 27يەنە بەش دانىسى يەنە بىر يېنىغا، قالغان بەش دانىسى چېدىرنىڭ غەربىگە، يەنى كەينىگە ئىشلىتىلسۇن. 28راملارنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن توغرىسىغا چېتىلىدىغان بالداقلار چېدىرنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا تۇتاشسۇن. 29راملار ۋە بالداقلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن ۋە بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارمۇ ئالتۇندىن ياسالسۇن. 30ئىبادەت چېدىرى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالسۇن.
31ئېسىل زىغىر رەختتىن بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇنىڭغا كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلىنىپ، 32ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت تۈۋرۈككە ئورنىتىلغان ئالتۇن ئىلمەكلەرگە ئېسىپ قويۇلسۇن. تۈۋرۈكلەر ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇتقا ئورنىتىلسۇن. 33پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى قاتار ئىلمەكلەرنىڭ ئاستىغا توغرا كەلسۇن. پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى پەردىنىڭ كەينىگە قويۇلسۇن. بۇ پەردە ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرىدۇ. 34ساندۇق قاپقىقى ئەھدە ساندۇقىغا يېپىلسۇن. 35شىرە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ سىرتىغا، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، چىراغدان مۇقەددەس جاينىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويۇلسۇن.
36بۇنىڭدىن باشقا، ئېسىل زىغىر رەختتىن يەنە بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇ كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپى، يەنى ئادەم كىرىدىغان تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلسۇن. 37پەردىنى ئېسىش ئۈچۈن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش دانە تۈۋرۈك ياسىلىپ، تۈۋرۈك بېشى ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. تۈۋرۈكلەردە ئالتۇن ئىلمەكلەر بولسۇن ھەم تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسالسۇن.
27
قۇربانلىق سۇپىسى
1_ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت چاسا شەكىللىك بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2.5 مېتىر بولسۇن. 2قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بۆرتۈپ چىققان شەكىللەر بولسۇن. بۇ شەكىللەر قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن بىرلىكتە ياسىلىپ، پۈتۈن سۇپا تۇچ بىلەن قاپلانسۇن. 3قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈل قاچىسى، گۈرجەك، داس، ئارا ۋە چوغدان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۇچتىن ياسالسۇن. 4-5بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىغا تۇچتىن بىر شالا ياسىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېرىم چوڭقۇرلۇقىدىكى شالا تەكچىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلسۇن. تۇچتىن تۆت دانە ھالقا ياسىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە، يەنى شالانىڭ ئۇدۇلىغا ئورنىتىلسۇن. 6قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى دانە بالداق ياسالسۇن ۋە ئۇلار تۇچ بىلەن قاپلانسۇن. 7بالداقلار قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرگەندە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈلسۇن. 8قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك قىلىنىپ، تاختايدىن ياسالسۇن. قۇربانلىق سۇپىسى مەن تاغدا ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىدا تاختايدىن ياسالسۇن.
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسى
9_ ئىبادەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپى ئېسىل زىغىر رەختلەر بىلەن توسۇلۇپ، ھويلا قىلىنسۇن. ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر بولسۇن. 10رەختلەرنى ئېسىش ئۈچۈن يىگىرمە دانە تۈۋرۈك ۋە يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن. تۈۋرۈكلەرگە كۈمۈشتىن ئىلمەك ياسىلىپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلانسۇن. 11شىمال تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 50 مېتىر بولسۇن. يىگىرمە دانە تۈۋرۈك ۋە يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن. تۈۋرۈكلەرگە كۈمۈشتىن ئىلمەك ياسىلىپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلانسۇن. 12غەرب تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر بولسۇن. ئون دانە تۈۋرۈك ۋە ئون دانە پۇت ياسالسۇن. 13شەرق تەرىپىنىڭ، يەنى ئالدى تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 25 مېتىر بولسۇن. 14-15كىرىش ئېغىزى ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشسۇن. كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ كەڭلىكى 7.5 مېتىردىن بولسۇن. رەختلەرنى ئېسىش ئۈچۈن كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۈچ دانە تۈۋرۈك ۋە ئۈچ پۇت ياسالسۇن.
16ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىل زىغىر رەختتىن 10 مېتىر كەڭلىكتە بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇ كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن. پەردە تۆت دانە پۇتقا بېكىتىلگەن تۆت تۈۋرۈككە ئېسىلسۇن. 17ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى بارلىق تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلانسۇن ۋە تۈۋرۈكلەردە كۈمۈش ئىلمەكلەر بولسۇن. تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن ياسالسۇن. 18ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىگى 25 مېتىر، ھويلىنى ئوراپ تۇرغان ئېسىل زىغىر رەختلەرنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر بولسۇن. تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن ياسالسۇن. 19ئىبادەت چېدىرىدىكى بۇيۇملار، ھويلا ۋە چېدىرغا كېرەكلىك قوزۇقلار تۇچتىن ياسالسۇن.
چىراغ ھەققىدىكى بەلگىلىمە
20_ سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ساڭا ساپ زەيتۇن يېغى ئەكېلىپ بەرسۇن. سەن ئۇنى چىراغلارغا ئىشلەتكىن، چىراغلار تۈن بويى يېنىپ تۇرسۇن. 21ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى* ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارغا مەسئۇل بولسۇن. بۇ چىراغلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يېنىپ تۇرسۇن. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن.
28
روھانىيلارنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى
1_ ئىسرائىللار ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامارلارنى روھانىيلىققا تەيىنلىگىن. 2ئاكاڭ ھارۇننىڭ سالاپىتى ۋە ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىمى تەييارلىغىن. 3بۇ كىيىملەرنى ئىقتىدار ئاتا قىلىنغان بارلىق ئۇستىلارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى تىكسۇن. ھارۇن ماڭا بېغىشلىنىپ، مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىدۇ. 4ئۇلار كۆكرەكلىك، پەرتۇق، پەرىجە، كەشتىلەنگەن تونچە كۆڭلەك، سەللە ۋە پوتىلارنى تەييار قىلسۇن. ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىيىم-كېچەكلەرنى ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىق قىلىدىغان ئوغۇللىرى ئۈچۈن تەييارلىسۇن. 5ئۇستىلار بۇلارنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىسۇن.
پەرتۇقنىڭ لايىھەسى
6_ پەرتۇقنى قولى چېۋەر ئۇستىلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىسۇن. 7پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى بولسۇن. پەرتۇقنىڭ ئالدى ۋە كەينى قىسمى بۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلسۇن. 8پەرتۇقنىڭ بەل تاسمىسى پەرتۇققا ئوخشاش ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلىنىپ، پەرتۇققا ئۇلانسۇن. 9ئىككى دانە يوللۇق ھېقىق تېپىپ كېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسىملىرى ئويۇلسۇن. 10بىر تاشتا ئالتىدىن ئىسىم بولسۇن. تاشقا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە 11ئۇستىلار تەرىپىدىن مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن. ئاندىن بۇ ئىككى تاش ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلۇپ، 12پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىنسۇن. ھارۇن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى مۈرىسىگە مانا مۇشۇنداق بېكىتىپ، ماڭا، يەنى مەن پەرۋەردىگارغا خەلقىمنى دائىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. 13-14ئۇنىڭدىن باشقا، ساپ ئالتۇندىن ئىككى دانە ئۆرۈمە زەنجىر سوقۇلۇپ، كۆزلۈكلەرنىڭ ئاستىدىكى ھالقىلارغا ئۇلانسۇن.
كۆكرەكلىكنىڭ ياسىلىشى
15_ سەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاقىلىدىغان كۆكرەكلىكنى قولى چېۋەر ئۇستىلارغا تىكتۈرگىن. تىكىلىش ئۇسۇلى پەرتۇق بىلەن ئوخشاشتۇر. ئۇ ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن. 16كۆكرەكلىك تىكىلىدىغان رەخت ئىككى قاتلىنىپ، تۆت چاسا قىلىنىپ خالتا شەكلىدە تىكىلسۇن. كۆكرەكلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ ئوخشاشلا 25 سانتىمېتىردىن بولسۇن. 17كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستىگە تۆت قۇر گۆھەر قادالسۇن. بىرىنچى قۇرىغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت قادالسۇن. 18ئىككىنچى قۇرىغا فىرۇزە، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس قادالسۇن. 19ئۈچىنچى قۇرىغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس قادالسۇن. 20تۆتىنچى قۇرىغا سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە قىزىل ھېقىق قادالسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىنىپ، كۆكرەكلىككە قادالسۇن. 21ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئون ئىككى گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن.
22كۆكرەكلىكنى پەرتۇققا بېكىتىش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن ئىككى دانە ئۆرۈمە زەنجىر تەييارلانسۇن. 23كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىگە بىردىن ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. 24زەنجىرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، 25پەرتۇقنىڭ مۈرە تاسمىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن كۆزلۈكلەرگە 26ۋە كۆكرەكلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجەكنىڭ ئىچكى قېتىدىكى ئىككى دانە ئالتۇن ھالقىغا باغلانسۇن. 27شۇنداقلا، پەرتۇقنىڭ بەل قىسمىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە، يەنى بەل تاسمىسىنىڭ يۇقىرىسىغا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. 28ئاندىن كۆكرەكلىكنىڭ پەس تەرىپىدىكى ھالقىلار بىلەن پەرتۇقتىكى ھالقىلار بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلانسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، كۆكرەكلىك پۇلاڭلاپ كەتمەي، پەرتۇققا چاپلىشىپ تۇرىدۇ.
