ئايۇپ

1

ئايۇپنىڭ دىيانىتى ۋە بايلىقى

11ئۇز دىيارىدا ئايۇپ ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەنىدى. ئۇ قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇراتتى. 2ئۇنىڭ يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز پەرزەنتى بار ئىدى. 3ئۇ يەتتە مىڭ تۇياق قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ ئۆكۈز، بەش يۈز تۇياق مادا ئېشەك ۋە نۇرغۇن خىزمەتكارلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ، شەرقتىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ باي ئادەم ھېسابلىناتتى. 4ئۇنىڭ ئوغۇللىرى نۆۋەت بىلەن بىر-بىرىنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ، زىياپەت بېرىشەتتى، ئاچا-سىڭىللىرىنىمۇ چاقىرىپ ھەمداستىخان بولاتتى. 5ھەر قېتىملىق زىياپەتتىن كېيىن ئايۇپ پەرزەنتلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنى پاكلىنىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ھەربىر ئوغلى ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى. چۈنكى ئۇ: «پەرزەنتلىرىم كۆڭۈللىرىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ دائىم شۇنداق قىلاتتى.

شەيتاننىڭ ئەرزى

6بىر كۈنى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلدى، شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. 7پەرۋەردىگار شەيتاندىن:

_ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ زېمىننى ئايلىنىپ يۈرگەنىدىم، شۇ يەردىن كەلدىم _ دېدى شەيتان جاۋابەن. 8پەرۋەردىگار شەيتانغا:

_ خىزمەتكارىم ئايۇپقا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ زېمىندا ئۇنىڭدەك قۇسۇرسىز، دۇرۇس ئادەم يوق. ئۇ ماڭا ئىخلاسمەن بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇرىدۇ، _ دېدى. 9شەيتان جاۋابەن:

_ ئايۇپ ساڭا سەۋەبسىزلا ئىخلاسمەن بولغانمىدۇ؟ 10سەن ھەمىشە ئۇنى، ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلكىدىكى پۈتۈن نەرسىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلدىڭ! ئۇنىڭ مال چارۋىلىرى پۈتۈن زېمىننى قاپلاپ كەتتى. 11مۇبادا سەن ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ئېلىپ كەتسەڭ، ئۇ سېنى ئالدىڭدىلا قارغايدۇ، _ دېدى.

12_ ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرى سېنىڭ ئىلكىڭدە بولسۇن، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى بولما، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا.

شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى.

ئايۇپنىڭ بىرىنچى قېتىم سىنىلىشى

13بىر كۈنى ئايۇپنىڭ پەرزەنتلىرى ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇراتتى. 14بىر ئادەم كېلىپ ئايۇپقا:

_ ئۆكۈزلەر بىلەن يەر ھەيدەۋاتاتتۇق، ئېشەكلەر بىر ياقتا ئوتلاۋاتاتتى. 15شىبالىقلار تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىپ، مال چارۋىلارنى بۇلاپ، ھەممە خىزمەتكارلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇز قېچىپ قۇتۇلدۇم، شۇڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

16ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ:

_ ئاسماندىن چاقماق چۈشۈپ، قويلار بىلەن قويچىلارنى ھالاك قىلدى. پەقەت مەن ساق قالدىم، شۇڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

17ئۇنىڭمۇ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ:

_ كالدانلار ئۈچ توپقا بۆلۈنۈپ، بىزگە ھۇجۇم قىلدى. خىزمەتكارلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۆگىلەرنى بۇلاپ كەتتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇز قېچىپ قۇتۇلدۇم، شۇڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

18ئۇنىڭمۇ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ:

_ پەرزەنتلىرىڭىز چوڭ ئوغلىڭىزنىڭ ئۆيىدە زىياپەتتە شاراب ئىچىپ ئولتۇرغانىدى. 19تۇيۇقسىز چۆل تەرەپتىن قارا بوران كېلىپ ئۆينى ئۆرۈۋەتتى. پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆينىڭ ئاستىدا قېلىپ قازا قىلدى. پەقەت مەن ساق قالدىم، شۇڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

20ئايۇپ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىمىنى يىرتتى. چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

 

21«مەن بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن، يەنە يالىڭاچ كېتىمەن.

پەرۋەردىگار ئۆزى بەرگەننى ئۆزى ئېلىپ كەتتى.

پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھەمدۇسانا بولغاي!»

 

22ئايۇپنىڭ بېشىغا شۇنچىۋالا كۆپ بالا-قازا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خۇدانى ئەيىبلەپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى.

2

ئايۇپنىڭ ئىككىنچى قېتىم سىنىلىشى

1بىر كۈنى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە يىغىلدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. 2پەرۋەردىگار شەيتاندىن:

_ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ زېمىننى ئايلىنىپ يۈرگەنىدىم، شۇ يەردىن كەلدىم، _ دېدى شەيتان جاۋابەن.

3_ خىزمەتكارىم ئايۇپقا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ زېمىندا ئۇنىڭدەك قۇسۇرسىز، دۇرۇس ئادەم يوق، ئۇ ماڭا ئىخلاسمەن بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇرىدۇ. گەرچە سەن مېنى ئۇنىڭغا سەۋەبسىزلا زەربە بېرىشكە، ئۇنى ۋەيران قىلىشقا قۇتراتقان بولساڭمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالدى، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا. 4شەيتان جاۋابەن:

_ جېنىغا ئازاب بېرىپ باققىن، نېمە قىلاركىن؟ ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەيياردۇر. 5سەن ئۇنىڭ تېنىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەڭ، ئۇ سېنى ئالدىڭدىلا قارغايدۇ، _ دېدى.

6_ بولىدۇ، ئۇنى سېنىڭ ئىلكىڭگە تاپشۇردۇم، ئۇنى پەقەت ھايات قويساڭلا بولدى، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا.

7شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يېنىپ چىقىپ، ئايۇپقا زەربە بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئازابلىق جاراھەت قاپلاپ كەتتى. 8ئايۇپ قولىغا ساپال پارچىسىنى ئېلىپ، گۇلاختا بەدىنىدىكى جاراھەتلەرنى قاشلاپ ئولتۇراتتى. 9ئايالى ئايۇپقا:

_ سەن يەنىلا پاك ئادەم بولماقچىمۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە خۇدانى قارغاپ، ئۆلگىنىڭ ياخشى! _ دېدى.

10_ سەن خۇددى نادان خوتۇنلاردەك گەپ قىلدىڭ. ئەجەبا، بىز خۇدانىڭ بەختىگىلا ئېرىشىپ، بالا-قازاسىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەكمىدى؟ _ دېدى ئايۇپ ئايالىغا.

ئايۇپ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولغان بولسىمۇ، لېكىن خۇداغا قارشى گەپ قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى.

ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستى

11ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستى بار ئىدى. ئۇلار تېمانلىق ئەلىفاز، شۇۋاخلىق بىلداد، نائامالىق زوفار ئىدى. ئۇلار ئايۇپنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭدىن ھال سوراش ۋە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە يوقلاپ كېلىشكە پۈتۈشۈپ، يۇرتلىرىدىن كېلىشكەنىدى. 12ئۇلار يىراقتىن ئايۇپنىڭ تونۇغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپلا، ئۈن سېلىپ يىغلاشتى. كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ئۈستباشلىرىغا توپا چېچىشتى. 13ئۇلار ئايۇپ بىلەن بىرلىكتە يەتتە كېچە-كۈندۈز يەردە ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى. چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ ناھايىتى ئازابلىق ئىكەنلىكىنى كۆرگەنىدى.

3

ئايۇپنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشى

1شۇنىڭدىن كېيىن ئايۇپ سۈكۈتنى بۇزۇپ ئېغىز ئېچىپ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قارغىدى. 2ئايۇپ مۇنداق دېدى:

3«مەن تۇغۇلغان ئاشۇ كۈن،

ماڭا ھامىلىدار بولغان ئاشۇ كېچە يوقالغان بولسىچۇ.

4ئاشۇ كۈننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ،

ئەرشتىكى خۇدا ئۇنتۇپ قالغان بولسىچۇ،

ئاشۇ كۈنى قۇياشنىڭ پارلاق نۇرى بولمىغان بولسىچۇ.

5ئاشۇ كۈن قاراڭغۇلۇق ۋە زاۋال ئىلكىدە قالغان بولسىچۇ،

قارا بۇلۇتلار ئۇنى قاپلاپ، زۇلمەت ئۇنى ۋەھىمىگە سالغان بولسىچۇ.

6ئاشۇ كېچىنى قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېتىپ،

كۈنلەر قاتارىدا سانالماي،

ئايلار ئىچىدە ئورنى بولمىغان بولسىچۇ.

7ئاشۇ كېچىدە تۇغۇلۇش بولمىغان بولسىچۇ،

خۇشاللىق سادالىرىمۇ ئاڭلانمىغان بولسىچۇ.

8ئاشۇ كۈندۈزنى قارغىيالايدىغانلار، لىۋياتاننى* ئويغىتىشقا قادىر بولالايدىغانلار ئاشۇ كېچىنى قارغىسۇن.

9ئاشۇ كېچىنىڭ سەھەر يۇلتۇزلىرى چاقنىمىسۇن،

ئاشۇ كېچە شەپەق نۇرىنى كۈتسىمۇ،

ئەمما سەھەر نۇرىنى كۆرمىسۇن.

10ئاشۇ كېچە ئانامنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ئىشىكى ئېتىۋېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن،

مەن بۇ بالا-قازاغا مۇپتىلا بولدۇم.

 

11نېمىشقا تۇغۇلۇشتا ئۆلۈپ قالمىغاندىمەن؟

نېمىشقا تۇغۇلۇۋاتقاندا تۇنجۇقۇپ قالمىغاندىمەن؟

12نېمىشقا ئانام مېنى ئۆز باغرىغا باسقاندۇ،

نېمىشقىمۇ ئاق سۈت بېرىپ باققاندۇ؟

13بولمىسا مەن بۇرۇنلا خاتىرجەم ھالدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتمەسمىدىم؟

14مەن خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئېسىل ئوردىلارنى سالدۇرغان پادىشاھ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىرلىرىگە ھەمراھ بولۇپ،

15ئۆيلىرى ئالتۇن-كۈمۈشكە تولغان شاھزادىلەر بىلەن بىرگە ئۇيقۇغا كەتمەسمىدىم؟

16نېمىشقا بويىدىن ئاجراپ كەتكەن،

تېخى قۇياش نۇرىنى كۆرمىگەن ھامىلىدەك يوقالمىغاندىمەن؟

17ئۇ يەردە رەزىللەر ئاۋارە قىلمايتتى،

ھارغانلار خاتىرجەم ئارام ئالاتتى.

18مەھبۇسلار خاتىرجەملىككە ئېرىشەتتى،

نازارەت قىلغۇچىنىڭ ۋارقىراشلىرىغا قالمايتتى.

19مەيلى مەرتىۋىلىك بولسۇن، مەيلى مەرتىۋىسىز بولسۇن،

ھەممە ئادەم ئۇ يەرگە بارىدۇ.

قۇللار قۇلدارلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئازاد بولىدۇ.

 

20نېمە ئۈچۈن جاپاكەشلەرگە نۇر ئاتا قىلىنىپ،

ئازاب چەككۈچىلەرگە ھايات تەقدىم قىلىنىدۇ؟

21ئۇلار ئۆلەي دېسىمۇ ئۆلەلمەيدۇ،

ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئىستىكى بايلىققا بولغان ئىستىكىدىن ئۈستۈن بولىدۇ.

22ئۇلار قەبرىگە كىرگەندە ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ،

خۇشاللىقلىرىدىن خۇدىنى يوقىتىدۇ.

23يولىنى كۆرەلمەيدىغانلارغا نېمە ئۈچۈن ھاياتلىق ئاتا قىلىنىدۇ؟

خۇدا ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويغان تۇرسا!

24ئاش يېيىشنىڭ ئورنىغا ئۇھ تارتىمەن،

پەريادلىرىم سۇدەك ئاقماقتا.

25مەن قورققان ئىشلار ئاخىرى يۈز بەردى،

مەن ۋەھىمە قىلغان ئىشلار ئاخىر بېشىمغا كەلدى.

26خاتىرجەم بولالمىدىم، تىنچلىنالمىدىم،

ئاراممۇ تاپالمىدىم، پەقەت كۈلپەتكە قالدىم.»

4

ئەلىفاز: گۇناھسىزلار بالا-قازاغا يولۇقماس

1تېمانلىق ئەلىفاز مۇنداق دېدى:

2«سەن بىلەن سۆزلەشسەم بىزارلىق ھېس قىلامسەن؟

لېكىن كىممۇ سۆزلىمەي چىداپ تۇرالايدۇ؟

3بىلىمەن، سەن نۇرغۇن ئادەملەرگە بىلىم بېرىپ،

ئاجىز قوللارنى مۇستەھكەم قىلدىڭ.

4سۆزلىرىڭ يىقىلغانلارنى يۆلىدى،

ئاجىز تىزلارنى مەزمۇت قىلدى.

5ئەمدى ساڭا ئاپەت يېقىنلاشسا ئۆزۈڭدىن ئۈمىدسىزلەندىڭ،

بېشىڭغا بالا كەلسە ئۇنىڭدىن ھودۇقتۇڭ.

6خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭ ساڭا ئىشەنچ بەرمەمدۇ؟

دۇرۇس ئادەم بولۇشۇڭ ساڭا ئۈمىد بەرمەمدۇ؟

 

7ئويلاپ باق، قايسى گۇناھسىز ۋاقىتسىز جېنىدىن جۇدا بولغان؟

قايسى دۇرۇس ئىنسان ۋەيران قىلىنغان؟

8مەن كۆردۈمكى، كىم بالا تېرىسا بالا شۇنىڭ بېشىغا كېلىدىكەن،

زەھەرلىك ئۇرۇق تېرىغانلار زەھەرلىك ھوسۇل ئالىدىكەن.

9خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇلار ھالاك بولىدۇ،

خۇدانىڭ غەزىپى تۇتسا جېنىدىن جۇدا بولىدۇ.

10گەرچە رەزىللەر غالجىر شىرغا ئوخشاش ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ،

لېكىن خۇدا ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى سۇندۇرىدۇ.

11شىر ئوۋ ئوۋلىيالماي ئۆلۈپ كەتكەندە،

كۈچۈكلىرى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ.

 

12ماڭا غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ،

قۇلىقىمغا شىۋىرلاشلىرى ئاڭلاندى.

13كىشىلەر غەرق ئۇيقۇدا،

كېچىنىڭ قالايمىقان چۈشلىرى قاينىمىدا ياتاتتى.

14شۇ چاغ مېنى دەھشەتلىك بىر قورقۇنچ باستى،

پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى.

15يۈزۈمنى بىر روھ سىلاپ ئۆتتى،

قورققىنىمدىن تېنىمدىكى تۈكلەرمۇ ھۈرپىيىپ كەتتى.

16ئۇ نامەلۇم روھ توختىدى،

ئەمما مەن يۈزىنى كۆرەلمىدىم.

بىر سىيما كۆز ئالدىمدا تۇراتتى،

ئاۋازىنى جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلىدىم:

17‹ئىنسان خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالامدۇ؟

ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى پاك دېيەلەمدۇ؟›

18خۇدا ئەرشتىكى خىزمەتكارلىرىغا ئىشەنمەيدىغان تۇرسا،

ھەتتا ئۇ پەرىشتىلىرىدىنمۇ خاتالىق تاپقان تۇرسا.

19شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ لايدىن ياسالغان، توپىدىن يارىتىلغان،

ھەتتا كۈيىدەك ئاجىز ئادەمگە قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟

20ئۇلار ئاخىرى تاڭ بىلەن شام ئارىلىقىدا ۋەيران بولىدۇ،

مەڭگۈلۈككە غايىب بولىدۇ، ھېچكىم ئۇلارغا پەرۋا قىلمايدۇ.

21چېدىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسى ئۈزۈۋېتىلگەندەك،

ئۇلارمۇ دانالىققا ئېرىشەلمەي ئۆلىدۇ.

5

1ئەي ئايۇپ، نىدا قىلىپ باققىن، كىم ساڭا جاۋاب بېرەركىن؟

قايسى پەرىشتىدىن مەدەت تىلەيسەن؟

2ئەخمەق ئادەمنى غەزەپ ئۆلتۈرەر،

نادان ئادەمنى ھەسەت.

3مەن نادان ئادەمنىڭ ماكان تۇتۇپ، يىلتىز تارتقىنىنى كۆرگەنىدىم،

لېكىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۆيىنى قارغىش تۇتتى.

4ئۇنىڭ بالىچاقىلىرى بىخەتەرلىكتىن تولىمۇ يىراقتا ئىدى،

ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدا سوتقا چىققاندا بوزەك قىلىنسىمۇ، ھېچكىم قۇتقۇزۇۋالمىدى.

5نادانلارنىڭ ھوسۇلىنى ئاچلار يەپ تۈگەتتى،

ھەتتا تىكەنلەر ئارىسىدا ئۆسكەنلىرىمۇ قالمىدى،

بايلىقلىرىنى ئاچكۆزلەر يۇتۇۋەتتى.

6بالايىئاپەت يەردىن چىقماس،

مۈشكۈلات يەردىن ئۈنمەس.

7خۇددى ئوت ئۇچقۇنلىغاندەك

ئىنسان تۇغۇلۇپلا مۇشەققەتتىن خالىي بولالماس.

 

8ئەگەر مەن بولغان بولسام،

خۇدانى ئىزدەپ، ئىشلىرىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇراتتىم.

9ئۇ مۆلچەرلىگۈسىز چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ.

سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.

10زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرۇپ،

ئېتىزلارنى سۇغىرىدۇ.

11ئۇ پېقىرلارنى مەرتىۋىلىك قىلىپ،

مىسكىنلەرنى بىخەتەر جايغا قويىدۇ.

12ھىيلىگەرلەرنىڭ ھىيلىسىنى بۇزۇپ،

ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ.

13ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ھېسابلايدىغانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھىيلىسى بىلەن بابلاپ،

مەككارلارنى نائۈمىد قويىدۇ.

14ئۇلار كۈندۈزى قاراڭغۇلۇقتا قېلىپ،

چۈشلۈكى خۇددى كېچىدەك تىمىسقىلايدۇ.

15خۇدا نامراتلارنى زوراۋانلارنىڭ قولىدىن،

قىلىچتەك ئۆتكۈر تىللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.

16شۇنداق قىلىپ نامراتلارغا ئۈمىد بېرىپ،

رەزىللەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ.

 

17قارا، خۇدا تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە!

شۇڭا سەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ تەربىيەسىگە سەل قارىما.

18خۇدا ئادەمنى يارىلاندۇرسا، يارىسىنى تاڭىدۇ،

ئادەمنى زەخىملەندۈرسە، زەخىمىسىنى داۋالايدۇ.

19ئالتە قېتىم بالا-قازاغا ئۇچرىساڭمۇ خۇدا سېنى قۇتقۇزىدۇ،

يەتتىنچى قېتىم بېشىڭغا ئاپەت كەلسىمۇ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ.

20ئاچارچىلىقتا ئۇ سېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدۇ.

ئۇرۇشتا سېنى قىلىچنىڭ زەربىسىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

21تىل-ئاھانەتلەردىن ئامان قالىسەن،

بالا-قازا كەلگەندە، ئۇنىڭدىن قورقمايدىغان بولىسەن.

22ئاپەتلەر ۋە قەھەتچىلىكلەرنى مەنسىتمەيسەن،

زېمىندىكى يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن قورقمايسەن.

23يەر ئاغدۇرغاندا ئېتىزدىكى تاشلاردىن،

دالادىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ خەتىرىدىن ئەنسىرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق.

24چېدىرىڭنىڭ ئامان-ئېسەن بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن،

ساناپ كۆرسەڭ قورۇقۇڭدىكى قويلار كەم چىقمايدۇ.

25ئەۋلادلىرىڭنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى،

خۇددى ئوت-چۆپتەك مول بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن.

26سەن چوقۇم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن،

ۋاقتى كەلگەندە خۇددى پىشقان بۇغدايدەك ئورىلىسەن.

27مانا بۇلار بىز ئىسپاتلىغان ھەقىقەتلەردۇر،

بۇلارنى ئاڭلىدىڭ، ئۆزۈڭ مۇلاھىزە قىلىپ كۆر.»

6

ئايۇپ: دەرد تۆكۈشۈم ھەقلىق

1ئايۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:

2«ھەسرەتلىرىمنى تارازىغا سېلىپ باققان بولساڭ،

ماڭا كەلگەن بالا-قازالارنى ئۆلچەپ باققان بولساڭ،

3دېڭىزلاردىكى قۇملاردىنمۇ ئېغىر كېلەتتى،

شۇڭا مەن ئويلانمايلا جاۋاب بەردىم.

4ماڭا ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوقلىرى تەگدى،

روھىم ئۇنىڭدىكى زەھەرنى سۈمۈرمەكتە،

خۇدا مېنى ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن قورقۇتماقتا.

5ياۋايى ئېشەكنىڭ ئوت-چۆپى بولسا ھاڭرامدۇ؟

ئۆكۈزنىڭ ھەلىپى بولسا مۆرەمدۇ؟

6سېنىڭ تۇزسىز تائامدەك سۆزلىرىڭنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن؟

كىمنىڭ تەمى يوق تۇخۇم ئېقىنى يېگۈسى كەلسۇن؟

7ئاشۇنداق لەززەتسىز تائاملارنى يېمەيمەن،

ئۇلارنى ئويلىساملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ.

 

8ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشسا ئىدى،

خۇدا تىلىگىنىمنى بەرسە ئىدى،

9خۇدا مېنى ئېزىشكە رازى بولسا،

قولىنى كۆتۈرۈپ جېنىمنى ئالسا ئىدى،

10ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئۇنىڭ مۇقەددەس سۆزلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىم

ماڭا تەسەللى بولار ئىدى،

چەكسىز ئازاب ئىچىدىن خۇشاللىق تاپار ئىدىم.

11مەندە يەنە كۈتكۈدەك نېمە ماغدۇر بولسۇن؟

كەلگۈسۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانداق تاقەت بولسۇن؟

12ئەجەبا، مەن تاشتىن يارىتىلغانمۇ؟

تېنىم تۇچتىن سوقۇلغانمۇ؟

13ئۆزۈمنى قۇتقۇزغۇدەك مادارىم قالمىدى،

ماڭغۇدەك يولۇممۇ قالمىدى.

 

14ئەگەر بىرسى ئۈمىدسىزلەنگەن دوستىغا مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسە،

ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممىگە قادىر خۇداغا بولغان ئىخلاسىنى يوقاتقان بولىدۇ.

15خۇددى پەسىللىك دەريالاردەك،

بەزىدە كېلىپ، بەزىدە توختايدىغان ئېقىنلاردەك قېرىنداشلىرىم ئىشەنچسىزدۇر.

16مۇزلار ئېرىپ سۇلار ئاققاندا،

قار سۇلىرىغا لاتقىلار قوشۇلۇپ مول ئېقىنغا ئايلىنىدۇ.

17ھاۋا ئىسسىغاندا سۈيى ئازلاپ،

تومۇز ئىسسىق بولغاندا پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ.

18كارۋانلار سۇ ئىزدىشىپ، يولىدىن ئېزىپ،

قاقاس چۆلدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.

19تەمادىن كەلگەن كارۋانلار ئېقىن ئىزدىشىدۇ،

شىبالىق سودىگەرلەر سۇنىڭ ئېقىپ كېلىشىنى كۈتىدۇ.

20كۈتكەنلىرى يوققا چىقىپ، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلىك باسىدۇ،

كۈتكەن يەرلىرىگە بېرىپ، يۈرەكلىرى پۇچىلىنىدۇ.

21سۇسىز ئېقىنلارغا ئوخشاش سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بەرمەيسىلەر،

ماڭا كەلگەن بالايىئاپەتنى كۆرۈپلا تېخىمۇ قورقۇپ كېتىۋاتىسىلەر.

22مەن سىلەرگە: ‹بايلىقىڭلاردىن ماڭا بېرىڭلار،

ياكى پارا بېرىپ مېنى قۇتقۇزۇڭلار› دېگەنمىدىم؟

23ياكى مەن: ‹قۇتقۇزۇڭلار دۈشمەن قولىدىن›،

ۋە: ‹سېتىۋېلىڭلار زوراۋانلاردىن› دېگەنمىدىم؟

 

24قېنى ئېيتىڭلارچۇ؟ جىمجىت تۇرۇپ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاي،

قايسى ئىشتا خاتا قىلغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار.

25ھەقىقەتەن توغرا سۆزنىڭ كۈچى زوردۇر،

لېكىن مېنى ئەيىبلەشكە نېمە ئاساسىڭلار بار؟

26سۆزلىرىمنى تەنقىد قىلماقچىمۇسىلەر؟

ئۈمىدسىز ئادەمنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى خۇددى شامالغا ئوخشاش دەپ ئويلامسىلەر؟

27سىلەر يېتىملەرنىڭ ئۈستىدە چەك تارتىشىسىلەر،

دوست-بۇرادىرىڭلارنى ساتىسىلەر.

 

28ئەمدى مەرھەمەت قىلىپ، ماڭا قاراڭلار،

مەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، سىلەرگە يالغان ئېيتمايمەن.

29يېتەر ئەمدى، ناھەقچىلىك قىلماڭلار،

يەنە ئويلاڭلار، مەندە ئەيىب يوق!

30سۆزلىرىمدە ھەقىقەتسىزلىك بارمۇ؟

مەن توغرا-خاتانى پەرقلەندۈرەلەيمەن.

7

1بۇ دۇنيادىكى ئىنسان ھاياتى مۇشەققەتلىك ئەمەسمۇ؟

ئۇنىڭ كۈنلىرى مەدىكارنىڭ كۈنلىرىگە ئوخشىماسمۇ؟

2ئۇ سايىگە تەشنا بولغان قۇلغا،

ھەققىنى كۈتۈپ تۇرغان مەدىكارغا ئوخشايدۇ.

3شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ پېشانەمگىمۇ مەنىسىز كۈنلەر،

ئېچىنىشلىق كېچىلەر پۈتۈلگەندۇر.

4ياتقان ۋاقتىمدا ‹قاچان تاڭ ئاتار؟› دەپ ئويلايمەن،

بىراق كېچە ئۇزۇندۇر، ئۇيقۇسىز ئېغىناپ تاڭنى كۈتىمەن.

5تەنلىرىمنى جاراھەت بېسىپ، قۇرتلاپ كەتتى،

تېرىلىرىم شەلۋەرەپ، يىرىڭلاپ كەتتى.

6كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ تېز ئۆتمەكتە

ھەم ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلاشماقتا.

 

7ئى خۇدا، ھاياتىمنىڭ پەقەت بىر تىنىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىغىن،

كۆزلىرىم ئەمدى بەختنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.

8سەن ھازىر مېنى كۆرەلەيسەن، لېكىن كېيىن كۆرەلمەيسەن.

سەن ماڭا نەزىرىڭنى ئاغدۇرغاندا، مەن ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن يوقالغان بولىمەن.

9ئادەم گۆرگە كىرسە، خۇددى تاراپ كەتكەن بۇلۇتتەك، قايتىپ كەلمەيدۇ.

10ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلمەيدۇ،

يۇرتىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنى ئەسكە ئالمايدۇ.

 

11شۇڭا مەن ئۈنسىز تۇرالمايمەن،

يۈرىكىمدىكى ھەسرەتلىرىمنى ئېيتىمەن،

قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكىمەن.

12ئى خۇدا، مېنى نىچۈن كۆزىتىپ تۇرىسەن؟

ئەجەبا، مەن دېڭىزدىكى قورقۇنچلۇق مەخلۇقمىدىم؟

13ئورۇن-كۆرپەم ماڭا راھەت بېغىشلايدۇ،

تۆشىكىم دەردىمگە دەرمان بولىدۇ دەپ ئويلىسام،

14چۈشلىرىمدە قورقۇتىسەن،

غايىبانە ئالامەتلىرىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالىسەن.

15بۇنداق ھالەتتە ياشىغاندىن،

بوغۇلۇپ ئۆلۈۋېلىشنى ئارتۇق كۆرىمەن.

16جېنىمدىن جاق تويدۇم، داۋاملىق ياشاشقا رايىم يوق.

كۈنلىرىم نەپەستەك قىسقا بولسا، مېنى ئۆز ئىختىيارىمغا قوي.

17ئىنسان دېگەن قانچىلىك نەرسە ئىدى،

سەن ئۇنى شۇنچە مۇھىم بىلگۈدەك،

ئۇنىڭغا شۇنچە دىققەت قىلغۇدەك،

18ھەر سەھەردە ئۇنى كۆزەتكۈدەك،

ھەر دائىم سىنىغۇدەك؟

19قاچان ماڭا نەزەر سالماي،

تۈكۈرۈكۈمنى يۇتقۇدەك پۇرسەت بېرىسەن؟

20ئىنسانلارنى كۆزەتكۈچى ئى خۇدا،

گۇناھ قىلغان بولسام، بۇ ساڭا زىيان سالدىمۇ؟

نىچۈن مېنى ئوقۇڭغا نىشان قىلدىڭ؟

ئەجەبا، مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟

21نىچۈن قىلمىشلىرىمنى كەچۈرۈم قىلىپ،

گۇناھلىرمنى ساقىت قىلمايسەن؟

تېنىم تۇپراققا بەخشەندە بولغاندا،

مېنى ئىزدىسەڭمۇ تاپالمايسەن.»

8

بىلداد: ئايۇپ توۋا قىلىشى كېرەك

1شۇۋاخلىق بىلداد ئايۇپقا مۇنداق دېدى:

2«بۇ گەپلەرنى يەنە قاچانغىچە قىلىسەن؟

ئېغىزدىن چىققان سۆزلەر خۇددى بورانغا ئوخشار.

3ئەجەبا، خۇدا ئادالەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەرمۇ؟

ھەممىگە قادىر خۇدا ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتەرمۇ؟

4پەرزەنتلىرىڭ خۇداغا قارشى گۇناھ سادىر قىلغانلىقتىن،

ئۇلار تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىدى.

5لېكىن سەن خۇداغا ئىنتىلىسەڭ،

ھەممىگە قادىر خۇدادىن ئۆتۈنسەڭ،

6پاك، توغرا بولساڭ،

خۇدا قوزغىلىپ، ساڭا شەپقەت قىلىپ،

يۇرت-ماكانىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ گۈللەندۈرىدۇ.

7دەسلەپكى ئەھۋالىڭ باياشات بولمىسىمۇ،

كېيىن گۈللىنىسەن.

 

8ئۆتمۈشتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئويلا.

ئەجدادلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىل.

9خۇددى بىز تۈنۈگۈن تۇغۇلغاندەكلا ھېچنېمىنى بىلمەيمىز،

بۇ دۇنيادىن خۇددى سايىدەكلا ئۆتۈپ كېتىمىز.

10نېمە ئۈچۈن سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ تەلىم بېرىشىگە،

ئەقىل-پاراسەتلىرىنى ئۆگىتىشىگە يول قويمايسەن؟

11سازلىق بولمىسا يېكەن ئۆسەمدۇ، قومۇش سۇدىن ئايرىلالامدۇ؟

12قومۇش ئۆسكەن تەقدىردىمۇ سۇ بولمىسا،

ئورۇلماي تۇرۇپلا باشقا ئوت-چۆپلەردىن بالدۇرلا قۇرۇپ كېتىدۇ.

13خۇدانى ئۇنتۇغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇ قومۇشقا ئوخشاش بولىدۇ.

ئىمانسىزلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ.

14ئۇلارنىڭ ئىشىنىدىغىنى قىلدەك ئىنچىكە ئۆمۈچۈك تورىدۇر.

15ئۇلار ئۆمۈچۈك تورىغا يۆلەنسە، ئۆمۈچۈك تورى ئۇلارنى يۆلەپ تۇرالماس،

بايلىققا تايانسا، ئۇ تايانچ بولالماس.

16ئۇلار خۇددى قۇياش نۇرىدا باراقسان ئۆسكەن ئۆسۈملۈكتەك باغنى قاپلايدۇ.

17يىلتىزلىرى تاش دۆۋىلىرىگە چىرمىشىپ،

تاشلار ئاستىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

18لېكىن ئۇلار يۇلۇپ تاشلانسا،

خۇددى ئۆسكەن يېرى ‹ئۇلارنى كۆرمىدۇق› دېگەندەك،

ئۇلار مەۋجۇت بولمىغاندەك بولىدۇ.

19مانا، ئىمانسىزلارنىڭ ئۆمۈرلۈك خۇشاللىقى شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ،

ئۇلارنىڭ ئورنىنى باشقىلار ئىگىلەيدۇ.

 

20بەرھەق، خۇدا دۇرۇس ئادەملەرنى تاشلىمايدۇ،

رەزىللەرنى يۆلىمەيدۇ.

21پەرۋەردىگار سېنىڭ ئاغزىڭنى كۈلكىدىن يېپىلماس قىلىۋېتىدۇ،

شادلىقىڭ ئۈزۈلمەيدۇ.

22ساڭا نەپرەتلەنگەنلەر نومۇستا قالىدۇ،

رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرى ۋەيران بولىدۇ.»

9

ئايۇپ: كېسىم قىلغۇچى يوق

1ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«شۇنداق، دېگەنلىرىڭنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن،

لېكىن ئادەم قانداق قىلغاندا خۇدا ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟

3ئەگەر بىر ئادەم خۇدا بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلەشمەكچى بولسا،

خۇدا ئۇنىڭدىن مىڭ سوئال سورىسا،

ئۇ ئادەم بىر سوئالىغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

4خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر،

ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.

5ئۇ تۇيدۇرماي تاغلارنى يۆتكىۋېتەلەيدۇ،

غەزەپلەنگەندە تاغلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدۇ.

6ئۇ يەرنى تەۋرىتىپ، ئورنىدىن قوزغىۋېتەلەيدۇ،

زېمىننىڭ ئۇلىنىمۇ سىلكىندۈرۈۋېتەلەيدۇ.

7ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قۇياشنى چىقماس،

يۇلتۇزلارنى چاقنىماس قىلىۋېتەلەيدۇ.

8ئۇ ئۆزى يالغۇز ئاسماننى يېيىپ،

دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدە مېڭىپ يۈرىدۇ.

9ئۇ چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى، ئورىيون يۇلتۇز تۈركۈمى،

ئۈكەر يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە جەنۇبتىكى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى ياراتقاندۇر.

10ئۇ قىلغان بۈيۈك ئىشلار ساناقسىز،

ياراتقان مۆجىزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىزدۇر.

11ئۇ يېنىمدىن ئۆتسە كۆرەلمەيمەن،

ئۇنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىنىمۇ بىلەلمەيمەن.

12ئەگەر ئۇ ‹ئالىمەن› دېسە كىم توسالايدۇ،

كىم ئۇنىڭدىن ‹نېمە قىلىۋاتىسەن؟› دەپ سورىيالايدۇ؟

 

13خۇدا غەزەپلەنسە غەزىپىنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ.

دېڭىز مەخلۇقى راخابنىڭ* ياردەمچىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويىدۇ.

14ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرەلەيمەن؟

مەن سۆز تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن قانداقمۇ مۇنازىرىلىشەلەيمەن؟

15گەرچە مەن گۇناھسىز بولساممۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيمەن،

پەقەت سوتچىنىڭ رەھىم قىلىشىنىلا ئۆتۈنەلەيمەن.

16مەن ئۇنى چاقىرغاندا، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ،

ئەمما مەن يەنىلا ئۇنىڭ سۆزلىرىمگە دىققەت قىلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن.

17ئۇ بوران-چاپقۇن بىلەن ماڭا زەربە بەردى،

كۆپ قېتىم سەۋەبسىزلا جاراھەتلەندۈردى.

18ئۇ دېمىمنى ئېلىۋېلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمىدى،

ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈچە تارتقۇزدى.

19ئەگەر كۈچ ھەققىدە گەپ بولسا، ئۇ ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكتۇر،

ئەگەر ئادىللىق ھەققىدە گەپ بولسا، كىممۇ ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟

20گەرچە مەن گۇناھسىز بولساممۇ، ئاغزىم گۇناھكاردۇر.

تۈز بولساممۇ، ئاغزىم مېنى ‹ئەگرى› دەيدۇ.

21قۇسۇرسىزلىقىم ماڭا بەرىبىر، مەن ھاياتىمدىن تويغانمەن.

22شۇڭا ‹ھەممىسى بەرىبىر› دەيمەن،

مەيلى قۇسۇرسىز ئادەم بولسۇن، مەيلى بۇزۇق ئادەم بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇ يوقىتىدۇ.

23گەرچە گۇناھسىز بولسىمۇ، ئاپەت كېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا خۇدا كۈلىدۇ.

24خۇدا رەزىل كىشىلەرنىڭ دۇنيانى باشقۇرۇشىغا يول قويغان،

سوتچىلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئادىل ھۆكۈم چىقىرالماس قىلىپ قويغان.

بۇنى خۇدا قىلمىغان بولسا يەنە كىم قىلدى؟

 

25يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ئادەمدەك كۈنلىرىم تېز ئۆتمەكتە،

كۈنلىرىم شۇنچە تېز قاچماقتا،

بىر كۈنمۇ ياخشى كۈن كۆرمىدىم.

26ھاياتىم قومۇشتىن ياسالغان قېيىقتەك تېز،

ئولجىغا ئېتىلغان بۈركۈتتەك چاپسان ئۆتمەكتە.

27ئى خۇدا، ئەگەر مەن بارلىق قاقشاشلىرىمنى ئۇنتۇپ،

سولغۇن چىرايىمنى كۈلكە چىرايغا ئايلاندۇرسام ياخشى بولار ئىدى،

28لېكىن مەن يەنىلا ئاغرىق ئازابىدىن قورقىمەن.

چۈنكى سېنىڭ مېنى گۇناھسىز دېمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.

29سەن مېنى گۇناھكار دەپ قارىغانىكەنسەن،

يەنە جان تالىشىپ نېمە قىلاي؟

30بويۇمنى قار سۈيىدە، قولۇمنى شاخاردا يۇساممۇ،

31سەن مېنى يەنىلا ئەۋرەزگە تاشلايسەن،

كىيىم-كېچەكلىرىممۇ مەندىن يىرگىنىدۇ.

32خۇدا ماڭا ئوخشاش ئىنسان بولمىغاندىكىن

ئۇنىڭغا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن،

سوتتا ئۇنىڭ بىلەن قانداقمۇ مۇنازىرىلىشەلەيمەن؟

33ئارىمىزدا ئىككىمىزنى كېلىشتۈرۈپ قويىدىغان كېلىشتۇرگۈچى بولسا ياخشى ئىدى.

34ئەگەر ئۇ مەندىن جازا تايىقىنى يىراق قىلغان بولسا،

مېنى ۋەھىمىگە سالمىسا،

35ئۇ ۋاقىتتا مەن قورقماي، يۈرەكلىك سۆزلىيەلەيتتىم،

لېكىن مەن ھازىر ئۇنداق قىلالمايمەن.»

10

ئايۇپنىڭ خۇداغا نىدا قىلىشى

1«ھاياتىمدىن بىزار بولدۇم،

شىكايەتلىرىمنى ئوچۇق ئېيتىۋالاي،

قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكۈۋالاي.

2مەن خۇداغا مۇنداق دەيمەن:

ماڭا گۇناھ ئارتمىغىن،

ئېيتقىنا قېنى، ماڭا قارشى نېمە شىكايىتىڭ بار؟

3ئەجەبا، سەن رەزىللەرنىڭ ھىيلىلىرىگە كۈلۈمسىرەپ،

ئۆزۈڭ ياراتقان ئادەملەرنى ئېزىپ، كەمسىتىپ، پايدا ئالالامسەن؟

4ئەجەبا، سېنىڭ كۆزۈڭمۇ ئىنساننىڭ كۆزىگە ئوخشاش بولۇپ،

نەزىرىڭ ئادەملەرنىڭكىدەك تارمىدۇ؟

5ئەجەبا، كۈنلىرىڭ چەكلىك، ئۆمرۈڭ ئادەملەرنىڭكىدەك قىسقىمىدۇ؟

6شۇ سەۋەبتىن سەن ھەمىشە خاتالىقلىرىمنى تەكشۈرۈپ،

گۇناھلىرىمنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرەمسەن؟

7ئەمەلىيەتتە گۇناھسىزلىقىمنى بىلىسەن،

لېكىن قولۇڭدىن مېنى قۇتقۇزۇشقا ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر.

 

8سەن مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتتىڭ، ياسىدىڭ،

ئەمدى مېنى يەنە ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتىسەن.

9مېنى توپىدىن ياراتقىنىڭنى ئۇنتۇما،

ئەجەبا، مېنى توپىغا قايتۇرماقچىمۇسەن؟

10مېنى سۈتتەك قۇيۇپ، قېتىقتەك ئۇيۇتقان ئۆزۈڭ ئەمەسمۇ؟

11سەن مېنى تېرە، گۆش، سۆڭەك ۋە پەيلەر بىلەن توقۇپ چىقتىڭ.

12سەن ماڭا ھايات ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلدىڭ،

سېنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى.

13لېكىن سەن يۈرىكىڭگە باشقا بىر نىيەتنى يوشۇردۇڭ،

سېنىڭ ئوي-خىياللىرىڭنى بىلىمەن.

14گۇناھ سادىر قىلغان بولسام تەكشۈرەتتىڭ،

گۇناھىمنى كەچۈرۈشۈڭ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

15گۇناھىم بولسا بالاغا قالاتتىم،

پاك تۇرۇپمۇ بېشىمنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن،

ھەمدە نومۇستا قېلىپ، يەتكۈچە ئازاب چېكىۋاتىمەن.

16مەردانە ھالدا قەددىمنى كۆتۈرسەم، ئارقامدىن شىردەك قوغلىدىڭ،

كارامەتلىرىڭ بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلدىڭ.

17يېڭى كۈلپەتلىرىڭ بىلەن ماڭا بولغان نارازىلىقىڭنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىڭ،

ماڭا بولغان غەزىپىڭ تولۇپ تاشتى،

ئادەملىرىڭ نۆۋەت بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا.

 

18نېمىشقىمۇ مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلدىڭ؟

مەن تۇغۇلۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولسام ياخشى بولاتتى،

ھېچكىممۇ مېنى كۆرمىگەن بولاتتى.

19خۇددى مەن تۇغۇلمىغاندەك،

ئانامنىڭ قورسىقىدىن ئۇدۇل قەبرىگە كىرەتتىم.

20ۋاقتىم ئازلا قالدى،

ئۆتۈنەي، مېنى ئارامىمدا قويغىن، بىردەم بولسىمۇ خۇشاللىنىۋالاي.

21مەن پات ئارىدا بارسا كەلمەس يەرگە كېتىمەن،

زۇلمەت قاپلىغان قاراڭغۇ يەرگە بارىمەن.

22ئۇ يەر قاپقاراڭغۇ، زۇلمەتلىك، قالايمىقان يەردۇر،

ئۇ يەرنىڭ يورۇقى قاراڭغۇلۇققا ئوخشاشتۇر.»

11

زوفار: سەن جازالىنىشقا لايىق

1نائامالىق زوفار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىگەنلەرگە رەددىيە بېرىدىغانلار چىقماسمۇ؟

ئەجەبا، جاۋىلداقلىق يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟

3ئاغزىڭ بېسىقماي كاسىلدىساڭلا، كىشىلەر ئۈن چىقارماي جىمجىت تۇرارمۇ؟

سېنىڭ مەسخىرىلىرىڭ ئۈچۈن كىشىلەر سېنى نومۇستا قالدۇرماسمۇ؟

4سەن ئۆزۈڭنى ئېتىقادلىق، خۇدا ئالدىدا پاك ئادەممەن دەپ قارامسەن؟

5پەقەت خۇدانىڭ سۆزلىشىنى ۋە ساڭا رەددىيە بېرىشىنى خالايمەن.

6ئۇ ئەقىل-پاراسەتنىڭ سىرلىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ،

چۈنكى ھەقىقىي ئەقىل-پاراسەت ئىككى قىرلىق بولىدۇ.

بىلىشىڭ كېرەككى، خۇدا سېنى گۇناھلىرىڭغا لايىق جازالىمىدى.

 

7سەن خۇدانىڭ سىرلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلەمسەن،

ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ چەكسىزلىكىنى بىلەلەمسەن؟

8ئۇ ئەرشتىنمۇ بۈيۈك تۇرسا نېمە ئىش قىلالىشىڭ مۇمكىن؟

ئۇ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چوڭقۇر تۇرسا، نېمىنى بىلەلىشىڭ مۇمكىن؟

9ئۇ زېمىندىن چوڭ، دېڭىزدىن بىپاياندۇر.

10ئۇ سېنى قاماققا ئېلىپ سوتقا تارتسا،

كىم ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلالىسۇن؟

11ئۇ كاززاپلارنى ياخشى بىلىدۇ،

ئەجەبا، جىنايەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ كارى بولماسلىقى كېرەكمىدى؟

12ياۋايى ئېشەك ئادەم تۇغسا، نادان داناغا ئايلىنىدۇ.