29ھارۇن ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان كۆكرەكلىكىنى مەيدىسىگە ئېسىۋالسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارغا دائىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. 30ئۇ يەنە «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»*لارنى كۆكرەكلىكنىڭ ئىچىگە سالسۇن. شۇنداق بولغاندا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى ۋاقتىدا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلدۈرىدىغان «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لار داۋاملىق ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ ئۈستىدە بولغان بولىدۇ.
روھانىيلار كىيىدىغان باشقا كىيىملەر
31_ پەرتۇقنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان پەرىجە كۆك رەڭلىك يىپتىن توقۇلسۇن. 32پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىلىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتۇلسۇن. 33-34پەرىجىنىڭ پېشىنىڭ چۆرىسىگە ئېسىش ئۈچۈن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن ئانارلار ياسالسۇن. ئانارلارنىڭ ئارىسىغا بىردىن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان قوڭغۇراقلار ئېسىلسۇن. 35ھارۇن روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە، بۇ پەرىجىنى كىيىۋالسۇن. ئۇ مۇقەددەس جايغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كىرىپ چىققاندا، قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، شۇندىلا ئۇ ئۆلمەيدۇ.
36ھارۇننىڭ سەللىسىنىڭ ئالدىغا تاقاش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن بىر دانە ئالاھىدە قاداق ياسالسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلسۇن. 37قاداق بىر تال كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىنىڭ ئالدىغا تاقاپ قويۇلسۇن. 38ئالتۇن قاداق ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. بۇ ھارۇننىڭ ئىسرائىللار ھەدىيەلەر سۇنغاندا ئۆتكۈزگەن گۇناھلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئالتۇن قاداق دائىم ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. شۇندىلا پەرۋەردىگار ئىسرائىللار سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.
39ھارۇننىڭ تونچە كۆڭلىكى ئېسىل زىغىر يىپتىن توقۇلسۇن ۋە سەللىسى ئېسىل زىغىر رەختتە قىلىنسۇن ھەم پوتىسى كەشتىلەنسۇن. 40ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈنمۇ تونچە كۆڭلەك، پوتا ۋە باش كىيىم تىكىلسۇن. شۇندىلا ئۇلار سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. 41ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ماڭا بېغىشلاپ، ئۇلارغا روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيدۈرگىن ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇپ، ئۇلارنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلسۇن.
42بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن تامبال تىكىلسۇن. تامبال تىزىغىچە ئۇزۇنلۇقتا بولسۇن ۋە ئەۋرىتىنى يېپىپ تۇرسۇن. 43ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ-چىققاندا ياكى مۇقەددەس جايدا ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن ئىسرىقدانغا يېقىنلاشقاندا، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن تامبال كىيىۋالسۇن. بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.
29
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىي بولۇشى
1_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەندە، تۆۋەندىكى قائىدە-يوسۇن بويىچە ئىش كۆرگىن: بۇقىدىن بىرنى ۋە بېجىرىم قوچقاردىن ئىككىنى تاللىغىن. 2يەنە سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنىدىن پېتىر نان، زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نانلار تەييارلىغىن. 3ئاندىن بۇ نانلارنى سېۋەتكە سېلىپ، بىر تۇياق بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن. 4ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى چېدىرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بويىنى سۇغا سالغىن. 5ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇنغا تونچە كۆڭلەك، پەرىجە ۋە پەرتۇقنى كىيدۈرگىن. ئۇنىڭدىن كېيىن پەرتۇقنىڭ ئۈستىگە كۆكرەكلىكنى تاقاپ، پەرتۇقنىڭ نەپىس توقۇلغان بەل تاسمىسىنى باغلاپ قويغىن. 6بېشىغا سەللە يۆگەپ، سەللىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن قاداقنى تاقاپ قويغىن. 7ئۇنىڭدىن كېيىن مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن. 8ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ تونچە كۆڭلەك 9ۋە باش كىيىم كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە پوتا باغلىغىن. شۇندىلا ئۇلار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە ئېرىشىدۇ. سەن مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە ئۇلارنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە ئاجراتقىن.
10سەن بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن. 11ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بۇقىنى بوغۇزلىغىن، 12ئاندىن قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقىڭ بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويغىن. قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆككىن. 13بۇقىنىڭ چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيىنى چىقىرىۋېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرگىن. 14لېكىن بۇقىنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈرگىن. مانا بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىدۇر.
15ئاندىن قوچقارلاردىن بىرنى ئېلىپ كەلگىن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن. 16سەن قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچقىن 17ۋە قوچقارنى پارچىلىغىن. ئىچ-قارنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى پاكىز تازىلاپ، قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىدىكى پارچىلانغان گۆش ۋە باشنىڭ ئۈستىگە قويغىن، 18ئاندىن ئۇلارنى كۆيدۈرگىن. مانا بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر. بۇ مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
19ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى قوچقارنى ئېلىپ كەلگىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن. 20سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈركەپ قويغىن. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچقىن. 21ئاندىن مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچقىن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ.
22قوچقارنىڭ مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيى، شۇنداقلا ئوڭ يانپىشىنى چىقىرىۋالغىن. چۈنكى قوچقار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىغا ئىشلىتىلىدۇ. 23بۇنىڭدىن سىرت، ھۇزۇرۇمدىكى نانلار سېلىنغان سېۋەتتىن بىر دانە پېتىر نان، بىر دانە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە بىر دانە نېپىز پېتىر نان ئالغىن. 24ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزغىن. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. 25ئاندىن سەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى قىلغىن. 26سەن ھارۇننىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ تۆشىنى قولۇڭغا ئېلىپ، ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگىن. ئۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولسۇن.
27روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ پارچىلىرى، يەنى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش مۇقەددەستۇر. بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. 28بۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار ھەر قېتىم ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنغاندا، بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشى بولىدۇ.
29ھارۇننىڭ كىيىملىرى ئۇنىڭ ئورنىغا روھانىي بولىدىغان ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. ئۇلار مۇقەددەس ياغ سۈركىلىپ، روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندە، بۇ كىيىملەرنى كىيسۇن. 30ھارۇننىڭ روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن ئوغلى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا تۇنجى كىرگەندە، بۇ مۇقەددەس كىيىمنى ئۇدا يەتتە كۈن كىيىپ يۈرسۇن.
31روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ گۆشى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا پىشۇرۇلسۇن. 32ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوچقارنىڭ گۆشى ۋە سېۋەتتىكى نانلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا يېسۇن. 33ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن تائاملارنى پەقەت ئۆزلىرىلا يېسۇن، باشقىلار يېمىسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر. 34ئەگەر گۆش ۋە نانلار ئەتىسى سەھەرگىچە يېيىلمىگەن بولسا، يېيىلمىسۇن، كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر.
35سەن مېنىڭ ئەمرىم بويىچە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يەتتە كۈنگىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگىن. 36ھەر كۈنى بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىغىن ۋە ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى سۈركەپ، ماڭا بېغىشلىغىن. 37قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۇدا يەتتە كۈن گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش ئورنى سۈپىتىدە پاكلىغىن. شۇندىلا قۇربانلىق سۇپىسى ئەڭ مۇقەددەس ئورۇنغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قۇربانلىق سۇپىسىغا روھانىيلاردىن سىرت ھەرقانداق ئادەم تەگسە بولمايدۇ، چۈنكى قۇربانلىق سۇپىسى مۇقەددەستۇر.
كۈندىلىك قۇربانلىق توغرىسىدا
38_ ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسىدا بىر ياشلىق پاقلاندىن ئىككىسى قۇربانلىق قىلىنسۇن. 39ئۇلارنىڭ بىرى ئەتىگەندە، يەنە بىرى گۇگۇم چۈشكەندە قىلىنسۇن. 40بىرىنچى قويغا بىر لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇن قوشۇپ ئاتالسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر لىتىر شارابمۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئاتالسۇن. 41گۇگۇم چۈشكەندە قۇربانلىق قىلىنغان ئىككىنچى قويغا قوشۇپ ئاتىلىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىمۇ ئەتىگەندىكىگە ئوخشاش قىلىنسۇن. بۇ نەرسىلەر مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
42كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىلىنسۇن، بۇ قائىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋام قىلسۇن. مەن بۇ يەردە ئىسرائىل خەلقى بىلەن ئۇچرىشىمەن ۋە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. 43بۇ يەر مېنىڭ ئىسرائىللار بىلەن ئۇچرىشىدىغان يېرىمدۇر. بۇ يەر مېنىڭ پارلاق نۇرۇم بىلەن مۇقەددەس بولىدۇ.
44مەن ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىلا مۇقەددەس قىلىپ قالماستىن، بەلكى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ مۇقەددەس قىلىمەن. 45مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 46ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ ھەمدە مېنىڭ ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشىشىم ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن.
30
ئىسرىقدان
1_ ئىسرائىللار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ئىسرىقدان ياسىسۇن. 2ئىسرىقدان تۆت چاسا بولسۇن، ئېگىزلىكى بىر مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىردىن بولسۇن. ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى ئىسرىقدان بىلەن بىر پۈتۈن ياسالسۇن. 3ئۈستى، تۆت ئەتراپى ۋە بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، ئۈستى تەرىپىنىڭ چۆرىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنسۇن. 4ئىسرىقداننى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىككى تەرىپىگە ئىككىدىن ئالتۇن ھالقا ياسىلىپ، ئالتۇن نەقىشنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئورنىتىلسۇن. 5بالداقلارمۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. 6ئىسرىقدان ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ سىرتىغا، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا قارىتىپ قويۇلسۇن. ئۇ يەر مەن سەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان يەردۇر.
7ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى باش روھانىي ھارۇن چىراغلاردىن خەۋەر ئالغىلى كەلگەندە، ئىسرىقداندا خۇشبۇي ئىسرىقلارنى كۆيدۈرسۇن. 8گۇگۇم ۋاقتىدا چىراغلارنى ياققاندىمۇ ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرسۇن. ھۇزۇرۇمدا ئىسرىق سېلىش دائىملىق قائىدە سۈپىتىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشسۇن. 9ئىسرىقداندا مەنئى قىلىنغان ئىسرىقلار ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق كۆيدۈرۈلمىسۇن ھەمدە ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىمۇ سۇنۇلمىسۇن. 10ھارۇن ھەر يىلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنىنى ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سېپىپ، ئىسرىقداننى پاكلىسۇن. بۇ مۇراسىم ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشسۇن. چۈنكى بۇ ئىسرىقدان مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەستۇر.
ھاياتى ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەل پۇللار
11پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
12_ سەن ئىسرائىللارنىڭ نوپۇسىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىڭدا، رويخەتكە ئېلىنغان ھەربىر ئەر ھاياتى ئۈچۈن ماڭا بەدەل پۇلى تۆلىسۇن. شۇندىلا مەن ئۇلارغا بالا-قازا كەلتۈرمەيمەن. 13رويخەتكە ئېلىنغانلار تۆلەيدىغان بەدەل پۇلى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كىشى بېشىغا 6 گىرامدىن كۈمۈش بولسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە ھېسابلانسۇن. 14يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ بەدەل پۇلىنى مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن تۆلىسۇن. 15ھاياتى ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەل پۇللارنى بايلار ئارتۇق، كەمبەغەللەر كەم تاپشۇرۇپ قويمىسۇن. 16ھاياتى ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل پۇللار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ خىراجىتى قىلىنسۇن. بۇ پۇللار ھاياتلىرىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ئىسرائىللارنى مەن پەرۋەردىگارغا ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
پاكلىنىش دېسى
17پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
18_ ئىسرائىللار تۇچتىن بىر پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ ياساپ، ئۇنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويسۇن ۋە ئىچىگە سۇ تولدۇرسۇن. 19-20ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى چېدىرغا كىرگەندە ياكى قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇربانلىق سۇنغىلى كەلگەندە، بۇ داستىكى سۇ بىلەن پۇت-قوللىرىنى يۇيسۇن. بولمىسا، ئۇلار ئۆلتۈرۈلىدۇ. 21ئۇلار پۇت- قوللىرىنى چوقۇم يۇيسۇن، شۇندىلا ئۇلار ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.
مۇقەددەس ياغ تەييارلاش ئۇسۇلى
22پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
23_ ئىسرائىللار مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئەڭ ئېسىل خۇشبۇي ئەشيالاردىن، يەنى مۇرمەككى سۇيۇقلۇقىدىن 6 كىلو، قوۋزاقدارچىندىن 3 كىلو، پۇراقلىق ئېگىردىن 3 كىلو، 24گۈلدارچىندىن 6 كىلو ۋە زەيتۇن يېغىدىن 4 لىتىر تەييارلاپ، 25ئۇلارنى ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مۇقەددەس ياغ ياسىسۇن. 26بۇ ياغ ئۇچرىشىش چېدىرى، ئەھدە ساندۇقى، 27شىرە ۋە شىرە ئۈستىدىكى قاچا-قۇچىلار، چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، ئىسرىقدان، 28كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ قاتارلىقلارغا سۈركەلسۇن، 29شۇنداق قىلىپ، بۇ نەرسىلەر ماڭا بېغىشلانسۇن. بۇ نەرسىلەرگە روھانىيلاردىن سىرت ھەرقانداق ئادەم تەگسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئەڭ مۇقەددەستۇر.
30ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ماڭا بېغىشلىنىپ، ھۇزۇرۇمدا روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭمۇ بېشىغا ياغ قۇيغىن. 31ئىسرائىللارغا شۇنى ئېيتقىنكى، بۇ مۇقەددەس ياغ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە پەقەت مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلغاندا ئىشلىتىلسۇن. 32ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلمىسۇن ھەم بۇ ياغنىڭ ئوخشىشىمۇ ياسالمىسۇن. چۈنكى بۇ ياغ مۇقەددەستۇر. سىلەرمۇ بۇ ياغنى چوقۇم مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار. 33كىمدىكىم بۇ ياغنىڭ ئوخشايدىغىنىنى ياسىسا ۋە روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىگە سۈركىسە، ئۇ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
ئىسرىق ياساش ئۇسۇلى
34پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ يېلىم، قۇلۇلە قېپى تالقىنى، دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى رۇمىدىن ئوخشاش مىقداردا ئېلىنىپ، 35ئۇلار ئادەتتىكى خۇشبۇي بۇيۇم ياساش ئۇسۇلى بويىچە تەڭشىلىپ، ئاندىن ئۇلارغا ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ساپ ۋە مۇقەددەس ئىسرىق ياسالسۇن. 36بۇ ئىسرىقلاردىن ئازراق ئېلىنىپ، تالقاندەك ئۇششاق يانجىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇلسۇن. مەن ئۇ يەردە سىلەر بىلەن ئۇچرىشىمەن. سىلەر بۇ ئىسرىقنى ئەڭ مۇقەددەس ئىسرىق، دەپ بىلىڭلار. 37لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىسرىق ياسىماڭلار. چۈنكى بۇ خىل ئىسرىق پەقەت مەن پەرۋەردىگارغىلا مەنسۇپتۇر. 38ئۆزلىرى ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن بۇ خىل ئىسرىققا ئوخشىتىپ ئىسرىق ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
31
ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تاللىنىشى
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ قارا! مەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بولغان بىزالئېلنى تاللىدىم. 3ئۇنى ئۆز روھىمغا چۆمدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدىم. 4ئۇ ھازىر خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش، 5قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا قويۇش ھەمدە ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ.
6مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تاللىدىم. ھەممە ھۈنەرۋەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، مەن بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ياساش ئىقتىدارىنى بەردىم. 7ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى تەييارلاشتۇر:
ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە چېدىردىكى بارلىق نەرسىلەر،
يەنى ئەھدە ساندۇقى، «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»،
8شىرە ۋە شىرەگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر،
ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، ئىسرىقدان،
9كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر،
پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ،
10ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەر،
11مۇقەددەس ياغ ۋە مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان خۇشبۇي ئىسرىقلار.
ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ ئەمرىم بويىچە قىلسۇن.
دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش
12-13پەرۋەردىگار مۇساغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى:
_ سىلەر مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىگە چوقۇم ئەمەل قىلىڭلار. چۈنكى دەم ئېلىش كۈنى سىلەر بىلەن مېنى ئەۋلادمۇئەۋلاد باغلاپ تۇرىدىغان بىر بەلگىدۇر. سىلەر بۇ ئارقىلىق سىلەرنى پاك قىلغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 14سىلەر دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق ئەمەل قىلىڭلار، چۈنكى بۇ مۇقەددەس كۈندۇر. كىمدىكىم بۇ كۈنگە ھۆرمەت قىلماي، ئادەتتىكى كۈندىكىدەك ئىشلىسە، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. 15ئالتە كۈن ئىش كۈنىدۇر، لېكىن يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان ھەم سىلەر تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ مۇقەددەس كۈندە ئىش قىلغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. 16ئىسرائىللار بۇ دەم ئېلىش كۈنىگە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن، بۇ مەڭگۈلۈك ئەھدىدۇر. 17دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىش مەن بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ مەڭگۈلۈك بەلگىسىدۇر. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار پۈتۈن ئالەمنى ئالتە كۈندە ياراتتىم، يەتتىنچى كۈنى ئىش قىلمىدىم، ئارام ئالدىم.
18خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاش تاختىغا پەرزلەر خۇدا تەرىپىدىن ئۆز قولى بىلەن يېزىلغانىدى.
32
ئالتۇن موزاي
1ئىسرائىللار مۇسانىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تاغدىن چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا:
_ يۈرۈڭ، بىزگە بۇت ياساپ بېرىڭ، ئۇ بىزگە يول كۆرسەتسۇن. بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، _ دېيىشتى.
2ھارۇن ئۇلارغا:
_ ئاياللىرىڭلار ۋە بالىچاقىلىرىڭلارنىڭ قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىلارنى ماڭا ئەكېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى. 3ئۇلار ئالتۇن ھالقىلارنى ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىشتى. 4ھارۇن ھالقىلارنى ئېرىتىپ، موزاينىڭ بۇتىنى ياسىدى.
خەلق:
_ ئەي ئىسرائىللار، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا مۇشۇ! _ دېيىشتى.
5ھارۇن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئالتۇن موزاي بۇتنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ۋە:
_ ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت قىلىمىز، _ دەپ ئېلان قىلدى. 6ئەتىسى سەھەردە، خەلق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى قىلدى. ئاندىن كېيىن ئولتۇرۇپ، خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى.
7پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن دەرھال تاغدىن چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقىڭ تاپتىن چىقتى. 8ئۇلار مەن كۆرسەتكەن يولدىن تېزلا چەتنەپ، ئالتۇندىن موزاي بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇندى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشتى. ئۇلار: «بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا مۇشۇدۇر» دېيىشتى. 9مەن بۇ خەلقنىڭ بوينىنىڭ ئىنتايىن قاتتىقلىقىنى بىلدىم. 10ئەمدى سەن مېنى توسما، مەن ئۇلارغا غەزىپىمنى چۈشۈرىمەن ۋە ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. لېكىن سېنى ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى بۈيۈك بىر ئەل قىلىمەن، _ دېدى.
11لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا مۇنداق دېدى:
_ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە نېمىشقا بۇنداق غەزەپلىنىسەن؟ ئۇلارنى سەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقمىغانمىدىڭ؟ 12سەن نېمە ئۈچۈن مىسىرلىقلارنىڭ «ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى تاغ-دالالاردا ھالاك قىلىش، يەر يۈزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانىكەن» دېيىشىگە سەۋەب تېپىپ بېرىسەن؟ غەزىپىڭنى بېسىۋېلىپ، نىيىتىڭدىن يانغايسەن. ئۆز خەلقىڭگە چوڭ بالايىئاپەت چۈشۈرمىگەيسەن. 13خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنى ئەسلىگەيسەن. سەن ئۆز نامىڭ بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇلارغا: «ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن. مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىننى ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەنىدىڭ، _ دېدى. 14شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار نىيىتىدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىگە بالايىئاپەت چۈشۈرمىدى.
15مۇسا ئىككى يۈزىگە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشتى. 16بۇ ئىككى تاش تاختىغا پەرزلەرنى خۇدا ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۆز قولى بىلەن يازغانىدى.
17يوشۇۋا خەلقنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى ئاڭلاپ، مۇساغا:
_ قارارگاھتىن ئۇرۇشنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ! _ دېدى.
18مۇسا ئۇنىڭغا:
_ بۇ ئاۋاز جەڭ غەلىبىسىنىڭ تەنتەنىسى ياكى مەغلۇبىيەتنىڭ پەريادىمۇ ئەمەس، بەلكى ناخشا-كۈينىڭ ساداسىدۇر! _ دېدى.
19مۇسا قارارگاھقا يېقىن كېلىپ، موزاي بۇت ۋە ئۇسسۇلغا چۈشكەن خەلقنى كۆرۈپ، غەزىپىنى باسالماي، قولىدىكى ئىككى تاش تاختىنى تاغنىڭ ئېتىكىدە يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋەتتى. 20ئاندىن ئۇ خەلقنىڭ ياسىۋالغان موزاي بۇتىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنى كۈلدەك ئېزىپ، سۇغا چېچىۋەتتى ۋە ئىسرائىللارغا ئۇ سۇنى ئىچكۈزدى. 21مۇسا ھارۇنغا:
_ بۇ كىشىلەرنى شۇنچە چوڭ گۇناھقا پاتتۇرغۇدەك، ئۇلار ساڭا نېمە يامانلىق قىلغانىدى؟ _ دېدى.
22ھارۇن مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ماڭا خاپا بولمىغايسەن. بۇ كىشىلەرنىڭ يامانلىق قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭ بار. ئۇلار ماڭا: 23«بىزگە يول كۆرسىتىدىغان بۇت ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. 24مەن ئۇلارغا: «ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى ئەكېلىڭلار» دېدىم. ئۇلار ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئەكېلىپ ماڭا تاپشۇردى. مەن بۇ ئالتۇن زىننەت بۇيۇملارنى ئوتقا تاشلىۋىدىم، ئۇلار ئوتتىن مۇشۇ موزاي بولۇپ چىقتى.
25مۇسا ھارۇننىڭ خەلقنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى سەۋەبىدىن خەلق باشباشتاق بولۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالغانلىقىنى بىلدى. 26ئۇ قارارگاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ:
_ پەرۋەردىگار تەرەپتە تۇرىدىغانلار يېنىمغا كېلىڭلار! _ دەپ ۋارقىرىغانىدى، پۈتكۈل لاۋىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى.
27مۇسا ئۇلارغا:
_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرنىڭ قىلىچىڭلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ، قارارگاھنى ئارىلاپ يۈرۈپ، قېرىندىشىڭلارنى، دوست-بۇرادىرىڭلارنى ۋە قوشناڭلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلارنى بۇيرۇدى، _ دېدى. 28لاۋىيلار مۇسانىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۇ كۈنى ئىسرائىل خەلقىدىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ ئادەمنى قىرىۋەتتى.
29مۇسا لاۋىيلارغا:
_ بۈگۈن ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئاتىدىڭلار. سىلەر بۈگۈن ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىڭلار ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنىمۇ ئايىمىغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولدۇڭلار، _ دېدى.
30ئەتىسى مۇسا خەلققە:
_ مەن يەنە تاغقا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا چىقىمەن. بەلكىم سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ كەچۈرۈمىگە ئىگە بولالىشىڭلار مۇمكىن، _ دېدى.
31شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
_ بۇ خەلق ئالتۇندىن بۇت ياساپ، چوڭ گۇناھ قىلدى. 32ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن. بولمىسا، مېنىڭ ئىسمىمنى پۈتۈكۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن، _ دېدى.
33پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ كىم گۇناھ قىلسا، شۇنىڭ ئىسمىنى پۈتۈكۈمدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. 34ئەمدى سەن خەلقنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن جايغا ئېلىپ بار. مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا يول باشلاپ ماڭىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن، _ دېدى.
35پەرۋەردىگار خەلق ئىچىگە ۋابا چۈشۈردى. چۈنكى ئۇلار ھارۇن ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزايغا چوقۇنغانىدى.
33
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى سىناي تېغىدىن كېتىشكە بۇيرۇشى
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارغىن. مەن: «بۇ زېمىننى ئەۋلادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىمەن» دەپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ۋەدە قىلغانىدىم. 2سىلەرگە يول باشلاشقا پەرىشتەمنى ئەۋەتىمەن. مەن كەنئانلار، ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، 3سىلەرنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا ئاپىرىمەن. لېكىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بارمايمەن. چۈنكى سىلەر بوينى قاتتىق خەلق بولغاچقا، سىلەرنى يولدا ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن.
4-5پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ تۆۋەندىكى سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن: «سىلەر بوينى قاتتىق خەلقسىلەر. ئەگەر مەن سىلەر بىلەن ئازراقلا بىرگە بولسام، سىلەرنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. شۇڭا سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلاردا قېلىپ قالغان زىننەت بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىڭلار. مەن شۇنىڭغا قاراپ سىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلەيمەن.» بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خەلق ئىنتايىن مەيۈسلىنىپ، زىننەت بۇيۇملارنى تاقىمايدىغان بولدى. 6شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار سىناي تېغىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، زىننەت بۇيۇملارنى زادىلا تاقىمىدى.
ئۇچرىشىش چېدىرى
7ھەر قېتىم ئىسرائىللار قارارگاھ قۇرغاندا، مۇسا «ئۇچرىشىش چېدىرى»نى قارارگاھتىن خېلى يىراق جايغا تىكەتتى. پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سورايدىغانلار ئۇ يەرگە باراتتى. 8مۇسا ئۇچرىشىش چېدىرىغا ماڭغاندا، خەلق دائىم چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ، تاكى ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ بولغۇچە كەينىدىن قارىشىپ تۇرۇشاتتى. 9مۇسا چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەندە، بۇلۇت تۈۋرۈكى پەسلەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. 10خەلق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسىلا، ئۆز چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشاتتى. 11پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن خۇددى دوستى بىلەن سۆزلەشكەندەك يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، نۇننىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى يوشۇۋا يەنىلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا بولاتتى.
پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى
12مۇسا پەرۋەردىگارغا:
_ سەن ماڭا بۇ خەلقنى باشلاپ مېڭىشقا ئەمر قىلدىڭ. لېكىن كىمنىڭ مەن بىلەن بىرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتمىدىڭ. سەن مېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەنلىكىڭنى ئېيتقانىدىڭ. 13شۇنداق ئىكەن، ھەمىشە سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ، داۋاملىق سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن ماڭا يول كۆرسەتكەيسەن ۋە بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دېدى.
14_ مەن ساڭا ئۆزۈم يار بولۇپ، سېنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىلىمەن، _ دېدى پەرۋەردىگار.
15مۇسا پەرۋەردىگارغا:
_ ئەگەر سەن بىزگە ئۆزۈڭ يار بولمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن ئايرىمىغايسەن. 16ئەگەر سەن بىزگە يار بولمىساڭ، باشقىلار خەلقىڭنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىز بولغان سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى قانداق بىلسۇن؟! بۇنىڭدىن باشقا نېمە ئىش بىزنى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەردىن پەرقلەندۈرەلىسۇن؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.
17پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئىش كۆرىمەن. چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشتىڭ. مەن سېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىدىم، _ دېدى.
18مۇسا پەرۋەردىگارغا:
_ ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەتكەيسەن، _ دېدى.
19پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:
_ مەن ساڭا پۈتۈن ياخشىلىقىمنى زاھىر قىلىپ، ئالدىڭدىن ئۆتىمەن، ھەم سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ «ياھۋەھ» دېگەن مۇقەددەس نامىمنى جاكارلايمەن.
كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن. 20بىراق ساڭا ئۆز دىدارىمنى كۆرسەتمەيمەن. چۈنكى مېنى كۆرگەن كىشى تىرىك قالمايدۇ. 21قارا، ماڭا يېقىن جايدا بىر قورام تاش بار. سەن شۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇر. 22مېنىڭ پارلاق نۇرۇم ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، مەن سېنى ئاشۇ قورام تاشنىڭ يېرىقىغا مۆكتۈرۈپ، قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. پارلاق نۇرۇم ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، 23قولۇمنى تارتىۋالىمەن. سەن مېنى كەينىمدىن كۆرىسەن، چىرايىمنى كۆرەلمەيسەن.