 

13قەلبىڭنى خۇداغا بېغىشلاپ،

ئۇنىڭغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىل.

14گۇناھ قىلغان بولساڭ، گۇناھتىن قول ئۈزگىن،

چېدىرىڭدا ھېچقانداق ئادالەتسىز ئىش بولمىسۇن.

15شۇندىلا سەن خىجالەتسىز ھالدا يۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيسەن،

مەزمۇت دەسسەپ تۇرالايسەن، ھېچبىر قورقۇنچ بولمايدۇ.

16ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ئۇنتۇيالايسەن،

ئۇلار كەلكۈن سۈيىدەك ئېقىپ تۈگەيدۇ.

17ھاياتىڭ چۈشتىكى قۇياشتىنمۇ پارلاق بولىدۇ،

قاراڭغۇلۇقۇڭمۇ سەھەردەك يورۇيدۇ.

18ئۈمىدكە تولۇپ، ئۆزۈڭنى تەمكىن ھېس قىلىسەن،

خۇدا ساقلاپ، خاتىرجەم ئۇخلايسەن.

19ئۇخلاۋاتقىنىڭدا ھېچكىم ساڭا ۋەھىمە سالمايدۇ،

نۇرغۇن كىشىلەر سەندىن شاپائەت تىلەيدۇ.

20لېكىن رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرسىزلىنىدۇ،

ئۇلار قاچىدىغانغا يولى تاپالمايدۇ.

ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى پەقەت ئاخىرقى نەپەستۇر.»

12

ئايۇپنىڭ دوستلىرىغا ئاغرىنىشى

1ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«سىلەر ھەقىقەتەن ئىش بىلىدىغان ئادەم ئىكەنسىلەر-ھە،

سىلەر ئۆلسەڭلار ھېچقانداق دانا ئادەم قالمايدىكەن-دە!؟

3لېكىن مەندىمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئەقىل بار،

ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ،

سىلەر دېگەننى كىم بىلمەيدۇ دەيسىلەر؟

4مەن خۇدادىن ئۆتۈنۈپ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ، دوستلىرىمنىڭ كۈلكىسىگە قالدىم.

مەندەك ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدى.

5راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنى مەنسىتمەيدۇ.

ئۇلار يىقىلاي دەپ قالغان ئادەملەرنى يىقىتىۋېتىدۇ.

6لېكىن ئوغرىلار چېدىرلىرىدا تىنچ ياشايدۇ،

خۇدانىڭ چىشىغا تەگكەنلەر خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ.

ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىشەنگەن ئىلاھىدۇر.

 

7ھالبۇكى ھايۋانلاردىن مەسلىھەت سورىساڭ، ئۇلار ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئاسماندىكى قۇشلاردىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ.

8زېمىنغا مۇراجىئەت قىلساڭ، زېمىن ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ياكى دېڭىزدىكى بېلىقلاردىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ.

9ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى بىرسى ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلمەيدۇ؟

10بارلىق ھاياتلىق ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر،

ئىنساننىڭ تىنىقىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەستۇر.

11تىل تائامنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك،

ئەجەبا، قۇلاقمۇ سۆزلەرنى پەرقلەندۈرمەمدۇ؟

12ياشانغانلار ئەقىل-پاراسەتلىك،

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر بىلىملىك بولار.

 

13خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە قۇدرەتلىكتۇر،

مەسلىھەت ۋە بىلىم ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر.

14ئۇ ۋەيران قىلسا، قايتا قۇرغىلى بولماس،

ئۇ قاماققا ئالسا، ھېچكىم قۇتقۇزالماس.

15ئۇ سۇ مەنبەسىنى ئېتىۋەتسە، قۇرغاقچىلىق بولار،

سۇ مەنبەسىنى ئېچىۋەتسە، زېمىن سۇ ئاستىدا قالار.

16ئۇ قۇدرەتلىك ۋە ئەقىل-پاراسەتلىكتۇر،

ئالدىغۇچى ۋە ئالدانغۇچى ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر.

17ئۇ مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى يوق قىلىۋېتىپ،

سوراقچىلارنى ئەخمەق قىلىدۇ.

18ئۇ پادىشاھلارنىڭ تونىنى يېشىپ تاشلاپ،

خۇددى قۇللاردەك پەقەت ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ قويىدۇ.

19ئۇ روھانىيلارنىڭ تونىنى سالدۇرۇۋالىدۇ،

ئۇزۇن ۋاقىت ھوقۇق تۇتقانلارنى ئاغدۇرىدۇ.

20ئۇ ئىشەنچلىك مەسلىھەتچىلەرنى تىلىدىن قالدۇرۇپ،

ئاقساقاللارنى بىلىمىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

21ئۇ مەرتىۋىلىكلەرنى شەرمەندە قىلىپ،

ئەمەلدارلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

22ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى سىرلارنى ئاشكارا قىلىپ،

زاۋال باسقان قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ.

23ئۇ ئەللەرنى گۈللەندۈرىدۇ ھەم زاۋال تاپقۇزىدۇ،

ئۇلارنى كېڭەيتىدۇ ھەم چىچىۋېتىدۇ.

24ئۇ ئەلنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىپ،

ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا ئازدۇرۇپ، سەرسان قىلىدۇ.

25ئۇلار نۇرسىز قاراڭغۇلۇقتا تىمىسقىلاپ ماڭىدۇ،

خۇددى مەست ئادەملەردەك دەلدەڭشىيدۇ.»

13

ئايۇپ: مەن يەنىلا خۇداغا ئۈمىد باغلايمەن

1«مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم،

ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم ھەم چۈشەندىم.

2سىلەر بىلگەننى مەنمۇ بىلىمەن،

مېنىڭ سىلەردىن ھېچبىر قالغۇچىلىقىم يوق.

3ھەممىگە قادىر خۇدا بىلەن سۆزلەشكۈم،

ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكۈم بار.

4لېكىن سىلەر ساختىپەز، داۋاسىز تېۋىپسىلەر.

5سىلەرنىڭ سۈكۈت قىلغىنىڭلار دانالىقىڭلار ئىدى.

6ئۆزۈمنى ئاقلىشىمغا قۇلاق سېلىڭلار،

سۆزۈمنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار.

7خۇداغا يان بېسىپ يالغان گەپ قىلماڭلار،

ئۇنىڭ ئۈچۈن مەككارلىق قىلىشىڭلار زۆرۈرمۇ؟

8سىلەر خۇداغا يان باسماقچىمۇ؟

ئۇنى ئاقلىماقچىمۇ؟

9ئەگەر ئۇ سىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ قالسا ياخشى بولامدۇ؟

ئەجەبا، ئىنسان ئىنساننى ئالدىغاندەك، سىلەرمۇ ئۇنى ئالدامسىلەر؟

10سىلەر يوشۇرۇن يان باسساڭلار،

ئۇ سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ.

11سىلەر ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقمامسىلەر،

ئۇنىڭدىن قورقۇنچ ھېس قىلمامسىلەر؟

12ھېكمەتلىك سۆزۈڭلار كۈللەردەك پايدىسىزدۇر،

سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلار لايدىن ياسالغان قالقاندەكتۇر.

 

13سىلەر ئاغزىڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇڭلار، مەن گەپ قىلاي،

مەيلى، كېيىن نېمە بولسا، بولسۇن.

14جېنىمنى تىكىپ قويدۇم،

ھاياتىمنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىشىغا قارىمايمەن.

15ئۇ مېنى ئۆلتۈرسىمۇ مەيلى، مېنىڭ باشقا ئۈمىدىم يوق،

مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاقلاۋېرىمەن.

16ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلغىنىم مېنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ،

چۈنكى گۇناھكار بولسام، ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايتتىم.

17سۆزۈمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار،

بايانلىرىمغا دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار.

18ئۆزۈمنى ئاقلاشقا تەييارلىنىپ بولدۇم،

مەن ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.

19كىم مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەلەيدۇ؟

ئەگەر بىرەرسى مېنىڭ خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بېرەلىسە، مەن ئۈنسىز ئۆلۈشكە رازى.

 

20ئى خۇدا، ئەگەر سەن ئىككى ئىشنى قىلغان بولساڭ،

مەن سەندىن ئۆزۈمنى يوشۇرمايتتىم:

21جازايىڭنى توختىتىشىڭنى،

ھەيۋەڭ بىلەن مېنى قورقۇتماسلىقىڭنى ئۆتۈنىمەن.

22ئاندىن مېنى چاقىرغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن

ياكى مەن بايان قىلىمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن.

23مېنىڭ زادى قانداق خاتالىقىم، قانداق گۇناھىم بار؟

خاتالىقىم ۋە گۇناھىمنى كۆرسىتىپ بەرگەيسەن.

24نېمىشقا مەندىن دىدارىڭنى يوشۇرىسەن؟

نېمىشقا مېنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرىسەن؟

25ماڭا ئوخشاش شامالدا تۆكۈلۈپ چۈشكەن بىر تال يوپۇرماقنىمۇ قورقۇتماقچىمۇسەن؟

قۇرۇق ساماننىمۇ قوغلىماقچىمۇسەن؟

26مېنى ئەيىبلەش ئۈچۈن گۇناھلىرىمنى يېزىۋاتىسەن،

ياش ۋاقتىمدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى ئۈستۈمگە يۈكلەۋاتامسەن؟

27پۇتلىرىمنى كىشەنلەپ، ھەممە يولۇمنى كۆزەتتىڭ،

ھەتتا ھەربىر قەدىمىمگىمۇ چەك قويدۇڭ.

28بەدەنلىرىم خۇددى پورلاشقان ياغاچتەك،

كۈيە چۈشكەن كىيىمدەك بولۇپ يوقايدۇ.»

14

ئايۇپ: ھايات خۇددى سايىدەك قىسقىدۇر

1«ئىنسان ئاياللاردىن تۇغۇلىدىغان بولۇپ،

ھاياتى قىسقا، مۈشكۈل بولار.

2ئۇ گۈلدەك ئېچىلىپ، توزۇپ كېتەر،

خۇددى سايىدەك تېزلا غايىب بولۇپ، ئۇزاق تۇرماس.

3نېمە ئۈچۈن مېنىڭ قىلغانلىرىمغا نەزەر سالىسەن؟

مېنى چاقىرىپ كېلىپ يەنە سوراق قىلماقچىمۇسەن؟

4ناپاك ئادەمنى كىم تازىلىيالايدۇ؟ ھېچكىم!

5ئىنساننىڭ كۈنلىرى ساناقلىقتۇر،

ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقى سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر،

سىزغان سىزىقىڭدىن ھېچكىم چىقىپ كېتەلمەيدۇ.

6ئۇنى تىنچ قوي، دەم ئالسۇن،

مەدىكارلارغا ئوخشاش كۈندىلىك ئىشىنى تىنچ تۈگەتسۇن.

 

7دەرەخ كېسىۋېتىلسىمۇ ئۈمىد بولىدۇ،

ئۇ يەنە بىخلاپ چىقىدۇ،

يۇمران شاخلىرى توختىماي ئۆسىدۇ.

8يىلتىزلىرى يەر ئاستىدا چىرىپ كەتسىمۇ،

ئۇنىڭ كۆتىكى چىرىپ كەتسىمۇ،

9لېكىن ئۇنى ئازراق سۇغۇرۇپ قويسىلا،

يېڭى تىككەن كۆچەتتەك بىخ سۈرۈپ كۆكلەيدۇ.

10بىراق ئىنسان ئۆلسە كۈچ-قۇۋۋىتىدىن ئايرىلىدۇ،

تىنىقى توختاپ غايىب بولىدۇ.

11كۆلدىكى سۇلار پارغا ئايلانغاندەك،

دەريالار قۇرۇپ كەتكەندەك،

12ئادەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىنسا قايتا ئورنىدىن تۇرمايدۇ.

ئاسمان يوقالمىغۇچە ئۇ ئويغانمايدۇ،

ئۇيقۇسىدىن ئويغىنالمايدۇ.

13ئى خۇدا، مېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا يوشۇرۇپ قويساڭ،

غەزىپىڭ بېسىلغۇچە مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ،

مەن ئۈچۈن بىر ۋاقىت بەلگىلەپ، كېيىن مېنى ئېسىڭگە ئالساڭ!

14ئادەم ئۆلسە قايتا تىرىلەمدۇ؟

ئەگەر قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسا،

مەن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە بولساممۇ،

تاكى سەن ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچە كۈتەتتىم.

15سەن مېنى چاقىرساڭ، مەن ساڭا جاۋاب بېرەتتىم،

سەنمۇ ئۆز قولۇڭدا ئاپىرىدە قىلغىنىڭنى كۆرۈشنى خالايسەن.

16ئۇ چاغدا سەن قەدەملىرىمنى قوغدايىتتىڭ،

لېكىن گۇناھلىرىمنى سۈرۈشتۈرمەيتتىڭ.

17سەۋەنلىكلىرىمنى پېچەتلەپ،

گۇناھلىرىمنى يوشۇراتتىڭ.

 

18لېكىن خۇددى تاغلار پارچىلىنىپ،

قىيا تاشلار ئورنىدىن قوزغىلىپ،

19ئېقىن سۇلار تاشلارنى يالاپ،

كەلكۈن تۇپراقلارنى ئېلىپ كەتكەندەك،

ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى بىتچىت قىلىسەن.

20سەن مەڭگۈ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىسەن، ئۇ غايىب بولىدۇ،

سەن ئۇنىڭ چىرايىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ دۇنيادىن جۇدا قىلىسەن.

21ئوغۇللىرى چوڭ بولۇپ، شەرەپ قۇچسىمۇ ئۇ بىلمەيدۇ،

ئۇلار شەرمەندە بولسىمۇ ئۇنىڭ خەۋىرى بولمايدۇ.

22ئۇ پەقەت تېنىدىكى ئازابنىلا ھېس قىلىدۇ،

ئۆزى ئۈچۈن ھەسرەت چېكىدۇ.»

15

ئەلىفاز: خۇدادىن قورقمامسەن؟

1تېمانلىق ئەلىفاز بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

2«ئەقىللىق ئادەم مۇنداق ھېكمەتسىز سۆزلەرنى قىلامدۇ؟

بۇ شامال بىلەن قورساق تويدۇرغاندەك ئىش ئەمەسمۇ؟

3ئەلۋەتتە، ئۇ پايدىسىز سۆزلەرنى قىلمايدۇ،

كېرەكسىز سۆزلەرنى ئىشلىتىپ مۇنازىرىلەشمەيدۇ.

4سەن خۇدادىن ئەيمەنمىدىڭ،

ئۇنى سېغىنغانلارغا توسقۇنلۇق قىلدىڭ.

5گۇناھلىرىڭ ئاغزىڭنى باشقۇرىدۇ،

سەن مەككار ئادەمدەك سۆزلەيسەن.

6سېنى گۇناھكار قىلغان مەن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنىڭ ئاغزىدۇر،

لەۋلىرىڭ سېنىڭ گۇناھىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

 

7سەن ئەڭ ئاۋۋالدا ئاپىرىدە بولغانمىدىڭ؟!

تاغلاردىن بۇرۇن يارىتىلغانمىدىڭ؟!

8خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى يىغىلىشتا، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟!

‹ئەقىل-پاراسەت يالغۇز مەندىلا بار› دەپ قالغانمىدىڭ؟!

9سەن بىلگەن ھەممە ئىشنى بىزمۇ بىلمەمتۇق؟!

بىزگە ئېنىق بولمىغان ئىشلارنى سەن بىلەمتىڭ؟!

10بۇ يەردە بىزگە بىلىم بەرگەن ئاق چاچلىق ياشانغان كىشىلەر بار،

ئۇلار سېنىڭ داداڭدىنمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەردۇر.

11خۇدانىڭ تەسەللىسى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟

ئۇنىڭ ساڭا ئېيتقان مۇلايىم سۆزلىرى ئازمىدى؟

12نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتىڭ بويىچە ئىش قىلىسەن؟

نېمە ئۈچۈن كۆزلىرىڭدىن غەزەپ ئوتىنى چاچرىتىسەن؟

13خۇداغا غەزەپلەنگەنلىكىڭدىن،

شۇڭا شۇنداق رەزىل سۆزلەرنى قىلىۋاتامسەن؟

14ئادەم بولسىلا پاك بولامدۇ؟

ئايالدىن تۇغۇلسىلا ئادىل بولامدۇ؟

15خۇدا ھەتتا پەرىشتىلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن،

ئاسمانمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە،

16گۇناھلارنى سۇدەك ئىچىدىغان، رەزىل، بۇزۇلغان بىر ئىنسان قانداق بولار؟

 

17ئى ئايۇپ، سۆزلىشىمگە رۇخسەت قىل، گېپىمگە قۇلاق سال،

كۆرگەنلىرىمنى ساڭا بايان ئەيلەي.

18بۇ ئاقىللارنىڭ تەلىمىدۇر،

ئاقىللار ئەجدادلىرىنىڭ تەربىيەلىرىنى بىزگە يوشۇرماي ئۆگەتتى.

19بۇ زېمىن ئۇلارغا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەنىدى،

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يامان تەسىر بېرىدىغان ئىمانسىز ياتلار يوق ئىدى.

20رەزىللەر ئۆمۈر بويى ئازاب چېكىدۇ،

زالىملار بىر ئۆمۈر جاپا تارتىدۇ.

21ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىدىن ۋەھىمىلىك ئاۋاز كەتمەيدۇ،

ئۇلار ئاسايىشلىق كۈنلىرىدە قاراقچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.

22ئۇلار زۇلمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالايدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلىمايدۇ،

ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە قىلىچتا ئۆلۈش پۈتۈلگەندۇر.

23ئۇلار سەرسان بولۇپ، يېمەكلىككە زار بولىدۇ،

زۇلمەتلىك كۈنلەرنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى تۇيىدۇ.

24جاپا ۋە ئازاب ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ،

خۇددى ھۇجۇم قىلماقچى بولغان پادىشاھقا ئوخشاش، ئۇلارغا قورقۇنچ سالىدۇ.

25چۈنكى ئۇلار خۇداغا مۇشت ئېتىپ،

ھەممىگە قادىر خۇدا بىلەن قارشىلاشتى.

26ئۇلار قوللىرىغا قېلىن قالقانلىرىنى ئېلىپ،

مەغرۇرلانغان ھالدا خۇداغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى.

27ئۇلارنىڭ يۈزى گۆشكە، بېلى مايغا تولغانىدى.

28ئۇلار خارابىغا ئايلانغان شەھەرلەردە،

يەنى ۋەيران قىلىنغان ئۆيلەردە ياشايدۇ.

29ئۇلار ئەمدى باياشات ياشىيالمايدۇ،

بايلىقى ئۇلاردىن تارتىۋېلىنىدۇ،

ھەتتا ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە سايىسىمۇ قالمايدۇ.

30ئۇلار زۇلمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،

قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنىڭ شاخلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ،

خۇدانىڭ نەپىسى ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ.

31ئۇلار ئۆزىنى ئالداپ، بىھۇدىلىككە ئىشەنمىسۇن،

بولمىسا بىھۇدىلىك ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن ئىنئامى بولىدۇ.

32ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ، شاخلار قۇرۇپ كەتكەندەك،

ئۇلارمۇ قۇرۇپ كېتىپ قايتا كۆكلىمەيدۇ.

33ئۇلار ئۈزۈملىرى پىشماي تۇرۇپ مېۋىلىرى تۆكۈلۈپ چۈشكەن ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ.

ئۇ چېچىكى ئېچىلىپلا توزۇپ كەتكەن زەيتۇن دەرىخىگە ئوخشايدۇ.

34ئىمانسىزلار ئەۋلاد قالدۇرالمايدۇ،

پارا ئالغۇچىنىڭ چېدىرى كۆيۈپ كېتىدۇ.

35ئۇلارنىڭ ھامىلىدار بولغىنى يامانلىق، تۇغقىنى گۇناھتۇر،

قورسىقىدا تەييارلىغىنى ھىيلە-مىكىردۇر.»

16

ئايۇپ: دوستلار مۇشۇنداق تەسەللى بېرەمدۇ؟

1ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«بۇنداق سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن،

يامان تەسەللىلىرىڭلار ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ.

3قۇرۇق سۆزۈڭلار تۈگىمەمدۇ؟

نېمە ئىش سىلەرنى بۇنداق توختىماي سۆزلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ؟

4ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولساڭلار،

مەنمۇ سىلەرگە بۇنداق سۆزلەرنى قىلالايتتىم،

بېشىمنى چايقاپ، سىلەرنى ئەيىبلىيەلەيتتىم.

5لېكىن مەن سىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ،

تەسەللىلىرىم بىلەن ئازابىڭلارنى يەڭگىللىتەتتىم.

 

6سۆزلىسەم ئازابىم يەڭگىللىمەيدۇ،

لېكىن سۈكۈت قىلسام ئازابتا قالىمەن.

7ئى خۇدا، مېنى ھالىمدىن كەتكۈزدۈڭ،

ئائىلەمنى ۋەيران قىلدىڭ.

8مېنى ئورۇقلىتىپ، قاقشال قىلدىڭ،

ئورۇقلۇقۇم گۇناھىمنىڭ ئىسپاتى بولدى.

9خۇدا غەزىپى بىلەن تېنىمنى تىتىۋەتتى، ماڭا زىيانكەشلىك قىلدى،

ئۇ ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ،

دۈشمەنلىككە تولغان غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى.

10كىشىلەر مېنى مەسخىرە قىلماقتا،

يۈزۈمگە شاپىلاق ئۇرۇپ كەمسىتمەكتە،

بىرلىشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا.

11خۇدا مېنى يامانلارغا،

رەزىللەرنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى.

12ئەسلىدە مەن خاتىرجەم ئىدىم، خۇدا مېنى ئېزىۋەتتى،

بوينۇمدىن ئېلىپ يەرگە ئاتتى،

ئوقىغا نىشان قىلدى.

13ئۇنىڭ ئوقياچىلىرى مېنى ئارىغا ئېلىۋالدى،

رەھىمسىزلەرچە ئاتقان ئوقلىرى يۈرەك-باغرىمنى تېشىپ،

ئۆتۈمنى يەرگە تۆكتى.

14ئۇ قايتا-قايتا مېنى زەخىملەندۈرگەندە،

خۇددى پالۋاندەك ماڭا ئېتىلدى.

15مەن ماتەملىك كىيىم تىكىپ كىيىپ،

شان-شەرىپىمنى توپىغا كۆمۈۋەتتىم.

16يىغىدىن مەڭزىلىرىم قىزىرىپ،

قاپاقلىرىم قارىداپ كەتتى.

17ئەمما مەن زوراۋانلىق قىلمىدىم،

دۇئالىرىم سەمىمىي بولدى.

 

18ئېھ زېمىن، قېنىمنى يوشۇرما،

نىدالىرىمنى توسما.

19مانا، ھازىر مېنىڭ گۇۋاھچىم ئەرشتىدۇر،

مېنى ئاقلىغۇچى بۈيۈكلۈكتىدۇر.

20دوستلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ،

مەن خۇدا ئالدىدا ياش تۆكمەكتىمەن.

21خۇددى ئىنسانلار ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈچى بولغىنىدەك،

ئىنسانلار بىلەن خۇدا ئارىسىدىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولسا ئىدى-ھە!؟

22چۈنكى كۈنلىرىم ئاز قالدى،

ئۇزاققا قالماي بارسا كەلمەس جايغا كېتىمەن.»

17

ئۈمىدىم قېنى؟

1«مەن تۈگەشتىم، كۈنلىرىم ئاز قالدى،

قەبرە مېنى كۈتمەكتە.

2مەسخىرىچىلەر مېنى قورشىۋالدى،

ئۇلارنىڭ مېنى ئەخمەق قىلىشلىرىغا قاراپ تۇرۇشۇمدىن باشقا ئامالىم يوق.

 

3ئى خۇدا، ماڭا كېپىل بولۇشۇڭنى ئۆتۈنىمەن،

چۈنكى سەندىن باشقا ھېچكىم ماڭا كېپىل بولالمايدۇ.

4سەن ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى خىرەلەشتۈردۈڭ،

شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرمەيسەن.

5كىشىلەر بايلىقنى دەپ دوستلىرىغا ساتقۇنلۇق قىلسا،

بالىلىرى كور بولىدۇ.

 

6خۇدا مېنى كىشىلەرنىڭ مازاق نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى،

ئۇلار يۈزۈمگە تۈكۈرمەكتە.

7ئازاب كۆزۈمنى خىرەلەشتۈردى،

ئورۇقلاپ قاقشال بولدۇم.

8بۇ ئىش دۇرۇس ئادەملەرنى ئەجەبلەندۈرۈپ،

بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئىمانسىزلارغا قارشى تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

9ھەققانىيلار ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ،

قولى پاك ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئاشىدۇ.

 

10قېنى، سىلەر يەنە بىر قېتىم كېلىڭلارچۇ!

ئىزدىسەم ئىچىڭلاردىن بىرمۇ دانىشمەن تېپىلمايدۇ.

11كۈنلىرىم ئاز قالدى، ئارمانلىرىم يوق بولدى،

كۆڭلۈمنىڭ ئارزۇلىرى بەربات بولدى.

12دوستلىرىم كېچىنى كۈندۈز دەيدۇ،

ئەتراپى قاپقاراڭغۇ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار: ‹يورۇقلۇق يېقىن› دېيىشىدۇ.

13ئەگەر مەن گۆرنى ئۆيۈم دەپ بىلىپ،

قاراڭغۇ لەھەتكە كىرىشنى ئۈمىد قىلسام،

14قەبرىنى ئاتام،

قۇرت-قوڭغۇزلارنى ئانا ۋە ئاچا-سىڭىللىرىم دەپ ئاتىسام،

15ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە قالىدۇ؟

كىم مېنىڭ ئۈمىدىمنى كۆرەلەيدۇ؟

16ئۈمىدىم ئۆلۈم دەرۋازىسىدىن كىرسۇنمۇ؟

تۇپراقتا مەن بىلەن بىرگە ياتسۇنمۇ؟»

18

بىلداد: خۇدا گۇناھكارلارنى جازالايدۇ

1شۇۋاخلىق بىلداد مۇنداق دېدى:

2«قاچانغىچە گەپ يورغىلىتارسەن؟

ياخشى ئويلان، ئاندىن بىز پاراڭلىشايلى.

3بىزنى نېمىشقا ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ھايۋاندەك دۆت كۆرىسەن؟

4سېنىڭ بۇ ئاچچىقىڭ پەقەت ئۆزۈڭنىلا بەربات قىلىدۇ،

زېمىن سېنىڭ سەۋەبىڭدىن تاشلىنىپ قالسۇنمۇ؟

تاشلار ئورنىدىن يۆتكەپ كېتىلسۇنمۇ؟

 

5رەزىللەرنىڭ چىرىغى چوقۇم ئۆچۈرۈلۈشى كېرەك.

ئۇنىڭ مەشئىلى قايتا يانمىسۇن.

6ئۇنىڭ چېدىرىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بولۇپ،

ئۈستىدىكى چىرىغى ئۆچۈرۈلگەندۇر.

7رەزىللەرنىڭ كۈچلۈك پۇتلىرى ئاجىزلىشىپ قالىدۇ،

ئۆز سۇيىقەستلىرى ئۇنى يىقىتىدۇ.

8ئۇ ئۆزى قۇرغان تورغا ئۆزى چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىنىدۇ.

9قاپقان ئۇنىڭ پۇتىنى قىسىۋالىدۇ،

تۇزاق ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋالىدۇ.

10ئۇنىڭ ئۈچۈن توپا ئاستىغا قاپقان كۆمۈلگەن بولۇپ،

يولدا ئۇنى قىلتاق كۈتۈپ تۇرىدۇ.

11ئەتراپنى ۋەھىمە قاپلاپ، ئۇنى بارغانچە قىستاپ كەلمەكتە.

12ئاچلىقتىن مادارى كېتىپ،

بالا-قازاغا يولۇقۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

13بەدىنىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ،

ئۆلۈم ئۇنىڭ پۇت-قولىنى يېمەكتە.

14ئۇ تىنچ چېدىرىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ،

ئۆلۈكلەر ھۆكۈمدارىنىڭ يېنىغا ھەيدەپ ئاپىرىلىدۇ.

15ئۇلارنىڭ چېدىرى گۈڭگۈرت چېچىپ تازىلانغاندىن كېيىن،

باشقىلار كېلىپ ئۇلارنىڭ چېدىرىدا ئولتۇرىدۇ.

16ئۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ،

شاخلىرى سولۇشۇپ قالىدۇ.

17ئۇلار دۇنيادىن نام-نىشانسىز غايىب بولىدۇ،

ئىسمى ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ.

18ئۇلار يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا ھەيدەپ كىرىلىپ،

بۇ دۇنيادىن قوغلىنىدۇ.

19ئۇلار جەمەتى ئىچىدە ئۇرۇق-ئەۋلادسىز قالىدۇ،

ئۇنىڭ ماكانىدا ھېچكىم ھايات قالمايدۇ.

20ئۇنىڭ ئاقىۋىتى غەربتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرسا،

شەرقتىكىلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ.

21مانا بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ تەقدىرى،

خۇدانى تونۇمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.»

19

ئايۇپ: قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر

1ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«سىلەر مېنى قاچانغىچە قىينايسىلەر؟

سۆزلىرىڭلار بىلەن قاچانغىچە ئېزىسىلەر؟

3مېنى توختىماي ھاقارەت قىلدىڭلار،

خورلىغانلىقىڭلاردىن نومۇس قىلمىدىڭلار.

4ئەگەر مەن راست خاتا قىلغان بولسام،

ئۇ پەقەت مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىشىدۇر.

5ئەگەر سىلەر بىز سەندىن ياخشى، دەپ ئويلىساڭلار ۋە

خورلۇقلىرىم ئارقىلىق مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار،

6خۇدانىڭ ماڭا ئۇۋال قىلغانلىقىنى،

ماڭا قىلتاق قۇرغانلىقىنى بىلىشىڭلار كېرەك.

7‹ئۇۋال بولدى› دەپ قاقشىساممۇ ھېچكىم ماڭا قۇلاق سالمىدى،

‹قۇتقۇزۇڭلار› دەپ ۋارقىرساممۇ ھېچكىم ماڭا ئادالىتىنى كۆرسەتمىدى.

8خۇدا ئالدىمغا تام سوقۇپ يولۇمنى توستى،

يولۇمنى قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلاتتى.

9ئۇ شان-شەرىپىمنى تارتىۋالدى،

بېشىمدىكى تاجىمنى ئېلىۋالدى.

10تاكى مەن تۈگەشكۈچە ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ،

ئۈمىدلىرىمنى خۇددى دەرەخنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇۋالغاندەك يوق قىلىدۇ.

11ئۇ ماڭا غەزەپلەندى، مېنى دۈشمەن كۆردى.

12ئۇنىڭ بۈيۈك قوشۇنى قىستاپ كەلدى،

چېدىرىم ئەتراپىدا بارگاھ قۇرۇپ، مېنى قورشاۋغا ئالدى.

 

13قېرىنداشلىرىمنى مەندىن يىراقلاشتۇردى،

تونۇشلىرىم مەندىن يۈز ئۆرۈدى.

14تۇغقانلىرىم مېنى تاشلاپ كەتتى،

دوستلىرىم مېنى ئۇنتۇدى.

15مېھمانلىرىم ۋە دېدەكلىرىم ماڭا يات كىشىدەك قارايدۇ،

خۇددى يات خەلقنىڭ ئادىمىدەك كۆرىدۇ.

16چاكارلىرىمنى چاقىرسام جاۋاب بەرمەيدۇ،

يالۋۇرساممۇ كارى بولمايدۇ.

17ئايالىم ھىدىمدىن بىزار،

قېرىنداشلىرىممۇ مەندىن نەپرەتلىنىدۇ.

18ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ مېنى كۆزگە ئىلمايدۇ،

ئورنۇمدىن تۇرساملا، مېنى مەسخىرە قىلىدۇ.

19يېقىن دوستۇممۇ ماڭا ئۆچلۈك قىلىدۇ،

مەن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرمۇ ماڭا قارشى.

20مەن بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىم،

ئۆلۈم بىلەن مەن ئوتتۇرامدا پەقەت قىلدەك ئارىلىق قالدى.

 

21ئەي دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن!

چۈنكى خۇدا مېنى ئۇردى.

22خۇددى خۇدا مېنى قىستىغاندەك، نېمە ئۈچۈن سىلەرمۇ مېنى قىستايسىلەر؟

نېمە ئۈچۈن مېنى غاجايسىلەر؟

 

23سۆزلىرىمنى يېزىپ قويۇشۇڭلارنى،

يازمىلارغا پۈتۈپ قويۇشۇڭلارنى،

24تۆمۈر بىلەن قورام تاشقا ئويۇپ، قوغۇشۇن بىلەن يېزىپ قۇيۇشۇڭلارنى سورايمەن،

ئۇ مەڭگۈ ساقلانسۇن.

25قوغدىغۇچىمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىمەن،

ئۇ ئاخىر بىر كۈنى زېمىنغا دەسسەيدۇ.

26گەرچە تېرەم سېسىپ كەتكەن بولسىمۇ،

لېكىن مەن يەنىلا ئاشۇ تېنىمدە خۇدانى كۆرىمەن.

27ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن،

شۇنداق، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن،

قەلبىم تەشنالىققا تولغاندۇر.

 

28سىلەر: «ئاپەت يىلتىزى ئۇنىڭدا تۇرسا،

بىز قانداق ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز» دەپ ئويلايسىلەر.

29سىلەرمۇ خۇدانىڭ قىلىچىدىن قورقۇشۇڭلار كېرەك،

چۈنكى ئۇ غەزەپ ئىچىدە قىلىچ بىلەن جازالايدۇ،

شۇ چاغدىلا سىلەر سوراق كۈنىنىڭ بارلىقىنى بىلىسىلەر.»

20

زوفار: خۇدا گۇناھكارلارنى جازالايدۇ

1نائامالىق زوفار مۇنداق دېدى:

2«ئىچىم تىتىلداپ، بىئارام بولۇۋاتىمەن،

گەپلىرىمنى دېۋالمىغۇچە خاتىرجەم بولالمايمەن.

3مېنى ھاقارەتلەيدىغان ئەيىبلەشلىرىڭنى ئاڭلىدىم،

ئەقلىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستاۋاتىدۇ.

4قەدىمدىن تا ھازىرغىچە،

دۇنياغا ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى،

5گۇناھكارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى،

ئىمانسىزنىڭ خۇشاللىقىنىڭ بىردەملىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭ؟

6گەرچە ئۇنىڭ مەغرۇرلۇقى پەلەككە يەتسىمۇ،

بېشى بۇلۇتقا تاقاشسىمۇ،

7ئۇ خۇددى ئۆزىنىڭ پوقىدەك مەڭگۈ يوقىلىدۇ.

ئۇنى تونۇغانلار: ‹ئۇ نەگە كەتتى؟› دەپ سورايدۇ.

8ئۇ خۇددى چۈشتەك يوقايدۇ ۋە تاپقىلى بولمايدۇ،

كېچىسى پەيدا بولغان خىيالدەك غايىب بولىدۇ.

9ئۇنى كۆرگەنلەر قايتا كۆرەلمەيدۇ،

يۇرتىدىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدۇ.

10ئۇنىڭ بالىچاقىلىرى يوقسۇللارغا تۆلەم بېرىپ،

ھارام توپلىغان بايلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

11گەرچە ئۇنىڭ تېنى ياشلىق كۈچىگە تولغان بولسىمۇ،

لېكىن ئۇ يەنىلا تۇپراققا كۆمۈلىدۇ.

 

12رەزىللىك ئۇنىڭغا تاتلىق تېتىغاچقا،

ئۇنى تىلىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ،

13ئاستا-ئاستا شۈمۈپ، تەمىنى تېتىيدۇ.

14رەزىللىك قورسىقىدا ئاچچىققا ئۆزگىرىپ،

زەھەرلىك يىلاننىڭ زەھىرىگە ئايلىنىدۇ.

15ئۇ يۇتۇۋالغان بايلىقلارنى قۇسۇپ چىقىرىدۇ،

خۇدا ئۇنى تەتۈر ئۆرۈپ قورسىقىنى تۆكىدۇ.

16ئۇ كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ زەھىرىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ،

ئۇ زەھەرلىك يىلان تەرىپىدىن چېقىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

17ئۇ توختىماي ئېقىپ تۇرغان بال ۋە سۈزمىدىن بەھرىلىنەلمەيدۇ.

18ئۇ تاپقان پۇلىدىن پايدىلىنالماي قايتۇرۇپ، تۆلەمگە بېرىدۇ،

سودا-سېتىق قىلىپ تاپقان بايلىقلىرىدىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ.

19چۈنكى ئۇ يوقسۇللارنى ئەزدى، كارى بولماي تاشلىۋەتتى،

باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالدى.

 

20ئۇ ئىنتايىن ئاچ كۆز ئىدى،

ئۇنىڭ بايلىقى ئۇنى قۇتقۇزالمىدى.

21ئۇ ھەممىنى يۇتۇۋالغاچقا ھېچنېمە قالمىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بەخت-سائادىتى ئۇزاققا بارمايدۇ.

22ئۇنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا ئازابقا يولۇقىدۇ،

ھەر خىل بالا-قازا سوڭدىشىپلا كېلىدۇ.

23ئۇ ئۆز قورسىقىنى تويدۇرغاندا،

خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپ ئوتىنى چاچىدۇ،

ئۈستىگە زەربىلىرىنى ياغدۇرىدۇ.

24ئۇ تۆمۈر تىغدىن قۇتۇلۇپ قالسىمۇ،

بىراق تۇچ ئوق ئۇنى تېشىپ ئۆتىدۇ.

25ئۆتكۈر يا ئوقى دۈمبىسىدىن تېشىپ چىققاندا،

پارقىراق ئوق بېشى ئۆت خالتىسىنى يىرتىپ ئۆتكەندە،

ئۇنى ۋەھىمە باسىدۇ.

26ئۇنىڭ بايلىقلىرى زۇلمەت ئىچىدە غايىب بولىدۇ،

ئىلاھىي ئوت ئۇنى يالماپ يۇتىدۇ،

چېدىرىدىكى نەرسىلىرىنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدۇ.

27ئاسمان ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئاشكارىلايدۇ،

زېمىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى ئەيىبلەيدۇ.

28خۇدانىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى

كەلكۈن ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلىدۇ.

29بۇ خۇدانىڭ رەزىللەرگە بېرىدىغان ئاقىۋىتىدۇر،

ئۇلارغا بېرىدىغان نېسىۋىسىدۇر.»

21

ئايۇپ: گۇناھكارلار جازالانمايدۇ!

1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

2«سۆزلىرىمنى ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار،

بۇ سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەسەللىلىرىڭلار بولسۇن.

3سۆزلىرىم تۈگىگۈچە چىداپ ئاڭلاڭلار،

ئۇنىڭدىن كېيىن مەسخىرە قىلساڭلارمۇ ئۈلگۈرىسىلەر.

4ئەجەبا، مەن ئىنسانلاردىن ئاغرىنىۋاتىمەنمۇ؟

تاقەتسىزلىنىشكە سەۋەبىم بار.

5مېنى كۆرسەڭلار ھەيران قالىسىلەر،

ھاڭ-تاڭ بولۇپ، ئاغزىڭلارنى قولۇڭلاردا ئېتىۋالىسىلەر.

6ئەھۋالىمنى ئويلىساملا قورقۇپ كېتىمەن،

پۈتۈن بەدىنىمنى تىترەك باسىدۇ.

7نېمە ئۈچۈن رەزىللەر ياشايدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، كۈچى زورىيىدۇ؟

8ئۇلارنىڭ بالىچاقىلىرى چوڭ بولۇپ، تۇرمۇشقا چىقىدۇ،

نەۋرىلىرىنىڭمۇ ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقىنى كۆرىدۇ.

9ئۇلارنىڭ ئائىلىسى خاتىرجەم، بىخەتەردۇر،

ئۇلار خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ.

10ئۇلارنىڭ بۇقىلىرى كۈچلۈكتۇر،

ئىنەكلىرى زىنھار قىسىر قالمايدۇ ھەم بالىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ.

11ئۇلارنىڭ بالىلىرى سىرتلاردا خۇددى قوي پادىلىرىدەك خۇشال ھالدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ.

12ئۇلار داپ بىلەن لىراغا تەڭكەش قىلىشىپ ناخشا ئېيتىشىدۇ،

نەي ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ.

13ئۇلار بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشاپ، خاتىرجەم ھالدا باقىي دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.

14ئۇلار خۇداغا: ‹بىزدىن نېرى بول، سېنىڭ يولۇڭنى ئۆگەنگۈمىز يوق.

15كىمكەن ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا دېگەن، ئۇنىڭغا نېمىشقا ئىبادەت قىلغۇدەكمىز؟

ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار ئىكەن› دېيىشىدۇ.

16ئۇلار: ‹بەختىم ئۆز قولۇمدىن كەلگەن› دەپ ئويلايدۇ،

لېكىن مەن ئۇلارنىڭ پىكىرىگە قەتئىي قوشۇلمايمەن.

 

17رەزىللەرنىڭ چىرىغى قاچان ئۆچۈپ باققان؟

ئۇلار قاچان بالا-قازاغا يولۇقۇپ باققان؟

خۇدانىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئۇلارنى قاچان جازالاپ باققان؟

18ئۇلار قاچان شامالدا قالغان ساماندەك،

بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن توپاندەك بولۇپ باققان؟

19سىلەر: ‹خۇدا جازاسىنى ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا بېرىدۇ› دەيسىلەر،

ئەمما مەن: ‹ئۇلارنىڭ ئۆزىنى جازالاپ،

جازانىڭ تەمىنى ئۆزلىرىگە تېتىتىپ باقسۇن!› دەيمەن.

20ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن،

ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ تەمىنى ئۆزلىرى تېتىسۇن.

21ئۇلارنىڭ ۋاقتى توشۇپ، دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن،

ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ غېمىنى يېيەلمەيدۇ.

 

22خۇدا ئەرشتىكى ئۇلۇغلارنىمۇ سوراققا تارتالايدىغان تۇرسا،

كىممۇ ئۇنىڭغا بىلىم بېرەلىسۇن؟

23بەزىلەرنىڭ تاكى ئۆلگۈچە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ،

خاتىرجەم، راھەت-پاراغەتتە ياشايدۇ.

24ئۇلارنىڭ قۇۋۋىتى تولۇق،

سۆڭەكلىرى بەردەم بولىدۇ.

25بەزىلەر ئۆلگۈچە ئازاب بىلەن ياشايدۇ،

بەختنىڭ تەمىنى ئەسلا تېتىپ باقمايدۇ.

26ھەر ئىككىلىسى تۇپراققا كۆمۈلۈپ، قۇرت-قوڭغۇزلارغا يەم بولىدۇ.

 

27سىلەرنىڭ خىيالىڭلارنى، ماڭا ئۇۋال قىلىۋاتقان ھىيلە-مىكرىڭلارنى ياخشى بىلىمەن.

28سىلەر ‹زالىم ھوقۇقدارلارنىڭ ئۆيى قەيەردە،

رەزىللەرنىڭ چېدىرى نەگە كەتتى؟› دەپ سورايسىلەر.

29ئەجەبا، سىلەر يولۇچىلاردىن سوراپ باقمىغانمۇ؟

ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغانمۇ؟

30شۇنداق، رەزىللەر ئاپەت كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ،

خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ.

31كىممۇ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىيەلىسۇن،

كىممۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا لايىق جازاسىنى بېرىدۇ؟

32ئۇلار قەبرىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ،

ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى باقىدىغانلار چىقىدۇ.

33ئۇلار سان-ساناقسىز ئۆلۈم ئۇزاتقۇچىلارنىڭ داغدۇغىسى بىلەن قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىلىدۇ،

داق يەرمۇ ئۇنىڭ جەسىتىگە ئارام بېرىدۇ.

34سىلەرنىڭ قۇرۇق گېپىڭلار ماڭا تەسەللى بېرەلەرمۇ؟

سىلەرنىڭ جاۋابىڭلار يالغانچىلىقتۇر.»

22

ئەلىفاز: ئايۇپنىڭ گۇناھى ئېغىر

1تېمانلىق ئەلىفاز جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«ئادەم خۇداغا قانچىلىك پايدا يەتكۈزەلەيدۇ،

ھەتتا ئۇ ئەقىللىق ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ خۇداغا قانچىلىك پايدا يەتكۈزەلەيدۇ؟

3ئەجەبا، ھەممىگە قادىر خۇدا سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭدىن شادلىنىپ،

ئىشلىرىڭنىڭ پاكلىقىدىن پايدىغا ئېرىشەرمۇ؟

4خۇدا سېنىڭ ئۇنىڭغا ئىخلاسمەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن،

سېنى ئەيىبلەمدۇ، سوراققا تارتامدۇ؟

5ئەجەبا، سېنىڭ گۇناھىڭ ئېغىر، جىنايىتىڭ ھېسابسىز ئەمەسمىدۇ؟

6سەن قېرىنداشلىرىڭنىڭ گۆرۈگە قويغان مال-مۈلكىنى سەۋەبسىز ئېلىۋالدىڭ،

نامراتلارنىڭ كىيىملىرىنى تارتىۋالدىڭ.