34
ئون پەرز يېزىلغان تاختىسىنىڭ قايتا بېرىلىشى
1پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلىغىن، ئۇلار ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاش تاختىغا قايتىدىن يازاي. 2سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييارلىقىڭنى پۈتتۈرۈپ، سىناي تېغىغا چىقىپ، تاغنىڭ چوققىسىدا مەن بىلەن كۆرۈشكىن. 3ھەرقانداق كىشى سەن بىلەن بىرگە كەلمىسۇن. تاغنىڭ ھېچ يېرىدە ئادەم بولمىسۇن، ھەتتا تاغنىڭ ئېتىكىدە چارۋا ماللىرىمۇ ئوتلىمىسۇن، _ دېدى. 4شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئالدىنقىسىغا ئوخشاش قىلىپ، ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلاپ، ئەتىسى سەھەردە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارنى سىناي تېغىغا ئېلىپ چىقتى.
5پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە پەسكە چۈشتى ۋە مۇسانىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «ياھۋەھ» دېگەن مۇقەددەس نامىنى جاكارلىدى.
6پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ:
_ مەن «ياھۋەھ»تۇرمەن، پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئىنتايىن رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك خۇدادۇرمەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيمەن. مەن چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە ۋاپادار خۇدادۇرمەن. 7مېھىر-مۇھەببىتىم مىڭلىغان ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ئاسىيلىقلىرىنى ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرىمەن. لېكىن گۇناھىغا توۋا قىلمىغان گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايمەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.
8مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى 9ۋە مۇنداق دېدى:
_ ئى ئىگەم، ئەگەر سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، بىز ئۇ يەرگە بارغاندا، بىزگە يار بولغايسەن. بۇ خەلقنىڭ بوينى قاتتىق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز خەلقىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن، _ دېدى.
يېڭىباشتىن ئەھدە تۈزۈش
10شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ ئەمدى مەن سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يۈز بېرىپ باقمىغان ياكى ھېچقانداق بىر خەلق كۆرۈپ باقمىغان بۈيۈك كارامەتلەرنى كۆرسىتىمەن. ئەتراپىڭلاردىكى خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن بۈيۈك كارامەتلىرىمنى كۆرىدۇ. 11مەن بۈگۈن سىلەرگە ئەمر-پەرمانلىرىمنى جاكارلايمەن، سىلەر ئۇلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەر ئۇ زېمىنغا كىرگەن ۋاقتىڭلاردا، مەن ئامورلار، كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىمەن. 12ھوشيار بولۇڭلاركى، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەر بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمەڭلار. بولمىسا، سىلەر ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا ئوخشاش رەزىل يولغا كىرىپ قالىسىلەر. 13شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى چېپىۋېتىڭلار. 14مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان خۇدادۇرمەن، «ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرۈش» مېنىڭ يەنە بىر نامىمدۇر. 15ئۇ زېمىندىكى خەلقلەر بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمەڭلار. ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان ۋە قۇربانلىق قىلغان ۋاقىتلىرىدا سىلەرنىمۇ تەكلىپ قىلىشى ۋە سىلەرنى ئۆز ئىلاھلىرىغا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىغا ئېغىز تېگىشكە قىزىقتۇرۇشى مۇمكىن. 16شۇنداقلا، ئوغۇللىرىڭمۇ يات خەلقلەرنىڭ قىزلىرىنى نىكاھىغا ئېلىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈشى ۋە يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشى مۇمكىن.
17چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇت ياسىماڭلار.
18پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈڭلار، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلدىڭلار.
19پۈتكۈل تۇنجى ئوغۇل ۋە بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال، مەيلى ئۇ كالا ياكى قوي ياكى ئۆچكە بولسۇن، ھەممىسى ماڭا مەنسۇپتۇر. 20سىلەر تۇنجى ئەركەك تەخەينىڭ ئورنىغا قوي قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. بولمىسا، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ، قۇربانلىق قىلىڭلار. ئۆز ئەۋلادلىرىڭلار ئىچىدىكى پۈتكۈل تۇنجى ئوغۇللارنى چوقۇم بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋېلىڭلار. ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمەڭلار.
21ئىش قىلىشىڭلارغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى مەيلى تېرىقچىلىق ياكى ئورما ئۇرۇش ۋاقتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئارام ئېلىڭلار. 22تۇنجى پىشقان بۇغدىيىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇل يىغقان ۋاقتىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. 23بارلىق ئەرلەر ھەر يىلى ئۈچ قېتىم ئالدىمغا، يەنى ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئىگىسى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلسۇن. 24مەن يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، زېمىنىڭلارنى كېڭەيتىمەن. سىلەر يىلدا ئۈچ قېتىم ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان ۋاقتىڭلاردا، ھېچكىم سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارغا يامان كۆز تىكەلمەيدۇ.
25ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىرگە ئاتىماڭلار. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا قېلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئەتىسى سەھەرگىچە ساقلىماڭلار.
26ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار.
ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.
27پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ بۇ دېگەنلىرىمنى خاتىرىلىۋالغىن، چۈنكى بۇ سۆزلەر مېنىڭ سەن ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ ئاساسىدۇر.
28مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ يېنىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى. ئۇ جەرياندا ئۇ ھېچ نەرسە يېمىدى ھەم ئىچمىدى. پەرۋەردىگار ئەھدە سۆزلىرىنى، يەنى ئون پەرزنى ئىككى تاش تاختىغا يېزىپ بەردى.
مۇسانىڭ تاغدىن چۈشۈشى
29مۇسا پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنى ئېلىپ سىناي تېغىدىن چۈشتى. ئۇ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چىرايىدىن نۇر ياغاتتى. بىراق ئۆزى بۇنى بىلمەيتتى. 30ھارۇن ۋە باشقا ئىسرائىللار مۇسانىڭ چىرايىدىكى نۇرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېقىن كېلىشتىن قورقۇشتى. 31مۇسا ھارۇن ۋە جامائەت يېتەكچىلىرىنى چاقىردى، ئۇلار مۇسانىڭ ئالدىغا كەلدى. مۇسا ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى. 32شۇنىڭدىن كېيىن پۈتكۈل ئىسرائىللار مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىشتى. مۇسا پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۆزىگە بەرگەن قانۇننى ئۇلارغا يەتكۈزدى. 33مۇسا ئۇلارغا سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ياغلىق بىلەن يۈزىنى يېپىۋالدى. 34ئۇ ھەر قېتىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىنىدە، يۈزىنى ئېچىۋېتەتتى. چېدىردىن چىققان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزەتتى. 35بۇنداق ۋاقىتلاردا ئىسرائىللار ئۇنىڭ يۈزىدىن نۇر يېغىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسا يەنە يۈزىنى يېپىۋالاتتى. پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى كىرگىنىدە يەنە ئېچىۋېتەتتى.
35
دەم ئېلىش كۈنىنىڭ بەلگىلىمىلىرى
1مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى: 2«ئالتە كۈن ئىش كۈنىدۇر، لېكىن يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان ھەم سىلەر تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ مۇقەددەس كۈندە ئىش قىلغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. 3دەم ئېلىش كۈنىدە ھەتتا ئۆز ئۆيۈڭلاردا ئوت يېقىشقىمۇ بولمايدۇ.»
ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ھەدىيە سۇنۇش
4مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە يەنە مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار تۆۋەندىكىلەرنى سىلەرگە ئەمر قىلدى: 5«خالىغىنىڭلار مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار:
ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ،
6كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى،
7قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، چىداملىق تېرە،
ئاكاتسىيە ياغىچى،
8چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن يېغى، مۇقەددەس ياغ،
ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي ئەشيالار،
9باش روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق،
كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا گۆھەرلەر.»
ئىبادەت چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر
10_ ئاراڭلاردىكى ماھىر ئۇستىلار كېلىپ، مەن پەرۋەردىگار بۇيرۇغان بارلىق نەرسىلەرنى ياسىسۇن:
11يوپۇقلار، ئىلمەكلەر، راملار، بالداقلار، تۈۋرۈكلەر ۋە تۈۋرۈك پۇتلىرى،
12ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار،
ساندۇقنىڭ قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»،
ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردە،
13شىرە ۋە ئۇنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، شىرەگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر،
خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار،
14چىراغدان ۋە چىراغدانغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر،
چىراغ ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن يېغى،
15ئىسرىقدان ۋە ئۇنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار،
مۇقەددەس ياغ، خۇشبۇي ئىسرىق،
چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى،
16قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ تۇچ شالاسى،
قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر،
قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار،
پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ،
17ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسىدىغان رەختلەر، تۈۋرۈكلەر، تۈۋرۈك پۇتلىرى،
ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى،
18قوزۇقلار، تانىلار،
19روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلغاندا كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەر.