7سەن چاڭقىغانلارغا سۇ، قورسىقى ئاچقانلارغا تاماق بەرمىدىڭ.

8سەن مەرتىۋىلىك، يەرنىڭ ئىگىسى ھەم

ئۆز يېرىڭدە ياشايدىغان ئابرۇيلۇق ئادەم تۇرۇقلۇق،

9تۇل ئاياللارنى قۇرۇق قول قايتۇردۇڭ،

يېتىملەرنىڭ قولىنى سۇندۇردۇڭ.

10شۇڭا ئەتراپىڭنى تۇزاقلار قاپلاپ،

سېنى تۇيۇقسىز ۋەھىمە باستى.

11قاراڭغۇلۇق نەزىرىڭنى توسۇۋالدى،

كەلكۈن سېنى يۇتۇپ كەتتى.

12خۇدا ئەرىشتە ئەمەسمۇ؟

قارا، يۇلتۇزلار نېمىدېگەن ئېگىزدە-ھە!

13بىراق سەن: ‹خۇدا نېمىنى بىلەتتى،

ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قانداقسىگە سوراق قىلالىسۇن؟

14ئۇ ئاسمان گۇمبىزىنى چارلاپ يۈرگەندە،

بۇلۇتلار ئۇنىڭ نەزىرىنى تۇسۇۋالىدىغان تۇرسا› دەيسەن.

15ئەجەبا، سەن رەزىللەر ماڭغان كونا يولدا داۋاملىق ماڭماقچىمۇسەن؟

16ئۇلار ئەجىلى توشماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى،

ئۆمۈر يىلتىزلىرىنى سەل ئېقىتىپ كەتتى.

17ئۇلار خۇداغا: ‹بىزدىن يىراق تۇرغىن،

ئەي ھەممىگە قادىر خۇدا، بىزنى زادى نېمە قىلماقچىسەن؟› دېدى.

18ئەمما خۇدا يەنىلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى نەرسىلەر بىلەن تولدۇردى.

لېكىن مەن ئۇنداق رەزىللەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە قوشۇلمايمەن.

19ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن خۇشاللىنىپ،

گۇناھسىزلار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشىپ:

20‹دۈشمەنلىرىمىز ۋەيران بولۇشتى،

مال-مۈلكىنى ئوت يالماپ كەتتى› دېيىشىدۇ.

 

21شۇڭا سەن خۇداغا بويسۇنغىن، ئۇنىڭ بىلەن ئىناق ئۆتكىن،

شۇ چاغدا ساڭا بەخت-سائادەت كېلىدۇ.

22ئۇنىڭ تەلىملىرىنى قوبۇل قىلغىن،

سۆزلىرىنى قەلبىڭدە ساقلىغىن.

23ئەگەر سەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ كەلسەڭ، ئەسلىڭگە كېلىسەن.

گۇناھلىرىڭنى چېدىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ،

24ئالتۇنۇڭدىن ۋاز كەچسەڭ،

ئوفىردىن كەلگەن ئالتۇنلىرىڭنىمۇ تاشلىق سايغا تاشلىساڭ،

25ھەممىگە قادىر خۇدا سېنىڭ ئالتۇنۇڭ،

قىممەتلىك كۈمۈشۈڭ بولىدۇ.

26شۇندىلا سەن ھەممىگە قادىر خۇدادىن خۇشاللىق تاپالايسەن،

بېشىڭنى كۆتۈرۈپ خۇداغا قارىيالايسەن.

27ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ ئاڭلايدۇ،

ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسەن.

28قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنىڭ ھەممىسى غەلىبىلىك بولىدۇ،

يوللىرىڭنى نۇر يورۇتىدۇ.

29كىشىلەرنىڭ قەدىرى بولمىغاندا ‹قەددىڭنى كۆتۈر!› دەيسەن،

خۇدا ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.

30ئۇ ھەتتا گۇناھكارلارنىمۇ قۇتقۇزىدۇ،

ئۇلار سېنىڭ پاكلىقىڭدىن نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.»

23

ئايۇپ: خۇدا نەدە تۇرىدۇ؟

1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

2«مەن تاكى بۈگۈنگىچە ئازاب ئىچىدە شىكايەت قىلماقتىمەن،

مەن نالە قىلساممۇ، ئۇ ماڭا ئازاب سېلىۋاتىدۇ.

3خۇدا نەدە تۇرار؟

بىلسەم، ئۇنىڭ تۇرىدىغان يېرىگە باراتتىم.

4ئۇنىڭغا ئەرزىمنى ئېيتاتتىم،

ئەرزىمنى تولۇق ئىسپاتلاپ سۆزلەيتتىم.

ئەرزىم ھەققىدە دەۋالىشاتتىم.

5ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان جاۋابىنى،

نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ باققۇم بار.

6ئۇ قۇدرەتلىك تۇرۇپ، مەن بىلەن تاكاللىشارمۇ؟

ئۇنداق قىلمايدۇ، كۆڭۈل قويۇپ شىكايىتىمنى ئاڭلايدۇ.

7ئۇ يەردە دۇرۇس ئادەم ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدۇ،

ئۇ مېنى ئاقلاپ، ھۆكۈمىدىن مەڭگۈ خالاس قىلىدۇ.

 

8كۈنچىقىشقا باردىم، خۇدا ئۇ يەردە يوق ئىدى،

كۈنپېتىشقا باردىم، ئۇ يەردىنمۇ ئۇنى تاپالمىدىم.

9ئۇ شىمالدا بىر ئىش قىلغاندىمۇ ئۇنى تاپالمىدىم،

ئۇ جەنۇبقا كەلگەندىمۇ ئوخشاشلا تاپالمىدىم.

10لېكىن ئۇ مېنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىمنى بىلىدۇ.

ئۇ مېنى سىنىسا، مەن ئالتۇنغا ئوخشاش چىقىمەن.

11مەن ئۇنىڭ قەدىمىگە ئەگەشتىم،

ئۇنىڭ يولىنى تۇتتۇم، ھېچ چەتنىمىدىم.

12ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنىمىدىم،

ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قەدىرلىشىم يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

13خۇدا قارارىدا قەتئىي تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قارارىنى كىممۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ؟

ئۇ ئۆزىنىڭ خالىغىنى بويىچە ئىش قىلىدۇ.

14ئۇ ماڭا قارشى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ،

ئۇنىڭ بۇنداق پىلانلىرى ناھايىتى كۆپتۇر.

15شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، پاراكەندە بولىمەن.

بۇ ئىشنى ئويلىساملا ۋەھىمىدە قالىمەن.

16خۇدا مېنى قورقۇتتى، جۈرئىتىم قالمىدى.

ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى پاراكەندە قىلماقتا.

17ئەمما تېنىمنى زۇلمەت،

يۈزۈمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن.

24

ئايۇپ: خۇدا رەزىللەرنى قاچان جازالىغان؟

1ھەممىگە قادىر خۇدا نېمىشقا سوئال-سوراق كۈنىنى بەلگىلىمەيدۇ؟

ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەمنى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار ساقلىتىدۇ؟

2رەزىللەر پاسىل تېشىنى يۆتكىۋېتىپ، يەرنى ئېلىۋالىدۇ،

قويلارنى ئوغرىلاپ، ئۆز پادىلىرىغا قوشۇپ باقىدۇ.

3ئۇلار يېتىملەرنىڭ ئېشەكلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ،

تۇل ئاياللارنىڭ ئۆكۈزىنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدۇ.

4ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن ھەيدەيدۇ،

يوقسۇللارنى يوشۇرۇنۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

 

5نامراتلار بالاچاقىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن

خۇددى چۆل-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك،

ئوزۇق ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ.

6ئۇلار ئېتىزلاردىكى قالدۇق زىرائەتلىرىنى ئورۇۋالىدۇ،

رەزىللەردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەرنى تېرىۋالىدۇ.

7ئۇلار كېچىلەرنى يالىڭاچ ئۆتكۈزىدۇ،

ئۇلارنىڭ سوغۇقتىن دالدا قىلغۇدەك يېپىنچىلىرى يوق.

8ئۇلار تاغ يامغۇرلىرىدا ھۆل بولۇپ كەتسە،

قىيا تاشلارنى دالدا قىلىدۇ.

9رەزىللەر تۇل ئاياللارنىڭ قۇچىقىدىكى بالىلارنى بۇلاپ كېتىدۇ،

نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى گۆرۈگە ئالىدۇ.

10نامراتلار كىيىمسىز، يالىڭاچ سەرسان يۈرىدۇ.

ئاچ قورساق ھالدا بۇغداي باغلىرىنى توشۇيدۇ.

11ئۇلار رەزىللەرنىڭ زەيتۇنلۇقىدا ياغ تارتىدۇ،

ئۈزۈملەرنى ئېزىپ شەربەت چىقىرىدۇ،

لېكىن چاڭقاپ كەتسىمۇ، شەربەتتىن ئىچەلمەيدۇ.

12شەھەردىن سەكراتتىكىلەرنىڭ نىدالىرى ئاڭلىنىدۇ،

ياردەم تەلەپ قىلغان يارىدارلارنىڭ ئىڭراشلىرى ئۈزۈلمەيدۇ.

لېكىن خۇدا رەزىللەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ.

 

13يورۇقلۇق بىلەن قارشىلىشىدىغان رەزىللەر بار،

ئۇلار پارلاق يولنى تونۇمايدۇ،

ھەم پارلاق يولدىمۇ ماڭمايدۇ.

14قاتىللار تاڭ ئاتماي ئورنىدىن تۇرۇپ،

نامراتلار ۋە موھتاجلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ،

كەچتە يەنە ئوغرىلىق قىلىدۇ.

15زىناخورلار قاراڭغۇ چۈشۈشنى كۈتىدۇ،

ئۇلار ‹بىرسى مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن› دەپ

يۈزلىرىنى يۆگىۋالىدۇ.

16ئوغرىلار كېچىلىرى تام تېشىدۇ،

كۈندۈزلىرى يوشۇرۇنۇۋالىدۇ.

نۇر بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ.

17تاڭ نۇرى ئۇلار ئۈچۈن زۇلمەتلىكتۇر،

كېچىنىڭ قورقۇنچى ئۇلارنىڭ دوستى بولىدۇ.

 

18رەزىللەر سېسىق سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈككە ئوخشايدۇ،

ئۇلارنىڭ يەرلىرى قارغىشقا قېلىپ،

ھېچكىم ئۈزۈمزارلىقلىرىغا بارمايدۇ.

19قۇرغاقچىلىق ۋە ئىسسىق خۇددى قار-مۇزلارنى ئېرىتىپ كەتكەندەك،

گۆرمۇ گۇناھكارلارنى يۇتۇپ كېتىدۇ.

20ئۇلارنى تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇيدۇ،

تېنى قۇرتلارغا يەم بولىدۇ.

ئۇلارنى ئەسلەيدىغان ھېچكىم قالمايدۇ،

رەزىللەر خۇددى قۇرۇپ كەتكەن دەرەختەك سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.

21رەزىللەر تۇغماس، بالىسىز ئاياللارنى خورلايدۇ،

تۇل ئاياللارغا شەپقەت قىلمايدۇ.

22قۇدرەتلىك خۇدا بۇ رەزىل ھوقۇقدارلارنى سۈرۈپ ئەكېتىدۇ.

خۇدا ئۇلارغا قارشى قوزغالسا، ئۇلار ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇشقىمۇ قۇربى يەتمەيدۇ.

23خۇدا ئۇلارنى بىر مەزگىل خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن قىلسىمۇ،

لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.

24ئۇلار قارىماققا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن تېزلا غايىب بولىدۇ،

ئۇلار يەرگە ئۇرۇلۇپ، باشقىلاردەك ھالاك بولىدۇ.

خۇددى باشاقلاردەك ئورۇپ كېتىلىدۇ.

25مېنىڭ دېگەنلىرىم ئەمەلىيەتتۇر، قېنى كىم ئىنكار قىلالايدۇ؟

قېنى كىم دېگەنلىرىمنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟»

25

بىلداد: خۇدانىڭ ئالدىدا كىم ھەققانىي بولالايدۇ؟

1شۇۋاخلىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى:

2«خۇدا ھەممىگە ھوقۇقلۇق ھەم سۈرلۈكتۇر،

ئۇ ئەرىشتە تىنچلىق ئورناتقۇچىدۇر.

3ئۇنىڭ ساماۋى لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى كىم سانىيالايدۇ؟

ئۇنىڭ پارلاق نۇرى قەيەرنى يورۇتمايدۇ؟

4خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنساننى قانداقمۇ ھەققانىي دېگىلى بولسۇن؟

ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلارنى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن؟

5ئۇنىڭ نەزىرىدە ئايمۇ ئۇنچىلىك يورۇق،

يۇلتۇزمۇ ئۇنچىلىك پاك ئەمەس تۇرسا،

6لىچىنكىدەك ئادەمنى،

قۇرتتەك ئىنساننى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن!»

26

ئايۇپ: «خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلۇغدۇر!»

1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

2«سەن ھەقىقەتەن بىر ئاجىزغا چوڭ ياردەم قىلىپسەن!

بىلەكلىرى كۈچسىز ئادەمنى قۇتقۇزۇپسەن!

3مەندەك ئەقىلسىزگە ئېيتقان سۆزلىرىڭ نېمىدېگەن پاساھەتلىك-ھە!

سېنىڭ ھەقىقىي پاراسىتىڭ مۇشۇنداق نامايان بولدى-دە!

4سەن كىمنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ سۆزلەرنى قىلالىدىڭ؟

كىمنىڭ روھى سەن ئارقىلىق سۆزلەۋاتىدۇ؟

 

5سۇ ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر ماكانىدا ياشايدىغان ئەرۋاھلار تىترىمەكتە،

6ئۆلۈكلەر ماكانى خۇدانىڭ ئالدىدا ناماياندۇر، گۆر ئاشكارىدۇر.

7ئۇ شىمالدىكى ئاسماننى بوشلۇق ئۈستىگە يايدى،

زېمىننى بوشلۇققا ئېسىپ قويدى.

8ئۇ سۇلارنى بۇلۇتلار بىلەن يۆگەپ قويسىمۇ،

بۇلۇت ئېغىرلىقىدىن يېرىلىپ كەتمەيدۇ.

9خۇدا ئاينىڭ يۈزىنى يوشۇرۇپ،

ئۈستىگە بۇلۇتلارنى يايدى.

10ئۇ دېڭىز ئۈستىگە ئۇپۇق سىزىقى سىزىپ،

يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى ئايرىدى.

11ئۇنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئاسماننىڭ تۈۋرۈكلىرى تىترەپ، ئالاقزادە بولىدۇ.

12ئۇ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن دېڭىزنى تىنچىتالايدۇ،

ئەقىل-پاراسىتى بىلەن راخابنى ۋەيران قىلالايدۇ.

13ئۇ كۆكتىكى تۇمانلارنى تارقىتىۋېتەلەيدۇ،

قېچىپ كېتىۋاتقان يىلاننى قولىنى شىلتىپلا ئۆلتۈرەلەيدۇ.

14قارا، بۇلار ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ پەقەت كىچىك بىر قىسمىدۇر،

ئاڭلىغىنىمىز پەقەت ئۇنىڭ پىچىرلاشلىرىدۇر، خالاس.

ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىدەك كۈچ-قۇدرىتىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟»

27

ئايۇپ: «گۇناھ قىلمىدىم!»

1ئاندىن ئايۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

2«ماڭا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغان ھەممىگە قادىر خۇدا ۋە

قەلبىمنى قايغۇ-ھەسرەتكە تولدۇرغان مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

3تېنىمدا جېنىم ۋە خۇدا ئاتا قىلغان تىنىقىم بولسىلا،

4يامان سۆزلەر چىقماس ئاغزىمدىن، يالغانچىلىق بولماس تىلىمدا.

5ھېچقاچان سىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىڭلارنى ھەق دەپ قارىمايمەن،

ئۆلگۈچە ئۆزۈمنىڭ ئەيىبسىز ئىكەنلىكىمدە چىڭ تۇرىمەن.

6ئۆزۈمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدە تەۋرەنمەيمەن، مەيدانىمدىن ۋاز كەچمەيمەن،

كۆڭلۈم مېنى ھەرگىز ئەيىبلىمەيدۇ.

 

7دۈشمەنلىرىمنىڭ تەقدىرى رەزىللەرنىڭكىدەك بولغاي،

مەن بىلەن قارشىلاشقانلارنىڭ ئاقىۋىتى گۇناھكارلارنىڭكىدەك بولغاي.

8ئىمانسىزلار يوقىتىلىپ، خۇدا ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ،

ئۇ چاغدا ئۇلاردا يەنە قانداق ئۈمىد بولسۇن؟

9بالايىئاپەت ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە،

خۇدا ئۇلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالارمۇ؟

10ئۇلار ھەممىگە قادىر خۇدادىن خۇشاللىق تاپالامدۇ؟

ئۇلار ھەر ۋاقىت خۇداغا يېلىنىپ تۇرامدۇ؟

11خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سىلەرگە چۈشەندۈرەي،

ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى سىلەردىن يوشۇرمايمەن.

12ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن،

شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا بىمەنە گەپلەرنى قىلىسىلەر؟

 

13تۆۋەندىكىلەر خۇدانىڭ رەزىللەرنىڭ بېشىغا سالغانلىرىدۇر،

ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ زوراۋانلارغا بەرگەن جازاسىدۇر.

14ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى قانچە كۆپ بولسىمۇ بەرىبىر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ،

ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېچقاچان تويۇپ ئۆتمەيدۇ.

15ئامان قالغانلىرى ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ،

تۇل قالغان ئاياللىرى ئۇلارغا ھازا تۇتالمايدۇ.

16گەرچە ئۇلارنىڭ قۇم دۆۋىلىرىدەك ھەددى-ھېسابسىز كۈمۈشلىرى،

لاي دۆۋىلىرىدەك سان-ساناقسىز كىيىم-كېچەكلىرى بولسىمۇ،

17ئۇ كىيىملەرنى ھەققانىيلار كىيىدۇ، كۈمۈشلىرىنى گۇناھسىزلار خەجلەيدۇ.

18رەزىللەرنىڭ سالغان ئۆيلىرى ئۆمۈچۈك تورىدەك ئاجىز،

ئېتىزدىكى كەپىدەك ئىشەنچسىزدۇر.

19ئۇلار بۈگۈن ئاخشام ئۇخلىغاندا باي بولسا، ئەتىسى كۆزىنى ئاچقاندا نامراتتۇر!

20قورقۇنچ ئۇلارنى كەلكۈندەك باسىدۇ،

بوران چاپقۇن كېچىدە ئۇلارنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ.

21شەرق شامىلى ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ،

ئۇلارنى ئۆز ئورنىدىن ئېلىپ كېتىدۇ.

22ئۇلار شامالنىڭ كۈچىدىن قورقۇپ قاچقاندا، شامال ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ.

23دەھشەتلىك بوران ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ، پۇشتەك چېلىپ ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.»

28

ئەقىل-پاراسەت قېنى؟

1كۈمۈش قازىدىغان كانلار بار، ئالتۇن تاۋلايدىغان جايلار بار.

2تۆمۈر يەردىن قېزىپ ئېلىنىدۇ، ئېرىتىلگەن تاشتىن مىس چىقىرىلىدۇ.

3ئىنسانلار قاپقاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ،

ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۈشۈپ،

شۇ قاراڭغۇلۇقتا رۇدا ئىزدەيدۇ.

4ئادەملەر ئادەمزاتسىز يىراق جايلاردا،

ئادەم ئاياغ باسمىغان جايلاردا كانلار ئېچىپ،

چوڭقۇرلۇقلاردا ئارقانلارغا ئېسىلىپ، پۇلاڭلىشىدۇ.

5يەر ئۈستىدىن ئاشلىق چىقىدۇ،

يەر ئاستىدىكى ئوت ھەممە نەرسىنى ئېرىتىدۇ.

6يەر ئاستىدىكى تاشلاردىن كۆك ياقۇت چىقىدۇ،

قۇم ئىچىدە ئالتۇن كۆمۈلۈپ ياتىدۇ.

7كان يولىنى ئوۋ قۇشلىرى بىلمەيدۇ،

لاچىنمۇ ئۇنى كۆرگەن ئەمەس.

8يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇ يەرلەرگە ئاياغ باسمىغان،

شىرلارمۇ ئۇ يەرلەردىن ئۆتمىگەن.

9ئىنسانلار قاتتىق تاشلارنى تېشىپ،

تاغ تۈۋىنى ئاچىدۇ.

10قىيا تاشلاردىن تونېل ئېچىپ،

خەزىنىلەرنى تېپىپ چىقىدۇ.

11ئۇلار ئېقىنلارنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ،

بايلىقلارنى نامايان قىلىدۇ.

 

12لېكىن دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟

ئەقىل-پاراسەت قەيەردىن كېلىدۇ؟

13ئەقىل-پاراسەتنىڭ قىممىتىنى ئىنسان بىلمەيدۇ،

بۇ ئالەمدە ئىنسان ئۇنى تاپالمايدۇ.

14چوڭقۇرلۇق: «ئۇ يوقتۇر مەندە» دەيدۇ،

دېڭىز: «ئۇ يوقتۇر بۇ يەردە» دەيدۇ.

15ئەقىل-پاراسەتنى ساپ ئالتۇنغا تېگىشكىلى بولمايدۇ.

ئۇنىڭ قىممىتىنى كۈمۈش بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.

16ئۇنىڭ قىممىتىنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنى، قىممەتلىك يوللۇق ھېقىق تاش ۋە كۆك ياقۇتنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.

17ئۇنى ئالتۇن ۋە گۆھەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

ساپ ئالتۇن ئىدىشلار بىلەن تېگىشكىلى بولمايدۇ.

18ئۇنى مارجان تاشلار ۋە خىرۇستال بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.

قىزىل ياقۇتنىڭ قىممىتىمۇ ئۇنىڭغا ئەسلا يەتمەيدۇ.

19ئۇنى كۇشتىن ئەكەلگەن توپاز بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

ساپ ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالمايدۇ.

 

20ئۇنداقتا، دانالىق قەيەردىن كېلىدۇ؟

ئەقىل-پاراسەتنىڭ ماكانى نەدە؟

21ئۇ پىنھاندۇر، مەخلۇقاتلار كۆرەلمەس،

يوشۇرۇندۇر، ئاسماندىكى قۇشلار بايقىيالماس.

22ئۆلۈكلەر ماكانى ۋە ئۆلۈم دەيدۇ:

«بىز كوچا گەپلىرىدىن ئاڭلىغان، لېكىن كۆرۈپ باقمىغان».

 

23خۇدا بىلەر پاراسەتنىڭ يولىنى، ئۇنىڭ بار يېرىنى.

24چۈنكى خۇدا كۆرەر زېمىننىڭ ئۇ چېتىنى،

كۆزىتەر پۈتكۈل ئالەمنى.

25ئۇ شامالغا كۈچ، سۇغا سىغىمچانلىق،

26يامغۇرغا پاسىل، چاقماققا يول بېكىتكەندە،

27تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،

ئەقىل-پاراسەتنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەپ مۇقىملىدى.

28خۇدا ئىنسانلارغا شۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك دانالىقتۇر،

رەزىللىكتىن يىراق تۇرۇش ئەقىل-پاراسەتتۇر.»

29

ئايۇپنىڭ سۆزىنى داۋام قىلىشى

1ئاندىن ئايۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

2«بۇرۇنقى كۈنلىرىمگە،

خۇدا ھالىمدىن خەۋەر ئالغان كۈنلىرىمگە قايتسام دەيمەن.

3ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمدا يېنىپ تۇراتتى،

ئۇنىڭ نۇرى قاراڭغۇدا ماڭا ھەمراھ ئىدى.

4ئۇ چاغلار مېنىڭ قىران چاغلىرىم ئىدى.

خۇدا چېدىرىمدا يېقىن دوستۇم ئىدى.

5ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا يار ئىدى.

بالىلىرىم ئەتراپىمدا يۈرەتتى.

6سۈت-قايماقلىرىم ئېشىپ-تېشىپ تۇراتتى.

زەيتۇنزارلىقىمدىن زەيتۇن يېغى ئېرىق بولۇپ ئاقاتتى.

7شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئولتۇرغان ئاقساقاللار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغىنىمدا،

8ياشلار مېنى كۆرسە ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى.

ياشانغانلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلاتتى.

9بەگلەر سۆزلىرىدىن توختاپ،

ئېغىزلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋالاتتى.

10ئەمەلدارلارمۇ جىم بولۇشۇپ،

تىللىرى تاڭلايلىرىغا چاپلىشىپ قالاتتى.

11سۆزۈمنى ئاڭلىغانلار بەخت تىلىشەتتى.

مېنى كۆرگەنلەر ماختىشاتتى.

12چۈنكى ياردەم سورىغان يوقسۇللارنى قۇتقۇزدۇم،

ئىگە-چاقىسىز يېتىملەرگە ھامىي بولدۇم.

13سەكراتتىكى ئادەم ماڭا بەخت تىلەيتتى.

تۇل ئاياللارنىڭ قەلبىنى شادلىققا تولدۇراتتىم.

14مەن ھەققانىيەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەنىدىم.

ئادالەت ماڭا يېپىنچا ۋە باش كىيىم بولغانىدى.

15مەن كورنىڭ كۆزى،

توكۇرنىڭ پۇتى بولدۇم.

16نامراتلارغا ئاتا بولدۇم،

ناتونۇشلارنى ئاقلىدىم.

17رەزىللەرنىڭ چىشىنى چېقىپ،

ئاغزىدىن ئولجىسىنى تارتىۋالدىم.

 

18مەن: ‹كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپتۇر،

بۇ دۇنيا بىلەن خاتىرجەم ھالدا ئائىلەمدە خوشلىشىمەن،

19يىلتىزىم سۇ بويىغىچە سوزۇلغاندۇر،

شاخلىرىم تۈن بويى شەبنەمدە يۇيۇلىدۇ.

20شان-شەرىپىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ،

ئوقيايىمنى تارتىدىغان كۈچۈم ھېچقاچان ئاجىزلىمىدى› دەپ ئويلىدىم.

 

21ئۇ چاغدا كىشىلەر سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلاتتى،

نەسىھەت بېرىشىمنى سۈكۈتتە كۈتەتتى.

22سۆزلىرىمگە ھېچكىم قوشۇمچە قىلمايتتى.

سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا نەمخۇشلۇق ئاتا قىلاتتى.

23ئۇلار يامغۇرغا تەلپۈنگەندەك ماڭا تەلپۈنەتتى.

باھار يامغۇرىغا تەشنا بولغاندەك سۆزلىرىمگە تەشنا بولاتتى.

24مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىسەم، ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قىلاتتى،

چېھرىمدىكى نۇرنى قەدىرلەيتتى.

25ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان يېتەكچى ئىدىم.

خۇددى پادىشاھ لەشكەرلىرى ئارىسىدا ياشىغاندەك ياشىغانىدىم.

قايغۇرۇپ ھەسرەتتە قالغانلارنىڭ تەسەللى بەرگۈچىسى ئىدىم.

30

1ئەمدى بۈگۈن مەندىن كىچىكلەرمۇ

مېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.

مەن ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى كۆزگە ئىلمايتتىم،

ھەتتا قويلىرىمغا قارايدىغان ئىتلىرىم قاتارىدىمۇ كۆرمەيتتىم.

2ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى ماجالىدىن كەتكەنلەردۇر،

ماڭا ئۇلارنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟

3ئۇلار ئاچ-يالىڭاچ، ئاجىز يوقسۇللار ئىدى،

كېچىلىرى چۆل-باياۋانلاردا قۇرغاق يېمەكلىك غاجايتتى.

4ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن تۇزلۇق ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يەيتتى،

چاتقاللارنىڭ يىلتىزى بىلەنمۇ ئوزۇقلىناتتى.

5ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ،

خۇددى ئوغرىلاردەك ئەيىبلىنەتتى.

6ئۇلار پەقەت قاقاس جىلغا،

غار ۋە ئۆڭكۈرلەردە پاناھلىناتتى.

7ئۇلار چاتقاللىقلاردا خۇددى ياۋايى ھايۋانلاردەك ھۇۋلىشىپ،

توپلىشىۋالاتتى.

8ئۇلار نادان، ئاتاقسىزلارنىڭ پۇشتى بولۇپ،

قامچا بىلەن زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى.

 

9ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ناخشىلىرى بىلەن مېنى مەسخىرە قىلماقتا،

مەن ئۇلارنىڭ مەسخىرە نىشانىغا ئايلىنىپ قالدىم.

10ئۇلار مەندىن سەسكىنىدۇ، ماڭا يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ،

خالىغانچە يۈزۈمگە تۈكۈرىدۇ.

11خۇدا كۈچۈمنى كەستى، مېنى يەرگە ئۇردى،

شۇڭا ئۇلار مەندىن تەپ تارتمايدۇ.

12بۇ مۇتتەھەملەر ماڭا ئوڭ تەرىپىمدىن ھۇجۇم قىلىپ،

مېنى قېچىشقا مەجبۇر قىلماقچى ۋە يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ.

13ئۇلار يولۇمنى توراپ، ماڭا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ،

ئۇلارنى توختىتىدىغان ئادەم بولمىدى.

14ئۇلار خۇددى سېپىلنى بۆسۈپ ئۆتكەندەك،

خارابە ئىچىدىن ماڭا ئېتىلىپ كەلدى.

15مېنى قورقۇنچ باستى،

ئىززەت-ھۆرمىتىم شامالدا ئۇچۇپ كەتتى،

نىجاتلىقىم بۇلۇتتەك تاراپ كەتتى.

 

16ئەمدى ھاياتىم ئاخىرلىشاي دېدى،

ئازابلىق كۈنلەر مېنى ئىلكىگە ئالدى.

17كېچىدە قاتتىق ئاغرىق ئۇستىخانلىرىمغا

توختاۋسىز سانجىلار.

18خۇدا كۈچ بىلەن مەھكەم تۇتۇپ، ياقامدىن سىقتى.

19خۇدا مېنى پاتقاققا تاشلىۋەتتى،

مەن خۇددى چاڭ-توزان ۋە كۈلدەك بولۇپ قالدىم.

20ئى خۇدا، نالە قىلسام جاۋاب بەرمىدىڭ،

ئالدىڭدا تۇرسام قاراپ قويمىدىڭ.

21سەن ماڭا شەپقەتسىزلىك قىلىۋاتىسەن،

قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتىسەن.

22مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا تاشلاپ بەردىڭ،

قارا بوران مېنى ئۇيان-بۇيان تاشلىماقتا.

23بىلىمەن، سەن مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىسەن،

بۇ سېنىڭ بارلىق ھاياتلىققا پۈتكەن قىسمىتىڭدۇر.

 

24دەرۋەقە، بەختسىزلەر قىيىن ئەھۋالدا نالە قىلسا،

ھېچكىم ئۇلارغا قول ئۇزارتىپ زىيانكەشلىك قىلمايدۇ.

25ئەجەبا، مەن جاپا چەككەنلەر ئۈچۈن يىغلىماسمەنمۇ،

يۈرىكىم موھتاجلار ئۈچۈن پۇچىلانماسمۇ؟

26بەختكە ئىنتىلسەم بالا-قازاغا ئۇچرىدىم،

يورۇقلۇققا تەلپۈنسەم قاراڭغۇدا قالدىم.

27كۆڭلۈم دائىم پاراكەندە،

ئېغىر كۈنلەر بېسىپ كەلمەكتە.

28قۇياشنىڭ نۇرى بولمىغان زۇلمەتتە يۈرۈپتىمەن،

جامائەتنىڭ ئارىسىدا نالە قىلماقتىمەن.

29مەن چىلبۆرىنىڭ قېرىندىشى،

ھۇۋقۇشنىڭ ھەمراھى بولۇپ قالدىم.

30قارايغان تېرىلىرىم تۆكۈلمەكتە،

ئۇستىخانلىرىم ئوت بولۇپ كۆيمەكتە.

31لىرام ماتەم مۇزىكىسىغا جور بولماقتا،

نېيىم نالە قىلماقتا.»

31

ئايۇپنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزىنى ئاقلىشى

1«مەن قىز-ئاياللارغا شەھۋانىيلارچە قارىمايمەن، دەپ

كۆزلىرىم بىلەن ئەھدە تۈزدۈم.

2مەن ئەرشتىكى خۇدادىن ئالىدىغان نېسىۋەم نېمە؟

ھەممىگە قادىر ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ ماڭا بېرىدىغان ئۈلۈشى نېمە؟

3ئەجەبا ئادالەتسىزلەرگە ئاپەت،

رەزىللەرگە بالا-قازا بەرمەسمۇ؟

4خۇدا ماڭىدىغان يولۇمنى كۆزىتىپ،

پۈتكۈل باسقان قەدەملىرىمنى سانىماسمۇ؟

 

5مەن قانداقسىگە ساختىلار بىلەن بىرگە سەپەر قىلىمەن؟

قەدەملىرىم قانداقلارچە كاززاپلارغا ئەگەشسۇن؟

6خۇدانىڭ مېنى ئادالەتنىڭ ئادىل تارازىسىغا سېلىپ،

مېنىڭ پاك ئىكەنلىكىمنى بىلىشىنى خالايمەن.

7ئەگەر پۇتۇم ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ،

كۆزلىرىم يامانلىققا ئىنتىلىپ،

قوللىرىم جىنايەت بىلەن بۇلغانغان بولسا،

8زىرائەتلىرىم باشقىلارغا نېسىپ بولسۇن.

ئېتىزدىكى زىرائەتلىرىم يىلتىزى بىلەن يۇلۇپ تاشلانسۇن.

 

9ئەگەر قەلبىم ئاياللارغا مەستانە بولۇپ،

قوشنامنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پايلاپ تۇرغان بولسام،

10ئايالىم باشقىلارنىڭ بۇغدىيىنى يانجىسۇن،

باشقىلارنىڭ قوينىدا ياتسۇن.

11چۈنكى بۇ چوڭ رەزىللىك، سوتقا تارتىلىدىغان جىنايەتتۇر.

12ئۇ ھالاكەتلىك ئوتقا ئايلىنىپ،

پۈتۈن بىساتىمنى يالماپ يۇتىدۇ.

 

13چاكارلىرىم ئۈستۈمدىن ئەرز قىلسىمۇ،

ئادىل مۇئامىلە قىلىمەن.

14بولمىسا خۇدا ھېساب ئالغاندا قانداق قىلىمەن؟

سوراق قىلغاندا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟

15مېنى ياراتقان خۇدا ئۇلارنىمۇ ياراتمىدىمۇ؟

ئۇ بىزنى ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا ئاپىرىدە قىلمىدىمۇ؟

 

16مەن يوقسۇللارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى رەت قىلىپ،

تۇل ئاياللارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدۇممۇ؟

17ياكى تائاملىرىمنى يالغۇز ئۆزۈملا يەپ،

يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىدىممۇ؟

18مەن ياشلىقىمدىنلا يېتىملەرگە ئاتا بولدۇم،

ئۆمرۈم بويى تۇل ئاياللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم.

19ئەگەر بىرسىنىڭ كىيىمسىز توڭلاپ ئۆلمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى،

ياكى ئۇچىسى يالاڭ يوقسۇلنى كۆرۈپ تۇرۇپ،

20قوي يۇڭلىرىمنى ئۇنىڭ ئىسسىنىشى ئۈچۈن بەرمەي،

ئۇنى نارازى قىلغان بولسام،

21شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ،

يېتىملەرگە قول كۆتۈرگەن بولسام،

22بىلىكىم مۈرەمدىن ئاجراپ كەتسۇن،

قولۇم سۇنۇپ كەتسۇن.

23مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدىم.

چۈنكى مەن خۇدانىڭ بالا-قازاسىدىن قورقىمەن،

ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى كۆتۈرەلمەيمەن.

 

24ئەگەر مەن ئالتۇنغا ئۈمىد باغلاپ،

ئالتۇننى يۆلەنچۈك قىلغان بولسام،

25بايلىقىمنىڭ كۆپلۈكىدىن،

مال-مۈلۈكۈمنىڭ زىيادىلىكىدىن پەخىرلەنگەن بولسام،

26پارلاق قۇياشنى،

ھەرىكەتلىنىۋاتقان تولۇن ئاينى كۆرۈپ،

27قەلبىمدىن ئۇلارغا يوشۇرۇن مەستانە بولۇپ،

ئۇلارغا چوقۇنۇپ، قولۇمنى سۆيگەن بولسام،

28سوراققا لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولاتتىم،

چۈنكى بۇ ئەرشتىكى خۇدادىن تانغانلىقتۇر.

 

29مەن قانداقسىگە دۈشمەننىڭ بالاسىدىن شادلىناي،

ئۇلارنىڭ قازاسىدىن خۇشاللىناي؟

30مەن ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ قارغىمىدىم،

ئېغىز گۇناھى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلاندىم.

31چېدىرىمدىكىلەر ئەزەلدىن مېنىڭ باشقىلارنى ئاچ قالدۇرمىغىنىمغا گۇۋاھتۇر.

32ئىشىكىم يولدىن ئۆتكەنلەرگە ئوچۇق بولدى،

ھېچكىم سىرتتا قونۇپ قالمىدى.

33باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى يوشۇرىدۇ،

لېكىن مەن گۇناھلىرىمنى ھەرگىز يوشۇرۇپ باقمىدىم.

34ئەجەبا، مەن جامائەتتىن قورقۇپ،

جەمەتىمنىڭ كەمسىتىشىدىن ئەنسىرەپ،

ئۆيدىن چىقماي، ئۈن-تىنسىز يۈردۈممۇ؟!

 

35كاشكى، ئەرزىمنى ئاڭلايدىغان بىرى بولسا ئىدى!

قارا، بۇ يەرگە ئىمزايىمنى قويدۇم، ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا جاۋاب بەرسۇن!

ئۈستۈمدىن ئەرز قىلغۇچى ئەرزىنى يازسۇن!

36مەن ئەرزنى دۈمبەمگە ئارتىۋالىمەن،

خۇددى تاجىدەك بېشىمغا كىيىۋالىمەن.

37مەن خۇددى شاھزادىلەردەك ئۇنىڭ ئالدىغا بارىمەن،

قىلغان ئەتمىشلىرىمدىن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن.

 

38ئەگەر ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى پەرياد قىلىپ،

چۆنەكلىرى يىغلاپ تۇرۇپ ئەرز قىلسا،

39يەرنىڭ ھەققىنى بەرمەي، مەھسۇلاتلىرىنى يېگەن بولسام،

ياكى يەر ئىگىلىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان بولسام،

40بۇغداي ئورنىغا تىكەنلەر،

ئارپىنىڭ ئورنىغا ياۋايى ئوت-چۆپلەر ئۈنسۇن!»

 

شۇنىڭ بىلەن ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تۈگىدى.

32

ئەلىھۇنىڭ ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىنى ئەيىبلىشى

1ئايۇپنىڭ ئۆزىنى گۇناھسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرگەن بۇ ئۈچ دوستى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن توختىدى. 2شۇ چاغدا رام جەمەتىدىن بولغان بۇزلۇق باراكئېلنىڭ ئوغلى ئەلىھۇنىڭ ئايۇپقا ئاچچىقى كەلدى. چۈنكى ئايۇپ ئۆزىنى ھەقلىق دەپ قاراپ، خۇدادىن ئاغرىنغانىدى. 3ئۇنىڭ ئايۇپنىڭ بۇ ئۈچ دوستىغىمۇ ئاچچىقى كەلدى. چۈنكى ئۇلار ئايۇپقا رەددىيە بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنى ئەيىبلەپ تۇراتتى. 4ئەلىھۇنىڭ يېشى ئۇلاردىن كىچىك بولغانىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن كېيىن پىكىر بايان قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغانىدى. 5بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئايۇپنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى.

6بۇزلۇق باراكئېلنىڭ ئوغلى ئەلىھۇ مۇنداق دېدى:

«مەن ياش، سىلەر مەندىن چوڭ بولغاچقا، قاراشلىرىمنى بايان قىلىشقا پېتىنالمىغانىدىم.

7يېشى چوڭلار سۆزلىسۇن، تەجرىبىلىكلەر ئەقىل-پاراسەتلىك بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم.

8لېكىن ئىنسانغا ئەقىل-پاراسەت بېرىدىغىنى

ئىنساندىكى روھتۇر، يەنى ھەممىگە قادىر خۇدادىن كەلگەن نەپەستۇر.

9ياشانغانلارنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇشى،

يېشى چوڭلارنىڭ ھەق-ناھەقنى چۈشىنىشى ناتايىن.

10شۇڭا سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.

مەنمۇ قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ باقاي.

 

11سىلەر سۆزلىگەندە جىم تۇردۇم،

سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىدىم.

ھەربىر ھېكىمەتلىك سۆزلەر ھەققىدە ئويلانغىنىڭلاردا كۈتۈپ تۇردۇم.

12مەن ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ،

ھېچقايسىڭلارنىڭ ئايۇپقا رەددىيە

ۋە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىڭلارنى بايقىدىم.

13سىلەر ‹بىز ئەقىل تاپتۇق، ئايۇپنى بىز ئەمەس بەلكى خۇدا قايىل قىلسۇن› دېمەڭلار.

14ئايۇپ مەن بىلەن مۇنازىرىلىشىپ باقمىدى،

مەن ئۇنىڭغا سىلەرگە ئوخشاش جاۋاب بەرگۈم يوق.

 

15ئەي ئايۇپ، ئۇلار ھودۇقۇپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي جىمىپ قالدى،

دېيىشكە گەپمۇ تاپالمىدى.

16ئەجەبا، ئۇلار زۇۋان سۈرمەي، جىمىپ قالسا،

مەنمۇ كۈتۈپ تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟

17مەن جاۋاب بېرىشىم،

ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىشىم كېرەك.

18ئىچىم گەپكە توشۇپ كەتتى،

روھىم مېنى سۆزلەشكە ئۈندىمەكتە.

19ئىچىم يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشاپ قالدى.

خۇددى شارابقا لىق تولغان تۇلۇمدەك يېرىلىپ كېتەي دېدىم.

20مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم، سۆزلىمىسەم بولمايدۇ،

ئېغىز ئېچىپ جاۋاب بەرگۈم بار.

21مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايمەن

ھەم ھېچكىمگە خۇشامەت قىلمايمەن.

22مەن خۇشامەت قىلىشقا ماھىر ئەمەسمەن.

ئەگەر خۇشامەت قىلىشقا ماھىر بولغان بولسام،

ياراتقۇچىم مېنى بىردەمدىلا يوق قىلىۋېتەتتى.»

33

ئەلىھۇ: خۇدا ئادەملەرنى تەربىيەلەيدۇ

1«ئەي ئايۇپ، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن،

دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىن.

2مەن ئېغىزىم ئېچىپ سۆزلەي،

سۆزلەر تىلىمنىڭ ئۇچىدا تىزىلىپ تۇرۇپتۇ.

3سۆزلىرىم پاك قەلبىمدىن چىقىدۇ،

ئېغىزىم سەمىمىيەتنى سۆزلەيدۇ.

4خۇدانىڭ روھى مېنى ياراتتى،

ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ نەپىسى ماڭا ھايات بەردى.

5ئەگەر قولۇڭدىن كەلسە ماڭا رەددىيە بەرگىن.

ئورنۇڭدىن دەس تۇرۇپ، مەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىن.

6خۇدانىڭ ئالدىدا پەرقىمىز يوقتۇر،

مەنمۇ ساڭا ئوخشاش لايدىن يارىتىلدىم.

7شۇڭا سەن مەندىن قورقمىغىن،

مەن ساڭا بېسىم قىلمايمەن.

 

8گەپلىرىڭ قۇلىقىمغا كىردى،

ھەممە سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم.

9مەن سېنىڭ: ‹مەن پاك، گۇناھسىزمەن،

مەن ھېچقانداق يامانلىق قىلمىدىم، ئەيىبسىزمەن،

10خۇدا پەقەت خاتالىقلىرىمنى تاللاپ،

مەن بىلەن دۈشمەنلەشتى.

11ئۇ پۇتلىرىمنى كىشەنلەپ،

ھەممە يولۇمنى كۆزەتتى› دېگىنىڭنى ئاڭلىدىم.

 

12لېكىن مەن ساڭا جاۋاب بېرەي، سۆزلىرىڭ يولسىزلىقتۇر،

چۈنكى خۇدا ئىنسانلاردىن بۈيۈكتۇر.

13سەن نېمىشقا خۇدادىن ئاغرىنىسەن،

نېمىشقا ئۇنى ‹ئەرزلىرىمگە جاۋاب بەرمەيدۇ› دەيسەن؟

14خۇدا ھەر خىل ئۇسۇلدا سۆزلەيدۇ،

ئەمما ئادەم بىلمەيدۇ.

15كىشىلەر تۆشىكىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە،

خۇدا چۈش ۋە غايىبانە ئالامەتلەردە

16ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ

ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن قورقۇتۇپ،

17گۇناھلاردىن يىراقلاشتۇرىدۇ،

تەكەببۇرلۇقتىن ساقلايدۇ.

18روھلىرىنى چوڭقۇر گۆردىن،

ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالىدۇ.