خەلقنىڭ ھەدىيەلىرى
20پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسانىڭ يېنىدىن قايتىشتى. 21قەلبى تەسىرلەنگەن ۋە ھەدىيە سۇنۇشقا رازى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ياساشقا ھەمدە مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكىشكە كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىشتى. 22ھەدىيە سۇنۇشقا رازى بولغان ئەرلەر ۋە ئاياللار بۇلاپكا، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەزۈك قاتارلىق ھەر خىل ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئەكېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. 23كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە چىداملىق تېرە قاتارلىق نەرسىلىرى بارلىرى ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ ھەدىيە قىلىشتى. 24كۈمۈش ياكى تۇچ ھەدىيە قىلالايدىغانلار ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. ئاكاتسىيە ياغىچى بارلارمۇ ئۇنى ئېلىپ كېلىشتى. 25قولى چېۋەر ئاياللار ئۆز قولى بىلەن ئېگىرگەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپلىرىنى ھەم ئېسىل زىغىر رەختلىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. 26قەلبى تەسىرلەنگەن، ھۈنەرگە ماھىر ئاياللار يەنە ئۆچكە تىۋىتىدىن يىپ ئېگىرىشتى. 27جامائەت يېتەكچىلىرى پەرتۇققا ۋە كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق، باشقا ئېسىل تاشلار، 28چىراغ، مۇقەددەس ياغ، ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي ئەشيالار ۋە ياغلارنى ئېلىپ كېلىشتى. 29مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىغان ئىسرائىللار خالىس ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىشىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلغان بارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتى.
ئىبادەت چېدىرىنى ياساش ھۈنىرى
30مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:
_ قاراڭلار! پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بولغان بىزالئېلنى تاللىدى. 31ئۇنى ئۆز روھىغا چۆمدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدى. 32ئۇ ھازىر خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش، 33قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا قويۇش ھەمدە ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ. 34پەرۋەردىگار يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئابقىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. ئاندىن ئۇلارنى باشقىلارغا ئۇستاز قىلدى. 35پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئويمىچىلىق، نەققاشلىق ھۈنىرىنى، شۇنداقلا ئېسىل زىغىر رەختكە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتە تىكىش ھەمدە رەختلەرنى توقۇش قاتارلىق ھەر خىل نەپىس ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارلىرىنى ئاتا قىلدى. ئۇلار ھەر خىل ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئۇلار خىلمۇخىل ھۈنەرلەرگە ماھىردۇر.
36
1شۇڭا ئىبادەت چېدىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار ئەقىل-پاراسەت، ئىقتىدار ئاتا قىلغان، شۇنداقلا ئىبادەت چېدىرىنى قانداق ياساشنى بىلىدىغان كىشىلەر ياسىسۇن.
خەلقنىڭ ھەدىيەلىرى
2مۇسا بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار قابىلىيەت ئاتا قىلغان، شۇنداقلا قەلبى تەسىرلىنىپ، خىزمەت قىلىشنى خالىغان كىشىلەرنى يىغدى. 3ئۇلار مۇسادىن ئىسرائىللارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ياسىلىشىغا ھەدىيە قىلغان بارلىق سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى خالىس ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. 4شۇڭا ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا قاتناشقان ئۇستىلار ئۆز خىزمەتلىرىنى توختىتىپ، 5مۇسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: «كىشىلەر ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلەر پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىبادەت جايىنى ياساش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتتى!» دېيىشتى.
6شۇڭا مۇسا پۈتۈن قارارگاھتىكىلەرگە: «ئەمدى ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ھەدىيە ئەكەلمەڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەدىيە ئېلىپ كېلىشنى توختاتتى. 7ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەلەر پۈتۈن ئىبادەت چېدىرىغا يېتىپ، ئېشىپ قالاتتى.
ئىبادەت چېدىرىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ تەييارلىنىشى
8ئىشلەمچىلەر ئىچىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى تەييارلاشقا باشلىدى. چېدىر ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىدى. بۇ يوپۇقلارنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، قولى چېۋەر ئۇستىلار ئۇلارغا كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس كەشتىلىدى. 9ھەربىر يوپۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 14 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر ئىدى. 10يوپۇقلارنى كەڭلىكلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئۇلاپ، بەش دانىسىنى بىر پارچە، يەنە باشقا بەش دانىسىنى بىر پارچە قىلىپ ئۇلىدى. 11-12ئۇلانغان ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ چېتىگە ئەللىك دانىدىن كۆك رەڭلىك ئىزمە تىكتى. بۇ ئىككى پارچىدىكى تىكىلگەن ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلەتتى. 13ئاندىن ئەللىك ئالتۇن ئىلمەك ياساپ، بۇ ئىككى پارچە چوڭ يوپۇقنى بىر-بىرىگە ئۇلىدى.
14ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يوپۇقلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن 11 پارچە قېلىن يوپۇق توقۇدى. 15بۇ 11 پارچە يوپۇق ئوخشاش چوڭلۇقتا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 15 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر ئىدى. 16ئاندىن بۇ يوپۇقلارنى كەڭلىكلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئۇلاپ، بەش دانىسىنى بىر پارچە، يەنە باشقا ئالتە دانىسىنى بىر پارچە قىلىپ ئۇلىدى 17ۋە ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ چېتىگە ئەللىك دانىدىن ئىزمە تىكتى. 18ئاندىن تۇچتىن ئەللىك ئىلمەك ياساپ، ئۇلارنى ئىزمىلەردىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئىككى پارچە چوڭ يوپۇقنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، بىر پۈتۈن يوپۇق قىلدى. 19بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن قىزىل بويالغان قوچقار تېرىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن چىداملىق تېرىلەرنى تەييارلىدى.
20ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تىك راملار ياسىدى. 21ھەربىر رامنىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىر، كەڭلىكى 75 سانتىمېتىر ئىدى. 22ھەربىر رامنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى رام پۇتىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسىدى. ھەممە راملارنى شۇنداق ياسىدى. 23چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يىگىرمە رام 24ۋە راملارنىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسىدى. ھەربىر رام ئىككىدىن پۇتقا ئورنىتىلاتتى. 25چېدىرنىڭ شىمال تەرىپىگىمۇ يىگىرمە رام 26ۋە ئۇلار ئۈچۈنمۇ كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسىدى. ھەربىر رام ئىككىدىن پۇتقا ئورنىتىلاتتى. 27چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرىپىگە ئالتە دانە رام ياسىدى. 28چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا بىردىن رام ياسىدى. 29بۇ ئىككى رام پەس ۋە يۇقىرى تەرەپلىرىدىن يان ۋە كەينىدىكى راملارنىڭ ئاخىرقى رېمىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈستى تەرەپلىرىدىن ھالقا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلاتتى. ھەربىر بۇلۇڭ مۇشۇ يول بىلەن ياسىلاتتى. 30دېمەك، چېدىرنىڭ غەرب تەرىپىدە سەككىز رام بولۇپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن جەمئىي 16 دانە كۈمۈش پۇت ياسىدى.
31بۇنىڭدىن باشقا، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداقلار ياسىدى. بۇلاردىن بەش دانىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ بىر يېنىغا، 32يەنە بەش دانىسى يەنە بىر يېنىغا، قالغان بەش دانىسى چېدىرنىڭ غەربىگە، يەنى كەينىگە ئىشلىتىلەتتى. 33راملارنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن توغرىسىغا چېتىلىدىغان بالداقلار چېدىرنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا تۇتىشاتتى. 34راملار ۋە بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى ۋە بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنىمۇ ئالتۇندىن ياسىدى.
35ئېسىل زىغىر رەختتىن بىر پەردە تىكىپ، ئۇنىڭغا كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس كەشتىلىدى. 36بۇ پەردە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت تۈۋرۈككە ئورنىتىلغان ئالتۇن ئىلمەكلەرگە ئېسىلاتتى. تۈۋرۈكلەرنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. بۇ تۈۋرۈكلەر كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇتقا ئورنىتىلاتتى.
37بۇنىڭدىن باشقا، ئېسىل زىغىر رەختتىن يەنە بىر پەردە تىكىپ، ئۇنى كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىدى. بۇ پەردە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپى، يەنى ئادەم كىرىدىغان تەرىپىگە ئېسىلاتتى. 38پەردىنى ئېسىش ئۈچۈن بەش دانە تۈۋرۈك ياساپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى ۋە بۇ تۈۋرۈكلەرگە ئالتۇن ئىلمەكلەر بېكىتىپ، تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسىدى.
37
ئەھدە ساندۇقىنىڭ ياسىلىشى
1بىزالئېل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى 125 سانتىمېتىر، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر قىلىپ بىر ساندۇق ياسىدى. 2ساندۇقنىڭ ئىچى-سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىنى ئالتۇن بىلەن نەقىشلىدى. 3ئۇ يەنە ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا ئورناتتى. ھالقىلار ھەربىر تەرىپىدە ئىككىدىن بولدى. 4-5ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. بالداقلار ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈلەتتى. 6ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى 125، كەڭلىكى 75 سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇق قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى ياسىدى. 7ئالتۇندىن ئىككى دانە «كېرۇب»نىڭ ھەيكىلىنى سوقۇپ، 8«گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ئورنىتىپ، قاپقاق بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ بىرلەشتۈردى. 9يۈزمۇيۈز قويۇلغان ھەيكەللەرنىڭ ئېچىلغان قاناتلىرى قاپقاقنى يېپىپ، يۈزلىرى قاپقاققا قاراپ تۇراتتى.
شىرەنىڭ ياسىلىشى
10بىزالىل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر شىرە ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر بولۇپ، 11ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى، چۆرىسىنى ئالتۇن بىلەن نەقىشلىدى. 12شىرەنىڭ چۆرىسىگە 8 سانتىمېتىر كەڭلىكتە قىر چىقىرىپ، ئۇنىمۇ ئالتۇن بىلەن نەقىشلىدى. 13تۆت ئالتۇن ھالقا ياساپ، ئۇلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى تۆت پۇتقا، 14يەنى شىرەنىڭ قىرىغا يېقىنراق ئورناتتى. چۈنكى ئالتۇن ھالقىلاردىن بالداقلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شىرە كۆتۈرۈپ مېڭىلاتتى. 15بالداقلارنىمۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 16شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تاۋاق ۋە تەخسە، شۇنداقلا ئىچىملىك ھەدىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان چىنە ۋە چەينەكلەرنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.
چىراغداننىڭ ياسىلىشى
17ئۇ ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىدى. چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، تارماق شاخلىرى ۋە گۈل نۇسخىسىدىكى چىراغ تەكچىلىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلدى. 18چىراغداننىڭ بىر تەرىپىگە ئۈچ، يەنە بىر تەرىپىگە ئۈچ بولۇپ، جەمئىي ئالتە دانە شاخچە چىقىرىلغانىدى. 19ھەربىر شاخچىدە بادام چېچىكى شەكلىدىكى ئۈچ دانە گۈل بەرگى بار ئىدى. چىراغداننىڭ ئالتە شاخچىسىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق ياسالغانىدى. 20چىراغداننىڭ غولىدا بادام چېچىكى شەكلىدە تۆت دانە گۈل بەرگى بار ئىدى. 21بۇ گۈل بەرگلىرى چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە چىقىرىلغان ھەربىر جۈپ شاخچىنىڭ، يەنى ئالتە دانە شاخچىنىڭ ئاستىدا ئىدى. 22پۈتۈن چىراغدان، يەنى ئۇنىڭ بارلىق بېزەكلىرى بىرلا پارچە ئالتۇندىن سوقۇلغانىدى. 23ئۇ ساپ ئالتۇندىن چىراغدانغا يەتتە چىراغ، پىلىك قىسقۇچ ۋە پىلىك قالدۇقىنى قويىدىغان تەخسە ياسىدى. 24چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەرنى ياساش ئۈچۈن 35 كىلو ساپ ئالتۇن ئىشلەتتى.
ئىسرىقداننىڭ ياسىلىشى
25ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ئىسرىقدان ياسىدى. ئىسرىقدان تۆت چاسا بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىر ئىدى. ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى ئىسرىقدان بىلەن بىر پۈتۈن ياسالغانىدى. 26ئۇ ئىسرىقداننىڭ ئۈستى، تۆت ئەتراپى ۋە بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۈستى تەرىپىنىڭ چۆرىسىنى ئالتۇن بىلەن نەقىشلىدى. 27ئۇ ئىسرىقداننى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىككى تەرىپىگە ئىككىدىن ئالتۇن ھالقا ياساپ، ئالتۇن نەقىشنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئورناتتى. 28ئۇ بالداقلارنىمۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
29ئۇ ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن مۇقەددەس ياغ ۋە خۇشبۇي ئىسرىقلارنى ياسىدى.
38
قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ياسىلىشى
1بىزالىل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت چاسا شەكىللىك بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2.5 مېتىر ئىدى. 2قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بۆرتۈپ چىققان شەكىللەر بار ئىدى. بىزالىل بۇ شەكىللەرنى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن بىرلىكتە ياسىغان بولۇپ، پۈتۈن سۇپىنى تۇچ بىلەن قاپلىدى. 3ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈل قاچىسى، گۈرجەك، داس، ئارا ۋە چوغدان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇچتىن ياسىدى. 4بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىغا تۇچتىن بىر شالا ياساپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېرىم چوڭقۇرلۇقىدىكى شالا تەكچىسىنىڭ ئۈستىگە قويدى. 5ئۇ يەنە بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۇچتىن تۆت دانە ھالقا ياساپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە، يەنى شالانىڭ ئۇدۇلىغا ئورناتتى. 6ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى دانە بالداق ياساپ، تۇچ بىلەن قاپلىدى. 7بۇ بالداقلار قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرگەندە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈلەتتى. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك بولۇپ، تاختايدىن ياسالغانىدى. قۇربانلىق سۇپىسى پەرۋەردىگار تاغدا مۇساغا كۆرسەتكەن نۇسخىدا تاختايدىن ياسالدى.
پاكلىنىش دېسىنىڭ ياسىلىشى
8ئۇ پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار ھەدىيە قىلغان تۇچ ئەينەكلەردىن ياسىدى.
ھويلىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ تەييارلىشى
9ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسۇپ، ھويلا ياساش ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختلەرنى تەييارلىدى. ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر بولاتتى. 10ئۇ رەختلەرنى ئېسىش ئۈچۈن يىگىرمە دانە تۈۋرۈك ۋە يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسىدى. تۈۋرۈكلەرگە كۈمۈشتىن ئىلمەك ياساپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىنى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلىدى. 11شىمال تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 50 مېتىر بولاتتى. ئۇ يىگىرمە دانە تۈۋرۈك ۋە يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسىدى. تۈۋرۈكلەرگە كۈمۈشتىن ئىلمەك ياساپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىنى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلىدى. 12غەرب تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر بولاتتى. ئۇ ئون دانە تۈۋرۈك، ئون دانە پۇت، كۈمۈش ئىلمەك ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىغا ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر ياسىدى. 13شەرق تەرىپىنىڭ، يەنى ئالدى تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 25 مېتىر بولاتتى. 14-15كىرىش ئېغىزى ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلىشىدىغان بولۇپ، كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ كەڭلىكى 7.5 مېتىردىن بولاتتى. رەختلەرنى ئېسىش ئۈچۈن كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۈچ دانە تۈۋرۈك ۋە ئۈچ دانە پۇت ياسىدى. 16ھويلىنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بارلىق رەختلەر ئېسىل زىغىر رەختلەردىن تەييارلاندى. 17تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن، ئىلمەك ۋە چەمبەرلەر كۈمۈشتىن تەييارلاندى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى كۈمۈش بىلەن قاپلاندى. دېمەك، ھويلىنىڭ ئەتراپىغا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدا ياپىلاق كۈمۈش چەمبەرلەر بولدى.
18ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىدى. ئۇنىڭ كەڭلىكى 10 مېتىر بولۇپ، ئېگىزلىكى ھويلىنى توسىدىغان رەختلەرنىڭ ئېگىزلىكىدەك 2.5 مېتىر ئىدى. 19پەردە تۇچتىن ياسالغان تۆت دانە پۇتقا ئورنىتىلغان تۈۋرۈكلەرگە ئېسىلاتتى. تۈۋرۈكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئىلمەك ۋە چەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ياسالدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىمۇ كۈمۈش بىلەن قاپلاندى. 20ئىبادەت چېدىرى ۋە ھويلىغا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق قوزۇقلار تۇچتىن ياسالدى.
ئىبادەت چېدىرىغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار
21ئەھدە چېدىرى، يەنى ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە لاۋىيلار تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولۇپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ سانىقىدىن ئۆتتى. 22يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، يەنى ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالئېل پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. 23ئۇنىڭ دان قەبىلىسىدىن بولغان ياردەمچىسى، يەنى ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئاب ئويمىچىلىق، نەققاشلىق ھۈنىرىنى، شۇنداقلا ئېسىل زىغىر رەختكە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتە تىكىشنى بىلەتتى.
24ئىبادەت جايى ئۈچۈن ئاتالغان ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1000 كىلو ئىدى. 25نوپۇس تىزىملىكىدىكى كىشىلەر ھەدىيە قىلغان كۈمۈش مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە تەخمىنەن 3621 كىلو ئىدى. 26نوپۇس تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەر جەمئىي 603,550 نەپەر بولۇپ، مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا ھەربىر كىشى تاپشۇرغان كۈمۈش 6 گىرامغا توغرا كېلەتتى. 27ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى بېكىتىلىدىغان پۇتلارنى ۋە ئىچىدىكى پەردىنى ئاسىدىغان تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرىنى ياساش ئۈچۈن جەمئىي 3600 كىلو كۈمۈش ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەربىر پۇت 36 كىلو كۈمۈشتىن ياسالغانىدى. 28تۈۋرۈكلەرگە بېكىتىلگەن ئىلمەكلەر، چەمبەرلەر ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىنى قاپلاش ئۈچۈن 21 كىلو كۈمۈش ئىشلىتىلگەنىدى. 29ھەدىيە قىلىنغان تۇچ جەمئىي 2550 كىلو بولۇپ، 30بۇ تۇچلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ شالاسى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر، 31ھويلىنىڭ ئەتراپىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ھويلىغا ئىشلىتىلگەن قوزۇقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنىدى.
39
روھانىيلارنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنىڭ تىكىلىشى
1ئۇستىلار كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان رەختتىن روھانىيلار مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە كىيىدىغان مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىملىرىنى تىكتى. ھارۇن ئۈچۈن تىككەن مۇقەددەس كىيىملەرنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە تىكتى. 2پەرتۇقنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىدى. 3زەر يىپنى قولى چېۋەر ئۇستىلار ئالتۇننى نېپىز سوقۇپ، كېسىپ ياسىدى. ئاندىن زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلارنى بىرلىكتە پەرتۇققا ئىشلەتتى. 4پەرتۇققا ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى تىكتى. پەرتۇقنىڭ ئالدى ۋە كەينىنى مۇشۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇردى. 5پەرتۇقنىڭ بەل تاسمىسىنى پەرتۇققا ئوخشاش ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، ئۇنى زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلەپ، پەرتۇققا ئۇلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
6ئىككى دانە يوللۇق ھېقىقنى ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇپ، ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويدى. 7ئاندىن ئۇلارنى پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قاداپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
كۆكرەكلىك تىكىلىشى
8ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاقىلىدىغان كۆكرەكلىكنى ئۇستىلىق بىلەن تىكتى. كۆكرەكلىكنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى پەرتۇق بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىمۇ ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلىدى. 9كۆكرەكلىك تىكىلىدىغان رەختنى ئىككى قاتلاپ، تۆت چاسا قىلىپ، خالتا شەكلىدە تىكتى. كۆكرەكلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ ئوخشاشلا 25 سانتىمېتىردىن ئىدى. 10كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستىگە تۆت قۇر گۆھەر قادىدى. بىرىنچى قۇرىغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت قادىدى. 11ئىككىنچى قۇرىغا فىرۇزە، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس قادىدى. 12ئۈچىنچى قۇرىغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس قادىدى. 13تۆتىنچى قۇرىغا سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە قىزىل ھېقىق قادىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىپ، كۆكرەكلىككە قادىدى. 14ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئون ئىككى گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمىنى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويدى.