 

19خۇدا ئىنسانلارغا ئاغرىق بېرىپ،

ئۇستىخانلىرىنى سىرقىرىتىپ ئاغرىتىپ تەربىيەلەيدۇ.

20ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ،

لەززەتلىك تائاملاردىنمۇ بىزار بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

21ئادەم كۈنسېرى ئورۇقلاپ،

قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالىدۇ.

22روھى گۆر ئېغىزىغا،

ھاياتى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ.

23ئەگەر مىڭلىغان پەرىشتىلەر ئىچىدىن بىرى كېلىشتۈرگۈچى بولۇپ،

ئادەمگە ياردەملىشىپ، دۇرۇس يولنى ئۆگەتسە

24ۋە ئىچ ئاغرىتىپ خۇداغا:

‹ئى خۇدا، ئۇنى قەبرىدىن قۇتقۇزغىن،

مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەش يولىنى تاپتىم› دېسە،

25ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەت-تېرىلىرى خۇددى بالىلارنىڭكىدەك يۇمرانلىشىپ،

ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ.

26ئۇ دۇئا قىلسا، خۇدا خۇرسەن بولىدۇ.

ئۇ خۇشال ھالدا خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ،

خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنە بىر قېتىم ھەققانىي ئادەمگە ئايلىنىدۇ.

27ئۇ خۇشاللىقىدىن كىشىلەر ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ:

‹مەن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ،

ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بولساممۇ،

خۇدا مېنى گۇناھىمغا لايىق جازالىمىدى،

28ئۇ مېنى قۇتقۇزۇپ، ئۆلۈمدىن خالاس قىلىپ،

ھاياتىمغا يورۇقلۇق ئاتا قىلدى› دەيدۇ.

 

29شۇنداق، خۇدا ئىنسانلار ئۈچۈن كۆپ قېتىم شۇنداق قىلىدۇ،

بىر قېتىم ئەمەس، ئىككى قېتىم ئەمەس، كۆپ قېتىم قىلىدۇ.

30ئۇ ئىنسانلارنى گۆر ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ،

ھاياتىنى پارلاق نۇرغا چۆمدۈرمەكتە.

31ئەي ئايۇپ، سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغىن،

ئۈن چىقارما، مەن سۆزلەي.

32ئەگەر سۆزۈڭ بولسا ماڭا دېگىن،

گەپ قىلغىن، مەن سېنىڭ گۇناھتىن ئاقلانغىنىڭنى كۆرگۈم بار.

33گېپىڭ بولمىسا سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن،

ئۈن چىقارما، مەن ساڭا دانالىقنى ئۆگىتەي.»

34

ئەلىھۇ: خۇدا ھەرگىز رەزىللىك قىلمايدۇ

1ئەلىھۇ يەنە مۇنداق دېدى:

2«ئەي ئۆزىنى دانىشمەن سانايدىغانلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار.

ئەي ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ ئويلىغانلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.

3تىل تائامنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك،

قۇلاق سۆزلەرنى پەرقلەندۈرىدۇ.

4بىز ھەقىقەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ باقايلى.

بىرلىكتە نېمىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى تونۇپ باقايلى.

5ئايۇپ: ‹مەن گۇناھسىز، خۇدا ماڭا ئادىل بولمىدى.

6گەرچە مېنىڭ يوللۇق بولسىمۇ، لېكىن مېنى يالغانچى دەپ قارىدى.

ئەيىبسىز بولساممۇ، ماڭا ئەجەللىك زەربە بەردى› دەيدۇ.

7ئايۇپتەك يەنە بىرى بارمۇ؟

ئاغزىدىن كۇپۇرلۇق سۇدەك ئاقىدۇ.

8ئۇ رەزىللەرنىڭ ئارىسىدا بولدى،

يامانلارغا ھەمراھ بولدى.

9ئۇ مۇنداق دېگەنىدى:

‹خۇدانى خۇرسەن قىلىشنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق›.

 

10شۇڭا ئاقىللار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار،

خۇدا ھەرگىز رەزىللىك قىلمايدۇ.

ھەممىگە قادىر خۇدا ھەرگىز ئادالەتسىزلىك قىلمايدۇ.

11ئۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ.

ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە يارىشا جازا ياكى ئىنئام بېرىدۇ.

12خۇدا ھەرگىز رەزىللىك قىلمايدۇ،

ھەممىگە قادىر خۇدا ئادالەتنى زىنھار ئاستىن-ئۈستۈن قىلمايدۇ.

13بىركىم ئۇنى يەر-زېمىننى باشقۇرۇشقا،

بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئەۋەتكەنمىدى؟

14ئەگەر خۇدا ئۆزىنىڭ روھىنى ۋە نەپىسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلسا،

15بارلىق ھاياتلىق بىراقلا ھالاك بولۇپ،

ئىنسانلار تۇپراققا قايتقان بولار ئىدى.

 

16ئەقىللىق بولساڭ سۆزۈمنى ئاڭلا،

سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.

17خۇدا ئادالەتتىن نەپرەتلەنگەن بولسا، ھۆكۈمران بولالامدۇ؟

سەن ھەققانىي ۋە بۈيۈك خۇدانى ئەيىبلەمسەن؟

18ئۇ پادىشاھلارنى ‹يارىماس›،

ئېسىلزادىلەرنى ‹رەزىللەر› دېيەلەيدۇ.

19ئۇ ھۆكۈمرانلارغا يان باسمايدۇ،

باينى كەمبەغەلدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ.

چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىدە قىلغاندۇر.

20ئۇلار توساتتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ،

تۈن يېرىمىدا بىر سىلكىنىپلا ئۆلۈپ كېتىدۇ،

مۆتىۋەرلەرمۇ ئىنساننىڭ ياردىمىسىز يوق قىلىنىدۇ.

 

21خۇدا ئىنسانلارنىڭ يولىنى كۆزىتىپ،

پۈتكۈل قەدەملىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.

22رەزىللەر يوشۇرۇنغۇدەك قاراڭغۇلۇق ياكى يوشۇرۇن جاي تاپالمايدۇ.

23خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا سوتلىشى ئۈچۈن تەپسىلىي كۆزىتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

24ئۇ ھوقۇقدارلارنى تەكشۈرمەستىن يىقىتىپ،

ئورنىغا باشقىلارنى قويالايدۇ.

25ئەلۋەتتە، خۇدا ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىدۇ.

ئۇلارنى كېچىدە يىقىتىپ، بىتچىت قىلالايدۇ.

26خۇدا ئۇلارنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ئۇرىدۇ.

27چۈنكى ئۇلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەق يولىدىن چەتنىدى.

28ئاشۇ رەزىللەرنىڭ دەستىدىن نامراتلارنىڭ نىدالىرى خۇداغا يېتىپ باردى.

ئۇ موھتاجلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلايدۇ.

29ئەگەر خۇدا سۈكۈتتە تۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى تەنقىد قىلالايدۇ؟

ئەگەر ئۇ دىدارىنى يوشۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى كۆرەلەيدۇ؟

لېكىن ئۇ مەيلى بىر ئادەم، مەيلى بىر خەلق بولسۇن،

ئۇ ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،

30خەلقلەرنى قىلتاققا دەسسەتمەسلىك ئۈچۈن

ئىمانسىزلارنىڭ پادىشاھ بولۇشىغا يول قويمايدۇ.

 

31كىم خۇداغا: ‹مەن گۇناھىمنى ئۈستۈمگە ئالدىم، ئەمدى خاتالىق سادىر قىلمايمەن،

32بىلمەيدىغانلىرىمنى ماڭا ئۆگەتكىن،

ئەگەر مەن رەزىللىك قىلغان بولسام، قايتا قىلمايمەن› دەپ باقتى؟

33ئەجەبا، سەن ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىساڭ،

خۇدا سېنىڭ رايىڭغا باقامدۇ؟

تاللاشقا دۇچ كەلگىنى سەن، مەن ئەمەسمەن!

سەنمۇ پىكىرىڭنى دەپ باققىن.

34ئاقىللار ۋە سۆزۈمنى ئاڭلىغان دانىشمەنلەر مۇنداق دەيدۇ:

35‹ئايۇپ بىلىمسىزلەردەك گەپ قىلدى،

ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەھمىيەتسىزدۇر.

36ئايۇپ رەزىللەردەك جاۋاب بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرغىچە سىنالسۇن.

37ئايۇپ ئاسىيلىق قىلىپ، گۇناھىغا يەنە گۇناھ قوشتى،

ئۇ ئارىمىزدا تۇرۇپ خۇدانى مەسخىرە قىلىپ،

ئۇنىڭغا قارشى نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى.›»

35

ئەلىھۇنىڭ ئايۇپنى داۋاملىق ئەيىبلىشى

1ئەلىھۇ يەنە مۇنداق دېدى:

2«ئەي ئايۇپ، سەن مېنىڭ دۇرۇس، خۇدانىڭ خاتا، دېگەنىدىڭ،

سېنىڭچە بۇ توغرىمۇ؟

3سەن خۇداغا: ‹گۇناھسىزلىقىم ماڭا نېمە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟

گۇناھ سادىر قىلمىسام قانداق ياخشىلىققا ئېرىشىمەن؟› دېگەنىدىڭ.

4ساڭا ۋە سېنىڭ دوستلىرىڭغا مەن جاۋاب بېرەي.

5ئاسمانغا قارا، ئېگىزدىكى بۇلۇتلارغا قاراپ باق.

6ئەگەر سەن گۇناھ قىلساڭ خۇداغا قانداق زەرەر يېتەر؟

گۇناھلىرىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ خۇداغا نېمە تەسىرى بولسۇن؟

7ئەگەر سەن ھەققانىي بولساڭ، خۇداغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟

خۇدا سەندىن نېمە مەنپەئەت ئالسۇن؟

8سېنىڭ گۇناھلىرىڭ پەقەت ئىنسانلارغىلا زىيان يەتكۈزىدۇ،

ھەققانىيىتىڭ پەقەت پانىي دۇنيادىكى ئىنسانلارغىلا مەنپەئەت بېرىدۇ.

 

9كىشىلەر خىلمۇخىل زۇلۇملارغا ئۇچرىغاندا ۋارقىرايدۇ.

ھوقۇقدارلارنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلەر ياردەم تىلەيدۇ.

10لېكىن ھېچكىم: ‹مېنى ياراتقان خۇدا نەدە؟› دەپ سورىمايدۇ.

كېچىلىرى ئۆزلىرىگە ئۈمىد بەرگەن خۇداغا ئىلتىجا قىلمايدۇ.

11خۇدا ئىنساننى ھايۋاندىن ئەقىللىق ياراتتى.

ئاسماندىكى قۇشلاردىنمۇ پاراسەتلىك قىلدى.

12لېكىن ئۇلار رەزىل ۋە ھاكاۋۇر بولغانلىقى ئۈچۈن،

ئۇلار ياردەم سوراپ ئىلتىجا قىلغاندا، خۇدا ئۇلارغا جاۋاب بەرمەيدۇ.

13خۇدا ساختا نىدالارغا قۇلاق سالمايدۇ،

ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇلارغا پەرۋا قىلمايدۇ.

14شۇڭا سەن: ‹مەن خۇدانى كۆرمىدىم،

مېنىڭ ئىشلىرىم ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇ مېنى ساقلىتىدۇ› دېسەڭ،

ئۇ چوقۇم پەرۋا قىلمايدۇ.

15سەن يەنە: ‹خۇدا گۇناھكارلارنى غەزىپى بىلەن جازالىمايدۇ،

ئۇلار بىلەن كارى بولمايدۇ› دەيسەن.

16ئەي ئايۇپ، سېنىڭ ئېغىز ئېچىپ بۇلارنى دېيىشىڭ بىمەنىلىكتۇر،

كۆپ سۆزلىرىڭ ئەھمىيەتسىزدۇر!»

36

ئەلىھۇنىڭ خۇدانىڭ ئادالىتىنى قوغدىشى

1ئەلىھۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

2«ماڭا يەنە ئازراق ۋاقىت بەرگىن، مەن ساڭا چۈشەندۈرەي.

خۇدا ئۈچۈن دەيدىغان سۆزلىرىم بار.

3مەن كۆپ تەرەپتىن نەقىل كەلتۈرۈپ،

مېنى ياراتقان خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلايمەن.

4سۆزلىرىم ئاساسسىز ئەمەستۇر،

مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بىرى يېنىڭدا تۇرۇپتۇ.

 

5خۇدا بۈيۈكتۇر، ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ.

خۇدا بۈيۈكتۇر، ئۇ ئىرادىسىدىن يانمايدۇ.

6ئۇ رەزىللەرنىڭ ياشىشىغا يول قويمايدۇ،

يوقسۇللارغا ئادالەت بېرىدۇ.

7ئۇ داۋاملىق ھەققانىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ،

ئۇلارنى ھۆكۈمرانلار قاتارىدا ئېسىل ئورۇنلاردا ئولتۇرغۇزۇپ،

مەڭگۈ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ.

8ئەگەر ئۇلار كىشەنلىنىپ،

ئازاب تانىلىرىدا باغلانغان بولسا،

9خۇدا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە تەكەببۇرلۇقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.

10ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ تەلىم بېرىدۇ،

يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

11ئەگەر ئۇلار خۇداغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلسا،

بىر ئۆمۈر بەختلىك بولۇپ، كۈنلىرىنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.

12لېكىن ئۇلار خۇداغا بويسۇنمىسا، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ،

بىلىمسىز ھالدا ھالاك بولىدۇ.

 

13ئىمانسىزلارنىڭ قەلبى غەزەپكە تولغان بولىدۇ،

جازالانسىمۇ شاپائەت تىلىمەيدۇ.

14ئۇلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ،

ھاياتى نومۇس ئىچىدە تۈگىشىدۇ.

15خۇدا ئازابلانغانلارنى ئازابلىرى ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ،

مۈشكۈلاتلار ئارقىلىق قۇلاقلىرىنى ئاچىدۇ.

 

16خۇدا سېنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ

ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ،

ئېسىل تائاملار بىلەن ھۇزۇرلاندۇرۇشنى خالايتتى.

17لېكىن سەن ھازىر رەزىللەرگە ئوخشاش جازايىڭنى تارتىۋاتىسەن.

خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.

18ئاگاھ بول، ھېچكىم سېنى بايلىقى بىلەن ئازدۇرمىسۇن،

ئالغان پاراڭنىڭ كۆپلۈكى سېنى ھەق يولدىن ياندۇرمىسۇن.

19ئەجەبا، بايلىقلىرىڭ ۋە ئۆز كۈچۈڭ سېنى مۈشكۈلاتتىن قۇتۇلدۇرالامدۇ؟

20تۈننىڭ كېلىشىنى، يەنى خەلق ھالاك بولىدىغان ۋاقىتنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلما.

21ئاگاھ بول، گۇناھ يولىنى تۇتما!

چۈنكى خۇدا سېنى بۇ يولدا ماڭمىسۇن دەپ، بېشىڭغا بۇ ئازابنى چۈشۈردى.

 

22قارا، خۇدا ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ.

كىممۇ ئۇنىڭدەك ئىنسانغا تەلىم بېرەلەيدۇ؟

23كىم ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟

كىم ئۇنىڭغا ‹سەن خاتا قىلدىڭ› دەپ ئېيتالايدۇ؟

24سەن ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ماختاشنى ئۇنتۇما،

كىشىلەر ئۇنىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقاندۇر.

25خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى پۈتكۈل ئىنسان كۆردى،

كىشىلەر يىراقتىن نەزەر سالماقتا.

26خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە قادىر ئەمەسمىز،

ئۇنىڭ يىللىرىنى سانىغىلى بولمايدۇ.

27خۇدا سۇ تامچىلىرىنى يىغىپ،

ئۇنى يامغۇرغا ئايلاندۇرىدۇ.

28بۇلۇتلاردىن يامغۇر ياغدۇرۇپ،

ئىنسانلارنى ئۇنىڭدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

29ئۇنىڭ بۇلۇتلارنى تارقىتىپ،

ئۆز ماكانىدا تۇرۇپ چاقماق چاقتۇرۇشىنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟

30ئۇنىڭ تۆت ئەتراپقا ياندۇرغان چاقماقلىرى

دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىنىمۇ يورۇتالايدۇ.

31خۇدا مۇشۇنداق كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خەلقلەرنى باشقۇرۇپ،

ئۇلارغا مول تائام ئاتا قىلىدۇ.

32ئۇ چاقماقنى قوللىرىغا ئېلىپ،

بەلگىلەنگەن نىشانغا ئېتىلىشىغا ئەمر قىلىدۇ.

33گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشى بوراننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى جاكارلايدۇ،

ھەتتا بۇنى كالىلارمۇ سېزەلەيدۇ.»

37

ئەلىھۇنىڭ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلىشى

1«شۇڭا مېنىڭ يۈرىكىم تىترەپ،

كۆكرەك قەپىسىمدە تېپىرلىماقتا.

2ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە قۇلاق سالغىن،

ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان قاراسلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ باققىن.

3چاقماقلىرىنى پۈتۈن كۆكتىن كېسىپ ئۆتكۈزۈپ،

ئۇنىڭ نۇرلىرىنى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگە ئاپىرىدۇ.

4ئاندىن ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ گۈلدۈرلىشىنى ئاڭلىتىپ،

ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى نامايان قىلىدۇ.

ئۇ ئاۋاز چىقارسىلا چاقماق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

5خۇدا ئۆز ئاۋازى بىلەن ئاجايىپ گۈلدۈرماما پەيدا قىلىدۇ،

بىز ئۇنىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى چۈشىنىشكە قادىر ئەمەسمىز.

6خۇدا قارنى زېمىنغا،

قاتتىق يامغۇرنى يەرگە تۆكۈلۈشكە بۇيرۇق قىلىش ئارقىلىق

7ئىشلەمچىلەرنى ئىشتىن توختىتىپ،

پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىلدۈرىدۇ.

8ياۋايى ھايۋانلار ئۇۋىلىرىغا كىرىۋېلىپ،

ئۆڭكۈرلىرىدە قالىدۇ.

9بوران-چاپقۇن جەنۇبىي ئوردىسىدىن كەلسە،

سوغۇق ئېقىم شىمالدىن كېلەر.

10خۇدانىڭ نەپىسى مۇز پەيدا قىلىپ،

چەكسىز سۇ يۈزىنى مۇزلىتىدۇ.

11ئۇ قويۇق قارا بۇلۇتلارنى سۇ دانچىلىرىغا تولدۇرۇپ،

بۇلۇتلاردىن چاقماق چاقتۇرىدۇ.

12بۇلۇت خۇدانىڭ بۇيرۇقى بىلەن

زېمىننىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ،

13زېمىننى جازالايدۇ ياكى ئۇنىڭغا شەپقەت ياغدۇرىدۇ.

 

14ئەي ئايۇپ، قۇلاق سالغىن،

بىرپەس جىم تۇرۇپ خۇدانىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرى توغرۇلۇق ئويلانغىن.

15خۇدانىڭ قانداق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،

بۇلۇتلاردىن چاقماق چىقىرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟!

16سەن مۇكەممەل بىلىمنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى،

يەنى بۇلۇتلارنى قانداق لەيلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟!

17جەنۇب شامىلى زېمىننى ئىسسىتقاندا،

كىيىم بىلەن تەرلەپ كېتىسەن، بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلەمسەن؟

18سەنمۇ خۇداغا ئوخشاش تۇچ ئەينەكتەك ئاسماننى يايالامسەن؟

19خۇدا بىلەن قانداق سۆزلىشىشنى ئۆگەتكىن،

بىز نادان، خۇدا بىلەن مۇنازىرىلىشىشنى بىلمەيمىز.

20بىر ئادەم خۇداغا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتسا بولامدۇ؟

بۇنداق قىلىش ئۆزىنى ھالاك قىلىش ئەمەسمۇ؟

21شاماللار ئاسماندىكى بۇلۇتلارنى سۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن،

قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىغا ھېچكىم قارىيالمايدۇ.

22خۇدا شىمالدىن ئالتۇن رەڭلىك نۇر بىلەن كېلىدۇ،

ئۇلۇغ ھەيۋىسى بىلەن كېلىدۇ.

23ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى شۇنچىلىك چەكسىز تۇرسا،

بىز ئۇنىڭغا قانداقمۇ يېقىنلىشالايمىز؟

ئۇ ھەمىشە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئىش قىلىپ،

ھېچكىمگە زۇلۇم سالمايدۇ.

24شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ،

خۇدا ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ.»

38

پەرۋەردىگارنىڭ ئايۇپقا بەرگەن جاۋابى

1شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قۇيۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئايۇپقا مۇنداق دېدى:

2«مېنىڭ دانالىقىمنى ئەقىلسىزلىقى بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقان كىم؟

3سەن بېلىڭنى چىڭ باغلاپ، ئەركەكتەكتۇر!

مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن.

 

4مەن زېمىننىڭ ئۇلىنى قۇرغان ۋاقتىمدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەگەر سەن شۇنچە ئەقىللىق بولساڭ، ماڭا ئېيتقىن.

5زېمىننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كىمنىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى بىلەمسەن؟

كىم ئۆلچەم تانىسى بىلەن ئۇنى ئۆلچەپ چىقالىدى؟

6زېمىننىڭ ئاستىنى نېمە تىرەپ تۇرىدۇ؟

ئۇنىڭ ئۇلىنى كىم قويدى؟

7ئۇ چاغدا سۈبھىدىكى يۇلتۇزلار ناخشا ئېيتىپ،

ئەرشتىكى پۈتكۈل زاتلار خۇشاللىققا چۆمگەنىدى.

 

8دېڭىز ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئېتىلىپ چىققاندا،

ئۇنىڭ چېگراسىنى كىم بەلگىلىگەنىدى؟

9دېڭىزنى بۇلۇتلار بىلەن يېپىپ،

ئۇنى قاراڭغۇلۇق بىلەن ئوراپ قويغان مەن ئىدىم.

10ئۇنىڭغا چېگرا بەلگىلەپ،

دەرۋازىنى يېپىپ، بالداقلىرىنى تاقاپ،

11‹بولدى قىل، پاسىلىڭدىن ئېشىپ كەتمە،

ئەسەبىي دولقۇنلىرىڭمۇ مۇشۇ يەردە توختىسۇن!› دېدىم.

 

12سەن ئۆمرۈڭدە تاڭنىڭ ئېتىشىغا بۇيرۇق بېرىپ،

سەھەر نۇرىغا ئورۇن ھازىرلاپ،

13زېمىنغا قۇياش نۇرىنى چېچىپ،

رەزىللەرنى يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن چىقىرىپ باقتىڭمۇ؟

14خۇددى پاتقاققا بېسىلغان تامغا نېپىز رەخت ئاستىدىن كۆرۈنگەندەك،

نۇر زېمىننى يورۇتقاندا جىلغا ۋە تاغلار ئېنىق كۆرۈنىدۇ.

15نۇر رەزىللەر ياخشى كۆرگەن قاراڭغۇلۇقنى قوغلىۋېتىدۇ.

ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلىشقا كۆتۈرگەن قوللىرى سۇندۇرۇلىدۇ.

 

16ئەي ئايۇپ، سەن دېڭىزنىڭ تەكتىدىكى بۇلاقلارغا بېرىپ،

ئۇنىڭ چوڭقۇر تېگىگە يېتىپ باققانمۇ؟

17ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ساڭا كۆرۈنۈپ باققانمۇ؟

زۇلمەت دەرۋازىلىرىنى سەن كۆرۈپ باققانمۇ؟

18زېمىننىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلەمسەن؟

ئەگەر بىلسەڭ، ماڭا دەپ بەر.

 

19قايسى يول سېنى نۇرنىڭ ماكانىغا باشلاپ بارىدۇ؟

قاراڭغۇلۇقنىڭ مەنبەسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسەن؟

20سەن ئۇلارنى ئۆز ماكانلىرىغا ئېلىپ بارالامسەن؟

سەن ئۇ يەرلەرگە تۇتىشىدىغان يوللارنى بىلەمسەن؟

21سەن ئۆزۈڭچە مەن بىلىمەن، ئۇ چاغدا مەن تۇغۇلۇپ بولغان، دەپ ئويلامسەن؟

ئۇنداقتا، سەن ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپسەن-دە!

 

22لېكىن سەن قار ئامبارلىرىغا كىرىپ باققانمىدىڭ،

ياكى مۆلدۈر ئامبارلىرىنى كۆرگەنمىدىڭ؟

23مەن ئۇلارنى كېلىدىغان ئاپەتلەر،

بولىدىغان جەڭ-ئۇرۇشلار ئۈچۈن ساقلاپ قويغانىدىم.

24چاقماق مەنبەسىگە ئېلىپ بارىدىغان يول قېنى؟

شەرق شامىلى قايسى تەرەپتىن زېمىنغا ئۇرۇلدى؟

شەرق شامىلىنىڭ چىقىدىغان جايى قەيەردە؟

25كىم يامغۇر سۈيى ئۈچۈن ئۆستەڭ چېپىپ،

چاقماق ئۈچۈن يول ئاچتى؟

26كىم يامغۇر سۈيىنى ئىنسان يوق قاقاسلىققا،

ئادەم تۇرمايدىغان باياۋانغا باشلاپ كېلىپ،

27چاڭقىغان يەرلەرنى سۇغا قاندۇرۇپ،

ئۇ يەردىن گىياھلارنى ئۆستۈردى؟

 

28يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟

شەبنەمنى كىم تۇغدى؟

29مۇز كىمنىڭ ھامىلىسى؟

ئاسماندىن چۈشكەن قىروۋلارنى كىم تۇغدى؟

30سۇ تاشتەك قاتتىق قېتىپ،

دېڭىزنىڭ ئۈستى مۇزغا ئايلىنىدۇ.

 

31سەن ئۈكەر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارنى بىر-بىرىگە چېتىپ،

ئورىيون يۇلتۇز تۈركۈمىنى باغلاپ تۇرغان تۈگۈچنى يېشەلەمسەن؟

32سەن يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى پەسىللەر بويىچە ئېلىپ چىقىپ،

چوڭ ئېيىق ۋە كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارغا يول كۆرسىتەلەمسەن؟

33ئەرشتىكى بەلگىلەنگەن قانۇنىيەتلەرنى بىلەمسەن؟

زېمىننى ئەرشنىڭ قانۇنىغا بويسۇندۇرالامسەن؟

 

34بۇلۇتلارغا بۇيرۇق قىلىپ،

ئۈستۈڭگە قاتتىق يامغۇر ياغدۇرالامسەن؟

35چاقماقلارغا بۇيرۇق قىلالامسەن؟

ئۇلار: ‹خوپ، بىز تەييار!› دەپ، ئالدىڭغا يۈگۈرۈپ كېلەمدۇ؟

36كىم تۇرنىغا ئەقىل بېرىپ،

خورازغا پاراسەت ئاتا قىلغان؟

 

37‏-38بۇلۇتلارنى ساناشقا كىمنىڭ ئەقلى يېتىدۇ؟

توپىلارنى قاتتىق يەرگە ئايلاندۇرۇش،

داڭگاللارنى بىر-بىرىگە يېپىشتۇرۇش ئۈچۈن

كىم پەلەكنىڭ كۈپلىرىنى ئاغدۇرۇپ، يامغۇر ياغدۇرالايدۇ؟

39‏-40ئۆڭكۈردە ياتقان ياكى پىنھاندا مۆكۈنۈپ ياتقان شىر ئۈچۈن

ئوۋ ئوۋلاپ، ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تويدۇرالامسەن؟

41قۇزغۇننىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ،

خۇداغا نالە قىلغاندا، كىم قۇزغۇنغا يەم بېرىدۇ؟

39

1تاغ ئۆچكىسىنىڭ قاچان ئوغلاقلايدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟

ئانا بۇغىنىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟

2ئۇلارنىڭ قانچە ۋاقىت قورساق كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟

ئۇلارنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟

3ئۇلار تىزلىنىپ تۇغىدۇ،

بالىلىرىنى دۇنياغا كەلتۈرىدۇ.

4بالىلىرى يېتىلىپ، قاقاس دالادا چوڭ بولۇپ،

ئۆز توپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قايتا قايتىپ كەلمەيدۇ.

 

5كىم ياۋايى ئېشەكنى ئەركىنلىككە چىقىرىدۇ؟

كىم ئۇنىڭ ئارغامچىسىنى يېشىدۇ؟

6مەن ئۇنىڭغا كەڭ دالانى ئائىلە،

شورلۇقلارنى ماكان قىلىپ بەردىم.

7ئۇ شەھەردىكى شاۋقۇن-سۈرەنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ،

ھارۋىكەشلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلىمايدۇ.

8ئۇ تاغ تىزمىلىرىنى يايلاق قىلىپ،

يېشىل ئوت-چۆپلەرنى ئىزدەيدۇ.

 

9ياۋايى بۇقا خىزمىتىڭدە بولۇشقا رازى بولامدۇ؟

ئېغىلىڭدا كېچىنى ئۆتكۈزۈشنى خالامدۇ؟

10ياۋايى بۇقىنى ساپانغا قاتالامسەن؟

ئۇ سەن بىلەن جىلغىدا يەر ئاغدۇرۇشقا كۆنەمدۇ؟

11ئۇنىڭ كۈچىگە تايىنالامسەن؟

ئېغىر ئىشلىرىڭنى ئۇنىڭغا قىلدۇرالامسەن؟

12ئۇنىڭ بىلەن ھوسۇلۇڭنى يىغىپ،

خامانغا ئەكېلىشكە ئىشىنەلەمسەن؟

 

13تۆگىقۇش قانات قاققىنى بىلەن

لەيلەكتەك ئۇچالامدۇ؟

14ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تۇغۇپ،

تۇخۇملىرىنى قۇمنىڭ ئىسسىقىغا ئېرىشتۈرىدۇ.

15لېكىن تۇخۇمىنىڭ يانجىلىپ كېتىشىنى

ياكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ دەسسىۋېتىشىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

16تۆگىقۇش ئۆز بالىلىرىغا رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىدۇ،

خۇددى بالىلىرى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك ئىش قىلىدۇ.

ئۇ تۇغۇتى بىھۇدە ئىشتەك تۇغۇتىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ.

17چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلمىغان،

ئىدراك بەرمىگەنىدىم.

18لېكىن ئۇ قانىتىنى كېرىپ يۈگۈرسە،

ئات ۋە چەۋەندازلار مەسخىرىگە قالىدۇ.

 

19ئاتقا كۈچنى سەن ئاتا قىلغانمىدىڭ؟

بوينىدىكى يالىنى سەن ياپقانمىدىڭ؟

20ئۇنى چېكەتكىدەك تاقلىتىپ،

قورقۇنچلۇق كىشنەتكەن سەنمۇ؟

21ئۇ جىلغىدا يەرنى تاتىلاپ،

ھەيۋە بىلەن جەڭگە ئېتىلىدۇ.

22ئۇ قورقۇنچنى مەنسىتمەيدۇ، قىلچە قورقمايدۇ،

قىلىچتىن يانمايدۇ.

23ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئوقدان جاراڭشىيدۇ،

نەيزىلەر يالت-يۇلت قىلىپ چاقنايدۇ.

24بۇرغا چېلىنىشى بىلەن ئۇ ئورنىدا جىم تۇرالمايدۇ،

ئەسەبىيلىشىپ، چېپىشقا ئالدىراپ يەرنى تېپچەكلەيدۇ.

25ئۇ بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىشى بىلەن كىشنەيدۇ.

ئۇ يىراقتىنلا ئۇرۇشنىڭ پۇراقلىرىنى پۇراپ،

سەركەردىلەرنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ۋە چۇقان-سۈرەنلەرنى ئاڭلايدۇ.

 

26قۇرغۇيلار قانات قېقىپ، جەنۇبقا ئۇچۇپ كېتىدۇ.

ئەجەبا، بۇمۇ سېنىڭ ئەقلىڭمۇ؟

27بۈركۈتلەر تېز كۆتۈرۈلۈپ، ئېگىز جايلارغا ئۇۋا سالىدۇ.

ئەجەبا، بۇمۇ سېنىڭ بۇيرۇقۇڭمۇ؟

28ئۇ ئېگىز ھاڭلاردا ماكان تۇتۇپ،

قىيا تاش، تىك يارلارغا بېكىنىۋالىدۇ.

29ئۇ شۇ يەرلەردىن نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىدۇ.

ئوزۇق ئۈچۈن ئوۋ ئىزدەيدۇ.

30ئۇنىڭ بالىلىرى قان شورايدۇ،

نەدە تاپ بولسا ئۇ شۇ يەردە يۈرىدۇ.»

40

1پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە مۇنداق دېدى:

2«ئەي تاكاللاشقۇچى، ھەممىگە قادىر مەن خۇدايىڭ بىلەن يەنە تاكاللاشماقچىمۇسەن؟

خۇدا بىلەن گەپ تالاشقۇچى ئەمدى جاۋاب بەرگىنە.»

ئايۇپنىڭ پەرۋەردىگارغا بەرگەن جاۋابى

3ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

4«مەن ئەرزىمەس بىر ئادەم، ساڭا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن؟

مەن ئەمدى ئېغىزىم ئاچمايمەن.

5كۆپ گەپ قىلدىم، ئەمدى باشقا گېپىم يوق.»

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشى

6شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قۇيۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئايۇپقا مۇنداق دېدى:

7«بېلىڭنى چىڭ باغلاپ، ئەركەكتەكتۇر!

مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن.

8سەن مېنىڭ ئادالىتىمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،

ئۆزۈڭنى ئادىل دەپ مېنى ئەيىبلىمەكچىمۇ؟

9سەندە مەن خۇدايىڭنىڭكىدەك بىلەك بارمۇ؟

سېنىڭ ئاۋازىڭ مېنىڭ گۈلدۈرمامىغا ئوخشايدىغان ئاۋازىمدەك ئاڭلىنامدۇ؟

 

10شان-شەرەپ ۋە سالاپىتىڭنى كۆرسىتىپ،

ھۆرمەت ۋە ھەيۋىتىڭنى كىيىپ باققىنا.

11كۈچلۈك غەزىپىڭنى قوزغاپ ياغدۇرۇپ باققىنا،

ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى يوقىتىپ باققىنا.

12ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ كەمتەر قىلغىن.

رەزىللەرنى ئۆز يېرىدە دەسسەپ چەيلىگىن.

13ئۇلارنى بىرلىكتە يەرگە كۆمۈپ،

گۆرنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋەت.

14شۇنداق قىلساڭلا،

ئوڭ قولۇڭنىڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

 

15بىھېموتقا* قارا،

ئۇنىمۇ، سېنىمۇ مەن ياراتقان.

ئۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ.

16ئۇنىڭ بېلىنىڭ مادارىغا قارا،

قورساق مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى كۆر.

17قۇيرۇقى كېدىر دەرىخىدەك قاتتىق،

پۇتىنىڭ پەيلىرى چىڭ،

18ئۇستىخانلىرى تۇچ نوردەك،

تۆت پۇتى تۆمۈر كۆتەكتەك تۇرىدۇ.

19مەن ياراتقان جانىۋارلار ئىچىدە ئۇ ھەممىدىن بۈيۈكى بولۇپ،

پەقەت مەن ياراتقۇچى خۇدالا ئۇنى قىلىچىم بىلەن يېڭەلەيمەن.

20تاغ تىزمىلىرى ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق ماكانىدۇر،

ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ياۋايى ھايۋانلار ئوينار.

21ئۇ چاتقاللارنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ،

سازلىقتىكى قومۇشلار ئارىسىغا يوشۇرۇنىدۇ.

22چاتقاللار ئۇنىڭغا سايە بەرسە،

ئېرىق بويلىرىدىكى سۆگەتلەر ئۇنى قورشاپ تۇرىدۇ.

23دەريا سۈيى شىددەتلىك ئاقسىمۇ ئۇ ھودۇقۇپ كەتمەيدۇ،

ئىئوردان دەرياسى تېشىپ قىرغاقلىرىغىچە كۆتۈرۈلسىمۇ، ئۇ ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ.

24ئۇ سەگەك ۋاقتىدا كىم ئۇنى تۇتالايدۇ؟

ئۇنىڭ بۇرنىغا كىم چۈلۈك ئۆتكۈزەلەيدۇ؟»

41

1«قارماق بىلەن لىۋياتاننى تۇتۇپ،

تىلىنى يىپ بىلەن باغلىيالامسەن؟

2بۇرنىدىن چۈلۈك،

ئېڭىكىدىن ئىلمەك ئۆتكۈزەلەمسەن؟

3ئۇ سەندىن توختىماي رەھىم تىلەپ،

ساڭا ئىللىق سۆزلەرنى قىلامدۇ؟

4ئۇ سەن بىلەن كېلىشىپ،

مەڭگۈ قۇلۇڭ بولامدۇ؟

5ئۇنى قۇشنى ئوينىغاندەك ئوينىيالامسەن

ياكى قىزچاقنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن باغلاپ بېرەلەمسەن؟

6بېلىقچىلار ئۇنىڭغا باھا قويالامدۇ؟

سودىگەرلەر ئۇنى پارچىلاپ ساتالامدۇ؟

7ئۇنىڭ تېرىسىنى نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟

بېشىغا ئارا سانجىيالامسەن؟

8ئۇنىڭغا قولۇڭنى بىر تەگكۈزسەڭلا،

ئۇنىڭ قانچىلىك قارشىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىسەن

ۋە قولۇڭنى قايتا ئاپىرالمايسەن!

9ئۇنى تۇتماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

كىشىلەر ئۇنى كۆرگەن ھامان قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتىدۇ.

10قانچە ۋەھشىي ئادەم بولسىمۇ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىشكە پېتىنالمايدۇ.

شۇنداق تۇرۇقلۇق، كىم مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟

11كىم مەندىن تۆلەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلالمايدۇ؟

ئالەمدىكى پۈتكۈل نەرسە مېنىڭكىدۇر.

 

12لىۋياتاننىڭ پۇت-قولى، كۈچى ۋە گۈزەل تېنى ھەققىدە

سۆزلىمەي تۇرالمايمەن.

13كىم ئۇنىڭ تېرىسىنى سويالايدىكەن؟

كىم ئۇنىڭ ئىككى قات ساۋۇتتەك تېرىسىنى تېشەلەيدۇ؟

14كىم ئۇنىڭ ئاغزىنى ئاچالايدۇ؟

ئۇنىڭ چىشلىرى شۇنچە قورقۇنچلۇقتۇر.

15ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى يول-يول تەڭگە قاسراقلار

بىر-بىرىگە چىڭ چاپلانغان بولۇپ،

16زىچلىقىدىن ھاۋامۇ كىرەلمەيدۇ.

17تەڭگە قاسراقلار بىر-بىرىگە چىڭ چېتىلغان بولۇپ،

ئاجرىتىش مۇمكىن ئەمەستۇر.

18ئۇ چۈشكۈرگەندە ئۇچقۇن چاچرايدۇ،

كۆزلىرىدىن تاڭ نۇرىغا ئوخشاش نۇر چاقنايدۇ.

19ئاغزىدىن يالقۇن چىقىرىپ،

ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىدۇ.

20خۇددى كۆيۈۋاتقان قومۇش ئۈستىدە قايناۋاتقان قازاندەك،

ئۇنىڭ بۇرنىدىن ئىس چىقىدۇ.

21تىنىقى كۆمۈرنى ياندۇرۇپ،

ئاغزىدىن يالقۇن چىقىرىدۇ.

22بوينى قۇدرەتلىك بولۇپ،

ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا يول ئېچىپ ماڭىدۇ.

23تېنىدىكى قاتلاقلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ،

شۇنچە زىچ بىرىكىپ كەتكەندۇر.

24يۈرىكى تاشتەك قاتتىق بولۇپ،

قاتتىقلىقتا يارغۇنچاق تېشىدەكتۇر.

25ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا باتۇرلارمۇ قورقىدۇ.

ئۇنىڭ مىدىرلىشىنى كۆرۈپ چېكىنىدۇ.

26ئۇنى قىلىچلار توسالمايدۇ،

نەيزە، خەنجەر، ئاتار نەيزىلەرمۇ ئامالسىزدۇر.

27ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك،

تۇچنى پور ياغاچتەك كۆرىدۇ.

28ئوقيا ئۇنى قورقىتالمايدۇ،

سالغا تېشى پاخالدەك تۇيۇلىدۇ.

29توقماقنى قورايچىلىك كۆرمەيدۇ،

ئېتىلغان نەيزىنى مەنسىتمەيدۇ.

30قورسىقى ساپال پارچىلىرىدەك ئۆتكۈر بولۇپ،

پاتقاق ئۈستىدە يول-يول ئىز قالدۇرىدۇ.

31ئۇ چوڭقۇر قايناملارنى قازاندەك قاينىتىپ،

دېڭىزنى خۇددى ماي قازىنىدەك پورۇقلىتىدۇ.

32ئۇ ئۈزۈپ ئۆتكەن يېرىدە دولقۇن قالدۇرۇپ،

قايناملارنى ئاق چاچتەك يالتىرىتىدۇ.

33يەر يۈزىدە ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان،

ئۇنىڭدەك ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان يەنە بىر ھايۋان يوقتۇر.

34ئۇ ئەڭ زور ۋە مەغرۇر ھايۋانلارنى مەنسىتمەيدۇ،

ئۇ پۈتكۈل تەكەببۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر.»

42

ئايۇپنىڭ توۋا قىلىشى

1ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىڭنى،

ھېچكىم سېنىڭ مەقسەتلىرىڭنى توسالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن.

3سەن: ‹مېنىڭ دانالىقىمنى ئەقىلسىزلىقى بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقان كىم؟› دەپ سورىدىڭ.

دەرۋەقە، مەن چۈشەنمەيدىغان ئىشلار توغرۇلۇق كۆپ گەپ قىلدىم.

بۇ ئاجايىپ ئىشلارنى چۈشىنىشكە ئەقلىم يەتمەيدۇ.

4سەن: ‹سەن ئاڭلا، مەن سۆزلەي.

مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بەر› دېدىڭ.

5بۇرۇن كىشىلەردىن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىم،

ئەمدى ئۆز كۆزلىرىم بىلەن سېنى كۆردۈم.

6شۇڭا مەن ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن،

توپا ۋە كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇرۇپ توۋا قىلىمەن.»

پەرۋەردىگارنىڭ ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىنى ئەيىبلىشى

7پەرۋەردىگار ئايۇپقا دەيدىغان سۆزلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تېمانلىق ئەلىفازغا مۇنداق دېدى:

_ سەن ۋە سېنىڭ ئىككى دوستۇڭغا خاپا بولدۇم، سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭلار خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭكىگە قارىغاندا دۇرۇس بولمىدى. 8ئەمدى سىلەر خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭ ئالدىغا يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭلار خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭكىگە قارىغاندا دۇرۇس بولمىدى. خىزمەتكارىم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنى ئەخمەقلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازادىن خالاس قىلاي.

9شۇنىڭ بىلەن تېمانلىق ئەلىفاز، شۇۋاخلىق بىلداد، نائامالىق زوفار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. پەرۋەردىگار ئايۇپنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى.

پەرۋەردىگارنىڭ ئايۇپنى قايتىدىن بەختلىك قىلىشى

10ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇرۇنقى روناق تاپقان چاغلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق بايلىق ئاتا قىلدى. 11ئايۇپنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە بۇرۇنقى دوستلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە غىزالاندى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كەلتۈرگەن بارلىق بالايىئاپەتلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ھال سورىدى ۋە تەسەللى بەردى. ھەربىرى ئۇنىڭغا بىردىن ئالتۇن ھالقا ۋە كۈمۈش ھەدىيە قىلىشتى.

12ئايۇپنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بەخت-سائادىتى بۇرۇنقى ھاياتىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولدى. ئۇ 14 مىڭ تۇياق قوي، ئالتە مىڭ تۆگە، مىڭ جۈپ ئۆكۈز، مىڭ تۇياق مادا ئېشەككە ئىگە بولدى. 13ئۇ يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىزلىق بولدى. 14ئۇ چوڭ قىزىغا يىمىما، ئوتتۇرانچى قىزىغا قىزىئا، كىچىك قىزىغا قەرەن-ھاپپۇك دەپ ئىسىم قويدى. 15ئۇ يەردە ئايۇپنىڭ ئۈچ قىزىغا ئوخشاش چىرايلىق قىزلار يوق ئىدى. ئايۇپ ئۇلارغا ئاكىلىرىغا ئوخشاش مىراس قالدۇرۇپ، مال-مۈلكىدىن بەھرىمەن قىلدى.

16شۇنىڭدىن كېيىن ئايۇپ يەنە 140 يىل ياشاپ، ئەۋرە كۆردى. 17ئايۇپ قېرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولدى.


3: 8 لىۋياتان _ دېڭىزدا ياشايدىغان، ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان قورقۇنچلۇق مەخلۇقتۇر.

9: 13 راخاب _ دېڭىزدا ياشايدىغان قورقۇنچلۇق، چوڭ بىر ئەپسانىۋىي مەخلۇقنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇ ھالاكەتلىك دېڭىزغا ۋە ۋەيران قىلغۇچى كۈچلەرگە سىمۋول قىلىنغان.

40: 15 بىھېموت _ قەدىمدە ياشىغان بىر خىل چوڭ ھايۋاندۇر.