15كۆكرەكلىكنى پەرتۇققا بېكىتىش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن ئىككى دانە ئۆرۈمە زەنجىر، 16ئىككى دانە ئالتۇن كۆزلۈك ۋە ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا تەييارلىدى. ھالقىلارنى كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىگە بىردىن بېكىتتى. 17زەنجىرلەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتۇن ھالقىلاردىن 18ۋە پەرتۇقنىڭ مۈرە تاسمىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن كۆزلۈكلەردىن ئۆتكۈزۈپ، كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ھالقىلارغا باغلاپ قويدى. 19كۆكرەكلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىنىڭ ئىچكى قېتىغا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتتى. 20شۇنداقلا، پەرتۇقنىڭ بەل قىسمىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە، يەنى بەل تاسمىسىنىڭ يۇقىرىسىغا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتتى. 21ئاندىن كۆكرەكلىكنىڭ پەس تەرىپىدىكى ھالقىلار بىلەن پەرتۇقتىكى ھالقىلارنى بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆكرەكلىك پۇلاڭلاپ كەتمەي، پەرتۇققا چاپلىشىپ تۇرىدىغان بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
روھانىيلار كىيىدىغان باشقا كىيىملەرنىڭ تىكىلىشى
22پەرتۇقنىڭ ئىچىگە كىيىدىغان پەرىجىنى كۆك رەڭلىك يىپتىن توقۇدى. 23پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتتى. 24كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلاردىن ئانارلار ياساپ، پەرىجىنىڭ پېشىنىڭ چۆرىسىگە ئاستى. 25ئېسىلغان بۇ ئانارلارنىڭ ئارىسىغا بىردىن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان قوڭغۇراقلارنى ئاستى. 26پېشىگە ئانار ۋە ئالتۇن قوڭغۇراقلار ئېسىلغان بۇ پەرىجىنى روھانىيلار روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
27ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن تونچە كۆڭلەك تىكتى 28ۋە تامبال تەييارلىدى. ھارۇن ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن سەللە، ئوغۇللىرى ئۈچۈن باشقا باش كىيىم ھازىرلىدى. 29ئېسىل زىغىر رەختتىن بىر پوتا تىكىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى. 30ساپ ئالتۇندىن بىر دانە ئالاھىدە قاداق ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەرنى مۆھۈرگە ئويغاندەك ئويدى 31ھەمدە كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىگە تاقاپ قويدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
مۇسانىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشى
32ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى. 33ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا كېرەكلىك بولغان ھەم ئىبادەت چېدىرىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى:
ئىلمەكلەر، راملار، بالداقلار، تۈۋرۈكلەر ۋە تۈۋرۈك پۇتلىرى،
34قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ئىشلەنگەن يوپۇقلار،
چىداملىق تېرىدىن ئىشلەنگەن يوپۇقلار،
ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردە،
35پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلار سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى
ۋە ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»،
ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار،
36شىرە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر،
خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار،
37ساپ ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر،
چىراغ ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن يېغى،
38ئالتۇن ئىسرىقدان، مۇقەددەس ياغ، خۇشبۇي ئىسرىق،
ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى،
39تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ تۇچ شالاسى،
قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر،
قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار،
پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ،
40ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسىدىغان رەختلەر، تۈۋرۈكلەر، تۈۋرۈك پۇتلىرى،
ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى،
تانىلار، قوزۇقلار ۋە چېدىردا ئىشلىتىلىدىغان باشقا نەرسىلەر،
41روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلغاندا كىيىدىغان نەپىس، مۇقەددەس كىيىملەر.
42ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى. 43مۇسا پۈتۈن نەرسىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەممە نەرسىنىڭ پۈتۈنلەي پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇلارغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى.
40
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ياسىلىشى
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ 1-ئاينىڭ 1-كۈنى* ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكىپ، 3ئون پەرز يېزىلغان تاش تاختىلار سېلىنغان ئەھدە ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئۇنى پەردە بىلەن توسۇپ قويغىن. 4شىرەنى چېدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئۈستىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تىزىپ قويغىن. چىراغداننىمۇ ئېلىپ كىرىپ، چىراغلىرىنى يېقىپ قويغىن. 5ئالتۇن ئىسرىقداننى ئېلىپ كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا، يەنى پەردىنىڭ سىرتىغا قويغىن. ئاندىن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە تارتىپ قويغىن.
6كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا قويغىن. 7پاكلىنىش دېسىنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ قويغىن. 8چېدىرنىڭ ئەتراپىنى رەختلەر بىلەن توسۇپ، ھويلا ياساپ، كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئېسىپ قويغىن.
9ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرگە مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس بولىدۇ. 10ئۇنىڭدىن كېيىن قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا قۇربانلىق سۇپىسى ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ. 11پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچقىمۇ مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ماڭا بېغىشلىغىن. 12ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى بويىنى سۇغا سېلىپ، پاكلىغىن. 13ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا ئۇ مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلالايدۇ. 14ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا تونچە كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرۈپ، 15خۇددى ئاتىسىنىڭ بېشىغا ياغ قۇيغاندەك، ئۇلارنىڭ بېشىغىمۇ مۇقەددەس ياغ قۇيغىن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇش ئۇلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 16مۇسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
17شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىردىن چىقىپ 2-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى تىكتى. 18مۇسا پۇتلارغا راملارنى ئورنىتىپ، بالداقلىرىنى بېكىتىپ، تۈۋرۈكلىرىنى ئورناتتى. 19ئاندىن ئۇ پۈتۈن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپىنى رەخت يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئۈستىنى باشقا يوپۇقلار بىلەن قاپلىدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى. 20ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئەھدە ساندۇقىغا سېلىپ، ئۈستىگە قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى يېپىپ، كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ھالقىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، 21ئەھدە ساندۇقىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويدى. ئۇنى توسۇپ قويۇش ئۈچۈن پەردىنى ئاستى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
22مۇسا شىرەنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنىڭ سىرتىغا قويدى. 23شىرەگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى تىزدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى. 24ئۇ چىراغداننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە شىرە بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويدى. 25ئاندىن چىراغداندىكى چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يېقىپ قويدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى. 26ئۇ ئالتۇن ئىسرىقداننى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنىڭ ئالدىغا قويدى. 27ئاندىن ئىسرىقداندا خۇشبۇي ئىسرىقلارنى كۆيدۈردى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى. 28ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئاستى. 29ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى قويۇپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قويدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
30مۇسا پاكلىنىش دېسىنى ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، پاكلىنىش ئۈچۈن داسقا سۇ تولدۇرۇپ قويدى. 31-32مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىشتىن ياكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە داستىكى سۇ بىلەن پۇت-قولىنى يۇيىدىغان بولدى. 33مۇسا ئىبادەت چېدىر ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىغا رەخت تارتىپ، ھويلا ياسىدى ھەمدە ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئاستى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتۈن ئىشلارنى تاماملىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىنى قاپلىشى
34شۇ چاغدا بىر پارچە بۇلۇت ئۇچرىشىش چېدىرىنى قاپلىدى. چېدىر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولدى. 35مۇسا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرەلمىدى. چۈنكى بۇلۇت چېدىرنى قاپلىغان بولۇپ، چېدىرنىڭ ئىچى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانىدى. 36چېدىردىن بۇلۇت كۆتۈرۈلگەندە، ئىسرائىللار توختىغان يېرىدىن قوزغىلىپ، سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇردى. 37بۇلۇت قوزغالمىغۇچە، ئۇلارمۇ قوزغالمىدى. 38ئۇلار پۈتۈن سەپىرى جەريانىدا، كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتىنى چېدىرنىڭ ئۈستىدە كۆرسە، كېچىسى بۇلۇت ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوتنى كۆردى.
3: 1 سىناي تېغى _ خورېب دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
3: 2 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى _ خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
3: 14 مەن مەندۇرمەن _ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «مەڭگۈ بار بولغۇچى»دۇر.
12: 18 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.
19: 13 بۇرغا _ قوچقار قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان بىر خىل قەدىمىي چالغۇ ئەسۋاب.
25: 18 كېرۇب _ ئەرشتە ياشايدىغان ۋە پەرىشتىگە ئوخشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇقتۇر.
27: 21 ئۇچرىشىش چېدىرى _ ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەنە بىر نامى.
28: 30 «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» _ بۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەكتۇر. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش» بولۇپ، بۇ يەردە «بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە، «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس» بولۇپ، بۇ يەردە «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.
40: 2 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.
